waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 22:05:11

شىرئەلىجان دۆلەت كوماندىسى مەشىقلەندۈرۇش تىزىملىكىگە كىردى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-2 22:07  

     
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، جۇڭگو ۋاسكىتبول جەمىئىيىتى بۇ يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈندىن 10-ئاينىڭ 4-كۈنگىچە كورىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن يىڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ 52 نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپقان يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە  ۋاڭ جېجى، جۇ فاڭيۈ، چېن جاڭخۇا، دىڭ جىنخۈي قاتارلىق تۆت نەپەر لوندون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەركەتچى تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىدى.
بۇ قىتىمقى 52 نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپقان چوڭ تىزىملىك، تارىخى يىللاردىن بۇيانقى ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بىر قىتىمى ھىساپلىنىدۇ،  بۇ تىزىملىكتىن يىڭى باش تىرىنىر  گۇەن لومىڭنىڭ يىڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.  دۆلەت ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ كورىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئەڭ ئاخىرىقى 12 نەپەر تەنھەركەتچى، بۇ قىتىم ئىلان قىلىنغان 52 كىشلىك يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكى ئىچىدىن تاللىنىلىدۇ.
بۇ قىتىم ئىلان قىلىنغان 52 كىشلىك يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىگىگە شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىدىن شىرئەلىجان مۇختەر، قېرانبىك، تاڭ جىڭدۇڭ، يۈچاڭدۇڭ، جۇچى قاتارلىق بەش نەپەر تەنھەركەتچى تاللاندى. شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرىنىرى سۈن ۋەنجۈن  يىڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تىرىنىرلىقىغا تەكلىپ قىلىندى.
بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى شىرئەلىجان مۇختەرنىڭ بۇ قىتىملىق دۆلەت كوماندىسى سەپىرىگە ئاق يول تىلەيمىز...............

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php





putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-3 22:16:40

شىرئەلى ئىنىمىزغا ئامەت يار بولسۇن!
بەت: [1]
: شىرئەلىجان دۆلەت كوماندىسى مەشىقلەندۈرۇش تىزىملىكىگە كىردى