melek يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 22:27:42

ئەي ئازاب

ئەي ئازاب
فەرمان قاراچام
ئۆزلەشتۈرگۈچى :مەلەك

سېنىمۇ ئاتىدۇ بىر كۈنى ئەي ئازاب،
پەرۋاز قىلىپ تۇرغان قاناتلىرىڭدىن.
نەغمە سازىڭ،ناخشاڭ تۈگەيدۇ،
چىقىرالماي قالىسەن قولنى قوينۇڭدىن.

قار ياغماقتا چاناقلىرىڭغا،
بىلىسەن بۇنى ئەي ئازاب.
گۈل ئېچىلغان يۈزلىرىمىزدە،
سېنىڭ رەڭگىڭ ھەم كۆكەرمەكتە.

بېز سېنى بىلىمىز تا قەدىمدىن،
كۆكسىمىزگە تاش بوپ ياغقان سەن ئېدىڭ.
ئالقانلىرىمىزدا ھىرا غارى ئىدىڭ،
شەپەققە تەلپۈنگەن يايلىدا قىزىل ئاتلارنىڭ،
ئاق دېڭىز شامالىغا سىڭگەن سەن ئېدىڭ.

بىلىمەن، بىلىپ تۇرىمەن، ھېچقانداق تارىخ بۇنى يازمايدۇ،
بىر سىردەك قالىدۇ كۆيگەن كىتابتا.
كىندىك بېغى ئانىسىدىن ئايرىلمىغان بوۋاقلىرىمىزغا،
مىلتىقلارنىڭ ۋاشىنگىتوندىن كەلگەنلىكلىرى.

سېنىمۇ كۆيدۈرىدۇ بىر كۈنى ئەي ئازاب، بىر قۇل كۆزلىرىدىن ئېتىلغاندا.
قوللىرىڭ دەرەخلەرنى تۇتالماس، پەريادىڭ زامانلارنى ئاشسىمۇ ئاڭلانماس.

مەن بىلىمەن، ئۆمۈچۈكنى،غارنى، كەپتەرنى، ھاسىنى، ئىبراھىمنىڭ پالتىسىنى.
مەن بىلىمەن، بۇ ئايىغى چىقماس ئۇسۇل نەدىن باشلاندى،
مەن بىلىمەن بۇ ئۇسۇلغا چۈشكەن خىچىر يۈزلۈك ئىنساننى.

كىم كىمنىڭ يېنىدا، كىم كىمگە قارشى؟ يېغىن مۇنبىرىدە سۆزقىلىۋاتقان كىم ؟


ئۈسكۈدار قىزلار مەكتىۋىدە ئوقۇيدىغان ياز قىزچاق، سومكىسىدا كىمنىڭ رەسىمىنى توشۇپ يۈرىدۇ؟
كادىكۆي پاراخۇتىدا تاماكا چىشلىۋالغان يىگىتلەر، نە سەۋەبتىن ئاچچىق كۈلىدۇ؟

ساڭىمۇ تاش ئاتىدۇ بىر كۈنى ئەي ئازاب، پەلەستىنلىك رەگەتكىلىك بالىلار.
شېخىڭ، قولۇڭ، نوتىلىرىڭ پۇتۇلۇپ، بىر كۆتەكلا بولىسەن بولۇپ قاقشاللار.

ئۇنداق مارىماڭلار بالكونلاردىن، فىرات دەرياسىنى ھىجران چاقىسى قاپلىدى،
تومۇرلىرىمىزنى يىرتىپ دوناي دەرياسى ئازابلارنى يۈرەككە ئاتتى.
جۇشقۇن كۈيلەر مەرسىيەگە ئايلانغاندا، چېچىنىيەدە يىگىتلەر ئىمان، ئەمگەك، مۇھەببەت ئۈستىدە ئۇچرىشىپ جىمىشتى.

نە باغداتتىن،نە بۇخارادىن،نە شام مەككىدىن، نە ئىستانبۇل دىياربەكىردىن ،
شۇنچە تىلگىراف مۇنارى تۇرۇپ ھېچكىم ئاڭلىماس بىر- بىرىنىتۈپتىن.


سېنىمۇ ئاتىدۇ بىر كۈنى ئەي ئازاب، ھالەپچىدە سولغان گۈل كەبى،
بۇ كويغا چۈشسەڭ سەنمۇ كۆيىسەن، تومۇز ئىسسىق ياز كېچىلىرى.


ئەي ئانىلار، كېچىلىرىڭلارنى بالىلارغا بۆلۈپ ئەللەي ئېيتاتتىڭلار، فاتىھتەك قەھرىمان بالىلار تۇغاتتىڭلار.

كېلىن قىزلارنىڭ كىيىمى بۇلغاندى، ئوماق بالىلار يېتىم قېلىشتى.
أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَآوَىٰ )ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟(93:6

مەن بىلىمەن،ئىستانبۇلنىڭ، باغداتنىڭ، دىياربەكىرنىڭ، مەككە ۋە بۇخارانىڭ قانداق باغلىنىپ قانداق يېشىلگىنىنى.

ئەي ئادەملەر، ئەي ئادەمگەرچىلىك، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار!
قول-پۇتلىرى ئۈزۈلگەن يىگىتلەرنى، بېشى تېنىدىن جۇدا بولغان ئىنسانلارنى،
كۆزلىرى ئۇخلىغانداك يۇمۇلغان، قانلار ئارىسىدا ياتقان بۇ بالىلارنى قالتىس رىنتىگىنلىرىڭلاردا وبدان كۆزىتىڭلار.

بىر كۈنى بۇ دۇنيا، گۈل باغچىسىغا ئايلىنىدۇ دەپ بېلىڭلار ھەم ھەرگىز ئەستىن چىقارماڭلار.



ئاۋازلىق ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى http://pan.baidu.com/s/1c0ePVYo
ئەسلى مەنبە : http://www.antoloji.com/aci-9-siiri/

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 05:56:04

شېئىرما بۇ :lol

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 07:27:54

kangasman يوللىغان ۋاقتى2014-3-2 05:56 static/image/common/back.gif
شېئىرما بۇ

گەپ

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 07:48:23

مەلەك ،   شاھ ئۇيغۇربىلوگىدىكىمەلەكسىزشۇمۇ ؟

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 07:52:50

ئازاب...!

----

كېلىن قىزلارنىڭ كىيىمى بۇلغاندى، ئوماق بالىلار يېتىم قېلىشتى.
...

بۇ مىسرانىڭ ئاستىدىكى نەقىلنىڭ خەت شەكلى نورمال كۆرۈنمىدى.

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 08:01:35

تېلفۇندانەقىلئالالمىدىم .   غۇجىمۇھەممەدنىڭ ، ئادىلتۇنىيازنىڭشىئېرلىرىدەك   پۇراقبارمۇقانداق ؟

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 09:38:45

melek يوللىغان ۋاقتى2014-3-2 07:27 static/image/common/back.gif
گەپ

ھېكايە ئوغشايدۇ دەپ قاپتىمەن تېخى :$

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-3 09:24:51

بۇ شئېرنىڭ چاچما شېئر تۈرىنىڭ تۆكمە شېئىر دىگەن تارماق تۈرىگە كىرەمدۇ نىمە:lol:lol:lol
بەت: [1]
: ئەي ئازاب