يەر تەۋرەشنى كۈزتۈش ئىدارىسنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى
ۋەكىل جۇ لىېيۈ يەر تەۋرەشنى كۈزتۈش ئىدارىسنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى بەردىمەمىلكەت بۇيچە شەھەر ،رايۇن ۋە ناھىيە قاتارلىق ئۈچ دەرجىلىك يەر تەۋرەش (نى كۈزتۇش) ئىدارىلىرى ئىككى مىڭدىن ئاشىدۇ ، خادىملىرنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقتىن ئېنىقلاشقىمۇ ئامال يوق . مۇشۇنداق شەھەر ،ناھىيە يەر تەۋرەش ئىدارلىرى يەر تەۋرەشنى ئالدىن كۈزتۈشتەك خىزمەت فونكىسيىسىنى ئادا قىلىشقا ئامالسىزدۇر ، ھەر يىلى نۇرغۇن مەبىلەغنى ئىسراپ قىلىپ شۇنچىۋالا كۆپ ئاقنانچىلارنى بېقىشنىڭ زۇرۇريىتى بارمۇ ؟
مەمىلكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى يىغىن ۋەكىلى : جۇ لىېيۈ
مەمىلكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى يىغىن ۋەكىللىرى جۇلىېيۈ نىڭ تەكلىپىگە مۇنداق دەپ قاراشتى : يەر تەۋرەشنى ئالدىن مەلۇمات بەرگىلى بولمايدۇ ،ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بولسا خەلىق ئىشلىرى تارماقلىرنىڭ خىزمىتى ،شۇنداق بولغان ئىكەن يەر تەۋرەش ئىدارىسى نىمە ئىش قىلدۇ ؟
1- تۆت مىليارت يۇەنلىك خامچوت بولغان بىلەن يەر تەۋرەشنى ئالدىن كۈزەتكىلى بۇلمايدۇ.
مەمىلكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى يىغىن ۋەكىلى : جۇ لىېيۈ نىڭ 5000 خەتلىك بۇ تەكلىپىدە مەسىللەر دەلىلى بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ، سىچۇەن يائەن ، چىڭخەي يۈشۈ ، ۋېن چۇەن قاتارلىق چوڭ يەر تەۋرەشلەرنىڭ ھىچقايسىدا دۆلەت يەر تەۋرەش ئىدارىدسى ئالدىن مەلۇمات بەرمىگەن ھەم شۇنداقلا ئالدىن مەلۇمات بىرىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ دۆلەت يەر تەۋرەش ئىدارىدسىنىڭ 2010-يىلى ئىككى مىليارد 410مىليۇن يۇەنلىك ؛ 2011-يىلى ئىككى مىليارد 908مىليۇن يۇەنلىك؛ 2012-يىلى ئۈچ مىليارد 90مىليۇن يۇەنلىك؛2013-يىلى تۆت مىليارد 86مىليۇن يۇەنلىك خامچوت تۈزگەن ، خامچوت سوممىسىمۇ يىلدىن يىلغان كۇپەيگەن ، شۇنچە كۆپ چىقىم قىلىپ ئۇلار ئۆز خىزمەت مەسئۇليتىنى ئادا قىلالمىسا ئۇلار يەنە بۇ پۇللارنى نەگە ئىشلىتىدۇ ؟
2-ئامىركا ، ياپۇنيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يەر تەۋرەش ئىدارىسى يوق
ئامىركا ، ياپۇنيە قاتارلىق يەر تەۋرەش كۆپ يۇز بىردىغان دۆلەتلەردىمۇ يەر تەۋرەش ئىدارىسى تەسىس قىلمىغان ، يەر تەۋرەشنى كۈزتۈش ۋە تەتقىق قىلدىغان فونكىسيىسىنى ئۇتەيدىغان بىر تارماق تەسىس قىلغان بۇلۇپ ، بۇ تارماق ھاۋارايى ئىدارىسنىڭ قارمىقىدىكى بىر بۇلۇم قىلىپ تەسس قىلغان.
3-،ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ ئەمەس ،بەلكى خەلىق ئىشلىرى تارماقلىرنىڭ خىزمىتى
دولىتىمىزدە ھازىرغىچە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئارمىيە ، ئوت ئۈچۈرۈش تارماقلىرى ئېلىپ بېرۋاتىدۇ ، ئاپەتكە ئۇچۇرغان ئاممىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا خەلىق ئىشلىرى تارماقلىرى ئاساسلىق مەسئۇل بۇلدۇ، قىزىل كىرىست قاتارلىق باشقا تارماقلار خەلىق ئىشلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەملىشىپ كىلۋاتىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن يەر تەۋرەش ئىدارىسنى نۇرغۇن چىقىم قىلىپ ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەھمىيتى يوق .
مەنبە : http://news.sina.com.cn/c/2014-0 ... 6.shtml#albumpage=1
نەۋقىران يوللىدى .
توغرا، يەر تەۋرەش ئىدارىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا ھەر ناھىيىدە بىر كۆلچەك پاقىنى دۆلەت مالىيىسى بىلەن باقسا بولغۇدەك. تېما بويىچە بولغىنىدا خەلق قۇرۇلتىيى سىياسىي كىڭەش دىگەن ئىككى ئورگان بىلەن قوشۇپ ئېچىۋاتقان يىغىننىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدۇ:shutup: ziyali يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 12:56 static/image/common/back.gif
تېما بويىچە بولغىنىدا خەلق قۇرۇلتىيى سىياسىي كىڭەش دى ...
ياپۇندا يوقما مۇنداق ئىدارا ياخشى پىكىر بوپتۇ ، شۇ پۇللارنى يەرتەۋرەش ئىھتىماللىقى با ، ئۆي قۇرىلىشى ناچار رايۇنلارغا ئىشلىتىش كىرەك مانداق ۋەكىللەرمۇ باركەن ھە،يولدا كېتىپ بارسام ئادىل ھوشۇر سەنئەت توغۇرلۇق دەمدۇ بىر تېمىنى سۇندۇم دەيدىغۇ(رادىئودا) Baqka يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 12:46 static/image/common/back.gif
توغرا، يەر تەۋرەش ئىدارىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورنى ...
:lol :lol
باچكىنىڭ ئىنكاسىنى ئىزدەپ سوراپ كۆرىمەن دە:lol بۇ بولدىغان تەكلىپكەن. لىكىن ئۇنداق جىق قۇساق باقتىلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇردۇ شىنجاڭغا *** ياردەمگە ئەۋەتمەمدۇ :lol دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنى تارقىتىۋېتىش توغرۇلۇق تەكلىپ يوقكەندە؟ مەنبە سى تۇللۇق چىقماي قاپتۇ ، مەنبە : http://news.sina.com.cn/c/2014-03-04/042729613926.shtml#albumpage=1 يەرتەۋرەش ئىدارىسى(:lol) ئاڭلىسام جۇڭگودىكى بىرىنچى نومۇرلۇق بىكارغا يەپ ئىچىپ، كۈن ئۆتكۈزدىغان ئورگانمىش.
يەر تەۋرەپ بولغاندىن كىيىنكى ئۆلچەش ئىدارىسى نۇرغۇن ئىدارىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكتى ئەسلى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-4 20:37
ۋېنچۈندە يەر تەۋرىگەن كۈننى تاڭ سەھەردە مۇشۇنداق ئىدارىدىكى نەچچە كۆز ئەينەكلىك تەتقىقاتچى (بۈگۈن رەدىئۇسى 800 كىلومىتىر كىلدىغان دائىرىدە يەر تەۋرەيدۇ دەپ يەكۈن چىقرىپتىكەنغۇ!!ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئاز دىگەندە ئۈچ نۇقتىدا ئۈلچەش ئۈسكىنىشى بولسا ،تەخمىنىي تەۋرەش نۇقتىسىنى تېپىپ چىققىلى بۇلىدىكەن،ئۇلار بىر ئۈلچەش نۇقتىسىدىن ئاشۇنداق يەكۈننى چىقىرىپتۇمىش!!!!) مۇشۇلارنى كۆرۈپ تېخى ،تىخىمۇ تەرەققى قىلدۇرسا بولغىدەك دەپ قاپتىمەن،
بولمىسا بۇ ئىدارىنى ئەمەلدىن قالدرماي،بۈتۈن ئىشچى-خزمەتچىنى شاگاڭ قىلىپ ،بىر نەچچە باقمىچى تېپىپ كىلىپ،باچكا دىگەندەك ،بىر كۆلچەكتە پاقا،بىرىدە ئۆردەك غاز،بىريەردە ئىت -مۈشۈك بېقىپ قۇيسا ئۈنۈمى جىق ياخشى بولغىدەك!!!!
بەك تاققا-تۇقا گەپ قىلۋەتتىممۇ نىمە؟؟؟!!!
ئۇيلاپ باقسام بۇنداق قىلسىمۇ بولمىغىدەك،ئۆردەك بىلەن غاز، پاقىنى يەيمەن دەپ، ئىت ،مۈشۈكنى تالايمەن دەپ ،پاقا بىلەن مۈشۈك قاچىمەن دەپ ،كۈندە يەر تەۋرەپ كەتسە!!!!!؟؟؟؟:L ئەسلىدە بۇنداق ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تىگىشلىك بىكار يەپ ئىچىپ مۇئاش ئالدىغان ئورۇنلار خىلى كۆپ ئىدى. پارتىگۈل نىڭ ئورنىنى بىكالىسا ، خەقمۇ پارتىگۈلدەك ئىشلەپ باقسا ، ياقمىسا خەلىق قۇڭىغا تەپسە ھەممە ئىشلار جايدا بۇلتى ... ھەممىسى شۇ پارتىگۈل نىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ... خاپا بولماڭلار ...باشقا مۇنبەردىكى 90 ياشلىق پارتىگۈل دىگەن تىمىغا ئىنكاس يازىم دەپ بۇنۇڭغا يېزىپ قۇياپتىمەن ....
بەت:
[1]
2