Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 04:16:48

(بىلىك) ئالەملىك تارتىشىشنىڭ سىرى نەدە؟

https://encrypted-tbn2.gstatic.com/images?q=tbn:ANd9GcSPdOWVoLlkiwY0NRpEVEvZDtyaTpZJPBVmxHW4XNtDrMu1pcM5gw

كىرىش

تەبىئەت دۇنياسىدا مەۋجۇت بولغان تۆت خىل كۈچنىڭ ئىچىدە « ئالەملىك تارتىشىش كۈچى» زادى قانداق ئىكەنلىكى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىقىراق جاۋاپ بىرەلەيدىغان نەزەرىيە بولسا ئېنىشتىيىننىڭ «كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى» دىن ئىبارەت.  «كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى» دە بۇ خىل كۈچ زامان-ماكاننىڭ ئېگىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، زامان-ماكان ئىچىگە «قويۇلغان»  ماسسا  زامان-ماكاننىڭ «سوزۇلۇپ، كېرىلىشى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە،  بۇ بىرخىل تارتىشىش تەسىرىنى (سېزىمىنى) ھاسىل قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

كىلاسسىك فىزىكا ئالىمى نىيوتۇن بولسا  ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى ماسسىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇلارنىڭ ماسسىسى ۋە بىر-بىرى بىلەن بولغان ئارلىقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تارتىشىش كۈچى بولىدىغانلىقىنى ( رىۋايەتلەرگە كۆرە) بېشىغا چۈشكەن ئالمىنىڭ ئېلىھامى بىلەن  ئوتتۇرىغا قويغان ئېدى. ئۇنىڭ «ئالەملىك تارتىشىش كۈچى» فورمىلاسى:

بۇ يەردە  G  بولسا ئالەملىك تارتىشىش تۇراقلىقىدىن ئىبارەت.  ئۇ بۇ ئارقىلىق «ئالەملىك تارتىشىش قانۇنى» نى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ بۇنىڭ زادى قانداق يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دىيەلمىگەن ئېدى.. ئەمسە «ئالەملىك تارتىشىش » نىڭ ماھىيىتى زادى نېمە؟ «ئالەملىك تارتىشىش قانۇنى» نىغا ئوخشاپ قالىدىغان «كولۇن قانۇنى» دا زەرەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلەر ئۇلارنىڭ زەرەت مىقتارلىرى يەنى ئۆز ئىچىگە ئالغا زەرەت سانى ۋە بىر-بىرى بىلەن بولغان ئارلىقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

بۇ يەردىكى K  بولسا كولۇن قانۇنى تۇراقلىقىدىن ئىبارەت. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ ئىككى قانۇننىڭ ماتېماتىكىلىك ئىپادىللىرى ئوخشاش مەنتىقە ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئوخشىمايدىغېنى ئالدىنقىسى ماسسىلار ئوتتۇرىسىدىكى تارتىشىش كۈچى، كىيىنكىسى زەرەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تېپىشىش ۋە تارتىشىش كۈچلىرىدىن ئىبارەت. بىرسىدە ئىككى خىل كۈچ، بىرىدە بىرخىللا كۈچنىڭ بولىشى  زەرەت ئىككى خىل، ماسسا (ھازىرچە) بىرخىل بولغانلىقىدىن ئىبارەت.

زەرىچىلەر فىزىكىسىدىكى «ئۆلچەملىك مودېل» دا بۇ تۆت خىل كۈچنىڭ نىڭ ماھىيىتى ئالەملىك تارتىشىش كۈچى دىن باشقا قالغان ئۈچى تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلىنىدۇ:
1) ئېلىكتېر-ماگنېت كۈچى:  ئەڭ كىچىك ئاتوم يادروسىغىچە بولغان ئارلىققا قەدەر زەرەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى فوتون(نۇر زەرىچىسى) ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
2) ئاجىز ئۆز-ئارا تەسىر كۈچ: كۋاركلار ۋە لەپتونلار ئوتتۇرىسىدا W ۋە Z  بوزونلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
3) كۈچلۈك ئۆز-ئارا تەسىر كۈچ: كۋاركلار ئوتتۇرىسىدا گلونلار  (g) نى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئوخشاش مەنتىقە بويىنچە تەبىئەت دۇنياسىدىكى بۇ تۆرتىنجى كۈچ، يەنى «ئالەملىك تارتىشىش كۈچى» بارلىق ماددىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاتالمىش «گرەيۋىتون» (graviton)لانى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ بۇ نامەلۇم «زەرىچە» ھازىرغىچە تېپىلمىغان بولغاچقا ئالەملىك تارتىشىش كۈچى يەنىلا بىر سىر بولۇپ، ئۇنى باشقا خىل مەنتىقە، پۈتۈنلەي ماتېماتىكىلىك مودېل: « ئېنىشتىيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسى» ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. « ئېنىشتىيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسى» بولسا ئۇنىڭ «كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» دىكى ئاساسلىق تەڭلىمىسى بولۇپ، مۇرەككەپ تېنزور تەڭلىمىللىرىدىن ئىبارەت. بىز فىزىكىلىق مىقتارلارنى سىكاليار ۋە ۋېكتور دەپ ئايرىغان ئېدۇق. سكاليارلار پەقەت چوڭ-كىچىكلىك مىقتارىغىلا ئېگە بولۇپ، يۆلىنىشى بولمىغان مىقتار؛ ۋېكتورلار بولسا ھەم، چوڭ-كىچىكلىك، ھەم يۆلىنىشكە ئېگە مىقتار. ئەمدى تېنزورنى قىسقىچە ئىزاھلاش ئۈچۈن مۇنداق دېسەك بولىدۇ:
سىكاليارلار نۆلىنجى دەرجىلىك، ۋېكتورللار بىرىنچى دەرجىلىك،.. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى، ئۈچىنچى،.. دەرىجىلىكلىرى بار دېسەك تېنزور دېگىنىمىز مۇشۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سىزىقلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان گېئومېتىريەلىك ئوبىكتتىن ئىبارەت.

بۇيازمىدا « ئېنىشتىيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسى» نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ «كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» ( يەنى ئالەملىك تارتىشىشنىڭ گېئومېتىريەلىك چۈشەندۈرۈشى) ھەققىدە  ئامىباپ خاراكتېرلىك بىلىملەرنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا قاراڭغۇ ئۆڭكۈر قاراڭغۇ ئېنىرگىيە ۋە قاراڭغۇ ماددىلار ھەققىدە قىسقىچە بايان ۋە پەرەزلەرنى تېلغا ئېلىپ ئۆتىمەن. يازمىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇنداق: ئەڭ ئالدى بىلەن «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريەسى»نى  قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتىمىز، ئاندىن «كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» نىڭ باشلىنىش يىپ ئۈچى بولغان « ئوخشاشلىق پىرىنسىپى» ھەققىدە توختۇلىمىز. ئۇنىڭدىن كىيىن زامان-ماكاننىڭ ئېگىلىشى ۋە  مۇشۇ ئاساستا « ئېنىشتىيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسى»نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئاخىرىدا قاراڭغۇ ئۆڭكۈر، قاراڭغۇ ئېنىرگىيە ۋە قاراڭغۇ ماددىلار ھەققىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزىمىز...


«تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريەسى»- ئەسلەتمە:

نىسپىيلىك نەزىرىيەسىنىڭ باشلانمىسى ۋاقىت ئۇقۇمى، توغرىسى «ۋاقىتنىڭ نىسپىيلىكى»دىن باشلىنىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.  نىيوتۇن ۋەكىللىك قىلغان كىسلاسسىك فىزىكىدا  ۋاقىت ئۇقۇمى ئۇنىۋېرساللىقا ئىگە، ئۆزگەرمەس، خۇددى دەريا سۈيىگە ئوخشاش ئالدىغا ئېقىپ كىتىدىغان نەرسە دەپ چۈشىنىلگەن. ماكان نىسپىيلىككە ئېگە بولسىمۇ، نىيوتۇن فىزىكىسىغا كۆرە زامان (ۋاقىت) ئۆزگەرمەس نەرسە بولۇپ، ئۆز-ئارا نىسپىي ھەرىكەت ھالىتىدە بولغان ئوخشاش بولمىغان كوردېنات سېستىمىسىدىكى ئىككى كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن ۋاقىت ئوپئوخشاش ئېدى. ئېنىشتىيىن بۇنىڭغا ئوخشىمىغان ھالدا نىسپىيلىك پىرىنسىپى ۋە يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپىگە ئاساسەن ماكان بىلەن زاماننى بىرلەشتۈرۈپ، «4 ئۆلچەملىك ماكان-زامان» چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە زاماننىڭمۇ نىسپىي بولىدىغانلىقىنى (يەنى نىسپىي تېزلىكتە كىتىۋاتقان ماكاندا زاماننىڭ سىرىتقا نىسبەتەن قىسقىراش ھادىسىس يۈز بېرىدىغانلىىنى) ئېنىق كۆرسەتتى.


«ماكان-زامان» بىر پۈتۈنلۈكى نىسپىيلىك نەزەرىيسىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۇقۇمىدۇر.   كىلاسسىك فىزىكىدا ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ئۇقۇملار بولۇپ، جىسىملار ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى بولغان ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتا يەنى ماكاندا ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە ئۆز-ئارا تەسىرلىشىىدۇ. ھەرىكەت ھالىتىنىڭ ئۆزگۈرىسىگە پەقەت سىرىتقى كۈچ سەۋەپ بولىدۇ، كۈچ ھەم ھەرىكەت ھالىتىنىڭ ئۆزگۈرىشىدىن پەيدا بولغان ئېنىرتسىيلىك كۈچتىن ئىبارەت بولىدۇ. ھەرىكەت ھالىتىنىڭ ئۆزگۈرىشى بولسا تېزلىكنىڭ زامانغا ئەگىشىپ ئۆزگۈرىشى دىگەنلىكتىن ئىبارت بولۇپ، بىر بىرىگە نىسبەتەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىككى بوشلۇقتىكى (ئىككى ئالەمدىكى) ۋاقىت ئۇلارنىڭ نىسپىي ھەرىكىتى بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز، شۇڭا ئىككى ئالەمدىكى  ۋاقىت ئوخشاش.

ماكان-زامان چۈشەنچىسىدە خالىغان بىر ۋاقىتتا خالىغان بىر ئورۇندا يۈزبەرگەن ھەرقانداق ئىشنى بىر « ھادىسە» دېيىش ئارقىلىق بۇنى 4 ئۆلچەملىك ماكان-زامان بوشلۇقىدىكى بىر نوختا قىلىپ خاتىرلەيدۇ. بۇ نوختا ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇن ۋە ۋاقىتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا كۆرە مۇنداق دېيىشىمىزگە بولىدۇ: بىر ھادىسە ئوخشاش بىر ئورۇندا، لېكىن ئوخشاش بولمىغان ئىككى ۋاقىتتا يۈز بېرىش ياكى ئوخشاش ۋاقىتتا لېكىن، ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئورۇندا يۈز بېرىشى مۇمكىن.

ئۈچ ئۆلچەملىك كوردېناتقا ۋاقىت ئوقۇنى قوشۇپ 4 ئۆلچەملىك كوردېنات بەرپا قىلغاندىن كىيىن، خۇددى ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى فىزىكىلىق مىقتارلارنىڭ ۋېكتورلۇق ئىپادىلىنىشلىرىگە ئوخشاش زامان-ماكان كوردېناتىدىمۇ فىزىكىلىق مىقتارلارنى ئىپادىلىگىلى ۋە ھەرقايسى ئوقلىرى بويىنچە تەركىبلىگۈچىللىرىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. بۇنى تۆرتلۈك ۋېكتورلار دەپ ئاتايمىز. مەسىلەن، تۆرت ئورۇن ۋېكتورى، تۆرت تېزلىك، تۆرت ھەرىكەت مىقتارى، دېگەندەك.. كىلاسسىك فىزىكىدىكى ھەربىر مىقتارغا نىسبەتەن ئۇنىڭ تۆرت ئۆلچەملىك بوشلۇققا ماس مىقتارى بار.

ئۇنىڭدىن باشقا ماسسا  نىسپىيلىك نەزەرىيسىدە ۋاقىتقا ئوخشاش نىسپىيلىككە ئېگە بولۇپ، جىسىملارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆزگەرمەس تىنچ ماسسىسى ۋە خاس ۋاقتى بولىدۇ. شۇڭا تېزلىككە ئىگە جىسىملارنىڭ ماسسى «تىنىچ ماسسىسى»دىن چوڭ بولىدۇ ھەمدە يۇقىرى تېزلىكتىكى جىسىملارنىڭ ئېنىرگىيەسى ئېنىشتىيىننىڭ مەشھور «ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى»گە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ماسسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ...
تارمەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسىنى يۇقىرى تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان مىكرو دۇنيا ئۈچۈن دېسەك («تارمەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى»نى چۈشىنىشتە تەپسىلىيرەك مەزمۇن ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ)، ئالەملىك تارتىشىش ئاساسلىق رول ئوينىغان غايەت زور جىسىملار جۈملىدىن پىلانىتلار، يۇلتۇزلار ۋە باشقا كائىنات جىسىملىرىغا نىسبەتەن « كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىرىيەسى» فىزىكىلىق نەزىرىيە ئاساسى تىكلەپ بەرگەن دېيىشكە بولىدۇ.  ئەمدى بىز  ئاسمان جىسىملىرىغا يۈزلىنىپ تارتىشىش كۈچى ھەققىدىكى ئويلانمىلارغا دېققەت قىلىپ باقايلى:   


ئوخشاشلىق پىرىنسىپى

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا «ئوخشاشلىق پىرىنسىپى» ئېنىرتسىيەلىك كۈچ بىلەن تارتىشىش كۈچىنىڭ (ياكى ئېنىرتسىيەلىك ماسسا بىلەن يەر يۈزىگە قارىتا ئېغىرلىق ماسسسىنىڭ) ئوخشاشلىق پىرىنسىپىدىن ئىبارەت.
ئالدى بىلەن ئىنىرتسىيە ئۇقۇمىنى چۈشىنىۋالايلى: ئېنىرتسىيە دېگىنىمىز جىسىملارنىڭ ئۆز ھالىتىنى ساقلاش خۇسۇسىيتىدۇر. بۇنىڭغا مىسال ئالساق، كىتىۋاتقان ماشىنا تورمۇز تۇتقاندا ياكى تىنىچ تۇرغان ماشىنا قوزغالغاندا ماشىنا ئىچىدىكى كىشى ئالدىغا ياكى كەينىگە سەنتۈرىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى  جىسىمنىڭ  ئۆز ھالىتىنى ساقلاش خاراكتېرىنىڭ بولغانلىقى بولۇپ، بۇ قانۇنىيەت بولسا دەل «نىيوتۇننىڭ بىرىنجى قانۇنى» دىن ئىبارەتتۇر.
ئەمدى، ئېنىرتسىيەلىك كۈچ دېگىنىمىز جىسىمدىن جىسىمغا بولغان بىۋاستە تارتىشىش، ئىتتىرىشىش نەتىجىسىدە ھۇجۇتقا كېلىدىغان كۈچ بولماستىن، بەلكى بىر جىسىمنىڭ نىسپىي تىنىچ ياكى نىسپىي ھەرىكەت ھالىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان كۈچتىن ئىبارەت.
كۆپىنچىمىزگە مەلۇمكى، بوشلۇقتا لەيلەپ قالماستىن يەر يۈزىدە مېڭىپ يۈرەلىشىمىزنىڭ سەۋەبى يەرنىڭ تارتىش كۈچى بولغانلىقىدىن بولۇپ، نىيوتۇننىڭ ئىككىنچى قانۇنىغا ئاساسەن بىز ئۇچىرىغان ئېغىرلىق كۈچنى بىزنىڭ ماسسىمىزغا بۆلىۋەتسەك ئېغىرلىق تېزلىنىشى  g  غا ئېرىشىمىز ئۇنىڭ قىممىتى 9.8 مېتر ھەر كۋادرات سېكونت بولۇپ، يەر يۈزىدە ھەر جىسىمغا نىسبەتەن تۇراقلىق بىر مىقتار. شۇڭا جىسىم ئېگىزدىن پەسكە قويۇپ بېرلسە تېزلىكى بارا-بارا ئارتقان ھالدا يەرگە چۈشىدۇ، تاكى يەر يۈزىگە تېگىشىپ تېخىمۇ پەسكە ھەرىكەتلىنىشكە ئېمكان قالمىغانغا قەدەر..

مۇنداق بىر خىيالى فانتازىيەلىك كىچىك ھىكايىنى ئوقۇپ  باقايلى:
يىتەرلىك دەرىجىدە زىيادە چوڭ  شارسىمان (يەنى ئالمىدەك) بوشلۇق بار بولۇپ،  يېرىمى تۇپراق،  مىنىراللار ۋە سۇ بىلەن تولدۇرۇلغان، ئۈستى بوش قالدۇرۇلغان، تۇپراق تولدۇرۇلغان ئاستى تۈزلەڭ يەرگە، گۈمبەزسىمان، ھاۋا تولدۇرۇلغان ئەينەكلىك ئۈستى قىسمى ئاسمانغا تەقلىد قىلىنغان دەپ  پەرەز قىلايلى.  ئۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتلەر، شەھەر-يېزىلار، تاغ-دەريالار بار. ئۇ يەردە سىرىتقى دۇنيادىن ئايرىم ھالدا مەلۇم ئىنسانلار توپى ياشايدۇ.. شۇلارنىڭ ئىچىدە بىر داچا ئۆي بار بولۇپ، ئۆينىڭ باغچىلىرى، ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى، چىملىقلىرى بار، باغچىسىدا ئالما دەرەخلىرى بار...

سىرتىدىن ئەسلىدە ئۇ، يەرنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلمىغان ھالدا يىتەرلىك ئېگىزلىكتىكى غايەت زور بىر دەرەخكە ئېسىپ قويۇلغان بولسۇن.. شۇڭا ئۇى غايەت زور بىر ئالما دەرىخىدىكى چوڭ بىر ئالما دەپ تۇرايلى. ئەمدى، داچىنىڭ باغچىسىدىكى ئالمىلىق باغدا كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغان ئالىم تۇيۇقسىز بىر خىل ئۆزگۈرۈش سېزىمى بولغاندەك بولۇپ كىتاپتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆز ئالدىدا بىر تال ئالمىنىڭ لەيلەپ جىم تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ۋە  ھەيران قالغان، بىر قانچە سكونت ئۆتكەندىن كىيىن ئالمىنى ئالماق بولۇپ، قولىنى ئۇزىتىشىغا يەنە بىرخىل ئۆزگۈرۈش سېزىمى بولغاندەك بولۇپ  ئالما يەنە تۇيۇقسىز پەسكە چۈشۈپ كەتكەن..

بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمەن؟ ئۇ ھېچقاچان بۇنداق جەرىياننى بېشىدىن كەچۈرۈپ باقمىغان ئېدى. ئۇ مۇشۇ بۇشلۇق(ماكان)نىڭ ئىچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئالما پىشقاندا سېپىدىن ئاجىراپ پەسكە چۈشىشى ئادەتتىكى بىر ئىش بولسىمۇ، چۈشىۋاتقان ئالمىنىڭ لەيلەپ تۇرۇپ قېلىشى ئادەتتىن تاشقىرى بىر ئىش ئېدى.. شۇڭا ئۇ ئىزدىنىشكە باشلىدى، كىتاپنى تاشلاپ پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلىدى، كۆزۈتۈشكە، سېلىشتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ «ئاسمان»غا قارىدى، ئەسلىدە توغرىسىغا كەتكەن، خېلى ئېنىق كۆرۈنىدىغان قارامتۇل نەرسە خېلى كىچىكلەپ غۇۋالىشىپ كۆرۈنىۋاتتى، «ئۇپۇق»تىن «ئاسمان»نىڭ تېشىغا قاراپ سوزۇلغان تورسىمان نەرسىلەر غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئىلگىرى ئۇ بۇنداق بۆيۈك تورسىمان نەرسىنى كۆرۈپ باقمىغان ئېدى..

ئالىم ئىزدىنىشىنى داۋام قىلغاچ تۇرسۇن، ئۇنىڭ جاۋاپنى تېپىپ چىقىشىغا خېلى ۋاقىت كېتىشى، ھەتتا تاپالماسلىقى مۇمكىن... بىز ياخشىسى بۇنىڭ سىرىنى سىرتىدا تۇرۇپ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغان بىرسىدىن سورايلى:
ئەسلىدە مۇنداق بولغان ئېدى. غايەت زور بۇ «ئالما» تۇيۇقسىز سېپىدىن ئاجىراپ يەر يۈزىگە قاراپ چۈشۈشكە باشلىغان، «دەرەخ» ئېگىز بولغانلىقى ئۈچۈن بىر قانچە سىكونت چۈشۈش ھەرىكىتى قىلغاندىن كىيىن پەسكە يېيېلغان غايەت زور ئېلاستىك تورغا چۈشۈپ تېزلىكى بارا بارا ئاستىلاپ توختاپ قالغان.. سىرىتتا يۈز بەرگەن ۋەقە پەقەت مۇشۇنىڭدىنلا ئېبارەت. ئەمدى بوشلۇقنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەگە كەلسەك، بۇ «گېگانىت ئالما» نىڭ سېپىدىن ئاجىراپ پەسكە  چۈشۈش پەيتى دەل  ئالىم ياشىغان شۇ بوشلۇقتىكى ئالما دەرىخىدىن بىر تال ئالما ئاجىراپ چۈشۈۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن، شۇڭا كىچىك ئالما «چوڭ ئالما» بىلەن بىرلىكتە، ئوخشاش تېزلىنىشتە (يەنى ئوخشاش g  بىلەن) ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىككى ئالما ئوتتۇرىسىدا نىسپىي ھەرىكەت يوق بولۇپ، كىچىك ئالما ئالىمغا نىسبەتەن دەسلەپكى نەچچە سىكونت ئىچىدە «جىم تۇرغان»، كىيىن «چوڭ ئالما» تورغا تەگكەن ھامان تور سوزۇلۇپ ئىچىگە پېتىپ كىرىپ كەتكەن ۋە ئاخىرىدا تېزلىكى كېمىيىپ ئۇنىڭدا توختاپ قالغان. شۇڭا  ئىككى ئالما ئوتتۇرىسدىكى نىسپىي تىنچلىق بۇزۇلۇپ، «چوڭ ئالما» توختىغان بولسىمۇ كىچىك ئالما ھەرىكىتىنى داۋام قىلغان ۋە يەرگە چۈشكەن.. ئۇ غۇۋالىشىپ كىچىكلەپ قالغان قارامتۇل نەرسە گېگانىت دەرەخنىڭ غولى؛ «ئۇپۇق»تىن «ئاسمان»نىڭ تېشىغا قاراپ سوزۇلغان تورسىمان نەرسە «چوڭ ئالما» نى تۇتىۋالغان تور يىپلىرى...   

توقۇلغان ھىكايە كۈلكىلىكىرەك بولسىمۇ، مېنىڭچە كۆپچىلىكنىڭ كىيىنكى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردىمى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
ئەمدى ئېنىشتىيىننىڭ خىيالى تەجىربىسىگە قارايلى:



رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ئېنىشتىيىن ۋە نىيوتۇنلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاسمان بوشلۇقىدىكى ۋە يەر يۈزىدىكى لىفىت ئىچىدە قوللىرىدا بىر تالدىن ئالما تۇتۇپ تۇرغان. دەسلەپتە، ئېنشتىيىننىڭ تەسەۋۇرىغا كۆرە، لىفىت ھەرقانداق تارتىش كۈچى مەيدانىدىن خالىي بولغان ئاسمان بوشلۇقىدا تىنىچ تۇرغاندا قولىدىكى ئالمىنى لىفىت ئىچىدىكى بوشلۇققا قويۇپ بەرگەن؛ نىيوتۇن بولسا يەريۈزىدىكى لىفىت ئىچىدە تۇرغان لېكىن، تارتىش كۈچى تۇيۇقسىز يوق بولۇپ كەتكەن ۋە قولىدىكى ئالمىنى لىفىت ئىچىدىكى بوشلۇققا قويۇپ بەرگەن..كىيىن ئېنىشتىيىن تۇرغان لىفىت g  قىممەتتىكى تېزلىنىش بىلەن يۇقىرىغا قارىتا تەكشى تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان؛ نىيوتۇننىڭ لىفىتى بولسا يەنىلا يەر يۈزىدە جىم تۇرغان، لېكىن بۇ قېتىم تارتىش كۈچى پەيدا بولغان.. دەسلەپتە ئاسمان بوشلۇقىدا بولسۇن، يەر يۈزىدە بولسۇن ھېچقانداق تارتىش كۈچى مەۋجۇت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىككى لىفىتتىكى ئالمىلار بوشلۇقتا تىنىچ لەيلەپ تۇرىدۇ؛ كىيىن يەر يۈزىدە يەرنىڭ تارتىش كۈچى مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن نىيوتۇننىڭ قولىدىكى ئالما پەسكە قاراپ ئەركىن چۈشىدۇ..

ئەمدى، ئاسمان بوشلۇقىدىكى تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىۋتقان لىفىت ئىچىدە ئېنىشتىيىننىڭ ئالمىسى قانداق بولىدۇ؟ مۇنداق ئىككى خىل جاۋاپقا ئېرىشىشمىز مۇمكىن: 1) ئاسمان بوشلۇقىدا ھېچقانداق تارتىش كۈچى مەۋجۇت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئالما تىنىچ تۇرىۋېرىدۇ، 2) لىفىت تېزلىنىشچان يۇقىرىغا ھەرىكەت قىلغاندىن كىيىن ئالما دەسلەپتىكى تىنىچ ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن پەسكە تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىپ چۈشىدۇ. بۇ جاۋاپلارنىڭ قايسىسى توغرا؟ ئەلبەتتە كىيىنكىسى توغرا. چۈنكى لىفىت تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالمىغا نىسبەتەن ئىنىرتسىيەلىك كۈچ پەيدا بولۇپ، ئالما خۇددى يەر يۈزىدىكىسىگە ئوخشاش شەكىلدە يەرگە چۈشىدۇ. بىز دەۋاتقان «ئوخشاشلىق پىرىنسىپى» دەل مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت.  «ئوخشاشلىق پىرىنسىپى» نى ئىككى خىل بايان قىلىشىمىز مۇمكىن: بىرىنچىسى، ئېنىرتسىيەلىك ماسسا بىلەن تارتىش كۈچى ماسسىسى ئۆز-ئارا تەڭ؛ ئىككىنچىسى «ئېنىشتېيىننىڭ ئوخشاشلىق پىرىنسىپى»  بولۇپ، مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: « تەكشى تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەجىربىخانا بىلەن تېزلىنىشى ئوخشاش بولغان تارتىش كۈچى مەيدانىدىكى تەجىربىخانىدا ئىشلەنگەن ھەرقانداق فىزىكىلىق تەجىربە نەتىجىسى ئوخشاش بولىدۇ».  

ئوخشاشلىق پىرىنسىپىنى چۈشەنگەندىن كىيىن ئەمدى بىز زامان-ماكاننىڭ ئېگىلىش چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغان قويىمىز. تۆۋەندە دېقىتىمىزنى زامان-ماكان چۈشەنچىسىگە ئاغدۇرايلى:

زامان-ماكاننىڭ ئېگىلىشى

بىز ئۆزىىمىز تۇرىۋاتقان ئۈچ ئۆلچەملىك ماكان بوشلۇقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. ماناننى بىز تۇرىۋاتقان بوشلۇق دېسەك، ئۇنىڭ ئېگىلىشىنى خۇددى قۇش قەپىزىنىڭ مايماق-سىڭايان بولۇپ كېتىشىگە، ئۆيلەرنىڭ ھەرخىل شارسىمان، ئەگرى-بۈگرى سېلىنىشىغا، ئىچى كاۋاك نەرسىلەرنىڭ تولغۇنۇپ سوزۇلىشىغا تەدبىقلىساق بولىشى مۇمكىن.. لېكىن زاماننىڭ ئېگىلىشى قانداق گەپ؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن يۇقىردىكى خىيالى تەجىربىنى ئېنىشتىيىننىڭ لىفىتى ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇپ باقايلى:



رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ئېنىشتىيىن لىفىت ئىچىدە تۇرغاندا لىفىتنىڭ ئۈستى ئوڭ تەرىپىدىن بىر تال لازىر نۇرى قويۇپ بېرىلىدۇ. نۇر تۈز سىزىق بويىنچە تارقالغانلىقى ئۈچۈن يۈر يۈزىدىكى كۈزەتكۈچى ۋە يەريۈزى لىفىت ئىچىدىكى ئېنىشتىيىن ئوخشاشلا نۇرنىڭ تۈز تارقىلىپ، ئۈست ئوڭ تەرەپتىن ئۈست سول تەرەپكە يېتىپ بارغانلىقىنى كۆرىدۇ؛ ھالبۇكى، ئاسمان بوشلۇقىدىكى لىفىتتا تۇرغان ئېنىشتىيىن نۇرنىڭ يەنىلا تۈز تارقىلىۋاتقانلىقنى كۆرگەن بولسىمۇ ئۇنى سىرىتتىكى (نىسپىي تىنچ تۇرغان) ئالەم كىمىسىدە تۇرۇپ كۈزەتكۈچى نۇرنىڭ پارابولاسىمان «ئېگىلىپ»،  لىفىتنىڭ ئۈست ئوڭ تەرىپىدىن ئاستى سول تەرەپكە قاراپ يېتىپ بارغانلىقىنى كۆرىدۇ..

نۇر ئېگىلەمدۇ؟ نۇرنى بىر قاتار ئوپتېكىلىق ئەسۋابلار ئارقىلىق ئىگەلىشىمىز مۇمكىن، لېكىن بۇيەردىكى «ئېگىلىش» ھېچقانداق ئوپتېكىلىق ئەسۋاپسىز ھالدا پەرىقلىق كوردېناتتىكى كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن ئېگىلىشىدىن ئىبارەت. بۇنى بىز قىسقىچە «ماكان-زامان ئېگىلىشى» كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىساق بولىدۇ.  تارمەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىرىيەسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپىراق كېتىدىغان مەزمۇن- ئۈزۇنلۇقنىڭ قىسقىرىشى ۋە سائەتنىڭ ئاستىلاپ قېلىشى قاتارلىق غەيرى نورمال مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئۆتكەن ئېدۇق. ئەلبەتتە بۇ يەردە نۇر تېزلىكىگە يېقىن بىر يۇقىرى تېزلىك مەۋجۇت.  قىسقىرىغان ئۇزۇنلۇقنى ماكانغا، ئاستىلاپ قالغان ۋاقىتنى زامانغا تەدبىقلىساق ۋە ئەمدى،  ئىككىسىنى بىرلەشتۇرۈپ «زامان چىۋىقى» بىلەن «ماكان چىۋىقى»نى گىرەلەشتۈرۈپ بىر تەكشى تور توقىساق خۇددى ھۆل چىۋىقتىن سەتكە توقۇپ قويۇپ قويساق قۇرۇغاندىن كىيىن چىۋىقلار قىسقىراپ، تارىيىپ توقىغان سەتكە تورىمىز ئېگىلىپ دۈمچەكسىمان بولۇپ قالغاندەك، ئېگىلىدۇ ۋە چەكسىز كەتكەن ماكان-زامان تورىدا دۆڭ، چۇڭقۇر ھالەتلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مانا بۇ ئاتالمىش «ماكان-زامان ئېگىلىشى» نىڭ ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈلىشى.

https://encrypted-tbn3.gstatic.com/images?q=tbn:ANd9GcR6Z8XJtLOqwSic_deWRY-RBApPMTFN8gfgRMS4IlXgWzFGOJXznA

  زامان-ماكان تارتىشقان، سوزۇلغان ۋە شۇڭا ئېگىلگەن ئىكەن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك «ئېگىلىش رادىئوسى»، «كىرىشىش تېنزورى»، دېگەندەك ئۇقۇملارنى كىرگۈزۈپ، 4 ئۆلچەملىك بوشلۇق گىئومېتىرىيەسى بىلەن دىنامىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان (ماتېماتىكىلىق+فىزىكىلىق ) مودېل «ئېنىشتىيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسى» نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

  ئېنىشتىيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسى

ئېنىشتىيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسى مۇرەككەپ تېنزور تەڭلىمىللىرى بولۇپ، ئېنىشتىيىن بۇ تەڭلىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن 10 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلغان. ھىكايىلەرگە ئاساسلانغاندا ئېنىشتىيىن ئۆزى ئانچە بىلمەيدىغان تېنزورلارنى باشتىن تارتىپ ئۆگىنىپ، تاكى مەيدان تەڭلىمىسىنى يېزىپ چىققانغا قەدەر شۇنىڭ بىلەن كۆپ ھەپىلەشكەن. ئەلبەتتە ئۇنىڭغا ئەينى ۋاقىتتىكى ماتېماتىك دوستلىرىمۇ كۆپ ياردەم قىلغان.. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، بۇ تېنزور تەڭلىمىللىرىنى ھازىرمۇ يەنىلا كۆپىنچىمىزنىڭ چۈشىنەلىشىمىز ناتايىن.   بۇ يەردە بۇ تەڭلىمىنىڭ قانداق كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىلغانلىقىنى ۋە قانداق يېشىلىدىغانلىقىنى دەپ ئولتۇرمايمىز، قىسقىچە تەڭلىمىدىكى ئىپادىلەرنىڭ نېمىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىن تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ئېنىشتىيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسىنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادە ئارقىلىق يېزىشىمىز مۇمكىن:

http://upload.wikimedia.org/math/3/f/5/3f50fd206f2fe543a6a8a3e687cf74c3.png

بۇ يەردىكى ئىپادىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تونۇشتۇپ چىقايلى.
  
1)   http://upload.wikimedia.org/math/6/4/6/6460b186b90928446203202093be3fe0.png رىچچى  ئېگىلمە رادىئوسى (Ricci curvature tensor): ئىتالىيان ماتېماتىكى(1853–1925) Gregorio Ricci-Curbastro نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان گىئومېتىرىيەلىك ئاتالغۇ بولۇپ، ئېۋكىلىد بوشلۇقى(Euclidean space) دىكى ئۆلچەملىك شارغا كۆرە ئېگىلگەن رىيمان بوشلۇقى (Riemannian space ) دىكى گىئودېسك شار نىڭ ئېغىشىش دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدۇ. نىسپىيلىك نەزىريەسىدە بۇ زامان-ماكان ئېگىلمە رادىئوسىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ماددىنىڭ ۋاقىتقا ئەگىشىپ يىغىلىش ياكى كېڭىيىش  خاھىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدۇ.  

2)  http://upload.wikimedia.org/math/1/5/3/153fc2a5a0a49d52dda62d96ae0a293f.png سىكالىيارئېگىلمە رادىئوسى بولسا رىيمان بوشلۇقى (Riemannian space ) غا نىسبەتەن ئۆزگەرمەس ئەڭ ئاددى ئېگىلمە رادىئوسى بولۇپ رىچچى سىكالىيارى (Ricci scalar) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

3)  http://upload.wikimedia.org/math/4/0/a/40a5ac3e25dd028b59da56f33e9f0c88.png مېتىرىك تېنزورى (metric tensor)     مېتىرىك تېنزورى  زامان-ماكاننىڭ بارلىق گىئومېتريەلىل ھەمدە سەۋەپ-نەتىجىلىك قۇرۇلىسىنى ئۆزئىچىگە ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇزۇنلۇق، ھەجىم، ئەگرىلىك دەرىجىسى، بۇلۇڭ، ئۆتمۈ ۋە كەلگۈسى قاتارلىق ئۇقۇملارنى بەلگىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.

http://hepweb.ucsd.edu/ph110b/110b_notes/img1104.png

4) http://upload.wikimedia.org/math/6/0/d/60d25297bc0ea8a83f9cf58edec8e72b.png ئالەم تۇراقلىقى(Cosmological constant):   بوشلۇق (ماكان) نىڭ ۋاكۇم ئېنىرگىيە زىچلىقىنى ئىپادىلەيدىغان تۇراقلىق سان بولۇپ، ئېنىشتىيىن تەرىپىدىن ئۆز تەڭلىمىسىگە 1928 -يىلى ئەدۋىن خاببل (Edwin Hubble) نىڭ ئالەمنىڭ كېڭىيىپ كىتىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت كۆزۈتۈش نەتىجىسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كىرگۈزگەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئېنىشتىيىن ئالەمنى تىنىچ ئالەم دەپ قارايتتى ۋە شۇ ۋاقىقتقىچە شۇنداق قوبۇل قىلىنىپ كەلگەن ئېدى. ھىكايىلەرگە قارىغاندا Edwin Hubble نىڭ كۆزىتىش نەتىجىسى ئۇنى تولىمۇ قىينىغان ئىكەن... لېكىن، ئاخىرى ئۇ تەڭلىمىسىگە بۇ تۇراقلىقنى كىرگۈزگەن..

5) http://upload.wikimedia.org/math/a/8/b/a8bfd1f62f79057eae93f2d07bd03544.png كېرىلمە ئېنىرگىيە تېنزورى(Stress–energy tensor): بۇيەردىكى كېرىلمە تېنزورى بولسا زامان-ماكاننىڭ ئىچىدىكى ئېنىرگىيە ۋە ھەرىكەت مىقتارىنىڭ زىچلىقى ۋە داۋالغۇشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان تېنزورلۇق مىقتاردىن ئىبارەت بولۇپ، نىيوتۇن مېخانىكىسىدىكى كېرىلمە تېنزورىنىڭ (تۆرت ئۆلچەملىك زامان-ماكانغا) كىڭەيتىلگەن ھالىدۇر.

http://conservapedia.com/images/math/5/4/7/5473ea1f59b00d4ee5425a5aeae67d90.png

بۇ يەردىكى http://conservapedia.com/images/math/4/1/f/41f99e499b082752d8fcd13b2de49ad5.png ئېنىرگىيە زىچلىقىنى، (ئېنىرگىيە زىچلىقىدىن باشقا) يۇقىرى توغرا قۇردىكىلەر ھەرىكەت مىقتارى زىچلىقىنى؛ سول تىك قۇردىكىلەر ئېنىرگىيە داۋالغۇشىنى ئىپادىلەيدىغان تېنزورلاردۇر. قالغانلىرى كېرىلمە تېنزورلىرى بولۇپ، دىياگونول قىسمى نورمال كېرىلمە، ئېشىپ قالغىنى يانتۇ كېرىلمە تېنزورلىرىدىن ئىبارەت.

   قالغان تۇراقلىق مىقتارلاردىن http://upload.wikimedia.org/math/3/e/0/3e00f9a1e18c7251df05848cdc0b416b.png بولسا نىيوتۇننىڭ ئالەملىك تارتىش تۇراقلىقى،  C   بولسا نۇر تېزلىكىدىن ئىبارەت.  
  ئېنىشتىيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسىنى باشقىچە شەكىلدە مۇنداق يېزىشقىمۇ بولىدۇ:

http://upload.wikimedia.org/math/b/3/f/b3f14edb49fd763ec19df7dcf1ff087e.png

بۇ يەردىكى  
http://upload.wikimedia.org/math/c/7/7/c774f25c5cd752b2805b84a67ce9ac98.png
بولسا ئېنىشتىيىن تېنزورى دەپ ئاتىلىدۇ (بۇ تېنزورلاردىكى ئىككى خىل ئىندېكىس ئايرىم-ئايرىم ھالدا زامان ۋە ماكانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ).

بۇ يەرگە كەلگۈچە «كەڭ مەنىدىلى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى»نى ئاز-تولا چۈشىنىپ قالغان بولىشىمىز مۇمكىن. قىسقارتىپ ئېيتقاندا ئۇ،  ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ گىئومېتىرىيەلىك چۈشەندۈرىلىشىدىن ئىبارەت.  تارتىش كۈچى بولسا ماسسا قويۇلغان زامان-ماكان تورىنىڭ ئېگىلىشىدىن پەيدا بولغان چۇڭقۇرغا يەنە بىر ماسسىنىڭ بۇرما شەكىللىك سىپىرالدا ھەرىكەت قىلىپ خۇددى چوڭ ماسسا كىچىك ماسسىنى تارتىۋاتقاندەك تەسىرنى پەيدا قىلىدۇ.

https://encrypted-tbn2.gstatic.com/images?q=tbn:ANd9GcT6UwQCZTpPXOaQgNYxz5AfaF7LefCNQnACKzrriKnSI_DQGU5w

يازمىمىزنىڭ داۋامىدا مەيدان تەڭلىمىسىنىڭ غەيرى يىشىمىدىن كىلىپ چىققان ئاتالمىش «قارا ئۆڭكۈر» ۋە ئالەمدىكى بىلىنمىگەن ماددا ۋە ئېنىرگىيە بولغان قاراڭغۇ ماددا ۋە قاراڭغۇ ئېنىرگىيەلەر ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمىز.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 08:37:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-2 08:56  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، بىلىگ ئەپەندى !.
ئالدى بىلەن نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىنى بىزگە ئاممىباپ تىلدا چۇشەندۇرىدىغان ماقالىنى ئېلىپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن .ھارمىغايسىز .
مەن ئىلگىرى زور بايقاش: غەيرى نوقتا مەۋجۇت ئەمەس ، دىگەن مەزمۇندا بىر يازما يىزىپ، بىر قىسىم تورلارغا بەرگەن ئىدىم ۋە ئىككى نىسبىيىلىك پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا يىزىلغان بىر پارچە ئىلمى ماقالە يىزىپ مۇناسىۋەتلىك ئالىملىرىمىزغا سۇنغان ئىدىم ، ھازىر ئالىملىرىمىزنىڭ  پىكىرىگە ئاساسەن ماقالىنى ئوزگەرتىپ يىزىۋاتىمەن.
مىنىڭ قارىشىمچە ، ئالاقىدار پىرىنسىپلارغا ئاساسەن ماكان زامان ئەگىرىلىكىنىڭ خالىغان بىر ۋاقىت - بوشلۇق نوقتىسىدا تار مەنىلىك نىسبىيىلىكتىكى ئىنىرتىسىيالى پايدىلىنىش سېستىمىسى قۇرۇلۇشى كېرەك ، ئۇنداقتا مەزكۇر نوقىتىدا ئوخشاشلا ۋاكۇئۇمدىكى يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئوزگەرمەسلىك پىرىنسىپى تىكلىنىشى لازىم ،  غەيرى نوقتىمۇ يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن ئىبارەت بىر چەك تۇپەيلى شەكىللەنمەسلىكى لازىم ، يەنى شىۋازچىلىد رادىئۇسىدىن كىچىك رايۇندا تۇرۇۋاتقان ھەرقانداق بىر نوقتىدىكى ئەگىرىلىكمۇ چەكسىز چوڭ بولماسلىقى لازىم .
بۇنداقتا مۇنداق بىر مەسلە مۇقەررەر كىلىپ چىقىدۇ: 1. ئەگىرىلىك قۇشۇش ئىپادىسى تىكلىنىشى ۋە بۇ ئىپادە تۇۋەن ئەگىرىلىك ۋە تۇۋەن تىزلىك شارائىتىدا كىلاسىك قۇشۇش ئىپادىسىگە قايتىشى لازىم. يۇقۇرى تىزلىك شارائىتىدا غەيرى نوقتىنى چەكلىشى كېرەك !2.ماكان زامان ئەگىرىلىكىنىڭ ماكسىمۇم چىكى بۇلۇشى كېرەك ، بۇنىڭغا قارىتا بىز كىلاسىك فىزىكا ئۇقۇمىدىن پايدىلىنىپ  ئېنىقلىما بىرىلگەن تارتىشىش كۇچىنىڭ ماكسىمۇم پوتىنسىئالى ئارقىلىق  ئەگىرىلىكنى ئىپادىلەپ ھىساپلاش ئېلىپ بارغاندىن كىيىنكى نەتىجە4.49 كوپەيتىلگەن 10 نىڭ 16- دەرىجىسى مىتىر كۇۋادىرات ھەر سىكىنۇت كۇۋادىراتتىن ئاشماسلىغى كېرەك .3. ئەگەر ئەگىرىلىك قۇشۇش ئىپادىسى توغرا بولسا ئۇ ھالدا چەكسىز يىراق نوقتىدىن بىر بىرسىنىڭ تارتىشى كۈچى رايۇنىغا كىرىپ كۇزەتكۇچىگە نىسبەتەن تارتىشىش كۇچى مەنبەسىنى شەكىللەندۇرگەن ئىككى ئاسمان جسىمىنىڭ يىغىندىسى ئەسلىدىكى نوقتىدىكى ماسسا يىغىندىسىدىن كىچىك بۇلۇشى كېرەك .........
يەنە بىرسى - مىنى كوپ سوزلەپ كەتتى دەپ قارىمىغانسىز- مەيلى تار مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدە بولسۇن ياكى كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدە بولسۇن  بوشلۇق ئولچەملىرىنىڭ ئىچىكى سىمىتىرىكلىكى بۇزۇلغان ، بۇ مۇقەررەر ھالدا نەزەرىيەدىكى كەمتۇكلۇكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك تىنزورلارنى ھىساپلاش ئىنتايىن تەس بۇلۇپ قالماستىن نۇرغۇنلىرىنىڭ يىشىمىنى چىقارغىلى بولمايدۇ ،شۇڭا ،  مەن شۇنداق ئويلايمەن ۋە زۇرۇر دەپ قارايمەن : بوشلۇقنى ئالتە ئولچەمگە كۇرۇرۇپ ، بۇنى ئوزگىرىشتىكى ئىچىكى سىمىتىرىكلىكتىن چىقىپ تۇرۇپ 3 ئولچەم بىلەن ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى بار.
مىنىڭ بۇلارنى يىزىشتىكى مەقسىدىمنى ئۇچۇقلا دىسەم سىز ئارقىلىق چەتئەللەردە يۇقۇرىدىكى نوقتىلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئىرىشىش (ئېنگىلىزچە ئۇگۇنىپ بولالمىدىم ،خەنزوتىلىدىكى ۋاڭ يۇڭجىيۇ ، لىيۇلىياۋ ...قاتارلىقلارنىڭ كىتاپلىرىدىن ۋە ئېينىشتىيىننىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىۋاتىمەن. ) ۋە سىزدىن تەلىم ئېلىش .
ئۇمىدىمنى يەردە قويمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشنىمەن ، جاۋابىڭىزنى كۇتىمەن .رەھمەت.
ئىلخەت ئادىرىسىم:muhakima@gmail.com
ھورمەت بىلەن : مۇھاكىمە


Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 10:50:10

ئورۇن

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 11:43:55

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-3-2 08:37 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، بىلىگ ئەپەندى !.
ئالدى بىلەن نىسبى ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

قىممەتلىك پىكىر-مۇھاكىمىڭىز ئۈچۈن ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم، سىز دىگەن بەزى مەزمۇنلار يازمىنىڭ داۋامىدا  بايان قىلىنىدۇ.  « قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» تېخىچە بىر سىر. ئېنىشتىيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسىگە ئاساسەن ئۇ زامان-ماكاندىكى بىر غەيرى نوختا دەپ قارىلىدۇ، ماتېماتىكىغا نىسبەتەن «غەيرى نوختا» مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمەلىي رىئاللىقتا بۇنداق «غەيرى نوختا» مەۋجۇتمۇ ئەمەسمۇ، قىسقىسى، مەن بىلمەيمەن...  بەزىلەر ئۇنى بىلىنمىگەن قاراڭغۇ ماددا بىلەن باغلاپ باقىدۇ، بەلكىم شۇنداق بولىشىمۇ مۇمكىن، ياكى قارا ئۆڭكۈر دىگەن نەرسە ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس بولىشى مۇمكىن (يېقىندا خاۋكىڭ بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلدى).. نېمىلا بولمىسۇن، ئېنىشتىيىننىڭ تار ۋە كەڭ نىسپىيلىك نەزەرىيلىرى فىزىكا تارىخىدىكى، بەلكى ئىنساننيەت تەپەككۇرىدىكى ئەڭ يۈكسەك نوختا بولىشى مۇمكىن. بۇ ئابىستىراكىت، ئادەتتىن تاشقىرى، تەسەۋۋۇر ۋە لوگىكىنىڭ ئەڭ ئۈچىغىچە بېرىپ يەتكەن بۇ بىلىملەر تەخمىنەن 100 يىللاردىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەقىل-پىكىرىمىزنى ھەيرانلىقتا قويماقتا..

قانداقلا بولمىسۇن مەن ئۇنىڭ فىزىكا تارىخىدا قوشقان بۆسۈش خاراكتېرلىق تۆھپىللىرىنى  ھۆرمەت بىلەن ئىتىراپ قىلىمەن. بەزى تەجىربە ۋە كۆزىتىش نەتىجىللىرى ئۇنىڭ  نەزەرىيەلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى، شۇڭا بەزى مەنتىقىلىق توقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن كاللىمىزدىن ئۆتكىسى كەلمىسىمۇ فىزىكا ( تەبىئەتنىڭ ھەقىقىتى) ئەمەلىيەت ۋە پاكىتنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىتىراپ قىلىمىز.

ئۇنىڭدىن باشقا بىر نىشانغا يېتىشنىڭ بىر قانچە خىل يولى بولىدۇ، بۇ ئەقەللىي بىر ساۋات. شۇنىڭغا ئوخشاش، تەبىئەت ھەقىقەتلىرى ئىچىدىكى خالىغان بىرىگە يېتىشنىڭ كۆپ خىل يوللىرى بولىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي لوگىكىلىك يول بولىشىمۇ، پۈتۈنلەي پاكىتنى ئاساس قىلغان تەجىربە يولى بولىشىمۇ، ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق ئۆزگەرتىشلەر بىلەن مېڭىلغان يول بولىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، ئەڭ قىسقا، ئەڭ مەنتىقىگە ئۇيغۇن يول يەنىلا ئۇنى ئاچقۇچىلارغا باغلىق...  

saray يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 11:48:59

بەلگە

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 17:03:09

بۇلارنى راستىنلا ئوبدان چۈشۈنەلمىدىم .لىكىن بۇلارنىڭ ئەھمىيىتى بىلىمەن ،رەھمەت بىلىگ ئەپەندىم .

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 19:37:49

ئسىل تىما

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 19:52:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-2 19:55  

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-3-2 11:43 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

قىممەتلىك پىكىر-مۇھاكىمىڭىز ئ ...

رەھمەت سىزگە.
شۇنداق ، مەنمۇ ئېينىشتىينغا ئىنتايىن قايىل ، ئۇنىڭ كۇۋانىت فىزىكىسى ، تىرمۇدىنامىكىغا قوشقان توھپىلىرىمۇ ناھايىتى زور .
‹‹خۇدا شىشخال تاشلىمايدۇ ›› دىگەن سۇزىنى چۇشەنگەندەك تۇرىمەن ، رادئاتسىيە ۋە ئوربىتىنىڭ نىمە ئۇچۇن كۇۋانتىلىشىدىغانلىقى  ، ئېنىقسىزلىك پىرىنسىپىنىڭ شەكىللىنىش مىخاينىمىزىمى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى قاراشلىرى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.
مەنمۇ ئېينىشتىيىننىڭ قىلغانلىرىنى خاتا دىمەكچى ئەمەسمەن ھەم ماقالىلىرىمدا ئېينىشىيىننىڭ نەزەرىيەسىنى ئاساس قىلىۋاتىمەن.
مۇمكىن بولسا خەت يازارسىز ، مەن يازغان ئىلمى ماقالىلىرىمنىڭ دەسلەپكى نۇسخىلىرىنى ئەۋەتىپ بىرەي ، تەلىم بىرەرسىز.  رەھمەت.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-3 10:55:06

بىلىك ئۇكام، ئېلىنغان ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار جايىدا بوپتۇ. قارىغاندا ماتېماتىكا سەۋىيىڭىز يۇقىرى ئىكەن. ماتېماتىكىنى قايسى دەرىجىگىچە ئۆگەنگەن؟ داۋامىنى كۈتىمەن.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-3-3 14:41:57

TashpolatRozi يوللىغان ۋاقتى  2014-3-3 10:55 static/image/common/back.gif
بىلىك ئۇكام، ئېلىنغان ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار جايىدا بوپت ...

تاشپۇلات ئاكا، رەھمەت!  ماتېماتىكىنى ئالىي ماتماتىكا سەۋىيەسىگىچە ئۆگەنگەن ئېدىم، پەقەت فىزىكا ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ ئەقەللىي ئاساسي بىلىملەر.. ماتېماتىكىنى فىزىكىنى ياخشى كۆرگەنگە قەدەر ياخشى كۆرسەممۇ ئۇنى ئالىي مەكتەپ سەۋىيەسىدىن ھالقىپ تېخىمۇ چۇڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە پۇرسەت يارىتالمىدىم، ئۆزۋاقتىدا ماتېماتىكىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىۋالمىغانلىقىمغا پۇشايمىنىممۇ بار. چۈنكى،  ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز فىزىكىنى بولۇپمۇ نەزەرىيە فىزىكىسىنى ئۆگىنىمەن، ياكى شۇنىڭ بىلەن ھەپلىشىمەن دىگەن ئادەم ماتېماتىكىنى پىششىق ئۆگەنمىسە ھاڭلارغا، توساقلارغا يولۇقۇپ تۇرۇپ قالىدىغان گەپكەن... فىزىكىدىكى بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش جەرىيانىدا كۆپ ۋاقتىمىزنى ئۇنىڭ ماتېماتىكىسىنى يېشىش بىلەن ئۆتكۈزىدىكەنمىز.

تاشپۇلات ئاكا، مۇشۇ ئارلىقتا تېنزورنى قىسقىچە، ئاددىي قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسىڭىز، بەك خوشال بولاتتىم. مېنىڭ چۈشەنچەممۇ يۈزە ۋە غۇۋا، (ۋېكتورلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇقىم فونكىسسىيلىك مۇناسىۋەتمۇ؟ ..)باشقىلارمۇ ئېنىقىراق ئۇقۇمغا ئىگە بولۇپ قالسۇن.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-3-3 15:58:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-3 15:59  

سكالىيار نۆلىنجى دەرىجىلىك تېنزور، ۋىكتور بولسا بىرىنجى دەرىجىلىك تېنزور، ماترىكىس بولسا ئىككىنجى دەرىجىلىك تېنزور. يەنە خالىغان n نجى دەرىجىلىك تېنزورمۇ بولىدۇ. مەن شۇغۇللىنىدىغان كومپيوتىر كۆرۈش، كومپيوتىر گرافىك كەسپىدە ئاسالىقى بىرىنجى دەرىجىلىك ۋە ئىككىنجى دەرىجىلىك تېنزور بىلەن ھەپىلىشىدىكەنمىز. مىنىڭ بەكرەك بىلىدىغىنىم بىرىنجى دەرىجىلىك تېنزور بىلەن ئىككىنجى دەرىجىلىك تېنزورنىڭ مۇناسىۋىتى ئىكەن.  
مىنىڭ چۈشەنچەمدە، n ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى ۋىكتورلار بار دىسەك، ماتىرىكىس بولسا شۇ ۋىكتورلارنى ئۆزگىرىشچان مىقدار قىلغان فونكىسىيە.

ئەگەر يۇقىرى دەرىجىلىك تېنزورلارمۇ بۇ خىل مۇناسىۋەتنى قانائەتلەندۈرسە، يۇقىرى دەرىجىلى تېنزورلار تۆۋەن دەرىجىلىك تېنزورلارنى ئۆزگەرگۈچى مىقدار قىلغان فونكىسىيە بولىدۇ. ئەڭ ئاستىدىكى ھۆكۈمنىڭ توغرا خاتالىقىنى بىلمەيمەن. تېنزور گىئومىتىرىيىسىنى ئۈگەنسەم بولغۇدەك قارىغاندا.:lol  

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-4 09:43:33

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-3-3 14:41 static/image/common/back.gif
تاشپۇلات ئاكا، رەھمەت!  ماتېماتىكىنى ئالىي ماتماتىكا  ...

بولىدۇ بىلىك ئۇكام، مەن مۇشۇ ھەپتە تېنزور توغرىلىق بىر يازما تەييارلاي. تېنزور دېگىنىمىز ۋېكتور، سكاليار<<(scalar)>> ھەم باشقا تېزورلار ئوتتۇرىسىدىكى سىزىقلىق مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدىغان سىزىقلىق فۇنكسىيە. مەسىلەن، ۋېكتورلار ھەم سكاليارلارنىڭ ئۆزىمۇ تېنزور بولىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم چۈشەنچە "سىزىق" دىن ئىبارەت.  شۇڭا سىزىقلىق بولمىغان فۇنكسىيىلەر  تېنزور ئەمەس.

يۇقىرىدا دېيىلگەن فۇنكسىيە چوقۇم سىزىقلىق فۇنكسىيەڭنىڭ 2 شەرتنى قانائەتلەندۈرۈشى كېرەك.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-3-4 10:02:51

TashpolatRozi يوللىغان ۋاقتى  2014-3-4 09:43 static/image/common/back.gif
بولىدۇ بىلىك ئۇكام، مەن مۇشۇ ھەپتە تېنزور توغرىلىق بى ...

ئېسىمدە قېلىشچە سىزىقلىق فونكىسىيە بولۇشنىڭ ئىككى شەرتى:
1) (f(a+b) = f(a)+f(b)
2)  (f(ka) = k*f(a قۇ دەيمەن. بۇ يەردىكى a بىلەن b سان(سكالىيار) بولىشىمۇ، ۋىكتور بولىشمۇ، ماترىكىس بولىشىمۇ، ھەتتا nنىجى دەرىجىلىك تېنزور بولىشىمۇ مومكىن.
بىز ھەممىمىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۈگەنگەن تۈز سىزىقنىڭ تەڭلىمىسىنىڭ فونكىسىيىسى f(x) = ax+b بولسا سىزىقلىق فونكىسىيەگە تەۋە بولمايدۇ. چۈنكى بۇ فونكىسىيە سىزىقىلىق فونكىسيەنىڭ ئىككى شەرتىنى قانائەتلەندۈرمەيدۇ. شۇڭا تۈز سىزىقنىڭ فونكىسىيىسى بىلەن سىزىقلىق فونكىسىيە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى ئۇقۇم.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 13:03:23

nasin يوللىغان ۋاقتى  2014-3-4 10:02 static/image/common/back.gif
ئېسىمدە قېلىشچە سىزىقلىق فونكىسىيە بولۇشنىڭ ئىككى شە ...

بەزى تۈز سىزىقلار سىزىقلىق فۇنكسىيىگە تەۋە بولىدۇ. مەسىلەن، كوردىنات مەركىزىدىن ئۆتكەن سىزىقلار. شۇڭا   "تۈز سىزىقنىڭ فۇنكسىيىسى بىلەن سىزىقلىق فۇنكسىيە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى ئۇقۇم" دەپ ھۆكۈم قىلىش توغرا ئەمەس.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 13:09:28

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-3-2 08:37 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، بىلىگ ئەپەندى !.
ئالدى بىلەن نىسبى ...

سالام مۇھاكىمە ئۇكام! يېزىۋاتقان ماقالىڭىزدا تېنزورنى قوللانسىڭىز ئۇ ياخشى ئىپادىلەپ بېرىشى مۇمكىن.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 19:09:26

TashpolatRozi يوللىغان ۋاقتى  2014-3-5 13:09 static/image/common/back.gif
سالام مۇھاكىمە ئۇكام! يېزىۋاتقان ماقالىڭىزدا تېنزورن ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تاشپۇلات ئاكا ، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
ئاز كەم بىريىل مابەينىدە بەرگەن شەخسىيەتسىز ياردەملىرىڭىز ، قىلغان تەلىملىرىڭىز ۋە كۇڭۇل بولگىنىڭىزگە كوپ رەھمەت .
مەنمۇ سىزنىڭ ئەسكەرتكىنىڭىزدەك ماقالىدە تىنزورنى قوللىنىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن ئىدىم ، بىراق سىزنىڭ خەۋىرىڭىزدە بولغىنىدەك مىنىڭ تىنزورنى تىلغا ئالمىقىم ئاسان بولغىنى بىلەن ئۇنىڭغا قارىتا ھىساپلاش ئېلىپ بېرىشىم نىسبەتەن قىيىنغا توختاۋاتىدۇ ، شۇڭا نۇۋەتتە ماقالىنى ئوزگەرتىپ يىزىشنى توختىتىپ قويۇپ ئھىتىياجلىق ماتىماتىكا بىلىملىرىنى ئوگىنىۋاتىمەن. بىراق ماڭا لازىملىق ماتىماتىكا بىلىملىرى ئاسپىرانتلارغىمۇ قىيىن بىلىندىغان ساھەلەر بولغاچقا سۇرئىتىم نىسبەتەن ئاستا بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ .
مەن نۇۋەتتە يۇلۇققان مەسلە تۇۋەندىكىچە:1زەرەتسىز مۇقىم ئوقتا ئايلىنىۋاتقان ماددى نوقتىنىڭ ئىنىرگىيە - ھەرىكەت مىقتارى تىنزورىنى يىزىپ چىقىپ ، بۇنىڭغا ئاساسەن ماسسا مەركىزىنىڭ ھادىسە سىزىقىدىكى نىسبىىيىلىك نەزەرىيەسى خارەكتىرلىك تەۋرىنىشىنى ئىپادىلەپ ۋە ئىسپاتلاپ بۇنىڭدىن كىلاسىك مەنىدىكى دولقۇن تەڭلىمىسىنى كەلتۇرۇپ چىقىش.(مىنىڭ قارىشىمچە ئايلىنىۋاتقان جىسىمنىڭ ماسسا مەركىزى ھادىسە سىزىقىنىڭ ئۇچ ئولچەملىك بوشلۇقتىكى پىرويىكسىيىسى دولقۇن بۇلىدۇ. )
2.مەركىزى زەرەتلىك ئوقتا مۇقىم چاستوتىدا ئايلىنىۋاتقان زەرەتلىك ماددى نوقتىنىڭ   ئىنىرگىيە ھەرىكەت مىقتارى تىنزورىدا ئوزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ياكى  كەلتۇرۇپ چىقىش - بۇنى كۇچلەرنى بىرلىككە كەلتۇرۇشتە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.
3. خاس چاستوتىنىڭ ئوزگىرىش نوقتىسىدىن چىقىپ ماكان زامان ئەگىرىلىكى شارائىتىدىكى ئىنىرگىيە ھەرىكەت مىقتارى تىنزورىنىڭ خاسلىقىنىڭ ئوزگىرىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىش ۋە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىلىكتىر - ماگىنىتىلىق تەسىرنىڭ قىسقا ئارىلىق ۋە ئولتىرا قىسقا ئارىلىقتىكى دوپلىر ، كومپىتۇن ، سەيمان ئىففىكىتلىرىغا قارىتا ئانالىز ئېلىپ بېرىش - بۇ كۇچلەرنى بىرلىككە كەلتۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ قەدەم .
4. كۇنتۇر ۋارىيانىت ، كۇۋارىيانت تىنزورلارنىڭ ئالتە ئولچەملىك بوشلۇقتىكى ئوزگىرىشىگە قارىتا دەسلەپكى ئانالىز مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ....قاتارلىقلار.
تەلىم بىىرىشىڭىزنى كۇتىمەن ،  رەھمەت .
ئالى ئېھتىرام ، گۇزەل تىلەك ، يۇكسەك ئىشەنچ بىلەن: شاگىرتىڭىز ۋە ئىنىڭىز مۇھاكىمە.
2014.03.05 ، كۇچار.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 20:23:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-5 20:25  

مۇنبەردە فىزىك-ماتېماتىكلار خىلى بار ئىكەن، ئوبدان مۇلاھىزىلەر بولۇۋىتىپتۇ. ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن مۇنازىرىلىشىشنىڭ ھوزۇرى ئۆزگىچە بولىدۇ. مەن كەسپىمدە پەقەت ئېنگىلىز تىلىدا ھەر كۈنى مۇشۇنداق يۇقىرى سەۋىيدىكى مۇنازىرىلەردە بولۇپ تۇرىمەن ۋە شۇ سەۋەب ئۆزۈمگە زور ئاكتىپ ئېنرگىيە ۋە يېڭى ئوي-پىكىرلەرنى توپلايمەن. مۇنبەردە ئۇيغۇرچە يازغان ماقالىلىرىمدا سوئال كۆپ بولغان بىلەن يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇنازىرە بەك ئاز. بۇ تېمىدا ئېسل مۇلاھىزىلەردە بولغان ئەزىمەتلەرگە ھەۋەس قىلىۋاتىمەن. يارايسىلەر، مۇنازىرەڭلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، بىز ئاغزىمىزنى تامىشىتىپ ياندىن كۆزىتىپ تۇرىمىز. {:92:}

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 22:01:25

« قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» تېخىچە بىر سىر. ئېنىشتىيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسىگە ئاساسەن ئۇ زامان-ماكاندىكى بىر غەيرى نوختا دەپ قارىلىدۇ، ماتېماتىكىغا نىسبەتەن «غەيرى نوختا» مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمەلىي رىئاللىقتا بۇنداق «غەيرى نوختا» مەۋجۇتمۇ ئەمەسمۇ، قىسقىسى، مەن بىلمەيمەن.
————————————————————————
مۇمكىن بولسا ، يۇقۇرىدىكى بايانلارنى چۇشەندۇرۇپ قويسىڭىز ، رەھمەت.
مىنىڭچە غەيرى نوقتا بىلەن قارا ئۇڭكۇرنىڭ پەرقى ۋە مۇناسىۋىتى بار ئايرىم ئايرىم ئىككى ئۇقۇم.

غەيرى نوقتا - ھەرىكەت -ئىنىرگىيە تىنزورى  چەكسىز چوڭ بۇلىدىغان ، بوشلۇق چەكسىز ئىگىلىدىغان نوقتىدۇر.
بۇنى كىلاسىك فىزىكىدىكى سوزلەر بىلەن ئوبرازلىق ئىپادىلىسەك تارتىشىش كۇچى مەيدانى چەكسىز  كۇچلۇك بۇلىدىغان چەكسىز كىچىك دائىرىدىكى رايۇن.
مىنىڭچە ، بۇ يەردە مۇنداق ھالقىلىق بىر مەسلە ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشقا تىگىشلىك : تىنزورلارنىڭ زىچىلىقىنىڭ ماكسىمۇم چىكى بۇلۇشى كېرەكمۇ يوق يەنى  تارمەنىلىك نىسبىيىلىكتىكى يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئوزگەرمەسلىكى ۋە كۇۋانت فىزىكىسىكى پىلانىك ئۇزۇنلۇقىدىن پايدىلىنىپ زىچلىقنىڭ ماكان-زامان ئەگىرىلىكى شارائىتىدىكى خالىغان بىر ۋاقىت بوشلۇق نوقتىسىدىكى ماكسىمۇم قىممىتىنى ھىساپلاپ چىقىش مۇمكىن ، ھەرىكەت ئىنىرگىيە  تىنزورىنىڭ زىچلىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنىڭ بىر ئاساسى ماسسا زىچلىقىدىن ئىبارەت ، ئۇنداق بولسا ، ماسسىنىڭ ماكسىمۇم زىچلىقى مەۋجۇت ئىكەن ئۇ ھالدا ئىنىرگىيە ھەرىكەت تىنزورىنىڭ زىچلىقىنىڭمۇ ماكسىمۇم قىممىتى بۇلۇشى كېرەكمۇ - يوق ؟  ئەگەر بۇ قىممەت مەۋجۇت بولسا غەيرى نوقتىنىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىنمۇ؟
مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە  كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدىكى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك يادرولۇق  مەسلە  تىنزورلارنى قۇشۇش مەسلىسى ، مەن كورگەن ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا تىزورلارنى قوشقاندا ياكى ئالغاندا ۋېكتۇر قىسمىنى كىلاسىك ۋىكتۇر قۇشۇش قائىدىسى بىلەن ھەل قىلىنىپ كىلىۋېتىپتۇ ، مىنىڭچە بۇ مەسلىنى تار مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ خالىغان ۋاقىت بوشلۇق نوقتىسىغا تەدبىقلاپ ئاندىن دائىرىگە كېڭەيتىش زۇرۇر ، بۇ ئارقىلىق غەيرى نوقتىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن بۇلۇپلا قالماستىن يەنە نۇرغۇن مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى بار.

يەنە بىرسى قارائۇڭكۇر تۈكسىز تىئورمىسىدىكى قارا ئۇڭكۇر بىلەن زەررىچىلەرنىڭ بىر قىسىم خۇسۇسىيىتى ناھايىتى ئوخشىشپ كىتىدۇ ، ئۇنداقتا ، زەررىچە - مىكرۇ قارا ئۇڭكۇرمۇ؟
ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم ، كەچۇرەرسىلەر . رەھمەت.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 20:40:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-6 22:15  

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-3-5 22:01 static/image/common/back.gif


ئىنكاسلىرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!

« قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» تېخىچە بىر سىر. ئېنىشتىيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسىگە ئاساسەن ئۇ زامان-ماكاندىكى بىر غەيرى نوختا دەپ قارىلىدۇ، ماتېماتىكىغا نىسبەتەن «غەيرى نوختا» مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمەلىي رىئاللىقتا بۇنداق «غەيرى نوختا» مەۋجۇتمۇ ئەمەسمۇ، قىسقىسى، مەن بىلمەيمەن.
————————————————————————
مۇمكىن بولسا ، يۇقۇرىدىكى بايانلارنى چۇشەندۇرۇپ قويسىڭىز ، رەھمەت.

قارا ئۆڭكۈرنىڭ سىر بولىشى تېخى ئۇنىڭ ئېنىق يېشىلمىگەنلىكى ۋە ھەرخىل قاراشلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقى.. سىتىفىن خاۋكىڭ تېخى يېقىندا «قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس» دېدى. تاشپۇلات ئاكىمىزنىڭ تۆۋەندىكى تېمىسىنى كۆرۈپ بېقىڭ.

قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس

غەيرىي نوختا(ئېنىگىلىزچىسى Singularity ، خەنچىسى 奇点 ) ماتىماتىكىلىق بىر ئۇقۇم بولۇپ، كومپلېكىس فونكىسسىيەلەرنىڭ ياكى بۇ تېمىدىكىدەك ئەگرى بوشلۇق، ئەگرى يۈز،.. دىگەندەكلەرنىڭ مەزكۇر نوختىدىكى قىممەتنى ئالغان چاغدىكى پۈتۈنلەي باشقا نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋالنى كۆرسۈتىدۇ. مەسىلەن، تەكشىلىكتە بىر تال چەمبەرنىڭ رادىئوسى نۆل بولغاندا ئۇ ئۆزگۈرۈپ بىر تال نوختىغا ئايىلىدۇ،.. دېگەندەك.  بىزنىڭ تارتىشىش كۈچى مەيدانىمىزغا تەدبىقلىساق:  زامان-ماكان ئەگرى يۈزى دىكى خالىغان بىر نوختىنىڭ ئەگرىلىك رادىئوسى ئۇنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسىنى ئىپادىلەپ كېلىدۇ، رادىئوس قانچە چوڭ بولسا شۇنچە دۆڭ، رادىئوس قانچە كىچىك بولسا شۇنچە چۇڭقۇر بولىدۇ. شۇنداق بىر نوختا بولۇپ، ئەگرىلىك رادىئوسى نۆل بولغاندا ئۇ يۈزدە چەكسىز چوڭقۇر بىر «كامار»  ھاسىل بولۇپ بۇ نوختىنىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى چەكسىز بولىدۇ. چۈنكى بىز ئالەملىك تارتىشىشنى زامان-ماكان نىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسى بىلەن ئىبادىلىگەن ئېدۇق.  



  ماتېماتىكىلىق  يېشىملار گەرچە ماتىماتىكا ئۆزىدە توغرا بولسىمۇ، فىزىكىدا توغرا بولمايدۇ، يەنى رىئاللىققا ئۇيغۇن بولمايدۇ. مەسىللەرنى يەشكەندە رىئاللىققا ئۇيغۇن شەرتلەرنى قويۇپ، رىياللىققا ئۇيغۇن بولغان يېشىملىرىنى تاللىۋالىمىز. ئېنىشتىيىننىڭ يۇقارقى تەڭلىمىسىنىڭ يېشىمىدىن كېلىپ چىققان بۇ غەيرى نوقتا دەل بىز بىلمەيدىغان، بېشىمىزنى قاتۇرغان نوختا... بۇ نوختىدا تەبىئىيتى ماسسا قويۇلغان ۋە ئېگىلگەن ئەسلى تەبىئىيتىگە ئوخشاش بولمىغان باشقا بىر غەيرى نوختىنى، ھەرقانداق ماددىنى يۈتىۋېتىدىغان بىر نوختىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنى يازمىنىڭ داۋامىدا ئوتتۇرىغا قويىمىز...

  غەيرى نوقتا - ھەرىكەت -ئىنىرگىيە تىنزورى  چەكسىز چوڭ بۇلىدىغان ، بوشلۇق چەكسىز ئىگىلىدىغان نوقتىدۇر. بۇنى كىلاسىك فىزىكىدىكى سوزلەر بىلەن ئوبرازلىق ئىپادىلىسەك تارتىشىش كۇچى مەيدانى چەكسىز  كۇچلۇك بۇلىدىغان چەكسىز كىچىك دائىرىدىكى رايۇن.

قۇشۇلىمەن.

مىنىڭچە ، بۇ يەردە مۇنداق ھالقىلىق بىر مەسلە ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشقا تىگىشلىك : تىنزورلارنىڭ زىچىلىقىنىڭ ماكسىمۇم چىكى بۇلۇشى كېرەكمۇ يوق يەنى  تارمەنىلىك نىسبىيىلىكتىكى يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئوزگەرمەسلىكى ۋە كۇۋانت فىزىكىسىكى پىلانىك ئۇزۇنلۇقىدىن پايدىلىنىپ زىچلىقنىڭ ماكان-زامان ئەگىرىلىكى شارائىتىدىكى خالىغان بىر ۋاقىت بوشلۇق نوقتىسىدىكى ماكسىمۇم قىممىتىنى ھىساپلاپ چىقىش مۇمكىن ، ھەرىكەت ئىنىرگىيە  تىنزورىنىڭ زىچلىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنىڭ بىر ئاساسى ماسسا زىچلىقىدىن ئىبارەت ، ئۇنداق بولسا ، ماسسىنىڭ ماكسىمۇم زىچلىقى مەۋجۇت ئىكەن ئۇ ھالدا ئىنىرگىيە ھەرىكەت تىنزورىنىڭ زىچلىقىنىڭمۇ ماكسىمۇم قىممىتى بۇلۇشى كېرەكمۇ - يوق ؟  ئەگەر بۇ قىممەت مەۋجۇت بولسا غەيرى نوقتىنىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىنمۇ؟
مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە  كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدىكى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك يادرولۇق  مەسلە  تىنزورلارنى قۇشۇش مەسلىسى ، مەن كورگەن ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا تىزورلارنى قوشقاندا ياكى ئالغاندا ۋېكتۇر قىسمىنى كىلاسىك ۋىكتۇر قۇشۇش قائىدىسى بىلەن ھەل قىلىنىپ كىلىۋېتىپتۇ ، مىنىڭچە بۇ مەسلىنى تار مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ خالىغان ۋاقىت بوشلۇق نوقتىسىغا تەدبىقلاپ ئاندىن دائىرىگە كېڭەيتىش زۇرۇر ، بۇ ئارقىلىق غەيرى نوقتىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن بۇلۇپلا قالماستىن يەنە نۇرغۇن مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى بار.

دېگەنلىڭىزنى ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك بولىشى مۇمكىن... ئالىملار كۋانت نەزەرىيسى بىلەن  كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسىنى بىرلەشتۈرىدىغان «كۋانت تارتىشىش نەزەرىيسى(Quantum gravity)» دەپ يېڭى بىر تېمىنى مەيدانغا كەلتۈردى (ئۇ ھەقتە مەن بىر نەرسە بىلمەيمەن).  دېگىنىڭىزدەك، كۋانت نەزەرىيسىدىكى پلانىك تۇراقلىقىنىڭ بۇ يەرگە كىرگۈزۈلىشى مۇشۇ ساھەنىڭ ئىشى بولسا كېرەك..

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 08:52:25

ئىنكاسلىرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!

« قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» تېخىچە بىر سىر. ئېنىشتىيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسىگە ئاساسەن ئۇ زامان-ماكاندىكى بىر غەيرى نوختا دەپ قارىلىدۇ، ماتېماتىكىغا نىسبەتەن «غەيرى نوختا» مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمەلىي رىئاللىقتا بۇنداق «غەيرى نوختا» مەۋجۇتمۇ ئەمەسمۇ، قىسقىسى، مەن بىلمەيمەن.
————————————————————————
مۇمكىن بولسا ، يۇقۇرىدىكى بايانلارنى چۇشەندۇرۇپ قويسىڭىز ، رەھمەت.


قارا ئۆڭكۈرنىڭ سىر بولىشى تېخى ئۇنىڭ ئېنىق يېشىلمىگەنلىكى ۋە ھەرخىل قاراشلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقى.. سىتىفىن خاۋكىڭ تېخى يېقىندا «قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس» دېدى. تاشپۇلات ئاكىمىزنىڭ تۆۋەندىكى تېمىسىنى كۆرۈپ بېقىڭ***********************************************************************************
مەن ئوستازىمىز تاشپۇلاتكامنىڭ ئۇ ھەقتىكى يازمىسىنى كورگەن .
مەيدان تەڭلىمىسىنىڭ شىۋازچىلىد ، كىر يىشىملىرى ، پىنروسنىڭ ئانالىزلىرى ۋە خاۋكىڭ رادىئاتىسىيىسىگە ئائىت  بىر قىسىم ماتىرىياللارنىمۇ كورگەن ئىدىم ، مەن كورگەن ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا شۇنداقلا مىنىڭ چۇشەنچىلىرىمگە ئاساسلانغاندا قارا ئۇڭكۇر ھەقىقەتەن مەۋجۇت ، بىراق غەيرى نوقتا مەۋجۇت ئەمەس ، كۇۋانت تارتىشىش مەيدانى نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا خاۋكىڭ رادئاتسىيىسىمۇ شەكىللىنىدۇ ۋە قارا ئۇڭكۇر پۇتۇنلەي قارا بولمايدۇ . كولرەك بۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.
مەن ئاۋال غەيرى نوقتا ئۇستىدىكى قارىشىمنى سوزلەي .
ماتىماتىكا نوقتىسىدىن ئالغاندا توت ئولچەملىك بوشلۇقنىڭ سىز يۇقۇرىدىكى ئىسخىمىدا كورسەتكىنىڭىزدەك  چەكسىز ئىگىلىدىغان نوقتىسى بۇلۇشى كېرەك ، ھەم بۇنى غەيرى ئىۋكىلىت گىئۇمىتىرىسىيى ، ئىنتىگىرال  گىئومىتىيىسى ، ماترىسسالاردىن پايدىلىنىپ ۋە ئوپلاتۇرلارنى قوللىنىپ يىتەرلىك شەرت ئاستىدا ئىسپاتلاپ چىقىش مۇمكىن.
مەن ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىنى خاتا دىمەكچى ئەمەسمەن، بىراق ، ئېينىشتىيىن نەزەرىيەسىنىڭ چەكلىمىلىك تەرەپلىرى مەۋجۇت دەپ قارايمەن ، بۇنىڭدا ئاساسلىق نەزەردە تۇتىدىغىنىم يەنىلا نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى تەڭلىمىلىرىنىڭ يىشىملىرىدە مىتىرىك تىنزورلارنى ئالماشتۇرۇپ ياكى كوردىنات ئالماشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ يوقاتقىلى بولمايدىغان غەيرى نوقتىلارنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە يول قۇيىدىغانلىقى يەنى ماكان زاماننىڭ چەكىسىز ئىگىلىپ كىتىشىنى كەلتۇروپ چىقىرىدىغانلىغىدىن ئىبارەت  بۇ بىر نەزەرىيەۋى يەكۇن.
غەيرى نوقتىنىڭ شەكىللىنىشىنى چەكلەيدىغان بىر مىخاينىزىم مەۋجۇت. مىنىڭچە تەجىرىبە ئىسپاتىمۇ ، ئۇنى كۇزىتىش ئامالىمۇ بار ،
مەن سىزگە سەمىميىلىك بىلەن دىسەم بىلىك ئۇستازمىنىڭ قارىشىمچە ئېينىشتىيىن كۇچلەرنى بىرلىككە كەلتۇرۇشتە ئەڭ ئاخىرىدا غەلبە قازىنالماسلىقىدىكى ئاچقۇچلۇق سەۋەپلەرنىڭ بىرى مەيدان تەڭلىمىسىدە غەيرى نوقتىغا يۇچۇق قالدۇرغانلىقىدۇر ، يەنى تىنزورلارنىڭ زىچلىقىنىڭ چەكسىز نوقتىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە يول قويغانلىقىدۇر.
يەنە بىر ئىش غەيرى نوڭتا مەۋجۇت دىيىلسە ئۇھالدا ئالەمنىڭ باشلىنىشى - غەيرى نوقتا بۇلۇشى مۇمكىن ، ئۇنداق بولسا غەيرى نوقتىنى قايسى كۇچ كېڭەيتىپ ھازىرقى ئالەمنى شەكىللەندۇرىدۇ ، غەيرى نوقتىنى پارچىلىغىيالىغىدە كۇچ قانچىلىك بۇلۇشى كېرەك ؟ بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ .
ئېھتىمال ، يۇقۇرىدىكى نوقتىنى بەزىلەر تۇتىۋېلىپ ئۇ كۇچ خۇدادىن كەلگەن دىيىشى مۇمكىن ، تەبئەت دونياسىدىكى
نۇرغۇن قانۇنىيەتلەرنى بىلگىنىمىزدە ئاللانىڭ ھىكىمەت ۋە قانۇنىيەت بىلەن دونيانى ياراتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر نەتىجىنى ئىنكار قىلىپ قۇيىمىز . ھەممىنى بىلگۇچى ئاللادۇر بىلىپ - بىلمەي، خاتا سوزلەپ قويغان بولسام بارچە قانۇنىيەتلەرنىڭ ئىگىسى  ئۇزى كەچۇگەي.
يەنە بىر ئىش مىنىڭچە ماتىماتىكا چەكسىزلىكنى ياقتۇرسىمۇ فىزىكىدا ھەقىقى مەنىدىكى چەكسىزلىك بولمايدۇ.
....

كۇۋانىت تارتىش  نەزەرىيەسى توغرىسىدا مەن 2-3 ئايلاردىن كىيىن قارا ئۇڭكۇر تىرمۇدىنامىكىسى بىلەن قۇشۇپ يازما يىزىپ يوللىشىم مۇمكىن. ھازىرچە قۇلۇمدىكى ئىشلار نىسبەتەن كوپ ، ۋاقىت ئاجىرىتالمايمەن. شۇ ۋاقىتتا بۇ ھەقتىمۇ پىكىر ئالماشتۇرارمىز.
يەنە پاراڭلىشارمىز ، رەھمەت .

بەت: [1] 2
: (بىلىك) ئالەملىك تارتىشىشنىڭ سىرى نەدە؟