tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 19:10:23

قومۇلدىكى ئاغرىنىشقا نەزەر

1.ما نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا قومۇلدىكى لېكىسىيە نىمىشقا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ؟دىگەن تىما باغداش مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنىپ قومۇلدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىش بىجۇرگۇچى غۇنچەم خانىم ئۇستىدىن ئاغرىنىش داتلاشلار باشلىنىپ كەتتى .

2. شۇنداق مەنمۇ قاتتىق ئەپسۇسلاندىم ، ئاللبۇرۇن ھەركەتكە كەپ بولغان لېكسيە سۆزلەش تەييارلىق خىزمەتلىرى مەجبورى تورموزلاشقا ئۇچۇرىدى .ئەسلىدە مەنمۇ قاتنىشىپ ئەلى مۇئەللىمنىڭ پىكىر تەلقىنلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزەمنىڭ گاللىشىپ قالغان تەپەككۇرۇمنى بىر چاقلاپ باقاي دىگەن ئۇمۇدۇم بار ئىدى ، خەيرىيەت ، بۇئىش ئەمەلگە ئاشمىدى .

3.ياخشى ئىش ئەمەلگە ئاشمىدى  ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن دەردىمىزنى توردا تۆكۇپ ھەممىدىن ئاغرىنىشىمىز كېرەكمۇ ؟ بۇنىڭغا جاۋابىم ياق ، ئالدى بىلەن سەمىڭلارغا شۇنى سالماقچىمەن ، باغداشنىڭ رولى فونكىسيەسى نىمە ؟ باغداشنىڭ رولى ئامما بىلەن ھۆكۆمەت ئوتتۇرسىدا كۆرۇكلۇك رول ئويناش . ئاغرىنىش دىگەن بىز باغداشلىقلارنىڭ ئاساسىلىق مەقسىتى ئەمەس .  ئاغرىنىشقا قارىغاندا ھەمكارلىق تېخىمۇ ئادەمنى خوشال قىلدىغان ئىككىلا تەرەپنىڭ ھىسياتىنى زەخىملەندۇرمەيدىغان  بىر ياخشى ئۇسۇل دەپ قارايمەن .

4. ئوخشاش بىر لېكىسيە ئۆرۇمچىدە ناھايىتى راۋان ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئەمما قومۇلدا مانا موشۇنداق جىددى تورموزلاشقىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ ، بۇنى كۆپ خىل نۇقتىدىن چۇشۇنۇش كېرەك ، بەلكىم راستىنلا رەسمىيەتلەر تولۇق بولمىغاندۇ ، ۋە ياكى قومۇلدىكى تېخىمۇ يوقۇرى قاتلامدا بۇ لېكسىيەگە قارىتا ئىنقىلابى سەزگۇرلىكى تۇتۇپ كەتكەندۇ ، بەلكىم قومۇلدا پىسخىكا توغۇرسدا بەككەم بىلىدىغان ئەمەلدارلار بەك ئازدۇ ،ۋە ياكى تېخىمۇ يوقۇرى يەرلەردىن ھازىرچە مۇۋاپىق ئەمەس دىگەندەك ئەمىر پىكىرلەر تىلگىراممىلار كەپ قالغاندۇ .مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ئىشقىلىپ بۇ شۇم خەۋەرنى ئەڭ ئاخىرىدا غۇنچەم خانىمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىدۇق .

5.بىز ئاغرىندۇق ، ئەمما ئاغرىنىشنىڭ ئۆزىمۇ ئەڭ ياخشى روھى ھالەت ئەمەس . بولۇپمۇ ھەر بىر قەدىمىمىز ھۆكۆمەتنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئالغا سىلجىيدىغان ھازىرقى شارائىتىمىزدا ئاغرىنىش ئانچە ياخشى نەتىجە بەرمەمدىكىن دەپ ئويلايمەن . بىز تېخى ھۆكۆمەتنىڭ ئىشىكىنى ئەمدى چىكىۋاتىمىز ، تەلەپلىرىمىزنى ئارزۇ ئارمانلىرىمىزنى ئەمدىگىنە بىر ياكى ئىككىدىن ھۆكۆمەتكە ھەر خىل يوللار بىلەن ئىپادىلەۋاتىمىز .  ھۆكۆمەت قارشى تۇرغان ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن ئۇمۇت يوق ، ھەتتا ھۆكۆمەت بىتەرەپ تۇرغان ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىمۇ گۇمانلىق ، ئەڭ ياخشىسى ھۆكۆمەتنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكەن ئىشنىڭ ئشىقا ئېشىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر  يوقۇرى ،

ئەمدى ھۆكۆمەتنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكۇزۇش ئۇچۇن مۇنداق ئىككى ئىشنى قىلالايدىكەنمىز ، بىرسى ھۆكۆمەتتە ساپاسى يوقۇرى بىلىم سەۋيىسى يوقۇرى ھازىرقى زامان بىلەن ماسلىىشپ ماڭالايدىغان كادىرلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىگە دۇگا قىلىش ،يەنە بىرسى ئەڭ يوقۇرى چەكتە ئۆزىمىزنىڭ ھەمكارلىشىش تىمىمىزىنى ھۆكۆمەتكە چۇشەندۇرۇش ۋە  شۇ ئارقىلىق ھۆكۆمەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۇرۇش ،  ئىلمىلىك پۇقرانىڭمۇ ھۆكۆمەتنىڭمۇ شۇئارى بولغاندىلا ئاندىن ئامىۋى پائاليەتلەر ئاستا ئاستا ئىلمى بىخەتەر يوسۇندا بىخلىنىپ چىقىدۇ .

6.قومۇلغا نىسبەتەن  ئېيتقاندا بىز تېخى كۆڭلىمىزدىكى گەپلەرنىڭ يۇزدەن بىر سىنىمۇ ھۆكۆمەتكە دەپ بولالمىدۇق ، قومۇلنىڭ پىنسىيەگە چىققان چوڭلىرى مەمورى مەھكىمە ئائىللەكلەر قورۇسىدا پاي ئويناش بىلەن ئالدىراش .
قومۇللۇقلار يەنى قومۇلنىڭ يەرلىك ئاھالىسى مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن مەيلى خەنسو بولسۇن كىيىنكى ئەۋلاتلىرمىز قانداق قىلدۇ دەپ قومۇلدا يەرلىك قورۇقچىلىق پەيدا قىلىش كېرەكمۇ يوق دىگەن تىمىلار تېخىچە يۇركىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىلا مەۋجۇت ، ئىپادىلەشكە تېخى جۇرئەتلىك بولالمايۋاتىمىز ،

7. قومۇل ھۆكۆمىتى مېنىڭ بىلىشىمچە شىنجاڭدىكى باشقا يەرلىك ھۆكۆمەتلەرگە قارىغاندا خېلى كەڭ قوساق ، خېلى زامانغا ئەگىشىپ ماڭغان ، ئۇيغۇرچە تور ، ئەلرايى ، ۋالى خەت ساندۇقى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تەسىس قىلغان بىر قەدەر دىمىكراتىك بولۇشقا تىرشىۋاتقان ھۆكۆمەتلەرنىڭ بىرىسى  ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە ھۆكۆمەت تورىنىڭ ۋاقىتىدا يېڭىلانمايدىغان ،تاشلىنىپ قالىدىغان ،ۋالى خەت ساندۇقىدىكى گەپلەر قۇدۇققا چۇشكەندەك يوقاپ كتىىدىغان ھىچقانداق چۇشەنچە بىرىلمەيدىغان كامچىلىقلارمۇ يوق ئەمەس ئەلۋەتتە ،

8.گىپىمنى يىغسام ئاغرىنىشقا قارىغاندا يەنىلا ھەمكارلىق ياخشى ، بولۇپمۇ ئۆزىمىزنى ۋە قىلماقچى بولغان ئىشىمىزنى ھۆكۆمەتتىكى گىرانىت كاللىلارغا ئىزىپ ئىچۇرۇپ چۇشەندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۇرۇش بىر قەدەر ئاقىلانىلىك دەپ قارايمەن .
بەت: [1]
: قومۇلدىكى ئاغرىنىشقا نەزەر