مىنى شائىر دىمەڭلا...
ئەسسالام ئىزدىنىش ئەھلى، سىلەر بىلە تور يۈزىدە ئەسرا بۇلالىغىنىمدىن خۇشالمەن . ئەرزىمەس تۇنجى يازمىنى سۇنۇپ قالدىم، ھەر ھالدا ئەپۇ كۆزۈڭلار بىلەن قاراپ قۇيارسىلە.مىنى شائىر دىمەڭلار
كاللامدا بىر قۇرت بار
تىنىمسىز نېرىۋامنى غاجىلاۋاتقان،
بەزى ھەم سۆيۈنۈپ قالىمەن.
ھوزۇرىدىن قۇتراتقۇلۇقنىڭ
قىچىشقان يەرنى قاشلىغان كەبى
زەرىپ بىلەن تامغا يا ئىستولبىغا
ئۈسۈپ سالىمەن.
بىلمەيمەن ئازاۋىنى
جىگىرىدە قۇرت بار كىشىلەر،
ھەم مەددە قۇرتى بولغان كىشىلەر،
ئۆز بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىغى
نۇرمال تويۇلغاندەك
ھەيران قالىمەن.
قانۇن ئالدىدا ھەممە باراۋەر
كىم مىنى بىنۇرمال دىيەلىسۇن؟
ئاچچىق ھاراققا خۇمارمەن ھەتتا
پاھىشىگە... ئۆلۈمگە...
توختاۋسىز چاڭگال سالىمەن.
شۇنچىلىك سېغىندىم تاياق دىگەننى
پۇخادىن چىققۇدەك
بىر توپ زوروۋاننىڭ ئارىسىدا قالسام
بىراق،
مەن ھامان ئۆز خانەمدە
تەنھا قالىمەن.
چۈمۆلىدە قانات بولسا گەر،
باش ئۇراتتى ئاخشامغا سەھەر!
يازغىنىم شېئىر ئەمەس..
ت.شەيخ ...
2002-يىل- 10-ئاپىرىل،بېيجىڭ
سەۋىيەنىڭ تۆۋەنلىگىدىنمۇ مۇشۇ بەزى شېئىرلارنى چۈشىنەلمەيمەن. ماۋۇ تۇرسۇن شەيخ ئاكىمىزنىڭ يازغىنىنى شېئىر دېمىسەك نىمە دەيمىز. بۇ شېئىرنى ئوقۇۋېتىپ بىر ئىش يادىمغا كەپ قالدى، ئىككى ـــ ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا تورخانىدا ئەلىزىنىڭ سۆرىتىنى كۆرىۋاتسام ، بىر ئاغىنەم قىزلارنىڭ سۆرىتىنى ئېچىۋاپسىزغۇ دېسە، يەنە بىرسى قوپۇپ چاتاق ــ چاتاق دىمەسمۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارغا ئوغۇل بالا چاتاق بولسا نورمالغا ھېساپ بولمىسا ھەقىقى چاتاققا ھىساپ دىۋىدىم جىم بولۇشقان ئىدى.
ماۋۇ شېئىردىكى‹‹ قانۇن ئالدىدا ھەممە باراۋەر،›› دېگەن مىسرادىكى قانۇن ئىنسان تەبىيىتىنى كۆرسىتەمدۇ. توختى پوكاننىڭ ھىكايىسىنى يازغان شەيىخىمما سىز ؟ شەيىخ ئاكىمىز ساق سالامەت بولسا ، توختى پوكاننىڭ داۋامىنى يازسا بولاتتى ماقۇل. ئۇ دىگەن شەيىخىم دۇ؟:o
بۇ چوك چوكنى ئېيىتقان تۇرسۇن شەيىخكەن:lol تەسەۋۋۇر
قانغا ئوخشايدۇ قىپقىزىل
جانغا ئوخشايدۇ
ھەلقۇمۇمدا سىقىلغان پەرۋاز
منىۋىلىپ ساماۋى خىياللىرىمغا
نۇر يىلىدەك يايدى پايانداز
يىيىلدىم ھەم
ئەڭ بالدۇرقى يىغىلىقلار بولغان
قىزىل پۆپۈكلۈك قەۋملەرگە
كۆرۈنمەس كۆك قانلىقلارغا
ئەييۇھەنناس...
قىر!... چاپ!....
قىرىلماقتا تۈمەنمىڭ سەرۋاز
پاھ...
شۇنچىلىك يېقىملىق تۇيۇلدىكى
ئىلاھى مۇزىكىدەكلا
نەيزىنىڭ نەيزىگە ئۇرۇلغاندىكى ياڭرىغان ئاۋاز
تەسەۋۋۇر قىلىشنى خالىمايمەن
دىۋىدەك ئېگىز ئۇيغۇرنىڭ پالتىسىدا
دومىلاۋاتقان كاللامنى ئەسكە ئالالمىدىم
بەلكىم
ئەزەلدىن تۆرەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن
چىرىگەن جەسەتلەر ئىچىدىن
تۇيۇقسىز بايقىۋالغان
قېرى قۇرئەنداز.
قان نۇرىدا يۇيۇلسا ئەركىم
روھ قەپىزىم مۇزلايدۇ بەلكىم
ئېھتىمال
تارىخ مەندىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكتەك
چۆگلەپ يۈرەر بۇندا يالىڭاچ
يات قەبىلە
ئايال چەۋەنداز.
ت.شەيخ...
شەيىخ دىگن نام بازالىق بۇلۇپ كەتتىمۇ نىمە؟ قايسى كۈنى توردا قەشقەلىق بىر بالىنىڭ ۋىدىيوسىنى كۆرگەنتىم ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىمۇ شەيىخكەن.
توختى پوكاننى يازغانمۇ شەيىخكەن
شەيخ ھەزرەتقۇ تۇغۇلىشىدا شەيىخكەنمىش:lol
ئوقۇۋاتقاندا بىزنىڭ قىزلا خىجالەت دۇقمىشى دىگەن ناخشىغا ئاشىق ئىدى.
شەيىخ قالغان شېئىرلارنىمۇ ئۇلاپ يوللايلى . شەيىخ نەشىرياتىدىكى شېئىرلارنىمۇ كۆرگۈم بار . ماقۇل، دىمەيلى! تۇرسۇن شەيىخ ئەپەندىنىڭ ئەدەبىياتقا ئاشىقلىقىنى مەرھۇم دىيارىم مۇنبىرىدە بىلگەنىدىم،خاتا ئىسىمدە قالمىسا
ئۇ بۇرۇن ئۆزىنىڭ قۇرئاننى يادلىغانلىقىنى ھەم قارى نامىنى ئالغانلىقىنى ئېيتقاندەك قىلغان قايسى بىر يازمىسىدا.
سوراپ باقسام تۇرسۇنجان سىزدە قاچاندىن باشلاپ ئەدەبىيات قۇشۇنىغا كىرگەنىدىڭىز؟سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى شېئىر
چۈشەنچىسىنى ئاڭلاپ باققۇم بار؟
_________________________________________
يەنەبىرى سىز ھەم ئەركىن ئابدۇللا.....قاتارلىق بىر تۈركۈم سەنئەتكار بېيجىڭدا ياشاۋاتىسىلەر،ئىجادىيەت،تۇرمۇش ئەھۋالىڭلار قانداقراق كېتىپبارىدۇ؟
بولسا بېيجىڭدا باشتىن كەچۈرگەن سەزگۈرەشتىلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xayih تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-6 10:38
ئەسسالام، مەن ھازىر بېيجىڭدىن قايتىپ كەلدىم ، ئۇرۇمچىدە ياشاۋاتىمەن.
ئۆسمۈرلۈكتە ئۇقىغان كىتاپلىرىم مىنى ھەۋەسكە باشلىغان بولسا كېرەك،
شېئىر مىنىڭ سۆزلىرىمدۇر.
كىيىكى ئىجادىيەت ۋە تۇمۇش توغرىلىق بايانلارغا ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئورتاقلىشارمىز، رەھمەت سىزگە. ئات يىلىغا كىرىش
تۇرسۇن شەيخ
ھېلىراقتا بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم
قوچقارنىڭ قوچقارنى ئۈسسىگەندە چىقىدىغان ئاۋازىدەك،
تۇياق، تاقا بىرلىشىپ تۇپراقنى تىلغىغان چاغدىكى ئاۋازىدەك.
مەن ئۇنى نوتىغا خاتىرىيەلمەيمەن
ئەمما ئۈمىد ۋە قورقۇنچ ئارىلىشىپ كەتكەن دېكابىرنىڭ چەكسىزلىكىنى
يىللار ماڭا ئۆز قەرەلىدە خاتىرىلەپ قويدى.
مېنىڭ يىپيېڭى ئادەم بولغۇم بار،
بىراق قاسراق تاشلىغۇدەك دەرىجىدە كونىراپمۇ كەتمىدىم.
مەن تېخى 1933-يىلىدىكى بىر قىزنىڭ قوينىدا مەردلەرچە مەستلىك بىلەن ياشىماقتىمەن.
ئۇ كېتەر چاغدا :
كېلىمەن دېگەن.
ئۇ كېتەر چاغدا
ئاتقا مىنگەن.
ئۇ كېلەر چاغدا
ئاتقا مىنىپ كېلىدۇ.
بەلكىم ئۇ كەلگەن چاغدا
مەن ئاللىقاچان ياغاچ ئاتقا مىنىپ ئۇزاپ كەتكەن بولىشىم مۇمكىن...
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى سىزشاھىركەنسىز سىزنى شاھىر دەيمەن شائىرلىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلمىسىڭىز سىزنى تىللايمىز. بەك ئىسىل يېزىپسىز. ئۈندىدار چەمبىركىدىكى ھېلىقى ماختاشنەمىنى يوللاپ قوياي دەپتىم :lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xayih تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-6 17:48
پىرلەر كەيپى
قەدىمى ئۇتۇپىيە ياكى مەلۇم مەيخانە
زىئوسنىڭ دەردىنى تارتماقچى بولغان بىر توپ سەرگەردانلار
پەلسەپەنى غاجىلىغۇچىلار،
تەلۋىلەرچە ئەممەكتە قەدەھنى
سۇس يېشىل رەڭلىك سۈزۈك شىشىلەر
ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق كاپالىتى.
ئاخشام ئېشىپ قالغان ۋە ياكى بوش چىڭقالغان
لەۋلەشكەن- لەۋلەشمىگەن بارلىق تاۋۇش
مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ
بۇ يەردە ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ
شائىرنىڭ زوروۋانلىغى، سازەندىنىڭ دۇتتىرى،
بەڭگىنىڭ ئەيلەنگەن تاماكىسى ۋە باشقىلار..
پىرلارنىڭ كەيپى ئۈزگىچە
شەھەر ئالىدۇ، ئۆلتۈرۋەتمەكچى بۇلىدۇ، قانغۇدەك يىغلىشىدۇ
قىسقا-تار يوپكىلىق قىزلار يىتىپ كەلگەندە ھەممە ئاخىرلىشىدۇ
شائىرلار ئىشتىنىغا سىيمەيدۇ....
سازەندىلەر دۇتتارنىڭ قارنىغا قوسمايدۇ...
بەڭگىلەر ئۆملىمەيدۇ....
ئەمما لەپىلدەپ تۇرار
ئۇلارنىڭ غۇۋا يېرىم چۈشۈرۈلگەن بايرىقى...
ت.شەيخ..
2014-يىل 2- ئاپېرىل، ئۈرۈمچى.
بەت:
[1]
2