TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 12:20:36

تاشپولات: قوشماق يۇلتۇزى بار پلانېتانىڭ سىرى

قوشماق يۇلتۇزى بار پلانېتانىڭ سىرى

تاشپولات روزى



قوشماق يۇلتۇزى بار پلانېتا ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت. بۇنداق قوشماق يۇلتۇزلۇق  پلانېتىلار 2011-يىلنىڭ بېشىدا بايقالغان. مەسىلەن،  Kepler 16b, Kepler-34b قاتارلىق پلانېتىلار.

پلانېتا Kepler-34b بولسا بىزدىن 5000 يورۇقلۇق يىل يىراقلىقتا بولۇپ قوشماق يۇلتۇزنى ھەر 289 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدىكەن. بۇ قوشماق يۇلتۇزلار ھەر 28 كۈندە ئوزارا بىر-بىرىنى ئايلىنىدىكەن.

ئادەتتە، پلانېتا بولسا ئانا يۇلتۇزنىڭ  ئەتراپىدىكى تاشلار ھەم چاڭ توزاڭنىڭ توپلىنىشى ئارقىلىق  شەكىللىنىدۇ دەپ قارىلىدۇ. بىراق قوش يۇلتۇزنىڭ يېنىدا ناھايىتى كۈچلۈك تارتىش كۈچى بولغاچقا پلانېتاغا ئۆزگەرمەكچى بولغان بارلىق ماتېرىياللار يەنە تاشلار ئۆزارا سوقۇلۇش نەتىجىسىدە ئۇششاقلىنىپ كېتىدىكەن. نەتىجىدە ئۇنۇڭ پلانېتا بولۇپ شەكىللىنىشى تەسكە توختايدىكەن يەنى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

بۇ قېتىم تەتقىقاتچىلار تەقلىد قىلىش (Simulation) ئۇسۇلىنى يۇقىرىدىكى قوشماق يۇلتۇزلۇق پلانېتا Kepler-34b غا قوللانغان. ئەۋرىشكە ئۈچۈن ئېلىنغان تاشنىڭ سانى بىر مىليون ئىكەن. تەقلىد قىلىش نەتىجىسىدە، بۇ پلانېتا قوشماق يۇلتۇزنىڭ ئەتراپىدا شەكىللەنمىگەن. بۇ دىگەنلىك پلانېتا، قوش يۇلتۇزنىڭ يىراق يېرىدىن شەكىللىنىپ ئاندىن يۆتكىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.

http://www.bristol.ac.uk/news/2014/january/10114.html

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 17:39:35

بۇ دىگەنلىك بۇ پىلانىت ئايلىنىدىغان ئىككى قۇياش بار دىگەپ گەپمۇ قانداق. قىزىق ئىشكەن ئەمىسە...

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 18:37:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hoopeelover تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-5 18:43  

مۇشۇ كېپلىر دىگىنى يۇلتۇز تۈركۈمىنى كۆرسىتەمدۇ، ياكى سامان يولىغا ئوخشاش بىر چوڭ سېستىمىنى كۆرسىتەمدۇ، ۋەياكى تېلىسكوپنىڭ ئىسمىمۇ؟
Johanns Ke-pler,1571—1630   ماۋۇ گىرمانىيەلىكنى خاتىرلەش ئۈچۈنمۇ؟

Kepler-20ا ،  Kepler-20f  Kepler-62e   
Kepler-69c  دىگەندەك نۇرغۇن پىلانتلارنىڭ ئىسمى كېپلىر بىلەن باشلىنىپتۇ

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 20:00:46

كىم تاپسا شۇنىڭ ئىسمىدا ئاتايدۇ..

fizika1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 21:36:50

تاشپۇلات ئاكا،مەن سىزگە بەك قايىل بۇلدۇم،نۇرغۇن ماقاللىرىېزنى ئۇقۇدىم،مىللەت گۇللىنىش ئۇچۇن تىرشۋىتىپسىز ،مەنمۇ فىزىكا ۋە كەشپىيات تەتقىقات ئشلىرغا ئوتتەك قىزىقېمە،ھەم تۇختىماي ئۇگىنۋاتىمە،ھەم تەجرىبە ئشلايمە،ھەرخىل كەشپىيات،مۇشۇ ئۇلۇغ پەندە ،سىزدەك ئۇستازلار بىلەن تۇنۇشۇپ  دوس بۇلگۇم باتتې ،ئويلىشىپ باقسىېز، جاۋابىېېزنى كۇتمە:handshake:handshake
بەت: [1]
: تاشپولات: قوشماق يۇلتۇزى بار پلانېتانىڭ سىرى