pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 09:22:21

感应器نى ئۇيغۇرچە نىمە دەيدۇ


بۇ سۆزنىڭ ئۆلچەملىك ئاتىلىشى بارمۇ؟
بەزى  كىشىلەر ئۇنى ئىنداكتۇر  دەيمىز دەيدۇ، بۇ سۆزنىڭ ئۆلچەملىك ئاتالغۇسى ئىنداكتۇرمۇ؟


oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 10:34:32

سېنزور دەپ يۈرۈيتىغۇ

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 10:37:38

سېزور (سەز + ئور ) ... دىسەك ئىنگىلىسچە ئەسلى ئاتالغۇغىمۇ بىزنىڭ تىلمىزغىمۇ ماس  كەلگۈدەكقۇ ؟

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 10:42:40

سەزگۇچ

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 10:57:48

ئۇيغۇرسوفىت لۇغىتىدە ئىندوكتور دەپ چىقتىغۇ
http://www.udict.cn/ug-CN/default.aspx

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 11:03:57

سەزگۈچ دىسىلا بولمىدىمۇ

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 11:05:36

بۇ ئىندۇكتۇر بىلەن سېنزۇرنىڭ پەرقى بارمۇ ياكى بىر نەرسىمۇ؟

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 11:09:43

بىز سەزگۈر دەپ كۆنۈپ كەتتۇق،  ئېغىرلىق سەزگۈرى، يۇرۇقلۇق سەزگۈرى، ھەركەت سەزگۈرى دىگەندەك.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 11:11:51

Mahir512 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 11:09 static/image/common/back.gif
بىز سەزگۈر دەپ كۆنۈپ كەتتۇق،  ئېغىرلىق سەزگۈرى، يۇرۇقل ...

سەزگۈر دىگەن ئىسىم بولمايدىغاندۇ؟  سۈپەت  بولىدىغاندۇ؟
بۇ بالا بەك سەزگۈر،  دىگەندەك .

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 11:34:03

سېنزور دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقانتىم.... قايسىڭلار ئىندوكتۇر بىلەن سېنزورنىڭ پەرقىنى دەپ بېرىسىلەر؟ مەن سېنزورنىغۇ بىلەتتىم، بىراق ئىندوكتۇر نىڭ قانداق نەرسىلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.

Uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 11:37:19

سەزگۈچ

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 12:13:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   newstar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-6 00:21  

ئۇنى سېنزور دەپ ئالىدۇ.  ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان ئېلېكترون كىتابلىرىدىمۇ شۇنداق ئالغان. تولا تىكىش تىكىپ، تىكىش سۆكەپ ئولتامايلى.
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان senser بىلەن inductor نىڭ يۇمغاقسۈتنىڭ پۇرىقىدەك بولسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تۇققاندارچىلىقى بولسىمۇ، ئەمما ئىككىسى كەسپى ساھادە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل نەرسە.
senser بولسا قوبۇل قىلغان فىزىكىلىق مىقدارلارنى كېرەكلىك سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان ئۈسكۈنە بولۇپ، مەلۇم خىل سىرتقى تەسىرنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ھېسابلاش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ.   مەسىلەن: يورۇقلۇق سېسزورى، ئاۋاز سېنزورى، ئېغىرلىق سېنزورى دېگەندەك.
Senser
inductor بولسا ئېلېكتر ماگېنت ئىلمىدىكى ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇ ئاساسەن ئېلېكتر ماگېنت سەۋەب-ھادىسە مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.
Inductor
خەن تىلىدىمۇ: senser نى inductor  ،    感应器 نى 电感器 دەپ ئالىدۇ شۇڭا.

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 12:38:02

يۇرۇقلۇق سەزگۈچى سىنزور، ئىغىرلق سەزگۈچى سىنزور، ......دەپ ئاڭلىغان

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 12:45:04

alwun12 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 00:38 static/image/common/back.gif
يۇرۇقلۇق سەزگۈچى سىنزور، ئىغىرلق سەزگۈچى سىنزور، ......د ...

پۇراق سېزىدىغان بۇرۇن، ئاۋاز ئاڭلايدىغان بۇرۇن، گەپ قىلىدىغان بۇرۇن...دەپ گەپ بارما؟
سېنزور دېگەن شۇ سەزگۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 12:45:20

alwun12 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 00:38 static/image/common/back.gif
يۇرۇقلۇق سەزگۈچى سىنزور، ئىغىرلق سەزگۈچى سىنزور، ......د ...

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 15:10:19

newstar يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 12:13 static/image/common/back.gif
ئۇنى سېنزور دەپ ئالىدۇ.  ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان ئېلېك ...

قۇشۇلىمەن ،
خوش ئۇنداقتا 传感器 نى نىمە دەيمىز ؟

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 15:15:57



感应器   -   inductorium
传感器-sensor

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 16:04:55

تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ كۆپچىلىكتىن بىر ياردەم تەلەپ قىلىمەن ،  ئىلگىرى مەندە بىلىك ئىنتېل گۇرپىسى تەرجىمە قىلغان چوڭ ۋە كىچىك سېلېشتۇرۇپ ئىشلەنگەن (موتورولا  فوندى مەبلەغ چىقارغان)  ، فىلىم بېشىدا ئۇيۇنچۇق ئايروپىلان چوڭايتىپ ئېلېنېپ ئاندىن ئادەمنى كۆرسىتىش ئارقىلىق كىچىك ئىكەنلىكىىنى ھېس قىلدۇرىدىغان كۈرۈنۈشلەر بىلەن باشلىنىدىغان بىر پەن تېخنىكا فىلىمى بۇلىدىغان ، ھازىر ئىزدەپ ھېچ يەردىن تاپالمىدىم . بولسا چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار رەھمەت

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 16:37:25

سېنزور دەپ ئشلىتىۋاتىمىزغۇ ؟

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 18:25:23

Abdikadir يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 03:15 static/image/common/back.gif
感应器   -   inductorium
传感器-sensor

传感器-Transducer
بۇ تەرجىمە جەھەتتىنلا ئەمەس، ئەمەلىيەتتىمۇ پەرقلىنىدۇ. يەنى Transducer دېگەن ئېنېرگىيىنى بىر سېستېمىدىن يەنە بىر سېستېمىغا يۆتكەپ بېرىدىغان ئۈسكۈنىلەرگە قارىتىلىدۇ.
بەت: [1] 2
: 感应器نى ئۇيغۇرچە نىمە دەيدۇ