تاشپولات: 4.4 مىليارد يىل بۇرۇنقى يەرشارى ماگما ئىكەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-5 12:274.4 مىليارد يىل بۇرۇنقى يەرشارى ماگما ئىكەن
تاشپولات روزى
ئاۋسترالىيەدە تېپىلغان 4.4 مىليارد يىل بۇرۇنقى تاشتىن ئېلىنغان zircon نىڭ ناھايىتى كىچىك پارچىسى ئارقىلىق، يەر شارىدىن ئىبارەت بۇ پلانېتا، 4.4 مىليارد يىل بۇرۇن قانداق قىلىپ ھاياتلىق مۇمكىن بولغان پلانېتا ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلىشتە ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشىدىغانلىقى ئېنىق.
Wisconsin-Madison ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى Jon Valley باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى "تەبىئەت يەر شارى ئىلمى" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلار بۇ تېپىلغان zircon نى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، يەر شارى بولسا قۇياش پەيدا بولۇپ 160 مىليون يىلدىن كېيىن يەنى 4.4 مىليارد يىل بۇرۇن شەكىللەنگەنلىگىنى مۇقىملاشتۇردى. پروفېسسور Valley نىڭ دېيىشىچە، ئۇ ۋاقتىدىكى يەر شارى يەنىلا ماگما(ۋولقاندىن ئېتىلىپ چىققان) دېڭىزى بىلەن قاپلانغان ئىكەن.
بۇ تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، يەر شارى سوۋۇش نەتىجىسىدە ھاياتلىق مۇمكىن بولغان پلانېتاغا ئۆزگەرگەن ئىكەن. ھازىرقى نەزەرىيىدە، يەر شارىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا سوۋۇش باشلانغان (cool early earth) دەپ قارىلىدۇ. بۇ قېتىمقى تەتقىقات نەتىجە بۇ نەزەرىيە بىلەن بىردەك بولغان.
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.
http://phys.org/news/2014-02-oldest-bit-crust-firms-idea.html مەن مۇشۇ ئاستىرۇنومىيگە ئائىت تېمىلارغا بەك قىزىقىمەن .
ب ب س نىڭ بىر فىلىمىدە ئىسسىق ھالەتتىكى يەر شارىنىڭ بىر سۇغۇق يۇلتۇزغا سوقۇلۇپ ،قايتا بىرىكىپ ھازىرقى يەرشارى بولغانلىقى يۇلتۇز پارچىسىنىڭ يەر شارىنىڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچى تەسىردە ئايلىنىپ ھازىرقى ئوربىتىدىكى ئاي شارىغا ئايلانغانلىقىنى سۆزلىگەن................مۇشۇ پەرەز بۇ تېمىغا ماس كېلىدىكەن ئۇنداق بولسا بۇ قانۇنىيەت بويىچە يەرشارى كۈنسىرى سوۋىۋاتىدۇ دەپ قارىساق بولامدۇ؟ يەرشارىنىڭ ئىللىپ كىتىش ھەققىدىكى پاراڭلارنى قانداق قانداق چۈشىنىمىز ؟ مەشتىكى ئوت ئۆچۈپتۇ، ئۆي ئىچى ئىس بىلەن ئىللىپ قاپتۇ، دەپ ئويلاپ سىناپ بېقىڭ مەنچە.. بۇ بىر سەپسەتە خالاس.
ئاتىزىم تەربىيىسى ئىلىپ بارماقچى بولسىڭىز، باشقا يەرنى تاپقان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتىكەن. سىزدىن بەك مىننەتدار بولغان بولاتتىم. karquga يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 21:37 static/image/common/back.gif
بۇ بىر سەپسەتە خالاس.
ئاتىزىم تەربىيىسى ئىلىپ بارماقچى ...
ئۇكام،باشلانغۇچنى نەچچىگىچە ئوقۇغان.چۈشىنەلمىسە چۈشەنگەنلەرنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاشمۇ ھۇزۇر. atella0997 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 22:51 static/image/common/back.gif
ئۇكام،باشلانغۇچنى نەچچىگىچە ئوقۇغان.چۈشىنەلمىسە چۈش ...
ھەرقانچە ئالىم بولۇپ كەتسەڭمۇ، دارۋىننىڭ نەزەريەسىنى ماڭا چۈشەندۈرۈمەن دەپ -ئاۋارە بولما. ئەمىسە سەنمۇ چىقە بۇ يەردىن،سېنى بۇ تېمىغا بىر كىم سۆرەپ كىرمىگەندىكىن
قارچۇغا ئەمەس،‘’ قارغۇ چۇقا‘’ كەن بۇ چەتنەپ قالدىمۇ ئىزدىنىش ياكى ققەستەن شۇندا قىلۋاتامدۇ ؟ قۇرئان كەرىم:
(11:41). ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا) يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار » دېدى. ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى.
(12:41). اللە يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى. ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇنى ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى اللە بەلگىلىگەندۇر.
بەت:
[1]