izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 18:26:58

ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﻓﻮﻧﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪ

ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ﯐ ﻣﺎﺋﺎﺷﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ﯐ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﻓﻮﻧﺪﯨﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ﯐ ﻗﯧﺮﯨﺶ﯐ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ﯐ ﺋﯚﻟﯜﺵ﯐ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘﺳﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﻓﻮﻧﺪﯨﺪﺍ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ. ﻣﯩﺴﺎﻟﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﺗﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ﯐ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ.

ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﯩﺰ ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﻓﻮﻧﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ.


ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﺗﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ﯐ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ﯐ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ﯐ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ﯐ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ﯐ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﺗﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ: ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﭼﻮﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﺗﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺑﻮﻳﯩﻨﭽﻪ﯐ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﻪ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﺗﯩﻨﺸﻰ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ 23 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ﯐ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﺗﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ﯐ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ 8000 (2011-ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﭼﻪ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ 4672 ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ)﯐ ﻣﺎﺋﺎﺵ 5% ﻟﯩﻚ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺳﺴﻪ﯐ ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺵ 48600 ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ﯐ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ﯐ ﺑﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﺗﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ 8624 ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻨﯩﯔ 18% ﮔﻪ ﺗﻪﯓ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺟﯘﯕﻪﻭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﭼﻪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺗﯚﯞﻩﻥ.
ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ: ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ
ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺴﯩﺰ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﭖ ﻳﺎﺭﻻﻧﺴﯩﯖﯩﺰ﯐ ﺑﯘ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯗ﯐ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺝ ﺥ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ﯐ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ.


ﺋﯩﺸﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ: ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﺪﯗ-ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﻣﺪﯗﳫ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ﯐ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ 1-5 ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ 12 ﺋﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ﯐ 5-10 ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ 18 ﺋﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 10-ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ24ﺋﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ: 48 ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺳﯩﺰﯨﻘﻰ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ﯐ ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ 17 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺧﯘﻧﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﮔﯘﺍﯕﺪﯗﯓ ﺩﯗﯕﮕﯜﻩﻥ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺭﻟﯩﻨﯩﭗ﯐ 49 ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ﯐ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻱ﯐ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﻟﯩﻨﺸﻰ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﯚﻟﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ 48 ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺳﯩﺰﯨﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ﯐ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ: ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﺋﯩﺶ﯐ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ﯐ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻫﯩﺮﻟﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﻫﯩﺮﻟﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ﯐ ﺗﯘﻏﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻫﻪﻕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ﯐ ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻣﯩﺴﺎ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ﯐ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﻨﭽﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻼ ﺗﯘﻏﯘﺷﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.

ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﻓﻮﻧﺪﻯ: ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﻫﻪﺭﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﻓﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺳﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ﯐ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ﯐ ﺋﯚﻱ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﻫﯧﺴﺎﺑﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﻧﺴﺎ﯐ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﻓﻮﻧﺪﯨﺪﺍ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺳﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯚﺳﯜﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﭘﯘﻝ ﭘﺎﺧﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ﯐ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ﯐ ﺑﺎﻧﻜﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯚﺳﯜﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻐﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ.
  مەنبە : نۇر تورى

SAYRAMI يوللانغان ۋاقتى 2014-3-3 11:49:38

http://bbs.izdinix.com/thread-44144-1-1.html

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-3 12:18:06

پىنسىيەگە چىقىپ ئەتىسى ئۆلۈپ كەتسەم، تاپشۇرغان ياشانغاندا بېقىش سۇغۇرتا پۇلى يوق بولامدۇ ياكى بالىلېرىمغا ئازراق بىر نىمە كىلەمدۇ؟

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-3 14:41:51

ئۇكا،تەشۋىقاتنى تەتۈر قىلما،يەنىمۇ بەكرەك ماتىريال كۈرۈپ ئاندىن ياز ھە

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-3 20:00:11

قالغىنىنى بىلمىدىم ، ئاۋۇ ئولتۇراق ئۆي جۇغلانمىسى دىگەن خېلى كۆپ يىغىلىپ قالىدىغان نەرسىكەنغۇ ، ئايدا 500 يۈندىن پۇل تۇتسىمۇ ، ئىدارىدىن 500 يۈەن قاپلاپ يىلدا ئون مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كىتىدىكەن .

qinarjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-4 15:06:17

ئاپتۇرنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تېىخىمۇ بەكراق چۈشۈنۈپ بېقىشىنى سورايمەن.باشقىسىدا سىزگە تەلىم بىرەممىسىەممۇ تۇرالغو-ئۆي جامائەت فوندىنى سەل تەتۈر تەشۋىق قىلىپ قۇيۇپسىز .خەنزۇچە ماتىريال كۆرگەن بولسىڭىز تەرجىمە قىلالماي قالدىڭىزمۇ ياكى خاتا تەرجىمە قىلىپ قۇيۇلغان ماتىريالنى كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ بىلمىدىم
جوڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ يىلى توپلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر شەخسىي تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فۇندىنىڭ ئۆسۈمى, قەرەلسىز ئامانەت ئۈسۈم نىسپىتى بۇيىچە،ئالدىنقى يىلدىن قالدۇق چۈشكەن ئامانەتنىڭ دىرى ۋە ئۈسۈمىگە 3 ئايلىق پارچە ئامانەت قويۇپ،پۈتۈن ئېلىش شەكلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆسۈم ھىسابلاپ بىرىلىدۇ.بۇ ھەرگىزمۇ ئۈچ ئايلىقلا ئۆسۈم بىرىلىدۇ دىگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ.ئىشىنىمەنكى ئەگەر تۇرالغۇ-ئۆي جامائەت فۇندى بولمىسا مائاشقا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆي سېتىۋېلىشتا ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كىلىدۇ.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-4 15:46:50

dawanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-3-3 14:41 static/image/common/back.gif
ئۇكا،تەشۋىقاتنى تەتۈر قىلما،يەنىمۇ بەكرەك ماتىريال ك ...

نىمە دەيدىغانسەن ؟ بۇ بالا بىر نەرسە يازىدىغان بالا ئەمەس ، تۇرغان پۈتكىنى ھەممىسى كۆچۈرگەن نەرسىلەر . شۇنىڭغا ئىشەنگىنكى بۇ ماقالىدىكى بىر چىكىىتمۇ ئۆزىنىڭ ئەمەس . نۇر تورىدىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن نەرسىلەر . شۇڭا بۇ بالىغا يازغىن دېمەي كۆچۈرگىن دېگىن . بولمىسا بەك يۈكسەكلىككە كۆۈرۈپ قويىسەن بۇ بالىنى .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 12:45:58

Pinhan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-4 15:46 static/image/common/back.gif
نىمە دەيدىغانسەن ؟ بۇ بالا بىر نەرسە يازىدىغان بالا ئ ...

::lol

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 23:12:57

راس ، ئۆزۈم يازمايمەن ، مەنبەنى ئىنىق ئەسكەرتىمەن  ، ياخشى يازمىلار بولسا يوللىغاننىڭ نەرى خاتا   ـ  سىلەرمۇ ياخشى يازمىلارنى ئەۋەتىپ تۇرۇڭلار ، ياخشى نەرسە مەخپى قالمىسۇن
بەت: [1]
: ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﻓﻮﻧﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪ