tasawwur138 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-4 20:06:13

نارەسىدە قېرىندىشىمىزنى قۇتقۇزۇۋالساڭلار !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار:
قېرىندىشىمىز لەزىنە مۇھەممەت  ئەمدىلا 3 ياشقا كىرگەن، تۇغۇلغاندىن تارتىپلا سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى،  قەشقەر ۋىلايەتلىك بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسىدا كۆپ قېتىم تەكشۈرتۈپ دىئاگنوزنى مۇقىملاشتۇرالمىغان، كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاپ چوڭ كىچىك تەرەت قىلالماي، 3-4 كۈنگىچە تاماق يېيەلمەي ئەھۋالى ئېغىرلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن پايتەخت تىببىي ئۈنۋېرسىتىتى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ توڭرىن دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ داۋالاتقان. بالا تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرگە ماسلاشمىغانلىقى ئۈچۈن دىئاگنوز مۇقىملاشتۇرۇلماي كۆپ چىقىمدار بولدى. كېيىن يۇلۇن قىسىمىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بار دەپ دىئاگنوز قويۇلۇپ بەش باسقۇچ خېمىيىلىك داۋالاندى.
ئاتا ئانىسىنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق، دادىسى ئامانلىق ساقلىغۇچى، ئانىسى ئائىلە ئايالى، بالىنى داۋالاتقۇدەك پۇلى بولمىغاچقا ئۇرۇق تۇغقانلاردىن ۋە  باشقىلاردىن 80 مىڭ يۈەندى كۆپرەك قەرز ئالدى. پۇل تۈگىدى، ئامالسىز داۋالاشنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇپ قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى. بىراق قېرىندىشىمىز لەزىنەنىڭ ئەھۋالى كۈندىن كۈنگە يامانلاشتى، بالىنىڭ دەھشەتلىك ئاغرىق ئازابى، ئاتا ئانىسىنىڭ نالە زارىنى كۆرسە ھەممە ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ.
ئۆسمە ھازىر داۋاملىق يامراپ، بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، تامىقى بەك ئازلاپ كەتتى، بالا كېچە كۈندۈز ئاغرىدى، دەپ يىغلايدۇ، يۇلۇن قىسىمىدا ئۆسمە بولغاچقا ئورنىدىن تۇرالمايدۇ. كۈندىن كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆلۈمىنى كۈتۈپ ئولتۇرغاندىن كۆرە يەنە بىر قانچە باسقۇچ داۋالىتىپ بېقىشنى قارار قىلدۇق.
ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىمىزنىڭ بالا چاقىلىرىمىز بار، بالىنىڭ ئازابىنى كۆرۈش ئاتا ئانىغا بەك ئېغىر كېلىدىكەن، مۇمكىن بولسا ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن قېرىندىشىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلساڭلار، سىلەرگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ تېنىنى سالامەت قىلسۇن.
دادىسىنىڭ تېلېفون نومۇرى: 18197650993

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 06:54:07

تورداشلار، بۇ پەرزەنتىمىزگىمۇ ئاللاھ يولىدا بىر ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ قويساق!
تەكلىپ: كارتا ئىگىلىرىنىڭ ئىسمىنى، بولۇپمۇ خەنسوچە ئىسمىنى يېزىپ قويسىڭىز. مەنغۇ ATM غا بېرىپ سالىمەن، لېكىن بەزى تورداشلار توربانكىسى ئارقىلىق سالىدۇ، بۇنىڭدا چوقۇم ئىسىم فامىلىسى توغرا بولمىسا بولمايدۇ. شۇڭا، ياردەم قىلىغۇسى بارلارغىمۇ قۇلايلىق يارىتىپ بەرسىڭىز بولاتتى. مۇمكىن بولسا، كارتا نومۇرلىرىنىمۇ يېزىچە يېزىپ قويىسڭىز، چۈنكى رەسىم رەڭسىز ۋە غۇۋا بولغاچقا، كۆزى ياخشى ئەمەس قېرىنداشلار كۆرەلمەي قېلىشى ياكى نومۇرنى خاتا يېزىۋېلىشى مۇمكىن.
ئاللاھ لەزىنەگە شىپالىق بەرگەي!

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 08:19:16

بالا ھازىر قەشقەردە ئىكەن، دادىسىنىڭ گېپىدىن ساختا ئىكەنلىگى چىقمايدۇ.
بانكا كارتا بىجىرگەندە ئىسمىنى قىسقارتىۋەتكەن بولسا كىرەك، تور بانكىسىدىن قايتا-قايتا سىنىساممۇ بولمىدى، ATM دىن سېلىۋىتەي.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 08:19:45

麦麦提尤努司·阿布都海力力 6222023012008688832 سودا-سانائەت بانكىسى

humayun يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 09:29:21

ئۇلۇغ ئاللاھ  ئاشۇ نارسىدە قىزنىڭ  كىسىلىگە شىپالىق بەرگەي ...ئامىن !   
سەۋىر قىلىڭلار  ئاللاھ  شىپالىق بىرەر ...............

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 09:32:51

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 22:31:23

بۇ خىلدىكى تىمىنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغۇچى مۇنبەر ئەمەلدارلىرىغا  تەكلىپ :  
      ھازىر جەمىيتىمىزدە بۇ خىلدىكى مۇھتاجلىقتىكى مۇراجەتنامىلەر  ئاز ئەمەس، ھەممەيلەننىڭ مۇھتاجمەنلەرنى مۇھتاجلىتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم قىلغۇسى كىلدۇ. بانكا كارتىسىغا پۇل سېلىش ياردەمنىڭ ئاساسى ئۇسۇلى بولغاچقا ،  ئاپتۇماتىك پۇل بەرگۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا قولاي بولغانلار پۇل بەرگۇ ئارقىلىق ھىساۋات يۇتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياردەم قىلدۇ .  لىكىن يەنە كۆپ ساندىكى تورداشلىرىمىزغا پۇل بەرگۇ قولايسىز بولغاچقا تور بانكىسى ئارقىلىق ھاجەتمەنلەرنىڭ كارتىسىغا پۇل پىروۋوت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياردەم قىلىشنى تاللايدۇ .  لىكىن  تور بانكىسى ئارقىلىق  مۇشۇنداق قېرىندىشىمىزغا ياردەم قىلغۇسى بولغان تورداشلىرىمىز ياردەم قىلىشقا ئامالسىز قالدۇ. سەۋەبى ،  تور بانكىسى ئارقىلىق ھاجەتمەنلەرنىڭ كارتىسىغا پۇل پىروۋوت قىلىشتا ، كارتا ئىگىسنىڭ كارتا بىجىرگەندە تىزىمغا ئالدۇرغان ئۆلچەملىك يېزىلغان خەنزۇچە ئىسىم -فامىلسى ،  كارتا بىجىرگەن بانكىنىڭ ئېنىق ئادىرسى ( تىجارەت نوقتىلىرنىڭ ئادىرسى) بۇلۇشنى تەلەپ قىلدۇ ، بۇلارنىڭ بىرسى خاتا ياكى كام بولسا توردا پۇل ئاغدۇرۇش مەغلۇپ بۇلدۇ .  شۇڭا باشقۇرغۇچىلار مۇشۇنداق مۇراجەتنامىنى تەستىقلىغاندا ، تور ئالدىدا ئولتۇرغان ساخاۋەتچىلىرىمىزنىمۇ ئويلاپ يۇقارقى ئىككى  ئۇچۇرنىمۇ چۇقۇم بىللە يوللاشنى تەلەپ قىلسشى  ئۇمۇت قىلمەن . شۇنداق بولغاندا  مۇھتاجمەنگىمۇ ۋە ساخاۋەتچىگىمۇ پايدىلىق .  

    ئاللاھ  كىسەل ئازابى تارتىۋاتقانلانىڭ كىسىلىگە شىپالىق  بەرسۇن، ھاجەتمەنلەرنىڭ  ھاجىتىنى ئاسان قىلغاي ، ئامىن  
بەت: [1]
: نارەسىدە قېرىندىشىمىزنى قۇتقۇزۇۋالساڭلار !