abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 22:41:54

فىزىكىدىكى زور ئىشلار يىلنامىسى(1)

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 9-ئەسىرلەردە
قەدىمىكى مىسىرلىقلار ئاستىدىن سۇ تامچىلايدىغان قاچىدىن پايدىلىنىپ ۋاقىت ھېساپلىغان.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرلەردە
قەدىمكى يۇنانلىق تالېس(مىلادىدىن ئىلگىرىكى 624-يىلىدىن 546-يىلىغىچە) سۈركەلگەن كەھرىۋانىڭ يېنىك جىسىملارنى ئۆزىگە تارتىدىغانلىقى، تەبىئىي ماگىنىتنىڭ تۆمۈرنى ئۆزىگە تارتىدىغانلىقى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان.

مىلادىدىن ئىلەگىرىكى5-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا
جۇڭگودا »考工记» دېگەن كىتاپ يېزىلغان. كىتاپتا دومىلىما قارشىلىق، يانتۇ تەكشىلىكتىكى ھەرىكەت، ئېنىرتسىيە ھادىسىسى، لەيلىتىش كۈچى، ئوقيا ئوقىنىڭ ئۇچۇش ھەرىكىتى بىلەن ئۇنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ تۈزۈلىشىنىڭ مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا قوڭغۇراق، دۇمباق قاتارلىقلارنىڭ شەكلى بىلەن ئاۋازىنىڭ جاراڭلىقلىقى، چاستوتىسى ۋە ئاۋاز تۈسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.

مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىردىن 4-ئەسىرنىڭ يېرىملىرىدا
قەدىمكى يۇنانلىق لېئوكىپ (leukipposمىلادىدىن ئىلگىرىكى 500-يىللىرىدىن 440-يىللىرىغىچە) بىلەن دېموكرىت (democritمىلادىيدىن ئىلگىرىكى 460-يىلىدىن 370-يىلىغىچە) ساددا ئاتوم تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيادىكى بارلىق ماددىلار چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ماسسىسى ئوخشاش بولمىغان بۆلۈنمەيدىغان ۋە ئۆزگەرمەيدىغان ماددىلاردىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىردە
قەدىمىكى يۇناننىڭ پلاتون ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر يورۇقلۇقنىڭ تۈز سىزىق بويىنچە تارقىلىدىغانلىقىنى، يورۇقلۇق قايتقاندا، ئۇنىڭ چۈشۈش بۇلۇڭى بىلەن قايتىش بۇلۇڭىنىڭ تەڭ بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-4-ئەسىرلەردە
جۇڭگولۇق موزى ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى يازغان «墨子,墨经» دېگەن كىتاپتا ۋاقىت-بوشلۇق كۆز قارىشى، مېخانىكىلىق ھەرىكەت، پىشاڭ تەجرىبىسى ۋە كۆپ تەرەپلىمە گېئومېترىك ئوپتىكا ھەققىدىكى بىلىملەر بايان قىلىنغان؛ كىچىك تۆشۈكتىن تەسۋىر ھاسىل قىلىش تەجرىبىسى خاتىرىلەنگەن، ھاسىل بولغان تەتۈر تەسۋىر يورۇقلۇقنىىڭ تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىدىيە بويىچە چۈشەندۈرۈلگەن؛ نۇر جىسىمدىن چىقىپ كۆزگە كىرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئادەمدە كۆرۈش سېزىمى شەكىللىنىدۇ دەپ قارالغان؛ كۈچنىڭ تەڭپۇڭلۇق ھادىسىسى، شارنىڭ ھەر ۋاقىت تەڭپۇڭ تۇرۇش مەسىلىسى، ماددىلارنىڭ بۆلۈنىدىغانلىقى مەسىلىسى، تەكشى ئەينەك ۋە پېتىنقى ئەينەكلەرنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ تەتقىق قىلىغان ۋە مۇھاكىمە قىلىنغان.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 3-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا
جۇڭگونىڭ «庄子» دېگەن كىتابىدا ئىككى باربىتنى ئىككى ئۆيگە قويۇپ، بىر باربىتنىڭ مەلۇم تارىنى چەككەندە يەنە بىر باربىتنىڭ شۇ تارىسىنىڭمۇ ئاۋاز چىقىرىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن ھەمدە بۇ «ئاۋازنىڭ ئوخشاشلىقىدىندۇر» دېيىلگەن، بۇ كىشىلەرنىڭ رېزونانس ھادىسىسىنى مەلۇم دەرىجىدە تونۇپ يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 300-يىللاردا
قەدىمكى يۇنانلىق ئىۋكلىد(euclid, مىلادىدىن ئىلگىرىكى 330-يىلىدىن 275-يىلىغىچە) نىڭ «ئەينەكنىڭ يورۇقلۇق قايتۇرۇشى» دېگەن كىتابىدا يرۇقلۇقنىڭ قايتىش قانۇنى بېرىلگەن، يورۇقلۇقنىڭ كۆپۈنكى ئەينەك ياكى پېتىنقى ئەينەكتە تەسۋىر ھاسىل قىلىش قانۇنىيىتى شەرھلەنگەن.

مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردە
قەدىمكى يۇنانلىق ئارىېمىد لەيلىتىش كۈچى قانۇنىنى بايقىدى، پىشاڭ قانۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، سۇ چىقىرىدىغان ۋېنتىنى كەشىپ قىلدى.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى
جۇڭگونىڭ «韩非子» دېگەن كىتابىدا دۇنيا بويىنچە ئەڭ قەدىمكى كومپاس ھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇلغان.

مىلىدىيدىن ئىلگىرىكى 221-يىللار ئەتراپىدا
جۇڭگو ئۆلچە قوراللىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شاڭياڭ شېڭىنى ئۆلچەملىك ئۆلچەش قورالى قىلغان، ئۇ ئىنتايىن توغرا ياسالغان بولۇپ، قاتالىقى 1%دائىرىسىدە.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا
قەدىمكى رىملىق لۇكرېتىئۇس (titus lucretiu carlos، مىلادىيدىن ئىلگىرى 95-يىلىدىن 55-يىلىغىچە)نىڭ ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ھەققىدە» دېگەن كىتابىدا ماگىنىتنىڭ تېپىش تەسىرى ۋە تۆمۈر ئۇۋىقى تەجرىبىسى خاتىرىلەنگەن. بۇ مۇشۇ ھەقتىكى ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرىدۇر.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى قىسىمى مۇشۇ يەردە تۈگىدى، ممىلادىدىن كېيىنكى قىسىملىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ.
مەنبە:قىسقىچە فىزىكا لۇغىتى
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى
بەت: [1]
: فىزىكىدىكى زور ئىشلار يىلنامىسى(1)