«ئالما» شىركىتى جوڭگو ئەقلى مۈلۈك شىركىتىنى سوتقا سۇندى
ئامېرىكا«ئالما» شىركىتى جوڭگونىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئىشخانىسى ۋە بىر يۇمشاق دېتال شىركىتىنى سوتقا سۇندى.«ئالما» شىركىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جوڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىگە جايلاشقان «جىجېن تور تېخنىكىسى» شىركىتى، «ئالما» تېلېفونلىرىدىكى شەخسىي كاتىپ - «siri» گە ئەينەن ئوخشاش بىر يۇمشاق دېتالنى ياساپ بازارغا سالغان.شۇڭا، «ئالما» شىركىتى مەزكۇر جوڭگو شىركىتىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، بۇ مەھسۇلاتقا ئالغان پاتېنتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
«ئالما» شىركىتىنىڭ شىكايىتى جوڭگو دۆلەتلىك ئەقلىي مۈلۈك ئىشخانىسىغا سۇنۇلغان.
ئەمما، جوڭگونىڭ مەزكۇر ئورگىنى جوڭگو شىركىتىنىڭ ھېچقانداق خاتالىق سادىر قالىمىغانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ شىركەتنىڭ پاتېنتىنى بىكار قىلمىغان.
نەتىجىدە، «ئالما» شىركىتى جوڭگونىڭ بۇ ھۆكۈمەت ئورگىنى ۋە ئۆز مەھسۇلاتىنى ئوغرىلىغان جوڭگو شىركىتىنى سوتقا ئەرز قىلغان.
سوت بېيجىڭ شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا سوت مەھكىسىمىدە ئېچىلغان. نۆۋەتتە سوتنىڭ قانداق ھۆكۈم چىقارغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى ئامېرىكا ۋە جوڭگو ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
جوڭگودىكى ئەقلىي مۈلۈك قانۇنلىرىنىڭ قاتتىق يۈرگۈزۈلمەسلىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئېغىر زىيان سالغانلىقى خەۋەر قىلنغان ئىدى.
مەنبە: http://gadgets.ndtv.com/mobiles/news/apple-asks-chinese-court-to-overturn-patent-ruling-in-siri-case-489602 قىسقارتىلدى. ھىلىقى كانادانىڭ تىخنىكىسىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن نىڭ ئەرزى قاندا بولغاندۇ ؟بۇلارغا سىلىشتۇرغاندا 《شىنجاڭلىق يانچۇقچى ئوغرىلار》نى ئوغرى دىگىلى بولمىغۇدەك ، ھەممە يانچۇقچىلار ئوغۇرلىغان پۇلنى يىغسىمۇ ئۇلارنىڭكىدە يەتمەيدۇ ، ئەمما ئۇنداق چوڭ ئوغرىلار جۇڭگۇدا 《قانۇنلۇق》 ئوغۇرلاشمۇ بىر ھۇنە ، ئوغۇرلىغان يەردىن گۇل ئۇنە {:92:} ماركىس، ئېنگىلىسلار ھايات بولغان بولسا ، ئەقلىي مۈلۈك دەۋاسى قىلاتتىمىكىن دەيمەن جۇڭگو ئۈستىدىن(سەۋەبىنى ئۆزىڭىز تېپىڭ) :lol قوڭنى قىسىش بىر ھۈنەر قىسقان يەردىن گۈل ئۈنەر uchkur1 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 16:16 static/image/common/back.gif
قوڭنى قىسىش بىر ھۈنەر قىسقان يەردىن گۈل ئۈنەر
قوڭنى بەك ئۇزۇن قىسىۋالسا گىمروي بوپقالىدۇ دەيدۇ. قىسىش دىگەن سۆزگە يەنە كىم جۈملە تۈزۈپ باقدۇ :dizzy: بۇ يازمىنى ئاخىرىدا windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-2 21:57
ئۆچۈرۈلدى dadash يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 14:31 static/image/common/back.gif
ماركىس، ئېنگىلىسلار ھايات بولغان بولسا ، ئەقلىي مۈلۈ ...
--- -ىزىملىرىمىزنى جۇڭگوچىلاشتۇراۋاپتۇ دەپمۇ ؟
بەت:
[1]