history يوللانغان ۋاقتى 2014-3-4 08:45:53

ئانىڭىزنىڭ ئايىغىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟

ئانىڭىزنىڭ ئايىغىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟

ھەر قېتىم ئانامغا ئاياغ ئىلىپ بەرگىنىمدە ئۇچ يىل ئاۋۋالقى مۇنداق بىر ئىش كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. شۇ كۈنى سەھەردىلا ئاخشامدىن توختىماي يىغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي يۇرتتىن كۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئاچامغا ھەمرا بولۇپ بۇلاق بېشىدىكى «ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى» غا كەلدۇق.
بىز نومۇر ئىلىپ بولۇپ كارىدوردىكى نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇق، ئالدىمىزدا   17 ئادەم بارئىدى، مەن ئولتۇرغاچ ئادىتىم بويىچە ئەتراپتىكىلەرگە سەپسېلىپ قاراشقا باشلىدىم. دىققىتىمنى يېنىمدىلا ئولتۇرغان ياغلىقنى چۆكۈرۈپ چىگىۋالغان، چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان 35 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال تۇراتتى، ئۇ سەككىز، توققۇز ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالىنى قۇچاقلىغىنىچە ئولتۇراتتى، ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا كونىراپ كەتكەن يوغان بىر سومكا قويۇلغان ئىدى، قارىغاندا بۇ ئايال ئۇزۇن سەپەردىن بۇ يەرگە ئۇدۇللا كەلگەندەك قىلاتتى، ئايال پات-پات چوڭقۇر-چوڭقۇر تىنىپ قوياتتى، ئۇنىڭ بىر نۇقتىغا تىكىلگەن كۆزلىرىدە بىلىنەر-بىلىنمەس ياش تامچىلىرى يالتىرايتتى، ئوغۇل بولسا ئانىنىڭ سۈرىۋاتقان خىياللىرىدىن بىخەۋەر ئۇنىڭغا چىڭ چاپلاشقىنىچە تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.
بىزگىمۇ نۆۋەت كىلىپ قالدى، سېسترا قىز «17-نومۇر» دەپ توۋلىدى، 17-نومۇر دەل مىنىڭ يىنىمدا ئولتۇرغان ھېلىقى ئايال ئىدى، بىز 18-نومۇر بولغاچقا بىزمۇ ئۇ ئايال بىلەن تەڭلا ئىشىك تۈۋىگە قاراپ ماڭدۇق، ئايال بالىسىنى كۆتۈرگەن پىتى تەكشۈرۈش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، تەكشۈرۈش ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە نېپىز بىر قەۋەت پەردە تارتىلغان بولغاچقا ئىچىدىكى بولۇنغان گەپلەر ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
-بالىنىڭ كۆزىنى نېمىشقا بۇرۇنراق داۋالاتمىغانتىڭىز؟-بۇ ھەدىيە خانىمنىڭ ئاۋازى ئىدى.
ئايال دەل شۇ سوئالنى كۈتۈپ تۇرغاندەك يىغلاپ تاشلىدى ۋە ئېسەدەپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى.
ئايال جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىن بولۇپ ئوغلى باشلانغۇچنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن، ئۆيىدە يەنە بىر قىزىمۇ بار ئىكەن، ئوغلى تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئوتمەي ئېرى تۇيۇقسىز تۇگەپ كىتىپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ زىممىسىگە ئۆي ئىشىدىن باشقا يەنە ئىتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرى چۈشۈپتۇ، ئوغلىنىڭ بىر كۆزىگە ئىككى يىل بۇرۇن ئاق چۈشكەن ئىكەن، ئۇيەر-بۇيەرلەردە خېلى داۋالىتىپ بېقىپتۇ، لېكىن ھېچقانداق ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەننى ئاز دەپ تاپقان تەرگىنىنىڭ ھەممىسى تۈگەپتۇ. يەنە خېلى قەرىزمۇ بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن يىلى باشقىلاردىن 10 مو يەرنى نىسى سېتىۋىلىپ، ئۆزىنىڭ بەش مو يېرىگە قوشۇپ ھەممىسىگە كېۋەز تېرىپ، ئېتىزلىقتا يېتىپ-قوپۇپ دېگۈدەك ئىشلەپتۇ، قىلغان ئەجرىگە يارىشا كېۋەزلىرى شۇنداق ئوخشاپتۇ، كۈزدە پاختىلىرىنى سېتىپ بارلىق قەرزلىرىنى قايتۇرۇپ يۇرتتىن بالىسىنى بۇ يەرگە داۋالاتقىلى ئېلىپ كەپتۇ.
ئۇ ئايالنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بوغۇزۇم ئېچىشقاندەك بولدى، ئاچامغا قارىسام ئۇنىڭ كۆزلىرىدىمۇ ياش لىغىرلاپ قاپتۇ، نېمە دېگەن ئۇلۇغ ئانا ھە! ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىم تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ كۆزۈمگە چېلىققان يەنە بىر كۆرۈنۈش ئايالغا بولغان ھېسداشلىقىمنى ئاشۇردى. ئۇ تەكشۇرۇش ئۆيىدىن چقىپ سومكىسىنى ئالغىلى كەلگەندە بىرى «قارا» دىگەندەك ئۇنىڭ كىيۋالغان ئۆتۈكىگە كۆزۈم چۇشتى، ئۇنىڭ قاراشتىنلا ئەرزان باھالىقلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ئۆتىكىنىڭ بىر پاشنىسى يوق تۇراتتى.
-ئاھ، ئانىلار!- نىدا قىلدىم ئىچىمدە، شۇ تاپتا كۆز ئالدىمغا بۇ ئايالنىڭ كېۋەزلىكتە يالاڭ ئاياغ يالغۇز ئىشلەۋاتقانلىرى، پاشنىسى چۈشۈپ قالغان ئۆتىكى بىلەن بىر قولىغا بالىنى، بىر قولىدا يوغان سومكىسىنى كۆتۈرۈپ يامغۇرلۇق كېچىدە مېڭىۋاتقانلىرى، پەلەمپەيدىن چىقىپ، چۈشىۋاتقانلىرى كەلدى.
شۇنداق، پەقەت ئانىلاردىلا مۇشۇنداق ئىرادە، پەزىلەت، چىدام، غەيرەت بولىدۇ؛ پەقەت ئانىلارلا مۇشۇنداق مېھنەتسىز بولىدۇ.
دوستۇم سىزمۇ قاراپ بىقىڭ، ئانىڭىزنىڭ ئايىغىنىڭ پاشنىسى ئۇپراپتىمۇ؟
ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ ئاياللار ژۇرنىلى

mastani يوللانغان ۋاقتى 2014-3-4 10:21:18

پەيغەمبەر ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساھابىلەرگە: مەن سىلەرگە جەننەتكە پەيغەمبەرلەردىنمۇ بالدۇر كىردىغانلار توغرىسىدا خەۋەربىرەيمۇ؟دەپ ،بالسى كىچىك ئىرىدىن تۇل قالغان ۋە قايتا ياتلىق بولماستىن شۇبالسىنى قاتارغا قوشقان ئانىلار جەننەتكە پەيغەمبەرلەردىنمۇ بالدۇر كىردىغانلاردۇر دىدى.
بەت: [1]
: ئانىڭىزنىڭ ئايىغىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟