alip1933 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 12:54:39

قىرىم تاتارلىرى ھەر تەرەپتىن بېسىمغا ئۇچرىماقتا

قىرىم تاتارلىرى ھەر تەرەپتىن بېسىمغا ئۇچرىماقتا   (تەرجىمە)
سام نارود  (ئەلجەزىرە تېلىۋىزىيە قانىلى مۇخبىرى)
(ئۇلار سىتالىننىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان،بىراق بۇ مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەت ئۇكرائىنا قالايمىقانچىلىقىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىدا قالدى)
قىرىمدىكى سىمفېروپولSIMFEROPOL شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەلى ئەلىيىف ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ئارمىيىسى قىرىمنى ئىشغال قىلغاندا ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن بولۇپ،ئۇ ۋە دوسلىرى يېرىم ئارالنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سۇداك رايونىدىكى يېزىسىدا مەكتىپىگە  يىغىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئازات قىلغۇچىلىرىنى(قايتىپ كەلگەن سوۋىت قوشۇنلىرى) قارشى ئالغان مەنزىرە ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە تۇرۇپتۇ. كېين ئۇ يەرلىك تاتار ئاھالىلىرى لاگېرلارغا يىغىۋىلىنىپ باشقا جايلارغا پالىنىدىغانلىقىنى چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىدى.
ھازىر 80 ياشقا كىرىپ قالغان ئەلى قىرىم پايتەختى سىمفېروپولدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئەسلەپ مۇنداق دېدى:بىز قەيەرگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيتتۇق،ئىشقىلىپ يۇرتتىن قوغلىنىدىغانلىقىمىز ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ ۋەتەنداشلىرى-ئاياللار،بالىلار،ھەتتا قېرىلارمۇ قۇرۇق ۋاگونلارغا چىڭداپ بېسىلدى ۋە يولغا چىقتى.ھەر قېىتىم پويىز توختىغاندا سوۋىت ئەسكەرلىرى ۋاگونلارنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى بېكەت سۇپىلىرىغا تاشلىۋىتىپ يولنى داۋام قىلاتتى. 22 كۈنلۈك جاپالىق سەپەردىن كېيىن ئەلى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئۇرال رايونىدىكى بىر مەھبۇسلار لاگېرىغا يېتىپ كەلدى.بۇ بولسا سوۋىت دىكتاتۇر رەھبىرى جوزىف سىتالىننىڭ تاتارلارنىڭ ناتسېست گېرمانىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى سەۋەپ قىلىپ ئۇلارنى جازالىغانلىقى ئىدى.ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن تاتارلار قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىپ سوۋىت دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلغان بولسىمۇ بۇ پىلان شەپقەتسىزلەرچە ئىجرا قىلىندى.
قىرىم تاتارلىرى چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى قۇرغان ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرى بولۇپ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان مىللەت،شۇنداقلا قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى. سوۋىت ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا باياۋانلىرىدىكى مەھبۇسلار لاگېرلىرىغا چېچىۋەتكەن بولۇپ،تەخمىنەن 200 مىڭ نەپەر تاتار(پالانغانلارنىڭ يېرىمى) سۈرگۈن قىلىنغان بىرىنجى يىلى ئاچلىق،ئۇسسۇزلۇق ۋە ھەرخىل كېسەللىكلەردىن ئۆلگەن.
-ئۇلار بىزنى يەر يۈزىدىن يوقىتىۋىتشنى پىلانلىغان بولسىمۇ بىراق بىز ياشاپ قالدۇق دېدى ئەلى،بىز ۋەتىنىمىزنى بىر كۈنمۇ ئېسىمىزدىن چىقارمىدۇق،ئاخشىمى ئۆزىمىز مەھبۇسلار لاگېرىدا ئۇخلىغان بىلەن چۈشىمىزدە قىرىمنى كۆرەتتۇق.
سوۋىت ئېمپىرىيىسى غۇلاپ چۈشكەندىن كېيىن تاتارلار ئايرىلغان چاغدىكىسىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان،رۇس ۋە ئوكرائىنلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋىلىنغان  يۇرت مەھەلىلىرىگە قايتىپ كېلىشكە باشلىدى.يۇرتىغا قايىتقاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا باشلىدى.ئەمما يېقىندىكى روسىيەنىڭ قىرىمغا تاجاۋۇز قىلشى بىلەن تاتارلار ئۆزلىرىنى ھەممە تەرەپلەرنىڭ قورشاۋىدا قالغاندەك ھېس قىلدى.
روسىيە پېرىزدىېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قوشۇن چىقىرىپ شەرقىي ئوكرائىنا ۋە قىرىمدىكى مەنپەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېلان قىلشى ۋە كوچىلاردىكى روس ئەسكەرلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن تاتارلار قاتتىق ۋەھىمە ھېس قىلدى،چۈنكى ئۇلار تەخىتتىن چۈشكەن سابىق پىرىزدېنت ۋىكتور يانۇكوۋىچقا قارشى نامايىشنى قوللىغان ئىدى.2001 يىلىدىكى سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،كۆپ مىللەتلىك يېرىم ئارال نوپۇسىنىڭ 12پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىغان تاتارلار تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن بېسىمنىڭ قورشاۋىدا قايان مېڭىشنى بىلەلمەي تېڭىرقىماقتا.
پۇتىن روسىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇكرائىناغا قورال ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلش رۇخسىتىنى ئالدى.ئامېرىكا پىرىزدىنتى باراك ئوباما بىلەن تېلىفونلاشقاندا،ئەگەر شەرقىي ئوكرائىنا ۋە قىرىمدىدا زوراۋانلىق توقۇنۇشى پارتىلىسا،روسىيەنىڭ ئۆزمەنپەتىنى ۋە رۇس تىللىق ئاھالىلەرنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشتىن يانمايدىغانلىقنى ئېيىتتى.ئوكرائىنا بولسا روسىيە قوشۇنلىرى ئوكرائىنا ھەربي بازىلىرىنى قورشىۋالغاندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەتكە چاقىرىق قىلىپ زاپاس ھەربىي كۈچلەرنى ھەرىكەتكە سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
سۈرگۈندىن قايتىپ كېلىش.
-باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇلارنى قوغدايدىغان ۋە كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلىتى بار،بىراق بىزنىڭ قىرىمدىن باشقا ۋەتىنىمىز يوق-دېدى قىرىم تاتارلىرى مىللى مەجلىسىنىڭ ئورۇنباسار رەئىسى ئابدۇراھمان ئېگىز(Abduraman Egiz).2001 يىلىدىكى سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا رۇسلار يېرىم ئارال نوپۇسىنىڭ 60 پىرسەنتىنى،ئوكرائىنلار24 پىرسەنتىنى ئېگەللەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز تىلىمىزنى،تارىخىمىزنى ۋە تارىخىي قەھرىمانلىرىمىزنى ساقلاپ قالماقچى،ئەمما سوۋىت دەۋرىنىڭ مىراسلىرى ھازىرمۇ ساقلانماقتا،نۇرغۇن كىشلەر بىزنىڭ ئەڭ ئەقەللي ھوقۇقلىرىمىزنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيادىن قايتىپ كېلىش جەريانى بىر قەدەر ئاستا بولماقتا. ئۆزبىكىستاندا چوڭ بولغان 30 ياشلىق زۇلفىرە مەمەتوۋا ئەسلەپ مۇنداق دېدى:چوڭلار بىزگە ۋەتىنىمىز توغرىلىق سۆزلەپ بېرەتتى،بۇ سۆزلەر كاللىمىزغا شۇنچىلىك ئورناپ كەتكەنكى،بىز ۋەتەننى پەقەتلا ئۇنۇتمايتتۇق. ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئۆيىدە ئانا تىلىدا سۆزلىشىدىغان بولۇپ، زۇلفىرەگە ھەر مەۋسۇم ئاخرلاشقاندا دوسلىرىغا مەن كېلەر مەۋسۇم مەكتەپكە كېلەلمەيمەن،چۈنكى بىز قىرىمغا قايتىپ كېتىمىز دېيىش ئادەت بولۇپ قالغان. ئۇ ئاخىرى ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ئۆزبىكىستاندا ئۇنۋان ئالغان.
1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تاتارلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا يول قويۇلغاندىن كېيىن ئۇلار قايتىپ كېلىپ ئۆي ۋە  يەر-زىمىنلىرىغا رۇسلارنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلۋاتقانلىقىنى كۆردى.شۇڭا ئۇلار ئۆي ماكانلىرىنى قايتا قۇرۇشقا باشلىدى. زۇلفىرە مەمەتوۋانىڭ قېينى ئانىسى،57 ياشلىق دوختۇر زەمىرە ناسىبلوۋا 1993 يىلى قىرىمغا قايتىپ كېلىش ئۈچۈن بارلىق مال مۈلكىنى سېتىپ بالا ۋاقىلىرىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتپ كەلگەن بولۇپ ئۇنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە،ئۇلار تۇرىدىغان ئۆي سېلىپ بولغۇچە،چېدىر ۋە دەرەخ شاخلىرىدىن يېپىلغان ساتمىلاردا تۇرغان،بەزىلەر ھەتتا يەرنى كولاپ گەمە ياساپ تۇرغان ئىكەن.
باشقا مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت مۇناسىۋەت ئىنتايىن جىددى بولۇپ ئۇلارنى ناھايتى قىيىن ئەھۋالدا قويغان.زەمىرە ناسىبلوۋ مۇنداق دېدى: رۇسلار سوۋىت دەۋرىدىكى تەشۋىقات سەۋەبىدىن بىزگە ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ دائىم بىزگە تەھدىت سالاتتى،مەن ئۇلار بىلەن ئاممىۋى ئاپتوبۇسلاردا پات-پاتلا تەگىشىپ قالاتتىم،كېيىن بارا-بارا كۆنۈپ قالدىم.
تاتار ياشلىرىنىڭ مىللي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ‹بىزنىڭ قىرىم› تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇراھمان ئېگىز مۇنداق دېدى:بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە قىرىم تاتارلىرى ئۆز مەدەنىيىتىنى ۋە تىلىنى يوقىتىپ قويۇشتىن قاتتىق ئەنسىرىمەكتە. سۈرگۈن مەزگىلىدە نۇرغۇن تاتارلار ئۆيدە مەخپى ھالدا ئانا تىلدا سۆزلىشىپ،ئەنئەنىۋى مەدەنىيىنى بالىلارغا ئۆگىتىپ سوۋىتنىڭ ئاسىمىلاتسىيە قىلشغا قارشى تۇرغان،بىراق ھازىر زامانىۋى دۇنيا بىزدەك ئاز سانلىقلارنى يۇتۇپ كەتمەكتە.بىزنىڭ قىرىم تەشكىلاتى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ،تېلىۋىزىيە پىروگگىراممىلىرىدا تاتارلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ،ئۇنۋېرسىتىتلاردا كۆرگەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ تاتارلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرىۋىتىپتۇ. ئۇلار يەنە ئىلتىماس سۇنۇپ يېزىلار ۋە كوچىلارنىڭ ئەسلى تاتارچە نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىپتۇ.ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:قىرىمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز ۋەتىنىمىزدىكى قانۇني سالاھىيىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش بولدى.بىراق ئاز سانلىق مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كۆپلىگەن ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قالدۇق.بۇ يەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدىغان قانۇنلار يوق.
نۆۋەتتە زەمىرە ناسىبلوۋ بىلەن زۇلفىرە مەمەتوۋا ئوكرائىنا ھۆكۈمىتى تاتارلار ئۈچۈن سېلىپ بەرگەن ئۆيلەردە تۇرۇۋاتىدۇ،ئىشىك ئالدىدىكى كوچىغا خىش ياتقۇزۇلمىغان ھەم شۇنداق پاتقاق،ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن قۇرغان مەكتەپتە 1992 يلىدىن بۇيان قىشتا پار بېرىلىپ باقمىغان.
مەمەتوۋانىڭ قىزى تاتارچە سۆزلىيەلمەيدىكەن،چۈنكى ئۇ كىچىكىدىن  رۇسچە مەكتەپتە ئوقۇغانكەن.ئۇ مۇنداق دېدى: قىزىمنى يەسلىگە بەرگەندە ئۇ تاتارچىنى ئوبدانلا سۆزلەيتتى،ئەمما بىرەر ئايدىن كېيىن ئۇ ئۆيدە ماڭا رۇسچە سۆزلەيدىغان بولىۋالدى.
قارىغاندا ئۇلار مەدەنىيىتى ۋە تىلىنىڭ ئاستا ئاستا يوقىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشگە چۈشكەن.بۇ كۈنلەردە موسكىۋا بىلەن كېيىۋنىڭ كۈن تەرتىپىدە تاتارلارنىڭ  مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى قوغداش ئاساسەن ئورۇن ئالمىغاندەك قىلاتتى،2-ئاينىڭ 26 كۈنى تاتارلار  سىمفېروپول شەھرىدە يىغىلىپ سابىق پىرىزدىنت يانۇكوۋىچ تەخىتتىن چۈشكەندىن كېىيىن ئوكرائىنا پايتەختى كېيىۋدىكى نامايىشچىلارنى قوللاپ نامايىش قىلدى.بىراق تاتارلار ئوكرائىنا مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن ھىچقانداق بىر قوللاش ساداسىنى ئاڭلىمىدى،قارىغاندا ھەممە مەسىلىلىرىنى پەقەت ئۆزىگە تايىنىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدىغاندەك قىلاتتى.روسىيەنىڭ كونتورۇللىقىدا ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بەكلا ئاز ئىدى،ھالبۇكى،غەرپ ئەللىرىدىن ياردەم كۈتۈشنىڭ ئىستىقبالىغا تېخىمۇ بىر نىمە دەپ بولمايتتى.
زەمىرە ناسىبلوۋ مۇنداق دېدى:بەلكىم ئۇلار بىزنى يەنە سۈرگۈن قىلدىغان جاي تېپىپ بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن،ئەمما ئۇلار بىزنى تامامەن يوقىتىدىغان ئامالنى چوقۇم تاپالايدۇ.بىز روسىيەدىن قورقىمىز.ئۇلاردىن بىزگە ھەرگىز ياخشىلىق كەلمەيدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: مەن

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 16:31:25

ئورۇسلار ئەينى ۋاقىتتا 2 مىلىيون تاتارنى يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن قىلغان. بۇ جەرياندا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سەپەردە ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن.

قايسى بىرەيلەن دېگەندەك دۇنيادا تاتاردەك قىرىلغان، ئۇيغۇردەك ئىزىلگەن مىللەت يوق.

قىرىمدىكى تاتار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھ ئاسان قىلسۇن.

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 16:51:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Western تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-5 16:53  

  تاتارلاغا پۇرسەت يېقىنلاپ كىلىۋاتىدۇ ، روسىيە فىدىراتسىيەسىدە تاتىرىستان ئىختىزادى سان پېتىربۇرۇگدىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ ، تاتارلانىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى روسلاردىنمۇ يۇقىرى ، روسىيەنىڭ يېقىنلاپ كىلىۋاتقان يەنە بىر قېتىملىق پارچىلىنىشى تاتىرىستاندىن باشلىنىشى مۈمكىن ، پۇتىننىڭ  قارشىلىشىۋاتقىنى سۈرىيەلىكلەر  ، ئوكرائىنالىقلار بولىشى ناتايىن ، ئۇ پۈتۈن دۇنيا بىلەن قارشىلىشىۋاتىدۇ ، قىرىمدىكى تاتارلارنىڭ نوپوسى  قىرىم ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشتە قېيىنچىلىققا دۈچ كىلىشى ناتايىن ، بىراق روسىيەنىڭ نەس بېسىشى مۇقىملىشىپ قالدى . ‹‹ قاتتىق قول ›› پۇتىن روسىيەنى خاراپلىشىشىقا باشلاپ مېڭىۋاتىدۇ .

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 16:58:06

تاتارلار ئەڭ بۇرۇن ئويغانغان تۈركى مىلەت  ئىدى ، ئەمما  ئۇلارنىڭ بۇ ئويغۇنىشى باشقىلارنى ئويغۇتۇپ ياخشى كۈنگە ئۇلاشتۇرغان بىلەن ئۈزى شۇ كۈنلەردە  قالدى ، ھەي تەڭسىزلىك ... مەن تاتارلار ھەرجەھەتتىن بىزگە ئوخشاپ كەتكىنى ئۈچۈن بۇلارنى بەك يىقىن كۈرمەن ...

بىلشىمچە  تاتارىستاننىڭ  ئاپتۇنۇمىيەسى بىزدىن خېلى يۇقۇرغۇ دەيمەن ....

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 18:01:56

  تاتىرىستاننى يېرىم مۇستەقىل دۆلەت  دىسەك بولىدۇ ، مۇداپىئە ، دىېپلوماتىيەنى فىدىراتسىيە مەرگىزى ھۆكۈمىتى باشقۇرغاندىن سىرىت قالغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزلىرى ئىگە ، ئىككىسىنى سېلىشتۇرساق ئاسمان ،زىمىن پەرق بار . بىراق قىرىمدىكى تاتارلار نوپوسى ئاز بولغاچقا ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن ، تاتارلار ئىلگىرى قىرىمدا دۆلەت قۇرغان ، روسىيە قىرىمغا ئەسكەر چىقىرىشتا تاتارلارنىڭ ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلگەن ، تەھلىلدە،  تاتارلار روسىيەنىڭ قىرىمغا ئەسكەر چىقىرىشتىكى ئەڭ مۇھىم توسالغۇ ئىدى دىيلگەن .

tureli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 18:03:35

بايۇخاننىڭ قەۋملىرىمۇ بۇ قىرىم تاتارلىرى؟

tayirT يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 18:10:02

يۇقۇرلىقى خېلى بار . ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا قۇرغان بىرەر تەشكىلاتى يوق . بىراق تاتارلارنىڭ خېلى بار.
يۇقۇرقى تىمىدا دىيىلگەندەك «قىرىم تاتارلىرى مىللى مەجلىسىنى» ئادەتتكى تەشكىلاتلاردىن ئەمەس.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 18:17:31

ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلىمەن! تاجاۋۇزچىلارغا لەنەت!

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 18:28:02

ئوكرايىنا قاراپ تۇرۇپتىدە ،،:@

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 20:22:15

مەرھۇم شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ بىر شېئىرىنى ئەسلەپ قالدىم:

ئاسمانغا نەزەر سال يۇلتۇز بىساناق،
ئۈسۈشمەي ئۆتىدۇ ئەزەلدىن ئىناق.
جاھان كەڭرى دوستۇم يېتەر ھەممىگە،
ئىنسانغا ياراشماس سۆڭەك تالاشماق.

ناۋادا بۇ دۇنيادا ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ئېتىقادىغا، كىملىكىگە چېقىشماي، ئۆز ئارا كېلىشىپ ، يەرشارىنى ئورتاق ئائىلەم بىلىپ، ئورتاق تىرىشىپ زېمىننى گۈللەندۈرسە، ناھەق قان تۆكۈلۈش بولمىسا، ئالەم نەقەدەر گۈزەل بولۇپ كېتەر-ھە!!!!
ناۋادا جان بىر ئادەمدىن ئېلىۋالسا ئۆزىنىڭكىگە قوشۇۋالغىلى بولىدىغان نەرسە بولىدىغان بولسا، تارىختا نەچچە ئونمىڭلاپ، نەچچە مىليۇنلاپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ھېتلېردەكلەر مىليون يىللاپ ياشاپ كەتمەسمىدى。。。 ئەمما ئۇمۇ ئۆلدىغۇ....
ئىنسانلارنىڭ نېمىشقا بىر-بىرىنىڭ جېنىغا قەست قىلىشىشى زادى كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. پۇل-مال، زېمىن، بايلىق يەنە نېمە-نېمىلەر ئۆزىگە يەتكۈدەك بولسىلا بولدىغۇ، زادى نېمە ھاجەتتۇ دەيمەن، ئەسلىگە قايتۇرغۇلى بولمايدىغان ھاياتلىقنى يوق قىلىش بەدىلىگە شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن قىرغىن قىلىشىشىنىڭ....

hakan1865 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 20:50:50

تاتار قىرنداشلارنىڭ ئىشلىرغا  نۇسرەت  تىلەيمەن.تاجاۋۇزچلارغا لەنەت  بولسۇن!!!

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 21:08:59

تاتارىستان جۇمھورىيتى  تىزراق رۇسلاردىن ئايرىلىپ چىقالىسا بەك ياخشى بۇلاتتى .:P
تاتارلار ،چىچىنلار ،كوردلار ...........................ھەييييي تەڭسىز دۇنيا ...

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 21:52:26

ئەرەپ ئېيتۇر :  ھەر  فىرئەۋىنغا  مۇسا  بار ،
  ھەر  دەججالغا  ھەم  ئاخىر  بىر  ئەيسا  بار .
  ئەبەدى  ئۆچمەيدۇ  قۇياشنىڭ  نۇرى ،
زۇلمەتنى  قوغلاشقا  يۇرۇق  زىيا  بار .
   ئابدۇرېھىم  ئۆتكۈر

okullar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 22:36:09

قىرىم تاتارلىرىنىڭ بىر گۈزەل ناخشىسى بار ‹‹ ئەي گۈزەل قىرىم ›› دەيدىغان،  بۇ ناخشىنى ئاڭلىسام ‹‹ تارىم›› ناخشىسىنى ئاڭلىغاندەك تۇيغۇغا كېلىمەن. خۇددى ئىككى ناخشا بىر ئادەمنىڭ ئىجادىيىتىدەك. بىرىنىڭ كەينىگە ئۇلاپلا يەنە بىرىنى ئىجاد قىلغاندەك. كۈيى-ھىسىياتى ئاجايىپ ئورتاق.
مەن ئۇ يەردە ياشالمادىم ئەي گۈزەل قىرىم....................

aymakbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 21:01:06

تاتارلارغا  ھېسداشلىق  قىلىمىز  ھەم  دۇئاقىلىمىز.....

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 21:03:58

گازىردىن بىرىڭە تەڭ چاقىلى

palwan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 21:24:36

ئۇيغۇرلار بىرەر مىللەتكە قەرزىدار، دىيلسە ئۇ دەل تاتار لاردۇ ،

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 21:39:36

قىرىم پارلامېنتى 16-مارت قىرىمنىڭ روسسىيەگە قوشۇلىشى ياكى ئۇكرائىنادا تۇرۇپ قېلىشنى ئاۋازغا قويىدىكەن.

azat007 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 21:50:04

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان بىر تاتار يىگىت بولىدىغان نۇرى ئىسىملىك
بەت: [1] 2
: قىرىم تاتارلىرى ھەر تەرەپتىن بېسىمغا ئۇچرىماقتا