waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 23:43:41

شىنجاڭ گۇاڭخۇي دۇڭگۇەن كوماندىسىنى يەڭدى

ئۈرۈمچى ۋاقتى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى تۈنجى مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا دۇڭگۇەن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن  خاندېرسېن مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 0.9 سىكىنۇت ۋاقىت قالغاندا ھالقىلىق ئۈچ نۇمۇرلۇق توپنى چۈشۈرۈپ ئاخىرى 108- 107 نەتىجە بىلەن دۇڭگۇەن ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىنىڭ تۈنجى مەيدانىدا غەلبىنى قولغا كەلتۇردى.   
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى سېنگېلدون 27 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ خاندېرسېن 23 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ياڭ جىڭمىڭ 22 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  سۇۋىي 12 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 9 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ قىرانبەك 8 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاڭ چىڭپىڭ 3 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان چەتئەللىك ئەزانى مۇداپىيە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاچقا ئار-ئارقىدىن 5 قىتىم خاتالىق سادىر قىلىپ، مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كۆپ كۆپ بولماي نۇمۇر ئالمىدى ئەمما 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ۋە 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.  
   دۇڭگۈەن ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن ئۈچ ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى،  كوماندا ئەزاسى بوران 35 نومۇر، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ گېلىن 20 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاڭ كەي 21 نومۇر ئالدى،  9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.   
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىغا قايتىپ دۇڭگۈەن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن داۋاملىق مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.phpبۇ

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 08:54:34

ئاخىرقى نەتىجە 3:0{:112:}

function يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 13:28:30

4:1 بولامدىكى دەيمەن

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 15:09:05

خاندىرسسنى پۈتۈن تەنتەربىيە قاناللىرى ئالا قويماي ماختاپ قويۇپتىغۇ ؟
ئەگەر بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئۇتتۇرغان بولسا بۇ ئېنقكى شىرئېلجاننىڭ ئۇتتۇرغۇنى بوپ ھېسابلىنانتتى،

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 16:25:27

شۇنداق قىلىپ رىپىر شىرئەلىجاننى ئەدەپلەپ قويدىمۇ ؟ جۇڭگۇچىلىق، شىرئەلى شۇنداق پىشىپ يېتىلىۋاتىدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 16:57:02

دۇڭگۋەننى تازلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا گاڭخۇينىڭ مۇسابىقىدە ئۇتۇپتۇ دىسە:lol


بۇ ئىنكاسىم بەك ماز كەتتىمۇ؟:lol

Seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 17:24:49

نەچچە يىلدىن بىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىدۇ ،لىكىن  يەنىلا ئىككىنچىلىكنى بەرمەيدۇ  .
بەت: [1]
: شىنجاڭ گۇاڭخۇي دۇڭگۇەن كوماندىسىنى يەڭدى