ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 07:17:18

ئىلىكتىرماتور ۋە ئىش ئۈنىمى

  ئىلىكتىرماتورنىڭ ئىشلىتىلىشى مۇھىت بۇلغاشتىن ساقلىنىشلا ئەمەس يەنە ئىقتىساتچانلىق تەرەپتىنمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، مەن بۇ يەردە ئاساسلىقى بىماس قەدەملىك ئىلىكتىرماتور تۇغرىلىق چۈشەنچە بەرمەكچى. نۇۋەتتە بازارلاردا ئۇخشاش قۇۋۋەتتىكى ئىلىكتىرماتورنى ھەسسىلەپ پەرىق قىلىدىغان باھادا ئۇچرىتىمىز، سەۋەبى يەنىلا شۈپەت مەسلىسى بۇلۇپ، ئۇندىن باشقا  مىس ئوراملىق ۋە مىسقا ئۇخشاش سىرلانغان ئاليومىن ئوراملىق بولغانلىقتىن شۇنداق پەرىقلىنىدۇ. يەنە ئاليومىن ئوراملىقنىڭمۇ سىتاتىر ۋە روتورغا ئىشلەتكەن تۈمۈر ئۈزەكنىڭ ماگىنىت ئۈتكۈزۈشچانلىقى ۋە سىپتىلىق دەرىجىسىگە قاراپ باھاسىمۇ ئۇخشىمايدۇ، تۈمۈر ئۈزەكنىڭ يۈزى بۈدۈر-چوقۇر بولسا ئالمىغان تۈزۈك...
ئاليومىن سىم بىلەن مىس سىمنىڭ توك ئۈتكۈزۈشچانلىقىنى تۇلۇقسىزنىڭ فىزىكا دەرسىدە سىلىشتۇرۇپ ئۈگەنگەن ئىدۇق. پەرىق بىزگە كىچىككىنە كۆرۈنسىمۇ ئەمىلى ئىشلىتىشتە بەك چوڭ پەرىقلىنىدۇ، يەنى مىس ئوراملىق ئىلىكتىرماتور ئوخشاش تۈمۈر ئۈزەكلىك ئىلىكتىرماتوردا ئىشلىتىلگەندە 1 كىلوۋات ئىنىرگىيەدە 800 ۋات قىسمىنى ھەركەت ئىنىرگىيسىگە ئايلاندۇرۇپ قالغان 200 ۋاتنى ئىسراپ قىلىۋىتىدۇ دىسەك، ئاليومىن ئوراملىقى ئادەتتىكى ئىشلىتىشتە ئاران 600 ۋاتقا يىقىن ئىنىرگىينى ھەركەت ئىنىرگىيسىگە ئايلاندۇرىدۇ، قالغان 400 ۋات ئىنىرگىيە ئىسراپ بۇلىدۇ، ئۇندىن سىرىت پۈتۈن يۈكلۈك ئۇخشاش سارائىتتا ئاليومىن ئوراملىق ئىلىكتىرماتورنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىدىغان قىلىشقا تۇغرا كەلسە سەل چوڭراق ئىلىكتىرماتورنىڭ ئورام ئورنىغا شۇ ئاليومىن سىمنى نىسبىتىنى ئۆزگەرتىپ ئوراپ ئىشلەتسە بۇلىدۇ.
تەخمىنەن بىر مىللىمىتىرلىق كەسمە يۈزلۈك مىس سىمنىڭ ئورنىغا 2.5 مىللىلىق كەسمە يۈزلۈك ئاليومىن سىم ئىشلىتىش كېرەك...
شۇڭا مۇھىت تىمپىراتورىسى يۇقىرى شارائىتتا ئۇزۇن ۋاقىت(بىر-نەچچە سائەتلەپ ياكى كۈن-ئايلاپ) ئودا ئىشلىتىدىغانلار ئىشلىتىدىغانلار مىس ئوراملىق ئىلىكتىرماتور ئىشلىتىشنى تاللايدۇ.
ئادەتتە ئىلىكتىرماتور ماگىنىت مەيدانىدا ئۈتكۈزگۈچتىن توك ئۈتكۈزۈلگەندە قايسى يۈنىلىشكە ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل قىلىدىغانلىقى شۇڭا مەكتەپتە ئوڭ قول ۋىنت قائىدىسىنى ئۈگەنگەنلىكى ئادەم بىلەلەيدۇ. بۇنىڭ ئاددى پىرىنسىپى ئاۋاز ياڭراتقۇدا ئىپادىلىنىدۇ.

  مەن 2004- يىللاردا تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىماس قەدەملىك ئىلىكتىرماتورنىڭ ئوق ئاراشلېرىغا ئېرىتىپ كىرگۈزىۋىتىدىغان ئاليومىن ئورامنىڭ رولىنى ئوينايدىغان ئىندوكسىيلىك ئىغىتقۇچى ئورامنىڭ ئورنىغا مىسنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە ئۈنىمى يۇقىرلايدىغانلىقىنى بايقىغان، ئەمما شارائىت ئۇ سىناقنى قىلىشقا يار بەرمىدى، ئالماشتۇرۇشتا شۇ ئىندوكسىيلىك ئىغىتقۇچى ئۇقۇرنىڭ ھەجىمىنىمۇ بىر ھەسسە كىچىكلىتىپ ماگىنىت كۈچىنىڭ ئۈتۈش يۇلىنى چوڭلىتىمىز. بۇنىڭدا ئىش ئۈنىمى %95 كە يىتىدۇ...
بۇنداق بولغاندا ئادەتتە بىر زاۋۇت ئادەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان %70 لىك ئىلىكتىر ماتوردا ئايدا 10000 كىلوۋات توك ئىشلەتتى دىسەك بۇ خىل ئ%95لىك ئىلىكتىرماتورنى ئىشلەتكەندىن كىيىن 7500 كىلوۋات توك سەرىپ قىلىپلا ئوخشاش ئىشنى قىلىپ بۇلىدۇ دىگەن گەپ. يەنى بىز 2500 كىلوۋات ئىنىرگىيە تىجىۋالىمىز.0.56 يۈەندىن بولسا 1400 يۈەن تىجىلىدۇ...
ھازىر بۇ خىل ئىلىكتىرماتور چىقىپ بۇپتۇ، شۇڭا بۇ سىناقنى قىلىشتىن ۋاز كەچتىم.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 13:30:42

بىز تەرەپلەردە بەك ئەھمىيەت بەرمەيدىكەنمىز مۇشۇنداق ئىنىرگىيە تىجەش ئىشلىرىغا.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 13:55:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-5 13:56  

Batush يوللىغان ۋاقتى  2014-3-5 13:30 static/image/common/back.gif
بىز تەرەپلەردە بەك ئەھمىيەت بەرمەيدىكەنمىز مۇشۇنداق ئ ...

بىزنىڭ بۇ يەرلەردە بەك ئەھمىيەت بېرىمىز، خەتەرلىك بولسىمۇ ماشنىلارغا گاز ئورنىتىمىز...دىگەندەك.

ھىلىقى چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ بىلەن قانچە ياخشى ئاسرىساقمۇ ئىلىكتىرماتورنىڭ ئۈنىمى تۈۋەن بولسا بەرىبىر تىجىگىلى بولمايدۇ...

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 14:44:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Batush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-5 14:47  

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-3-5 13:55 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ بۇ يەرلەردە بەك ئەھمىيەت بېرىمىز، خەتەرلىك بو ...

چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ بىلەن ئىنىرگىيەنى 10%-80 پىرسەنتكىچە تىجىگىلى بولىدۇ .
ئادەتتە پومپا ۋە شامالدۇرغۇچلاردا ئەڭ ئاز بولغاندا 10 % ئىنىرگىيەنى تىجىگىلى بولىدۇ.
Injection Molding Machineدا سوۋۇتۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇق قىسقىلىقىغا قاراپ 80% كىچە تېجىگىلى بولىدۇ . چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ - ئىنۋىرتىرنىڭ ئاساسلىق رولىنىڭ بىرسى ئىنىرگىيە تىجەش .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 14:58:15

Batush يوللىغان ۋاقتى  2014-3-5 14:44 static/image/common/back.gif
چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ بىلەن ئىنىرگىيەنى 10%-80 پىرسەنتكىچ ...

تۇلۇق يۈكلۈك ئىشلەيدىغان ھالەتتە ئۇنىڭ رولى بولمايدۇ... يەنى 10 كىلوۋات ئىلىكتىرماتور بەلگىلەنگەن 10 كىلوۋاتلىق ئىشلەش ھالىتىدە بولغاندا ھىچبىر پايدىسى بولمايدۇ...
چاستوتا ئۆزگەرتكۈچنىڭ ئاساسى رولى تۈۋەن يۈكلۈك ۋە تۈۋەن ئايلىنىشلىق ھالىتىدە ئىنىرگىيە تىجەش...

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 16:10:41

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-3-5 14:58 static/image/common/back.gif
تۇلۇق يۈكلۈك ئىشلەيدىغان ھالەتتە ئۇنىڭ رولى بولمايدۇ ...

ئىككەيلەن ھازىر ئىككى خىل مۇنازىرىلىشىۋاتىمىز  . سىز موتورنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتىسىز، مەن ئىنۋېرتىرنى مەركەز قىلىپ سۆزلەۋاتىمەن، مەقسەت بىر ،ئىنىرگىيەنى زادى تىجەمدۇ تىجىمەمدۇ دەپ . لىكىن ياخشى گەپلەر بولىنىۋاتىدۇ .
سىزنىڭ دېگىنىڭىز بويىچە موتورنىڭ ئۆزىنىڭ سۈپىتى ئىنىرگىيەنى تىجىسە، مېنىڭ دېگىنىم بويىچە شۇ سۈپەتلىك موتورغا كېتىدىغان ئىنىرگىيەنى ئىنۋېرتېر تىجەيدۇ .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 17:24:22

Batush يوللىغان ۋاقتى  2014-3-5 16:10 static/image/common/back.gif
ئىككەيلەن ھازىر ئىككى خىل مۇنازىرىلىشىۋاتىمىز  . سىز  ...

سىز ئالدىرىماي ياخشى ئۇقۇڭ،  ئىنۋېرتىر پەقەت ئاستا ئايلىنىش ۋە تۈۋەن ئايلىنىش ھالىتىدە كۆپ بولغاندا %50كىچە ئىنىرگىيە تىجەيدۇ، ئەمما 10 كىلوۋاتلىق ماتور 10 كىلوۋاتلىق قۇۋۋەتتە ئىشلىگەندە ھىچقانداق تىجەش بولمايدۇ.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 18:47:50

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-3-5 17:24 static/image/common/back.gif
سىز ئالدىرىماي ياخشى ئۇقۇڭ،  ئىنۋېرتىر پەقەت ئاستا ئا ...

ماقۇل.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 20:08:30

مېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىمنى سىز چۈشەنگۈچە سۈكۈتتە تۇراي .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 08:33:34

بۇ رەسىمنى تارقىتىپ قۇيۇڭلار...

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 12:42:08

ئابلىمىت بۇرادەر ، ئاۋۇ يېڭى لاھىيەيىڭىز ھەقىقەتەن سىز دېگەندەك بولسا ، ئاۋۋال پاتنىتقا ئىرىشىپ ، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىك چۈشەندۈرۈش ماتىرىياللارنى تەييارلارڭ.
مەبلەغ مەسىلىسى ئۇنچىۋالا بەك باش قاتۇرغۇدەكمۇ مەسىلە ئەمەس . ۋاقتى كەلسە مەن بىزنىڭ شىركەت بىلەن ياكى باشقا شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ، مىقدارلىق ئىشلەپچىقارساق بولىدۇ .
ھازىر قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئارانلا 18% ئەتراپىدا ، ئەگەر سىز دېگەندەك بولسا بۇ ھەقىقەتەن بىر بازارلىق مەھسۇلات بولىدىغاندەك تۇرىدۇ .
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ياردەم لازىم بولسا تەييارمەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 16:47:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-6 17:45  

Batush يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 12:42 static/image/common/back.gif
ئابلىمىت بۇرادەر ، ئاۋۇ يېڭى لاھىيەيىڭىز ھەقىقەتەن سى ...

  ئاز-تۇلا بىر نەرسە بىلىدىغان ئادەم ھەرگىز بۇنداق ئىشقا چاخچاق قىلمايدىغانلىقىنى بىلىسىز، قۇياش باتارىيسىنىڭ ھەقىقى ئايلاندۇرۇش ئۈنىمى %11 ئەتراپىدا. بۇ لاھىيەمدىكىسى سىتىرلىڭ ماتورىدىنمۇ ئىلغار، شۇڭا ئىشەنچىم كامىل، مەن بۇ نەرسە تۇغرىلىق باش قاتتۇرۋاتقىلى 10يىلدىنمۇ ئىشىپتۇ، ئەمدىلا ئۆزەمنى قايىل قىلغۇدەك چارە تىپىپتىمەن.
  پاتىنىت ئىلتىماس قىلىشقا كەلسەك. ۋاختى كەلگەندە پۇلغا ئازراق زورلىساق يۇقىرى-يىڭى تېخنىكا پاتىنتىنى تىزراق ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ. ئادەتتىكىچە ئۇسولدا پاتىنىت ئىلتىماس قىلسام پاتىنىت ئىدارىسى ماتىريالنى يىڭى ئىنىرگىيە شىركەتلېرىگە سۇنۇپ ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىنىشكا قولغا كەلگەن بىلەن تېخنىكىمۇ ئاشكارلىنىپ قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى...
شۇڭا بۇ باسقۇچلارنى تىزلىتىش ئۈچۈن ئېلان قىلدىم. بۇ خىل ماتور تەرەققى تاپقان ئەللەردە بار(2004 ياكى2005-يىلى ئامىركا ئېلان قىلغان، ئەمما دۆلىتىمىزگە مەن ئىشلەپچىقارغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇخشاش تېخنىكا ئاساسىدا سەل ئىلغارنى كىرگۈزىدۇ. مەن يەتتە يىل ئىلگىرى بۇنىڭدىن سەل تۈۋەن ئۈنۈملۈكنى ۋاڭيى بىلوگۇمدا ئېلان قىلسام بىرنىمە تەتقىقات ئورگانلېرى زورلاپ تېخنىكا ئاساسىنى سورايدىكەن، شۇڭا تۇختىتىپ قويغان ئىدىم...
بەت: [1]
: ئىلىكتىرماتور ۋە ئىش ئۈنىمى