4 ياشلىق ئامېرىكىلىق بالا NASA دىن دەرس سورىدى ئېنژىنېر سىن ئەۋەتتى
4 ياشلىق ئامېرىكىلىق بالا NASA دىن دەرس سورىدى، ئېنژىنېر سىن بىلەن چۈشەندۈردى.http://i3.sinaimg.cn/dy/w/2014-02-27/1393479621_03feew.jpg
ئامېرىكىلىق 4 ياشلىق بالا لوكاس ۋىتلى، ئالەم بوشلۇقى تاپشۇرۇقىدىن قىينىلىپ، ئاتىسىدىن سوراپ بىلەلمىگەنلىكتىن، يۈرەكلىك ھالدا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىن سىندا ياردەم سورىغان. كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغىنى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئېنژىنېرى 10 مىنۇتلۇق سىن ئىشلەپ ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرگەن.
ۋىتلى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى تور بېكىتىگە سىن يوللاپ، ئۈچ مەسىلە سىورىغان. ئېنژىنېر تەد گاربىف خەت ساندۇقىدا جاۋاپ قايتۇرغان.
بىرىنچى سۇئالى: قانچىلىك يۇلتۇز بار. گاربىفنىڭ جاۋابى: ھېچكىم ساناپ باقمىغان، تەخمىنەن 1,000,000,000,000,000,000,000,000 دانە بولۇشى مۇمكىن.
ئىككىنچى سۇئالى: بوشلۇق مۇسابىقىسىدە، قايسى دۆلەت ئىككىنچى، قايسىسى ئۈچىنچى؟ گاربىفنىڭ جاۋابى: ئۇنىڭچە رۇسىيە ئىككىنچى، جۇڭگو ئۈچىنچى. پەقەت ئامېرىكىلا ئايغا ئادەم چىقىرىپ باققان.
ئۈچىنچى سۇئالى: ھايۋاناتلار ئايغا چىقىرىلىپ باققانمۇ؟ گاربىفنىڭ جاۋابى: ئايغا ھېچقانداق ھايۋانات چىقىرىلمىغان. بىراق نۇرغۇن ھايۋانات بوشلۇققۇ چىقىرىلغان.
سۇئالىغا جاۋاپ بېرىشتىن سىرت، گاربىف ئۇنى تاغ مەنزىرىسى بازىسىغا ئاپىرىپ، تەقلىدىي ساياھەت قىلدۇرغان.
ۋىتلىنىڭ ئاتىسى جامىس ۋىتلى مۇنداق دېگەن: «كىچىكىمدە، مەن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىگە خەت يازغان، كېيىن بىر قوللانما تاپشۇرۇۋالغان. مەن بالامغا سىن ئەۋەتىپ سۇئال سوراشنى تەكلىپ بەردىم. ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن بىز تويۇقسىز خۇشاللىققا ئېرىشتۇق. بىز ئولتۇرۇپ سىننى كۆرۈۋاتقاندا، بالامنىڭ چىرايىدىن ئىزچىل خۇشاللىق چىقىپ تۇردى.»
بىكارچى خەق ئوخشىمامدا ئۇ خەق ... بۇنداق چوڭ يەنىڭ ئالىملىرى سورۇنلاردا ‹‹نەق پۇلغا گەپ سېتىپ›› زىياپەتتە كۆڭۈل ئېچىپ ئايلىغنى ئېلىپ يۈرمەمدۇ ما بىزنىڭ دۆلەتتەك ، نىمۇ قىلدۇ كىچىك ھىتىم بىلەن ئېلخەت ئويناپ بىزنىكىگە يەتمەيدىكە جما ئامېرىكىلىقلار ھەقىقەتەن كىچىك ئىشلارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىكەن، سىناپ كۆرۈشكە دادىل بولىدىكەن. شۇڭا دۇنيانى سوراپ كېلىۋېتىپتۇ....
بىز بولساق، بالىنىڭ ئۆز يېشىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەر قانداق سۇئالىغا دەشنام بېرىمىز، لايىقىدا سورالغان سۇئاللارغىمۇ بەزىدە ئۇنىڭغا- بۇنىڭغا ئىتتىرىپ قويىمىز مانا بۇ ھەقىقىي پەرق.:(
ھەممە ئىش كىچىكتىن باشلىنىدۇ. مانا بۇ باراۋەرلىك. 4 ياشلىق بالىغىمۇ ئەستايدىل چوڭلا بىلەن باراۋەر ئاساستا جاۋاپ بىرىپتىغۇ. نەچچە يىل بۇرۇن بىر ئامىركىلىق كىچىك قىزچاقنىڭ 911غا تېلفۇن قىلىپ ماتىماتىكا تاپشۇرۇقىنى سورىغانلىغى بەك تارقالغان، 911 دىكىلەر ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بېرىشىنى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ كىشىلىك ھوقۇق مۇقەددەستۇر! بالىلار تەربىيىسىگە بەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن. بىر كىنودا بىر ئەر كىشى ئۆگەي قىزىغا گەپ ئاڭلىتالمايدۇ. ئۇ قىز كەپسىزلىك قىلىپ گەپ ئاڭلىماي ئۆزىنىڭ يۈزىگە ئۆزى بىر شاپىلاق ئۇرىدۇ. ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان يۇلۇچى دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپلا بۇ ئاتىنىڭ ياقىسىدىن ئالىدۇ. كىچىك بالىنى نىمىگە ئۇرىسەن دەپ...دىمىسىمۇ كىچىك بالىلارغا ئۇنچە كۆپ دەرىس تاپشۇرۇق يۈكلەپ ھېلىمۇ دۈمچەك بۇلۇپ قالمايدۇ مۇشۇ بالىلار...بىر خىزمەتدىشىم بالىسىغا چامادانلىق مەكتەپ سومكىسى ئېلىپ بېرىپتۇ. يولدا چامدانغا ئوخشاش سۆرەپ ماڭىدىكەن. ھەققى پەرىق مانا مۇشۇيەردە،، :):):)
بەت:
[1]