izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 11:24:45

جۇڭگۇدا ئۆي باھاسى نىمشقا تېز ئۆسىدۇ؟

يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بىرى، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ پۇل پاخاللىقى، ئاۋامنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچى ستاتىستىكىسىغا كىرمەيدىغان ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا يۈز بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پىشىپ يېتىلگەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى كەمچىل ئەھۋالدا، نورمىدىن ئوشۇق پۇل ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا ئېقىپ كىردى، بۇ قارىماققا ئاۋامنىڭ تۇرالغۇ ئۆي سۈپىتىنى ياخشىلاشتەك قىلسىمۇ، ئەمما  كۆپلەپ پۇل ئېقىپ كىرگەچ، ئۆي-مۈلۈكچىلىككە مەبلەغ سېلىش يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ئۆي باھاسى ئۆسۈپ كەتتى، ھايانكەشلىكتە رىقابەتلىشىپ، نورمىدىن ئوشۇق يەر ئېچىشتىكى مىسلىسىز قىزغىنلىق، خەلق ئىقتىسادىنىڭ غەلىتە ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۆي باھاسىنىڭ ئىزچىل ئۆسۈشى ماس ھالدا تارقىتىلغان پۇل مىقدارىنى كۆپەيتىپ ، باغلانما ئىقتىسادى كۆپۈكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئۆي باھاسى ئەڭ تىز ئۆسكەن بىر قانچە باسقۇچ بولسا، ئاساسلىقى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى بىلەن باسقان (كەڭ مەنىدىكى) پۇل  M2   شىددەت بىلەن ئاشقان  2002-2003، 2006-2007، 2010 -2009  ۋە 2012-2013 يىللىرىدا كۆرۈلدى.
2012- يىلى 11- ئايدىكى 100 شەھەرنىڭ ئۆي-مۈلۈك باھا كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 100 شەھەرنىڭ يىڭىدىن سىلىنغان تاۋار ئۆيلىرىنىڭ  ھەر كۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرچە باھاسى 8791 يۈەن بولغان بولۇپ ، ئۆي باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغان شىنجىن، بىيجىڭ، شاڭخەيلەرنىڭ ئايرىم-ئايرىم  25906 يۈەن/كۋادرات مېتىر، 23500 يۈەن/كۋادرات مېتىر،23234 يۈەن/كۋادرات مېتىرغا يەتكەن بولۇپ ،بۇ ئۈچ شەھەردىكى بىر كۋادرات مېتىر ئۆينىڭ باھاسى شىنجىن ، بىيجىڭ ، شاڭخەي ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرچە ئايلىق مۇئاشىنىڭ بەش ھەسسىدىن يۇقىرى بولغان .

ھازىر جۇڭگودىكى ئۆي باھاسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرلىقىنى ئۆي باھا كىرىم نىسبىتى (HousingPrice-to-IncomeRatio))  بويىچە ھىسابلاپ باقايلى:
ئۆي باھا كىرىم نىسبىتى= بىر ئائىلە تۇرۋاتقان ئۆينىڭ باھاسىنى ÷  شۇ ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى
دۇنيا بانكىسى ئوتتۇرغا قويغان تەرەققى تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆي باھا كىرىم نىسبىتى ئادەتتە 1.8 ~ 5.5 نىڭ ئارلىقىدا بولىدۇ، تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بولسا 3~6 ئارلىقىدا بولىدۇ، ۋاھالەنكى جۇڭگودا 2008- يىلى 3- ئايدا ئوتتۇرچە ئۆي باھا كىرىم نىسبىتى 7.3 بولغان بولۇپ، چوڭ شەھەرلەر ئارىسىدىكى ئۆي باھا كىرىم نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغان ئۈچ شەھەردىن شىنجىننىڭ  16  ، بىيجىڭنىڭ 14.2 ، خاڭجۇنىڭ 12.4 بولۇپ، ئوتتۇرچە قىممەتتىن زور دەرجىدە ئېشىپ كەتكەن. ئاھالىلەرنىڭ باشقا تۇرمۇش چىقىملىرىنى چىقىرۋىتىپ ھىساپلىساق،بۇ ئۈچ شەھەردىكى ئوتتۇرھال كىرىملىك بىر ئائىلە 30 نەچچە يىل سىرىقتال كۈن ئۆتكۈزۈپ پۇل  يىغسا ئاران بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالالايدۇ دېگەن گەپ.

2012- يىلى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى چىڭخۇا ئۇنۋىرسىتى سىياسى ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزى، جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىميىسى نەشىرياتى، خېنەن ئىقتىسادى سىياسەت ئۇنۋىرسىتى بىرلىكتە تارقاتقان ' ئۆي سودىسى ۋە ئۆي مۈلۈكچىلىك سىياسىتى ' ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا جۇڭگو شەھەر بازارلارنىڭ ئۆي باھا كىرىم نىسبىتى ئاللىقاچان 12.07 گە يەتكەن بولۇپ ، بىرىنجى قاتاردىكى چوڭ شەھەرلەردە بۇ نىسبەت 25.25 كە يەتكەن، ۋاھالەنكى بۇ نىسبەت لوندوندا 6.9 ، سىئولدا 7.7، نىيويورىكتا7.9، سىدىنىيدا 8.5  . بۇ دىگەنلىك جۇڭگونىڭ بىرىنچى قاتاردىكى چوڭ شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان  ئوتتۇرھال كىرىملىك بىر  ئائىلە 70 ~80 يىلدا بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالايدۇ دېگەن گەپ . باشقا دۆلەتلەردىكى چوڭ شەھەرلەر بىلەن سىلىشتۇرساقلا، جۇڭگونىڭ ئۆي باھا كىرىم نىسبىتىنىڭ ئاللىقاچان ئىشەنگۈسىز دەرجىدە ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىيالايمىز.
بىرەيلەن 2011- يىلىدىكى جۇڭگو ھەر قايسى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش-كىرىم سەۋيىسىگە ئاساسەن، 2011- يىلىدىكى جۇڭگو ھەر قايسى شەھەرلىرىنىڭ پۇخرالار قوبۇل قىلالايدىغان ئوتتۇرچە ئۆي باھاسىنى ھىساپلاپ چىققان بولۇپ، بۇ باھا بىيجىڭدا 4387 يۈەن/كۋادرات مېتىر،شاڭخەيدە  4831 يۈەن/كۋادرات مېتىر، گۇاڭجۇدا  4537 يۈەن/كۋادرات مېتىر بولغان ، ئەمما شۇ جايدىكى ئۆينىڭ ئەمەلىي باھاسى بۇ ساننىڭ ئىككى ھەسسىدىنمۇ كۆپ بولۇپ، ئۆي باھاسى ئەسلىدىكى باھانىڭ يىرىمغا چۈشۈپ كەتسىمۇ،  ئادەتتىكى مۇئاشلىقلار  يەنىلا سىتىۋىلىشقا ئامالسىز، شۇڭا ھازىر جۇڭگودا قەرىزگە ئۆي سېتۋالغانلار ئۆزىنى' ئۆي قۇلى 'دەپ ئاتاشماقتا.
ئۆي باھاسى شۇنداق قىممەت تۇرسا ئۇنى كىم ئالىدۇ ؟ ئۆي باھا كىرىم نىسبىتىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ باي-كەمبەغەللىك پەرقى بەكلا چوڭلاپ كەتكەن، بايلىق ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغان بولۇپ ، ئۇ بايلار ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرلاپ كېتىشىگە بەك ئىرەڭشىپ كەتمەيدۇ، ئەكىسچە، ئۆي باھاسىنى يەنە ئۆستۈرۈپ ئارىدىن پايدا ئالىدۇ.
جۇڭگودا بىرنجى قىتىملىق ئۆي قەرىز دولقۇنى 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 2003- يىللارغىچە بولۇپ،بۇ ۋاقىتتا ئۆي باھاسى ھەم ئىجارە ئۆيلەرنىڭ باھاسى نىسبەتەن مۇۋاپپىق ئىدى، ئادەتتە بىر ئۆينىڭ ئىجارە پۇلى يەنە بىر ئۆينىڭ ئايلىق قەرزىنى قايتۇرۇشقا يېتەتتى، ئۇ ۋاقىتتىكى ئۆي قەرىز مۇددىتىنىڭ كۆپ قىسمى 10~15  يىللىق بولۇپ، شۇ چاغلاردىكى بىرىنجى ئەۋلات ئۆي قۇللىرى مانا ئەمدى ھۆرلۈككە چىقاي دېدى، كۆپ قىسىملىرى ئاللىقاچان ئۆي قەرزىنى قايتۇرۇپ بولغان بولۇپ، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن نەپ ئالماقتا، شۈبھىسىزكى بۇلار جۇڭگودىكى ئەڭ بەخىتلىك ئۆي قۇللىرىدۇر. 2003- يىلىدىن تارتىپ ئۆي باھاسى تىز سۈرئەتتە ئۆسۈشكە باشلىدى، بۇ ۋاقىتتا ئالدىن بىيىغان يۇقىرى كىرىملىك سانىلىدىغان ھەم ناھايتى باي كىشىلەرنىڭ ئۆي باھا كىرىم نىسبىتى ئايرىم – ئايرىم تۆت ۋە 6.8 بولۇپ ، نىسبەتەن تولۇق بولغان سېتىۋىلىش كۈچى، شۇنىڭدىن كىيىنكى ئۆي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشىگە ئاساس بولدى، ھازىر بۇ كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ئىھتىياجى ئاساسەن ھەل بولۇپ ، پۇرسەت كۈتۈپ ھايانكەشلىك قىلىدىغان ئاساسلىق كۈچكە ئايلاندى .
ئۇنىڭدىن كىيىن يۇقىرى –تۆۋەن كىرىملىكلەر ئارىسىدىكى پەرىق توختىماستىن يۇقىرىلىدى، بىيجىڭ خەلقىئارا شەھەر تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2012-يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى  بىر تۈرلۈك دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، جۇڭگو ھەر قايسى كەسىپتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى  مۇئاشلىقلارنىڭ مۇئاشى ئەڭ تۆۋەن مۇئاشلىقلارنىڭ مۇئاشىنىڭ  15 ھەسسىگە يەتكەن ، پاي چېكىنى بازارغا سالغان دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ كىرىمى بىرىنجى سەپتىكى خىزمەتچىلەر كىرىمىنىڭ 18 ھەسسىگە يەتكەن بولسا،  دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ مۇئاشى جەمئىيەت ئوتتۇرچە مۇئاشنىڭ 128 ھەسسىگە يەتكەن، ئەڭ يۇقىرى كىرىملىك %10 ئادەم بىلەن ئەڭ تۆەن كىرىملىك %10 ئادەمنىڭ كىرىم پەرقى 1988- يىلىدىكى 7.3 ھەسسىدىن چوڭىيىپ 2007- يىلىدىكى 23 ھەسسىگە يەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشى ھەم تۆۋەن مۇئاشلىقلارنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگەللىشى، ئادەتتىكى پۇخرالارنىڭ سېتىۋىلىش كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن، ئىجتمائىي كاپالەتنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلى ، كۆپلىگەن كىشلەر پۇل خەجلەشكە جۇرئەت قىلالماي، ئىچكى ئىستىمال تارايغان، بۇ ئىشلەپچىقىرش ئوشۇقچىلىقى ۋە كەسىپلەرنىڭ پايدىسىنىڭ كىمىيىپ كېتىشى (ئۆي مۈلۈكچىلىك كەسپىدىن سىرىت ) نى كەلتۈرۈپ چىقارغاچ ، بايلار ھەم مەبلەغ توپلاش ئىقتىدارى بارلار، پۇل سىياسىتىنىڭ بوشىشى ، بانكا ئۆسۈمنىڭ بەكلا تۆۋەن بولۇشى، پايچىك فوندلارنىڭ خەتىرنىڭ چوڭلاپ كېتىشى تۈپەيلى، باشقا ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى خالىماي، لوق پايدا چىقىدىغان ئۆي-مۈلۈك سودىسىغا يوپۇرۇلۇپ كىلىشكەن .
خۇرۇن تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2011- يىللىق بايلىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە جۇڭگۇدىكى مۈلۈكى ئون مىليوندىن ئاشقان بايلارنىڭ سانى 960 مىڭ بولۇپ ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن% 9.7  ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە60 مىڭدىن ئارتۇق مىلياردېر بار بولۇپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئاشقان،ئۇ بايلارنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى ئۆي-مۈلۈكچىلىككە مەبلەغ سالغان.
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەرلەشتۈرۈش ھەم ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش مۆلچەرىنى ئاشۇرۇپ، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە شارائىت ياراتقان. يېزىلارنىڭ شەھەرلىشىش سۈرئىتىنىڭ تىزلىشىشى نوپۇسنىڭ شەھەرگە قاراپ ئېقىشى بىلەن  ئىقتىسادنىڭ شەھەرلەرگە ئارتۇقچە مەركەزلىشىپ قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئۆي مۈلۈك ھايانكەشلىرىگە ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بەردى، ھايانكەشلەر شەھەردە بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردە قورىقماي ھايانكەشلىك قىلالايدۇ، چۈنكى ئۇلار ھامان بىرەيلەننىڭ كېلىپ قولىدىكى ئۆينى سېتىۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ئۇنداقتا ھازىر جۇڭگو ئۆي مۈلۈك بازىرنىڭ ئېھتىياج قۇرۇلمىسى زادى قانداق ھالەتتە؟
يىڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن ، شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي تەقسىماتىغا دۆلەت مەسئۇل بولۇپ ، ھەقسىز ئۆي تەقسىم قىلىش ياكى تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي تۈزۈمىنى يولغا قويغاچ، گەرچە 30 يىلدا نوپۇس بىر ھەسسىگە يىقىن كۆپەيسىمۇ، ئۆي بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئاساسەن ئېشىپ باقمىغاچ ، 1978 – يىلغا كەلگەندە ، بازار نوپۇسىدىكىلەرنىڭ يىرىمىغا دېگۈدەك ئۆي كەمچىل بولدى، 20 يىلدىن كىيىن ، جۇڭگو نوپۇسى بىر مىليارد 200 مىليۇنغا يەتتى، ئۆي بىلەن تەمىنلەش مىقدارى گەرچە ئازراق كۆپەيگەن بولىسىمۇ ئەمما كۆپەيگەن نوپۇس بىلەن سىلىشتۇرغاندا ھىچنىمىگە دال بولماي قالدى، شەھەر ئاھالىلىرى كاتەكتەك تار ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى .1991- يىلى دۆلەت كېڭىشى( گوۋۇيۇەن ) مەملىكەت مىقياسىدا ئۆي ئىسلاھاتى يولغا قويۇپ، خىزمەتچىلەرنى ئومۇمنىڭ ئۆيىنى سېتىۋىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، باھادا تولۇقلىما بېرىش، ئىتىبار بېرىش سىياسىتىنى قوللاندى، شۇنىڭدىن كىيىن شەھەر ئاھالىلىرى شەخسىي ئۆيگە ئىرىشتى، 1998- يىلى ئۆي تەمىنات تۈزۈمى بىكار قىلىنپ،ئومۇم ئىگىدارچىلىقىدىكى تۇرالغۇ ئۆيلەر خۇسۇسىيلاشتى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ئۆي-مۈلۈكچىلىك كەسپى تاۋارلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويدى، تىخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋىلشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، جۇڭگو خەلق بانكىسى 1999- يىلى تۇنجى قىتىم ئالدىن ئىستىمال قىلىش، قەرىز قىلىپ ئۆي سىتىۋىلىش ، مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەشتەك شەخسىي ئىستىمال قەرزى  سىياسىتىنى يولغا قويدى، كۆپىلىگەن كىشىلەر يەنە كونا ئۆينى چېقىپ ئۆزگەرتىش سىياسىتىدىن نەپ ئېلىپ تۇرالغۇ ئۆي شارائىتنى ياخشىلاندى، شۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىدە ئولتۇرغان كىشلەرمۇ ئۆزنىڭ شەخسىي ئۆيىدە ئولتۇرۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى. 2012-يىلىدىكى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شەخسى تۇرالغۇ ئۆيگە ئىگە بولۇش نىسبىتى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %89.68 گە يېتىپ (شەھەرلەردە %85.39 ، يېزىلاردا %94.60)  ، دۇنيانىڭ %60 لىك سەۋيىسىدىن زور دەرجىدە ھالقىپ ( بۇ سان ئامېرىكىدا %65 ، ئەنگىلىيەدە %70، ياپونىيەدە %60 )دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، شەھەرلەردە ئىككى يۈرۈشتىن كۆپ ئۆيى بارلار ئومۇمي نوپۇسنىڭ%19.07 گە يەتتى دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ دوكلاتتا يەنە 2010- يىلى  جۇڭگو پۈتۈن مەملىكەت ئائىلىلىرىنىڭ يىغىندا ساپ كاپىتالى 69 تىرلىيون 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، ئامېرىكا پۈتۈن مەملىكەت ئائىلىلىرىنىڭ يىغىندا ساپ كاپىتالى 57 تىرلىيون 100 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى. جۇڭگو شەھەر نوپۇس ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرچە مەبلىغى ئىككى مىليون 270 مىڭ يۈەن بولدى.
مۇشۇنداق يۇقىرى شەخسى تۇرالغۇ ئۆيگە ئىگە بولۇش نىسبىتى، تۇرالغۇ ئۆي كاپالەت كۆرسەتكۈچى دەپ چۈشىنىلسە ھەقىقەتەنمۇ بىر قورقۇنۇچلۇق ئىش بولىدۇ .
2011-يىلىدىكى مەملىكەتلىك ئالتىنجى قىتىملىق نوپۇس سىتاتىسىتىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر بىر ئائىلىدە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 3.10 ئادەم بولۇپ ، ئاتا-ئانا ۋە توي قىلمىغان قىز-ئوغۇل پەرزەنتتىن تۈزۈلگەن يادىرولۇق ئائىلە مۇتلەق كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدىكەن، بۇنداق دىگەنلىك ئۆي سېتىۋىلىشقا ئەڭ ئىھتىياجىلىق بولغان ، تىخى ئۆي سېتىۋالمىغان  توي قىلىش يېشىدىكى قىز-ئوغۇللار ئاللىقاچان ئۆيى بار ئائىللىكلەر قاتارىغا كىرىپ بولغاچ، شەخسى تۇرالغۇ ئۆيگە ئىگە بولۇش نىسبىتى شۇنداق يۇقىرى چىققان ، لىكىن ئامېرىكىدا  2011-يىلىدىكى بۇ خىل يادرولۇق ئائىللەر ئومۇمىي نىسبەتنىڭ ئاران %19 نى ئىگىلىگەن ، شۇڭا جۇڭگونىڭ بۇ خىل شەخسى تۇرالغۇ ئۆيگە ئىگە بولۇش نىسبىتىنى ھىساپلىغاندا چوقۇم بۇ خىل ئائىلە قۇرۇلمىسىنى ھىساپقا ئېلىش كىرەك.

ھۆكۈمەتنىڭ  ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلىشى ھەم تەقسىمات جەھەتتىكى نۇقسانلارمۇ پۇخرالارنىڭ شەخسىي ئۆيى بولۇش ئىستىكىنى كۈچەيتىۋەتكەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر تىخى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلىشى ھەم تەقسىماتى جەھەتتە ، ئۈنۈملۈك ھۆددىسىدىن چىقىپ ، ئىھتىياجىن قاندۇرالىغان بىرمۇ شەھەر يوق. ھەتتا بەزى شەھەرلەردىكى مۇقىم نوپۇسلارنىڭمۇ ئۆزۈمنىڭ ئۆيى دەپ كۆڭلىنى خوش ئېتىدىغان  بىرەر يۈرۈش بولسىمۇ كوللىكتىپ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيى يوق.
ئەمدى دوكلاتتا كۆرسەتكەن پۈتۈن مەملىكەت ئائىلىلىرىنىڭ يىغىندا ساپ كاپىتالى قانداق ئىش؟ نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئۆي مۈلۈكچىل كاپتالىنىڭ ئائىلە  يىغىندا كاپىتالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %71 گە يېتىدۇ، لىكىن ئامېرىكىدا ئاران %32 ، بۇنداق دېگەنلىك ئائىلە يىغىندا كاپىتالىنىڭ %70 ئۆي مۈلۈك، بايلىقنىڭ كۆپ قىسمى ھەددى ھىساپسىز بولغان دۆلەت كارخانىلىرنىڭ ئۆي-مۈلۈكىنىڭ تەقرىبىي قىممتىدىن كەلگەن، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان GDPنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوندىن بىرىگە يەتمەيدىغان دۆلەتنىڭ، ئائىلە ساپ كاپتالى ئامېرىكىدىن %21 ئېشىپ كەتكەن.

بۇ خىل ھىساپلاشتا بىر نۇقتىغا سەل قارالغان،  ئۆيى بار ئائىلىلىكلەرگە نىسبەتەن ئىيىتقاندا، ئۆينى ساتمىسا،  قانچىلىك پايدا ئاشقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، بۇرۇن ئۆي ئېلىۋالغانلارنىڭ تاپقان پايدىسى بولسا پەقەتلا قەغەز يۈزىدىكى پايدىدۇر خالاس.
مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىر ھايانكەشلەر ۋە ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئۆي ۋە بوش يەرنىڭ قىممىتى ، دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمي قىممىتى GDPنى بىر قاتلايدۇ، بەزىلەرنىڭ نەچچە ئون يۈرۈش، ھەتتا يۈز نەچچە يۈرۈشلەپ ئۆيى بار، ئۆي سالماي بېسىپ تۇرىۋىلىۋاتقان يەر ئومۇمي ئۆي سالىدىغان يەرنىڭ %30 دىن ئوشۇق، سىلىنغان ئۆيلەر ئەمەلىي ئىھتىياجىنىڭ ئىككى ھەسسىدىن كۆپ.
2011-يىلى يىڭى ئۆيلەر بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى ئۈچ مىلىيارد 300 مىلىيۇن كۋادرات مېتىربولغان، 2012- يىلى بەلكىم 10 مىلىيارد كۋادرات مېتىرغا يەتتى. ناۋادا ھەر يىلى ئۈچ مىلىيارد 300 مىلىيۇن كۋادرات مېتىر ئۆي سېلىنسا، بىر يۈرۈشنى 100 كۋادرات مېتىر ھىساپلىساقمۇ جەمئىي 33 مىلىيۇن يۈرۈش بولۇپ بەش يىلدىلا 165 مىليون يۈرۈش ئۆي بار بولدى دېگەن گەپ،بىر يۈرۈشتە ئۈچ ئادەم تۇردى دىسەكمۇ، بۇ ئۆيگە 495 مىليون ئادەم سىغىدۇ، بۇ پۈتۈن مەملىكەت شەھەر نوپۇسىدىنمۇ كۆپ، 250 مىليون ئىشلەمچى ئاقما نوپۇسلارنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ،1980- يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغان ئومۇمي نوپۇس سانىدىنمۇ كۆپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يىقىنىقى 20 يىل مابەينىدە شەھەرلەشكەن نوپۇسلارنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ دەرجىدە يۇقىرى تۇرىدۇ، شۇنداق تۇرۇغلۇق نىمىشقا يىڭىدىن تۇغۇلغانلار، ئۆي ئالماشتۇرماقچى بولغانلار ياكى شەھەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇپ ئۆزى گەمىلەردە تۇرىۋاتقانلار نىمىشقا ئۆي ئالالمايدۇ ؟

پۇخرالار بۇرۇن ئۆي باھاسىنىڭ شۇنچىۋالا قىممەت بولۇشنىڭ باش جىنايەتچىسنى ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى ۋە ياكى ئۆي  ھايانكەشلىرى دەپ تونۇغان بولسا ، بۈگۈنكى كۈندە زىددىيەتنىڭ تىغ ئۇچىنى ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارغا قاراتماقتا.
ئۆي باھاسىنىڭ قىممەت بولۇشى بىر قاتار تۈزۈلمە ئامىلى ۋە بازار شارائىتىنىڭ ئورتاق رول ئوينىشى ئاستىدىكى مۇقەررەر نەتىجىدۇر.
بىرىنچى مۇھىم ئامىل بولسا يەر مونوپول قىلىۋېلىندى.
جۇڭگودا يەرگە دۆلەت ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا ئەمەلي بولغان مونوپوللۇق ھوقۇقى بولىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قارغۇلارچە ئاتالمىش GDPقوغلىشىپ، يۇقىرى باھادا يەرنى كىم ئاشتى قىلىپ ساتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەرنىڭ تەننەرخى بارغانسىرى ئېشىپ كېتىدۇ. 2009- يىلى يەر سېتىشتىن كىرگەن كىرىم بىر تىرلىيون 400 مىليارد يۈەن بولغان بولسا،2010-يىلى ئىككى تىرلىيون 900 مىليارد يۈەن، 2011-يىلى بولسا ئۈچ تىرلىيون 300 مىلياردمىلياردا يۈەن بولغان بولۇپ يەرلىك مالىيە كىرىمىنىڭ %70 نى ئىگەللىگەن، ئۆي باھاسى يەر باھاسىنى ئۆستۈرسە، يەر باھاسى ئۆي باھاسىنى ئۆستۈرگەن.
خۇايۈەن ئۆي-مۈلۈكچىلىك شىركىتىنىڭ لىدىر رېن جې چىياڭ : " ھۆكۈمەتنىڭ زەھەردىن قىممەت يەر ئۆتۈنۈش ھەققى ، ئۆينىڭ پۈتۈش تەننەرخنى زور دەرجىدە ئاشۇرۋەتتى، پۇخرالار ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇقىغا دەپ ھۆكۈمەتنى تىللاشقا پىتىنالماي، ئۆي سودىگەرلىرىنى تىللاپ دەردىنى چىقىرۋاتىدۇ " دېدى.

ھازىر نۇرغۇنلىغان كىشلەر ھازىر يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمىسە، ئۆي سودىگەرلىرى مۇشۇنداق خالىغىنىنى قىلالارمۇ؟ ئۆي باھاسىنى ھەدەپ ئۆستۈرۋاتقانلار ئەمەلىيەتتە يەرلىك ھۆكۈمەت، ئۇلار ھايان قوغلىشىدىغان ئۆي سودىگەرلىرى بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ ، ئاپاق-چاپاق بولۇشقاچ ئۆي باھاسى مۇشۇنداق ئۆسۈپ كەتتى دەپ قاراشماقتا.

ئۆي-مۈلۈك سودا شىركەتلىرى ئىچىدە ، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئۆي مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ ئورنى ناھايتى كۈچلۈك، ئەسلىدىن تىجارەت نىشانى ئۆي-مۈلۈك سودىسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلار ئىقتىسادىنى قوزغىتىش پىلانى ۋە بانكىنىڭ يىڭىدىن قوشۇپ تارقاتقان قەرزىدىن غايەت زور  مەبلەغكە ئىرىشىپ، خىيىم- خەتەرگە قارىماستىن ، ئۆي-مۈلۈكچىلىككە مەبلەغ سېلىپ، ئۆي-مۈلۈك ساھەسىنىڭ يىڭىدىن گۈللەنگەن غوللۇق كۈچلىرىگە ئايىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ئاساسلىق شەھەرلىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى  كىم ئاشتى قىلىپ يەر سېتىش سودىسىغا قول تىقىپ ، مەملىكەت مىقياسىدا 'يەر شاھى ' ئاتىقىنى ئېلىپ بولدى.
جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈكچىلىك كەسپى ئاللىقاچان ھەر خىل مەنپەئەت گورۇھلىرىنى بىر-بىرى بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇردى ، ئۇ يالغاندىن بازار ئىقتىسادى بايرىقىنى كۆتۈۋىلىپ ، ئىقتىسادىنى مونۇپول قىلىۋالدى، چىرىكلىشىپ،ھوقۇققا تايىنىپ نەپ ئېلىپ، ھوقۇق پۇل سودىسى قىلىشتى، ئۆي-مۈلۈكچىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى، يىقىنقى مەزگىللىك چىرىكلىككە قارشى كۆرەشتە ، موللاق ئاتقان چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ ئاساسەن نەچچە  ئون يۈرۈش ھەتتا يۈز يۈرۈشلەپ ئۆي بار ئىكەنلىكى ئاشكارلاندى. باي-نامراتلىقنىڭ ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىشى ئىغىرلاشقاچ، جەمئىيەتتە بايلارغا ھەم ئەمەلدارلارغا ئۆچلۈك قىلىش كەيپىياتى ئىغىرلاشتى.
2010-يىلىدىن كىيىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆي باھاسىنى بېسىش ئۈچۈن بىر قاتار  چەكلەش سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ ، كاپالەت خارەكتىردىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۈشىنى تىزلىتىپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئۆي باھاسىنىڭ نورماللىشىشىغا تۈرتىكە بولىدىغان تەدبىرلەرنى قوللاندى ، ناۋادا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆينىڭ باھاسىنىڭ قوبۇل قىلغۇسىز دەرجىدە ئۆسۈپ كېتىشىنى توسۇپ، سىستىمىلىق ھالدا ئۆي –مۈلۈك بازىرىدا شەكىللەنگەن كۆپۈكنى چىقىرىپ تاشلىمغاندا ، بۇرۇن ياپونىيە ۋە ئامېرىكىلاردا يۈز بەرگەن كىرزىس جۇڭگودا قايتىلانماي قالمايدۇ.

گەرچە نۆۋەتتىكى ئۆي باھاسىدا %80 ئادەم ئۆي سېتىۋىلىشقا قۇربي يەتمىسىمۇ، 2012- يىلىنىڭ تۆتىنجى پەسلىدە بىر قىسىم شەھەرلەردىكى ئۆينىڭ باھاسى يەنە ئۆستى، بىيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇلارلاردا يەنە ئالاقزادىلىك بىلەن ئۆي سېتىۋىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، بۇ خىل ئەھۋالدا يەنە نۇرغۇنلىغان كارخانىلارقايتىدىن يەر بازىرىغا مەبلەغ سالدى، بۇ نەچچە يىلىدىن بۇيانقى ماكرولۇق تەڭشەش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ناھايتى چەكلىك ئىكەنلىكىنى، زەھەردىن قىممەت ئۆي باھاسىنىڭ چۈشمەستىن يەنە ئۆسۈپ كېتىۋاتقانلىقى ھايانكەشلىك ئاساسلىق يىتەكچىلىكتىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا قىلچىمۇ ماھىيەت خارەكتىرلىك ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

2013-يىلى دۆلەت كېڭىشى بەش تۈرلۈك تەڭشەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ، لىخاسادىن باشقا مەركىزى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسىنى مۇقىم كونتىرول قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا ، شۇ يىللىق يىڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسىنى كونتىرول قىلىش نىشانىنى تۈزۈپ ۋە  ئىلان قىلىپ، ساغلام بولغان ئۆي-مۈلۈك خىزمىتى باھالاش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تاۋار ئۆيلەرنى سېتىۋىلىشقا چەكلىمە قويدى، 3- ئاينىڭ 1- كۈنى ئىلان قىلغان بەلگىلىمىدە نىمكەش ئۆي سودىسىدىن باھا پەرقى بويىچە %20 لىك تاپاۋەت بېجى ئالىدىغانلىقى بەلگىلەندى.

گەرچە دۆلەت كېڭىشى ئۆي-مۈلۈك ھايانكەشلىرىگە زەربە بېرىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمما ئۆز نۆۋىتىدە يەرلىك ھۆكۈمەتكىمۇ ئۆز جايىدىكى بازارنى تىخىمۇ ياخشى تۈزەش ھوقۇقىنى قالدۇرۇپ قويغاچ ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىىياسەتلەرنى ئىجىرا قىلىشتىكى ئېنقسىزلىقى، مەركەزنىڭ ئۆي ھايانكەشلىكىگە قاتتىق زەربە بېرىش پىلاننى گۈلدۈرى بار ، يامغۇرى يوق بىر نەرسىگە ئايلاندۇرىۋەتمەكتە .

ئۆي باھاسىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان ، باشقا يەر نوپۇسىدىكىلەرنىڭ ئۆي ئېلىشىنى چەكلەش، ئالدىن تۆلىنىدىغان پۇل نىسبىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ، ئەسلىدىن ئۆي ئېلىش ئىمكانىيتى بار كىشىلەرنى ، ئۆي ئىجارە بازىرىغا قوغلىغاچ، بۇ ئۆي ئىجارىسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نەتىجىدە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تىخىمۇ قىيىنلاشتى .ھۆكۈمەت كاپالەت خارەكتىرلىك ئۆي، كوللىكتىپقا ئىجارە بېرىدىغان ئۆيلەرنى سېلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، چوقۇم ئىجارە ئولتۇرىدىغانلارغا مايىل بولغان قانۇن سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، تىخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۆي سېتىۋالماي ، ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇشقا ماقۇل كەلتۈرۈشى كىرەك. ئەمەلىيەتتە، زەردارلار قىممەت باھالىق ئىسىل داچا ئۆيلەرنى سېتىۋالغاندا،  بانكىدىن قەرىز ئالمايدىغان تۇرسا، بۇنىڭغا قانداقمۇ چەكلەش سىياسىتى قوللانغىلى بولسۇن؟
ناۋادا ئۆي ھايانكەشلىكىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىمەكچى بولىدىكەن، چوقۇم سودا بېجى، ئۆي-مۈلۈك بېجى، قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئۆستۈرۈپ، نەچچە يۈرۈش ئۆيى بارلار ھەم ئارتۇق بوش تۇرۇپ قالغان ئۆيى بارلاردىن ئىغىر باج ئېلىش، ئۆيى بارلارنىڭ يەنە ئۆي ئېلىشىغا قەرىز بەرمەسلىك كىرەك، ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ ھەددىدىن ئوشۇق پايدا قوغلىشىشى چەكلەش ئۈچۈن، قانداقتۇ مەبلەغ يوللىرىنى قامال قىلىۋالماستىن ، باج سىياسىتى ئارقىلىق كونتىرول قىلىش، يەنى سودىگەرلەرنىڭ پايدىسى مۇۋاپپىق نىسبەتتىن ئېشىپ كەتكەندە، پۈتۈن سوممىلىق ياكى يۇقىرى پىرسەنتلىك باج ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانسا، سودىگەرلەرمۇ  باجدىن قورقۇپ ئۆي باھاسىنى مۇۋاپپىق تۆۋەنلىتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سىياسەت ئارقىلىق سودىگەرلەرنى يىتەكلەپ ،ئۇلارنى كاپالەت خارەكتىرلىك ئۆي سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كىرەك .
تۈزۈلمە جەھەتتىن ، تۇرالغۇ ئۆي سىلىشقا ئىشلىتىدىغان يەرنى  ئەرزان باھادا مۇۋاپپىق تەمىنلەش ،يەرلىكنىڭ يەرنى مونوپول قىلىۋىلىشىدىكى ئالاھىدە ئىمتىيازىنى بىكار قىلىش كىرەك، باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ،بىراق يەرگىلا تايىنىپ ئىقتىساد توپلاشتەك ناتوغرا ئۇسۇلنى تۈپتىن يوقىتىش لازىم.
ئۆيگە دۈم چۈشكەن پارىخور ئەمەلدارلارغا زەربە بېرىش  ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ' مەمۇرلارنىڭ مۈلكىنى تىزىملاپ ئاشكارىلاش  تۈزۈمى' نى قانۇنلاشتۇرۇش كىرەك . ' مەمۇرلارنىڭ مۈلكىنى تىزىملاپ ئاشكارىلاش  تۈزۈمى' 1987- يىلى ئوتتۇرغا چىقىپ ،1994- يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن تۈزۈش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بولىسمۇ ، لىكىن ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشمىدى، 25 يىلدىن بۇيان 27 شەھەر –ناھىيەلەر ئىلگىرى كىيىن سىناق تەرىقىسىدە ئىجرا قىلىپمۇ باققان بولسىمۇ ، ئەمما مەمۇرلارنىڭ مۈلىكى تىزىملاندىيۇ، ئاشكارلانمىدى ، ناۋادا تىزىملاپلا ئۇنى تەكشۈرۈپ باقمىسا ھەم سىرىتقا ئاشكارلىمىسا ئۇ تۈزۈم ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ بولۇپ قالىدۇ خالاس .

ئۆتكەن يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلىكىسى جۇخەي شەھرى ۋە شاۋگۈن شەھرىنىڭ شې شىڭ ناھىيسىدە ، رەھبىرى كادىرلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى تىزىملاپ ئاشكارلاش تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى،  ئۆيچى تاغا دەپ نام ئالغان گۇاڭجۇ شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇش ئۇنۋىرسال باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەسلىدىكى سىياسى كومىسارى سەي بىياۋ نىڭ شەخسى ئۆي-مۈلۈك ئەھۋالى توردا ئاشكارلانغاندىن كىيىنلا ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى يىرىم كۈن سەرىپ قىلىپلا، سەي بىياۋنىڭ 21 يۈرۈش ئۆيى بولسىمۇ ، ئاران ئىككى يۈرۈشنى تىزىملاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقتى.
يىقىندا مەركەز  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقى ئىزچىل زورايتتى، نۇرغۇن ئۆيى بار ئۆيچى تاغا ، ئۆيچى ھامما لار ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارلاندى، ئەمەلدارلارنىڭ قولىدىكى ئۆينى ئېلىشغا سېتىۋاتقانلىقتەك خەۋىرى ، جەمئىيەتنىڭ مۇلاھىزىسنىڭ قىززىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى، مەلۇم ئەمەلدار باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپلا قالدى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى ئارلىشىپ، ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىقىپ قويدى، ئەمما بۇنداق ئىككى توك-توك ئادەمنىڭ تۇتۇلىشى بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن چىرىكلىككە قارشى تۇرغىلى بولاتتىمۇ ؟ شۇڭلاشقا ' مەمۇرلارنىڭ مۈلكىنى تىزىملاپ ئاشكارىلاش  تۈزۈمى'نى ئىمكان قەدەر پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىغا كىڭەيتىپ ، تىزىملاش ۋە ئاشكارلاشنى بىرلىكتە ئېلىپ بارغاندا، ئاندىن ئۇ تۈزۈمنىڭ ھەقىقى رولى بولىدۇ .
خەلىقنىڭ ئۆي سېتىۋىلىش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت چوقۇم كاپالەت خارەكتىردىكى ئۆيلەرنى بولۇپمۇ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنى كۆپلەپ سىلىپ، ئۆي-مۈلۈكچىلىكتىن كىلىدىغان غايەت زور پايدىنى  كىچىكلىتىۋىتىش لازىم ، 2010- يىلى يولغا قويۇلغان 36 مىليون يۈرۈش كاپالەت خارەكتىردىكى ئۆي سېلىش سىياسىتىنى جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك ئىسلىھاتى سىياسىتىدىكى بىر قىتىملىق تەڭشەش بولۇپ، ئىككىنجى قىتىملىق ئۆي-مۈلۈك سىياسىتى ئىسلاھاتى دىيىشكە بولىدۇ.
ئۇنداقتا  ئۆي- مۈلۈك سىياسىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ساغلام تەرەققىياتىنىڭ تايانچى كۈچى نىمە؟ ئۇ بولسىمۇ دەل شەھەرلەشتۈرۈش ، بىراق شەھەرلەشتۈرۈشكە ئەڭ پۇتلىكاشاڭ بولىۋاتقىنى نوپۇس تۈزۈلمىسى، ھازىرقى نوپۇس تۈزۈلمىسدە ،  نوپۇس شەھەر نوپۇسى ۋە يىزا نوپۇسى دەپ ئايرىلىدۇ، يىزا نوپۇسىدىكىلەرنىڭ شەھەرگە كىرىپ ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىشىغا يول قويۇلسىمۇ ، ئەمما يىزا نوپۇسىدىكىلەر  ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالاش، مائارىپ ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىقىدىن ،شۇنداقلا ئۆي سېتىۋىلىش ياكى قەرىز ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە شەھەر نوپۇسىغا قارىغاندا ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچىرايدۇ . نوپۇس تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش بولسا ئۆي-مۈلۈكچىلىك كەسپىنىڭلا ئەمەس بەلكى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىھتىياجى.

ئومۇملاشتۇرۈپ ئېيىتقاندا، پۇل سىياستىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا قايىتساق، نورمىدىن ئوشۇق پۇل بېسىش ۋە  ئۆي-مۈلۈكچىلىك بازىرىغا ھەددىدىن ئوشۇق مەبلەغ سىلىشنىڭ ئىغىر زىيىنى پۇل پاخاللىقى ۋە ئۆي باھاسىنىڭ نامۇۋاپپىق ئۆسۈپ كېتىشى قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىنىپ ، نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرش ئوشۇقچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا غايەت زور كاپتال ھايانكەشلىك كۆپۈكنى پەيدا قىلدى،  بۇنى 20 يىل بۇرۇنقى ياپونىيەدە كۆرۈلگەن ئۆي مۈلۈك كۆپۈكىدىن  كىيىنكى دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى دېيىشكە بولىدۇ.
ئۆي-مۈلۈكچىلىكتىن پايدا قوغلىشىۋاتقان بۇ ئون يىل مابەينىدە، يۇقىرى باھادا تەۋرىنىۋاتقان ئۆي باھاسى، ھەددىدىن ئارتۇق جەمئىيەتنىڭ جۇغلانما بايلىقىنى يىغىۋالدى، ھەر خىل مەبلەغلەر ئۆي مۈلۈك بازىرىغا ئېقىپ كىردى، ھەر خىل كارخانىلارمۇ ئۆي مۈلۈك بازىرىغا يوپۇرلۇپ كىلىپ ، جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئۆي-مۈلۈكچىلىك ئىقتىسادىغا ئايلاندۇرۋەتتى، بۇ خىل  ئۆي-مۈلۈكچىلىك ئىقتىسادى ئىچكى ئىستىمالنىڭ ئىشىشىغا توسالغۇ بولدى، ئەمەلي ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا پايدىسىز بولدى، بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىستىراتىگىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاتتىق توسالغۇ بولۇپ ، بىر قاتار ئىغىر بولغان ئىجتىمائىي نۇقسانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
(پۇل لوگىكىسى دىن ئېلىندى، ئاپتۇرى پاڭ جوڭ جىيا، چېن سې جىن )


مەنبە ؛ نۇرتورى

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 13:43:21

:lol  ئاخشام پولو يەپ ئۇخلاپ قاپتىمەن

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 16:13:32

ئۇكام، بۇنى ئۆزىڭىز يازغان بولسىڭىز، سىزدە ئىلگىرلەش تېز بوپتۇ جۇمۇ!
مەن بايا تېخى خەنزۇچە توربەتلەردە، 2014-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگودىكى ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن چۈشىدۇ، دېگەندەك ئەپسانى گەپلەرنى ئوقۇپ ئولتۇرغان ئىدىم.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 16:13:43

ئۇكام، بۇنى ئۆزىڭىز يازغان بولسىڭىز، سىزدە ئىلگىرلەش تېز بوپتۇ جۇمۇ!
مەن بايا تېخى خەنزۇچە توربەتلەردە، 2014-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگودىكى ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن چۈشىدۇ، دېگەندەك ئەپسانى گەپلەرنى ئوقۇپ ئولتۇرغان ئىدىم.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 16:15:47

بۇلۇڭ -پۇشقاقتىكى گەپ بولسىمۇ، بۇنى كۆرۈپ بېقىڭلار:
http://www.xici.net/b/d192300960.htm
ئەگەر ئۆي باھاىسى چۈشىدىغان ئىش بولسا، ئۆي ئېلىشقا تەمىشىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى بىرەر يىل بېسىۋېلىشىغا، ھەم بۇ ئارقلىق كۆتۈلمىگەن زىيانلاردىن ساقلىنىشىغا پايدىسى بولۇپ قالار

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 16:20:28

ئىچكىرنىڭ نەرىدە بىر يىرىدە چوڭچىڭمۇ ئش قىلىپ
شۇ يەردە ئىككى ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى بەسلىشىپ ئۆي باھاسى چۈشۈپ كىۋادىرات مىتىرى
2600 مۇشۇنداققۇ دەيمەن بۇرۇن ئۆي ئالغانلار زىينىمىز قايتۇرسۇن دەپ جىدەل چىقىپ كەتكەننىڭ
خەۋىرىنى كۆرىۋاتاتىم خەنزۇچە خەۋەردە

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 17:13:41

ئۆي -مۈلۈكچىلىككە تايىنىپ بېيىغانلارنىڭ كەينىدە ،دۆلەتنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى باج سىياسىتى بىلەن يەرنىڭ مۈلۈك ھوقوقىنى ئۆتۈنۈپ بىرىش قائىدىلىرى ئارىسىدىكى كىشى چۈشەنمەيدىغان بىرمۇنچە پۇلنىڭ غەلۋىسى بار. لىكىن ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشىدىن ئۈمۈت بارمىكىن ديمەن .

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 17:33:41

2010  يىلى لاڭ شەن پىڭ ئەپەندىنىڭ  ئۇي باھاسى  2012 يىلى  تىز  سۇرئەتتە  چۇشىدۇ  دەپ  كاسىلداشلىرىغا  ئىشىنىپ ئۇينى   ساتقان    :@{:99:}  ئۇي  يۇق  بۇلدى  كۇندە  خۇتۇندىن   دەشنام ئاڭلاپ  قۇلاق  قاداقلىشىپ كەتتى..

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 18:01:42

مەن يازمىغان ، يازمىنىڭ ئەڭ ئايىغىدا ئاپتۇرنىڭ ئىسىمى بار، كىم تەرجىمە قىلغىنىنى ئۇقمىدىم ـ
  قارىغاندا خەنزۇچە تور يازمىلىرىنى كۆرىدىغانلار كۆپ ئوخشايدۇ ،  مەنمۇ يىقىندىن بۇيان خىلى قىزىقىپ كۆرەۋاتىمەن، بىر تەرەپتىن خەنچە سەۋىيەممۇ ئۆسۈپ قالىدىكەن ، ئالدىنقى قىتىم ئىككى يازمىنى تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتتىم ، گورباچۇف ئىسلاھاتى ھەققىدە بىر يازما بار ئىدى ، بەك ئۈزۈنكەن، يىرىمىنى قىلىپ بولدۇم ، بەزى ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمىدىم ، ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار بولسا  ئالاقىلاشساق ، تەرجىمە توغرىسىدا تەلىم بەرساڭلار ،  ئۈندىدار ، ياكى QQ ئارقىلىق ئالاقىلاشساق بولىدۇ ـ شەخسى ئۈچۈرنى ئاشكارلىماسلىق ئۈچۈن ئاۋال  بۇ QQ توپىغا كىرىڭلار ، ئاندىن بىر بىرىمىزنى قاچىلايلى  154813177

Turker يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 20:38:30

قېرىنداشلار كۆڭلۈڭلەرگە كەلمىسۇن. ئىسىڭلاردا بولسا 2013- يىلىنىڭ باشلىرى تېلېۋىزوردا، توردا ھۆكۈمەت ئۆي باھاسىنى تىزگىنلەيدىغانلىقى، ئۆي باھاسىنى ھەتتا چۈشىدىغانلىقى خەۋىرى ھەممە يەرنى بىر ئالغان. لېكىن چۈشتىمۇ، ئۈرۈمچىدە چۈشتىمۇ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدىلا ئۆي باھاسى بىر يىل ئىچىدە 1500 يۇەندىن كۆپ ئۆستى. شىنجاڭدىكى باشقا چوڭراق شەھەرلەردىمۇ ئومۇمىيۈزلۈك ئۆسىتى. پەقەت بىر قىسىم ناھىيە شەھەرلەردىلا ئۆي ئىھتىياجدىن كۆپ سېلىنغاچقا مۇقىم تۇردى.
مەنمىغۇ ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشىشىنى چۈشۈمدىمۇ ئويلايمەن. لېكىن رىئاللىق ئاچچىق ئىكەن. تاڭ ئەمدى مۆجىزە يۈز بېرىپ چۈشۈپ كەتسە قانداقكىن ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرالىسا خېلى چوڭ گەپ

sayqi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 20:55:24

ھازىرچە ئۆي باھاسى چۈشمەسلىكى مۇمكىن .بايا بىر خەنچە مۇنبەردە ئۆي كۆپۈكى 2017-يىلى تاشىدۇ دېگەندەك بىر تېمىنى ئوقۇدۇم. چاغاندىن كېيىن ھەرقايسى جايلار بۇرۇن ئىدارە ئۆز ئالدىغا سالغان ،باشقا ئىدارىلەر بىلەن بىرلىشىپ سالغان ۋە باشقا نام بىلەن سېلىپ ئىشچى -خىزمەتچىلىرىگە پاراۋانلىق تىپىدا ياكى بازار باھاسىدىن تۆۋەن سېتىپ بەرگەن ئۆيلەرنى ئېنىقلاشنى باشلىدى.بۇمۇ بەلكىم رايونىمىزدا ئۆي باھاسىنىڭ بەك چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ ،ئەمما زىيادە ئۆسۈپ كېتىشنى كونتىرول قىلىشى مۇمكىن .چۈنكى 4-5 ئۆي ئېلىۋالغانلارنى ياكى ئېلىپ ھايىنىغا ساتقانلارنى قىستاپ قالسا ساتماي ئېلاج يوق .بىر تۈركۈم ئۆيلەر نىمكەش ئۆي بازىرىدا خېرىدار ساقلايدۇ.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 22:53:00

غەرپ ئەللىرى ئاخىرى بۇ كۆپۈكنى يارىدۇ .2020.يىلغىچە ئىشقىلىپ يەكۈنى چىقارمىكىن.
‹‹پۇل ئۇرۇشى ›› دىگەن ئۇيغۇرچە كىتاپنى ئوقۇساق بۇنى سېزىۋالغىلى بولىدىكەن .

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-3-3 00:05:15

باج سىياسىتى ئارقىلىق كونتىرول قىلىش، يەنى سودىگەرلەرنىڭ پايدىسى مۇۋاپپىق نىسبەتتىن ئېشىپ كەتكەندە، پۈتۈن سوممىلىق ياكى يۇقىرى پىرسەنتلىك باج ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانسا، سودىگەرلەرمۇ  باجدىن قورقۇپ ئۆي باھاسىنى مۇۋاپپىق تۆۋەنلىتىدۇ،

دېگەن گەپ سېپى ئۆزىدىن قۇرۇق گەپ . باجنى ئۆستۈرسۈن ، پايدىنى كۆزلەپ بولسىمۇ باھانى ئۆستۈرىدۇ. تاتلىق باققا كېرىپ قالغان ئۆي مۈلۈك سودىگەرلىرى كۆز ئالدىدىكى مەنپەتتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ .

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-3 09:55:41

ئالتۇن بازىرىدىكى داۋالغۇشلارمۇ بۇندىن كېيىنكى ئۆي باھاسىنىڭ قانداق بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغاندەك تۇرىدىغۇ!

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-3 09:56:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ATLAN111 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-3 09:58  

قايتىلىنىپ كېتىپتۇ. تەھرىرلەندى.
بەت: [1]
: جۇڭگۇدا ئۆي باھاسى نىمشقا تېز ئۆسىدۇ؟