NBA چولپىنى ۋادى شىرئەلىجاننىڭ ئوت كوماندىسىغا كىرىشنى ئۈمۈت قىلدى
28-فېۋرال، NBA ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكىتبول بىرلەشمىسىدىكى مىئامى ئوت كوماندىسىنىڭ داڭلىق چولپىنى ۋادى Instagram دا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى شىرئەلىجان مۇختەرنىڭ بىر پارچە سۈرىتىنى ئىلان قىلغان ھەمدە سۈرەت ئاستىغا « ۋادىنىڭ ئىتىپاق كوماندىسى ئۆزلۈكسىز زۇرايماقتا، مەن CBA شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسىدىكى شىرئەلىجاننىڭ بىزنىڭ ئىتىپاق كوماندىمىزغا قۇشۇلىشىنى قارشى ئالىمەن، ئۇنىڭ جۇڭگۇدا تەڭدىشى يوق » دەپ يازغان.
دىمەك پەخىرلىك ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر دۆلەت ئىچىدىلا تەسىر قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى خەلىقئارادىمۇ ئۆز ساھەسىدە ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشمەكتە.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php
ياخشى ئۇچۇركەن. قارا پۇشتەك ئاستىدا شۇنداق ياخشى ئوينايدىغان شىر ، ئاۋۇ چاقماق پالۋان 闪电侠 بىلەن بىللە ئوينىسا ... مۇسابىقىسىنى ئىز قوغلاپ يۈرۈپ كۆرەتتۇقتە ! شىرىمىزغا قۇت يار بولسۇن !
ۋادى ئەپەندى شىرئەلىنىڭ ئىسمىنىڭ xirelijiang بولماستىن Shirelijan ئىكەنلىگىنى قانداق بىلگەندۇ :o :victory: ۋادى؟{:136:}{:136:}{:136:}
كىم بولغىيدى بۇ داڭلىق دەپ ئۇقالماي تېما ئىسمىدىن...
ۋادى دەپ ئىسىم قويۇۋالدىڭلارما؟
بەت:
[1]