TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 11:20:38

تاشپولات: ئۆلگەن ئادەم قايتا تىرىلدى

ئۆلگەن ئادەم قايتا تىرىلدى.

تاشپولات روزى

ئۆلگەنلىكى توغرىلىق ئىسپات بېرىلگەن ئامېرىكالىق بىر ئەر كىشى، دەپنە مۇراسىم ئۆيىگە ئاپىرىلىپ، چىرىمەس خالتا ئىچىدىن چىقىرىش ئالدىدا، تۇيۇقسىز مىدىرلاپ كۆزىنى ئاشقان.  بۇ خەۋەر ئامېرىكادىكى ئاخبارات ساھەسىدە كەڭ تارقىلىپ خەۋەر قىلىنىۋاتىدۇ.

بۇ كىشىنىڭ ئىسمى Walter Williams بولۇپ بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن ئىكەن. مۇشۇ چارشەنبە كۈنى دوختۇر بۇ كىشىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنۇڭ يۈرىكىنىڭ  توختاپ ئۆلگەنلىك توغرىلىق ئىسپات خاتىرىسى بەرگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىنى چىرىماس خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىنىپ mississipi شتاتىدىكى دەپنە مۇراسىم ئۆيىگە يۆتكەپتۇ. بۇ جەريانىدا نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، دەپنە ئۆيىدىكى خىزمەتچىلەر ئۇنۇڭ جەسىتىنى قاچىلانغان خالتىدىن چىقىرىش ئالدىدا ئۇ مىدىرلاپتۇ كۆزىنى ئېچىپتۇ.

ئۇ كىشىنىڭ قىزىنىڭ دېيىشىچە دادىسى ھازىر ئازراق سۆزلەيدىكەن بىراق يەنىلا بەدىنى ئاجىز ئىكەن. بۇ كىشىنىڭ ئائىلىسى بۇ ئىشتىن بەكمۇ خۇشال بولۇپ، تەڭرىگە مىڭ رەھمەت ئېيتتى.

يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.

http://abcnews.go.com/blogs/health/2014/02/28/miss-man-declared-dead-wakes-up-in-body-bag/

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 21:52:24

ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا «تىرىلىشى»بۇرۇنمۇ كۆپ كۆرۈلۈپتىكەن, ياۋروپا  دۆلەتلىرىدە مۇشۇنداق تىرىلىپ قالغان كىشىلەرنى ئالۋاستى قاتارىدا كۆرۈپ,   گېلىغا كىرىست شەكىللىك قوزۇق قېقىپ ئۆلتۈرىكەنتۇق.   ماۋۇ خەۋەرنىڭ غۇلغۇلا قوزغىشى بەلكىم ھازىرقىدەك تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى, ئۇسۇللىرى شۇنچىلىك تەرەققىي قىلغان بىر زاماندا ئۆلگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان كىشىگە قايتا جان كىرىپ قالغانلىقى بولسا كېرەك.   

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 21:55:20

ئاپام رەھمەتلىك  3 يىلنىڭ ئالدىدا  راك بىلەن كېتىپ قالدى، 53 ياشتا ئىدى.  ئىچ يەرلىككە ئۆزۇم كىرگەن ئىدىم، مەندە ئۇ تىرىلىپ قالىدىغاندەكلا بىر غەيرى سىزىم پەيدا بولۇپ ( ئاللاھ ئۆزى كەچۈرسۈن) ئۇزۇن تۇرۇپ قالدىم، تىشىدىكىلەر چاقىرىپ كەتتى....
بەلكىم يۇقۇرىدىكى خەۋەردىكى ئادەمنىڭ ئىشى ھېلىقى «ساختا ئۆلۈم»  دېگەن ھادېسە شۇ بولسا كېرەك؟

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 22:02:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Typography تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-1 22:04  


1920-يىل باھارنىڭ بىر سەھىرى،ئەنجان شەھرىدىكى بىر رەستىدە جىنازىنى چۆرىدەپ نەچچە ئون كىشى مۇسىبەت قايغۇسىدا كىلىۋاتاتتى.
رەستىنىڭ چىتىدە تۇرغان 35 ياشلار چاممىسىدىكى بىر كىشى ھازىدارنى چەتكە تارتىپ ئۇنىڭ قولىقىغا:
-جەسەتنى تىرىكمىكىن دەپ قالدىم-دەپ پىچىرلىدى.
-نىمە دىدىلە؟-ھازىدار ھاڭۋىقىپ قالدى.
بۈگۈنچە كۆممەي تۇرسىلا.
ھازىدارنىڭ كاللىسدا «بۇ كىشىنىڭ ئىيتقانلىرى رسىت بولغۇيدى،ئىلاھىم» دىگەن ئۈمىد ئاقار يۇلتۇزدەك چاقناپ ئۆتتى،ئۇ جىنازا كۆتۈرۈپ كىلىۋاتقانلارنى ئارقىغا يىنىشقا بۇيرىدى.بۇ تاسادىبىلىقتىن جامائەت:
-بۇ نىمە ئىش ئەمدى؟
شۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟
ئاتام كۆرمىگەن،ئانام ئاڭلىمىغان كەپكەنغۇ بۇ دىيىشىپ ،قايناۋاتقان قازاندەك غۇلغۇلا قىلىشتى.ۋە جەسەت ئىگىسىنىڭ رايىنى قايتۇرغۇسى كەلمەي بىر-بىرلەپ تارقاپ كىتىشتى.«ئۆلگۈچى»نىڭ ئىككى ئىنىسىدىن باشقا ھىچكىمنىڭ جىنازا بار ئۆيگە كىرشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى.ھازىدار پىشىن نامىزىدىن قايتىپ جىنازا بار ئۆيگە
كىرىپ ئىككى ئوغلىغا «بىرەر تىرىكلىك ئالامىتى بارمۇ» دىگەن مەنىدە تىكىلدى.ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ ئۈمىتسىز كۆزلىرىگە قاراپ مەيۈسلىنىپ ؛
-نامىزىنى چىقىرۋەتسەك بوپتىكەن،بىر شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپتىمەن-دەپ پىچىرلىغىنىچە چىقىپ كەتتى.
بىر نەچچە مىنۇتتىن كىيىن ئىنىسى :
-ئاكا ئاڭلىدىڭمۇ؟جىنازىدا شەپە بار-دىدى،ئاكا-ئۇكىلار ئالدىراپ يوپۇقنى ئاچتى،«جەسەت»قوللىرىنى كىپەنلىكتىن چىقىرىشقا ئۇرنىۋاتاتتى.ئىڭىكى يىشىلگەن«جەسەت» ئۇھ دەپ تىندى،ۋە كۆزىنى ئىچىپ ئۇكىللىرىغا قارىدى......
مىليۇن ئادەمنىڭ ئىچىدىن بىرىرسىدە كۆرىلىدىغان بۇ ئاجايىپ ئەھۋالدىن ھەش-پەش دىگۈچە پۈتۈن ئەنجان خەلىقى خەۋەر تاپتى.
ئىمىن ئاخۇن قاراقاش شەھەر ئىچىدىكى گۈزە مەھەلسىدە ئولتۇرۇشلۇق تىۋىپ كىشى بولۇپ1919-يىلى ھەج قىلىشنى نىيەت باغلاپ ئۆزى بىلەن 4 كىشى ئاتلىق سەپەرگە چىققان ئىدى.قونالغۇلاردا يولۇچىلارنىڭ ياكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ كىسىلىنى داۋالاش زۆرۆرۈيتى بىلەن كۆپ ھاللاردا ھەمرالىرىنى ساقلىتىپ قويدى.ھەر كۈنى ئۇنى ساقلاۋىرىشتىن زىرىككەن ھەمرالىرى ئۇنى تاشلاپ يولغا راۋان بولۇشتى.يالغۇز قالغان ئىمىن ئاخۇن بىمارلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالمىدىمۇ ياكى سەپەرنى يالغۇز داۋاملاشتۇرۇشتىن ئەنسىرىدىمۇ ئىشقىلىپ يۇرتمۇ-يۇرىت كىزىپ كىسەل داۋالاپ ئەنجانغا كىلىپ قالغاندى.كىشىلەر ئۇنى مۇساپىر تىۋىپ دەپ ئاتىشاتتى.
كىشىلەر ئۇنى ئورىۋىلىپ قار-يامغۇردەك سوئاللارنى ياغدۇرۋەتتى:
-ئۆزلىرى ئەۋلىيادەكلا كىشى ئىكەنلىغۇ؟
-قەيەرلىك ئۆزلىرى؟
-رەھىمقۇلنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىلە؟
مۇساپىر تىۋىپ:تىرىك ئادەم جەسەتتىىن يەڭگىل كىلىدۇ،جىنازا كۆتۈرگەنلەرنىڭ بىلى ئىگىلمەي ماڭغىنىدىن تىرىك كىشىنى جىنازىغا سىلىپ مىڭىپتۇ،دەپ ئويلاپ قالدىم.ئۆلۈكتەك تىنىغى توختاپ كىتىدىغان،بىر نەچچە سائەت ھەتتا بىر ئىككى كۈندىن كىيىن ئەسلىگە كىلىدىغان كىسەللەرمۇ مىڭىدىن بىرى ئۇچرايدۇ-دىدى.مۇساپىر تىۋىپنىڭ ئابرويى بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ «ئەۋلىيا تىۋىپ»قا ئايلاندى.ئۇ ئوبلاسىت باشلىقلىرىنىڭ كۆپ ئۆتمەي ئۆزبىكىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئەتىۋارلاپ كىسەل كۆرسىتىشىگە ئىرىشتى.ئۇنىڭ تەرىپى قۇلاقتىن-قۇلاققا يىتىپ سابىق سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ تۇنجى 1-نومۇرلۇق رەھبىرى لېنىننىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.لېنىنىڭ تەلۋى بىلەن ئۆزبىكىستان رەھبەرلىرى ئۇنى ئايرۇپىلان بىلەن موسكىۋاغا،كىرىمل سارىيىغا ئەۋەتتى.لېنىن ئۇنىڭدىن:
-ھەر بىر ئىشتا جىددىلىشىپ بىئارام بولۇپ كىتىمەن،ئىغىر-بىسىق بولۇشنى خالايتىم،بۇنىڭغا دورا بارمۇ؟-دەپ سورىدى.
ئىمىن ئاخۇن:
-بۇ كىسەللگىمۇ دورا بار-دىدى ۋە لېنىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ ئۆزى ئىلىپ يۈرگەن ھايۋانات سۆڭەكلىرى،ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرى  ۋە موسكىۋادىكى ئوت-چۆپ يوپۇرماقلىرىنى ئارلاشتۇرۇپ مەجۇنات دورىلارنى ۋە شەربەتلەرنى ياساپ بەردى.مەخسۇس لىنىنغا قارايدىغان دوختۇرلار بۇ دورىلارنى ئانالىزدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن لىنىنىڭ ئىچىشىگە بەردى.بىر ھەپتىدىن كىيىن لېنىن ئۆزىنىڭ پەرۋاسىز،ئىغىر-بىسىق بولۇپ قالغانلىغىنى سەزدى.دۆلەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئەسلىدىكى كەسكىن،جىددى مىجەزىنى موۋاپىق كۆرۈپ بۇ دورىلارنى ئىچىشتىن ۋاز كەچتى.لېنىن تۋىپقا ئەتىۋارلىق سوۋغاتلارنى بەردى ھەم ئۇنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن مەككە مەدىنىگە يولغا سىلىپ قويۇشنى موناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ھاۋالە قىلدى.
ئىمىن ئاخۇن ھەج قىلىپ قايتىش سەپىرىدە ئىران،ھىندىستان،تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا تېۋىپلىق قىلىپ قەشقەرگە كەلگىچە سەككىز يىل ئۆتتى.بىر سارايۋەننىڭ كىسىلىنى داۋالاش سەۋەبى بىلەن قەشقەردە بىر ئايچە تۇرۇپ قالدى.بىر كۈنى قەشقەردە ئىككى قاراقاشلىق سودىگەر بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىپ خوتۇن-باللىرىغا،قىرىنداشلىرىغا دۇئايى-سالام ھەم پۇل ئامانەت قىلدى.سەككىز يىلدىن بىرى ھىچبىر ئۇچۇر خەۋەر بولمىغانلىقتىن ئۆيدىكىللىرى ئۇنى ئۆلدىگە چىقىرۋىتىپ ئولتۇرۇشقاندى،سودىگەرلەردىن خەت خالتا،ۋە ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئالغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى ياشىرىپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ يولىغا قارايدىغان بولدى.بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن جامائەت بامدات نامىزىدىن تارقىغاندا ئىمىن ھاجىىم ئۆيىگە كىردى.باللىرى،تۇغقانلىرى،خۇلۇم خوشنىللىرى ئىمىن ھاجىم بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلاشتى.مەھەلىنىڭ ئىمامى:
-ئۆزلىرىنى ھايات ئەمەسمىكىن دەپ ئويلىۋىدۇق،خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن دىدار كۆرۈشتۇق.يىڭى جانلىرىغا موبارەك بولسۇن-دىدى.شۇنىڭدىن كىيىن كىشىلەر ئۇنى«ئىمىن ھاجىم يىڭىجان» دەپ ئاتايدىغان بولدى.كىيىن ئىمىنھاجىم خوتەندىكى «ئىسلام ھۆكۈمىتى»گە ئەسكەر بولۇپ 1933-يىلى يىڭىسادىكى جەڭدە قازا قىلدى.
(ئىمىنھاجىمنىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان 1944-يىلى سۆزلەپ بەرگەن)
مەنبە:يىڭى قاشتىشى ژۇرنىلى. ئەسلى ئاپتۇرى مەمتىمىن قۇربان.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 22:02:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-1 22:06  

بەش-ئالتە يىلنىڭ ئالدىدا دەل قۇربان ھېيىت نامىزىدىن يېنىپ كېلىۋاتساق، مەسچىتتىن كېيىن چىققانلار مەزىننىڭ گېپىنى كۆتۈرۈپ كەلدى: توختى ياغاچ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ تۈگەپ كېتىپتۇ. ياشلار يەرلىك كولىغلى بارىلى، دەپ... بىز ھەممىمىز شۇنداق قايغۇردۇق. توختى ياغاچ دېگەن بۇ ئادەم ياغاچچى بولۇپ، ئۆزى 40 ياشلاردا بار، ناھايىتى ياخشى ئادەم ئىدى. ئۆيگە بارساممۇ... توختى ياغاچنىڭ قانداق ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى گەپ. شۇنىڭ بىلەن قوشنامنىڭ ئوغلى بىلەن ئىككىمىز يەرلىك كولىغىلى باردۇق. ئالتە-يەتتىمىز تۆت-بەش سائەت يەرلىك كولاپ ھېرىپ كەتتۇق. ئۇ ھېيىت كۈنى بولغاچقا، يەرلىك كولىغىلى جىق ئادەممۇ كەلمىدى. شۇ ئۇرۇغ-تۇغقان بىلەن ئارىلاشمايدىغان ئالتە-يەتتىمىزلا كەپتىمىزتۆرت كىشى ئۆيىدىن يېگۈدەك بىر نەرسە ئېلىپ چىقىدىغان بولۇپ كىرىپ كەتتى، ئۈچىمىز يەرلىك ئىچىدە موخۇركا چېكىشىپ ئولتۇرساق... يەرلىك بېشىغىلا توختى ياغاچ كەپ قالدى. بۇ چاغدا قورقۇپ جان-پانىمىز چىقىپ كەتتى، چىچاڭشىپ يىقىلىپ چۈشتۇق. پالاقلاپ يەرلىكتىن چىقىپ، قاچايلى دەپ تۇرساق ئۇ گەپ قىلدى:
قاچماڭلار، مەن ئۆلمىدىم، مەلىدە شۇنداق گەپ بوپ كېتىپتۇ....
---------
ئۇنىڭ دېيىشىچە ھەقىقەتەن قاتناش ۋەقەسى بوپتىكەن، ۋەقەدە بىر ماشىنا ئۇنىڭ ھارۋىسىغا سوقۇلۇپ، قارشى تەرەپتىن ئادەم يارىلىنىپتۇ... بۇ خەۋەرنىڭ قانداق بولۇپ توختى ياغاچ ئۆلدى، دېگەندەك ئۆزگىرىپ كەتكىنى نامەلۇم...
ئىشقىپ ئاجايىپ غەلىتە ئىشلار بولغان..

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 22:08:23

، ئۈچىمىز يەرلىك ئىچىدە موخۇركا چېكىشىپ ئولتۇرساق...
:lol ما گەپكە كۈلۈپ كەتتىم. شۇ يەردىمۇ قورقماي موخۇركا دىگەننى چىكىپ ئولتۇرغانكىن.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 22:29:17

كىچىك چاغلىرىمدا ، چوڭ ئاپا دەپ بەرگەن بىر ئىش ئېسىمگە كەپ قالدى ،
بىر ئائىلدىكى قىز تۇيۇقسىز ئۆلۇپ قاپتۇ . مەھەللىدىكى دوختۇرغا كۆرسەتسە ئۆلۇپ بوپتۇ دەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ۋقتىدا يەرلىككە قويىلى دەپ شۇ كۇنى يۇيۇپ ئەتىسى سەھەردە يەرلىككە قويۋېتىپتۇ ، شۇ كۇندىن باشلاپ بەچچە كۇن قىزنىڭ ئاپىسىنىڭ چۇشى بۇزۇلۇپتۇ يۇركىنىڭ بىر يەرلىردە ، ئىچىنىڭ بىر يەرلىردە قىزى ھاياتتە ئۆزىنى چاقىرۋاتقاندەك سېزىپتۇ ۋە چۇشلۇردە قاپقاراڭغۇچىلىق ئىچىدە قىزى ئاپا مىنى تاتىۋېلىڭ ، مىنى قۇققۇزۋېلىڭ دېگەندەك قارا بېسىپ ئۇيقۇلىرى ئۇقۇ بولماپتۇ ، شۇنداق بولۇپ بىرەر ھەپتە بولغاندا ئاپىسى ئويدىكىلىرگە بولغان ئىشنى دېسە، ئويدىكىلىرى قىزنىڭ ئۆلىمى ئېغىركەپتۇ دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپتۇ ، ئاپىسى ئاخىرى بولماي قىزنىڭ قەۋرىسىگە بېرىپ ئۆزى كولاشقا  باشلاپتۇ كولا - كولا قارسا تاتىرىپ چىرىپ كەتكەن تىرناقلىرى ئارسىغا توپا توشۇپكەتكەن قول تۇغۇدەك ....

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 23:03:38

ئاللاھ ئۆزۈڭگە ئامانەت... بەزى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ قورقۇنچ باستى.، ئاۋۇ بەڭگىلەرنىڭ قىلىقىنى ئاڭلاپ:  .   lol:lol:lol

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 23:04:34

شۇ ھېلىقى يۈرەك توختاپ قېلىپ، مېڭە تېخى ھايات بولىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ دەپ ئاڭلىۋىدىم قارىغاندا بۇ مەرھۇم بولغۇسىنىڭمۇ شۇنداقراق بىر ئەھۋال ئوخشايدۇ جۇما

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 01:33:46

birmoo يوللىغان ۋاقتى  2014-3-1 22:29 static/image/common/back.gif
كىچىك چاغلىرىمدا ، چوڭ ئاپا دەپ بەرگەن بىر ئىش ئېسىمگە  ...

ماۋۇ ھېكايە خەنچە ھېكايىدەك قىلىدىغۇ؟ :lol
باشقا يەرلەرنىڭكىنى بىلمىدىم، ئەمما قەشقەر تەرەپنىڭ يەرلىكتە قويۇش ئادىتى بويىچە قارىغاندا، مېيىتنى بېۋاستە توپا بىلەن كۆمىۋەتمەيدۇ. گۆرلۈكنىڭ ئاغزىنى كېسەك بىلەن ئېتىپ، ئاندىن ئازراق ھاۋا كىرگۈزىدىغان بىر ئىش بار ئىدى. يەرلىكىدە قويۇپ 3 كۈندىن كىيىن تولۇق سۇۋاپ ئاغزىنى ئېتىدۇ.
كۆپىنچە ھاللاردا ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى دەپنە قىلغاندا مۇشۇنداق قىلىدۇ. بەلكىم ئۆلۈپ كەتتى دەپ خاتا ھۆكۈم قىلىپ، كىيىن ئۆلمىگەن ئىشلار بۇرۇن يۈز بەرگەن بولسا، مۇشۇنداق قىلامدىكىن ئىشقىلىپ، باشقا يۇرتلارنىڭ ئوخشاش بولمىسا بۇنى بىلمەيدىكەنمەن.


parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 01:40:38

ئۈچىمىز يەرلىك ئىچىدە موخۇركا چېكىشىپ ئولتۇرساق...


قالتىسكىنا بۇلار :funk:

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 08:11:07

ئۈرۈمچى  گۈلساي  قەبرىستانلىقىدا  گۆركارلارنىڭ  قەبرىلەر  ئارىسىدا غېمىدە  يوق  تاماكا  چىكىشىپ  ئولتۇرغىنىنى   كۈرۈپ   ياقامنى  تۇتۇپلا  قالغانتىم ، شۇ  گۆركارلار  ئىزدىنىشتىمۇ  بار  ئىكەندە  ئەسلى  .. .

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 08:34:38

:lol

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 09:41:23

ئاپلا ، مەن تۆنۇگۇن دوستۇمغا دەردىمنى تۆكەپ بېرىپتىمەن :o

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 12:24:18

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-3-1 22:02 static/image/common/back.gif
بەش-ئالتە يىلنىڭ ئالدىدا دەل قۇربان ھېيىت نامىزىدىن يې ...

ھىلىمىمۇ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ يەرلىكنىڭ ئىچىدە زىياپەت قىلماپسىلە يەنە ........................   تاماكىنى تاشلىدىڭلارمۇ ؟ مۇمكىن بولسا تاماكا تاشلاڭلار

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 18:34:52

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2014-3-2 01:33 static/image/common/back.gif
ماۋۇ ھېكايە خەنچە ھېكايىدەك قىلىدىغۇ؟  
باشقا يەرلە ...

قەشقەرنىڭ باشقا يىرىدە قانداقكىن، يەكەندە مىيىتنى ئىچ يەرلىككە قويۇپ، ئىچ يەرلىكنىڭ ئىغىزىنى كىسەكتە ئىتىپ بولغاندىن كىيىنلا، تاش يەرلىكنى تولۇق كۆمىمىز. ھاۋالاندۇرىدىغان ياكى ئوچۇق قويىدىغان ئىش يوق.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 20:07:00

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2014-3-2 18:34 static/image/common/back.gif
قەشقەرنىڭ باشقا يىرىدە قانداقكىن، يەكەندە مىيىتنى ئى ...

توغرا.....
مېنىڭچە، بۇ يەرلىككە ئەكىرىپ قويۇپ كۆممەي قويدىغان ئىش ياخشى ئادەت ئەمەس ... ھازىر تېبابەتمۇ ئىلغار بولۇپ كەتتى.... توغرا ھۆكۈم قىلالايدۇ. ئاۋال ياخشى تەكشۈرۈش ئاندىن قازا قىلغان بولسا، دەرھال كۆمۈش كېرەك....
ئۆلمەي قالغان بولسا.... دېگەن ئۈمىدتە قەبرىنى كۆممەي قويۇپ، مەھەللىنىڭ لالما ئىتلىرى يەپ كەتسە، ئاللاۋ-توۋا ئېيتىپ يەنە يىغلاشقا توغرا كېلىدۇ...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 22:55:14

بۇنى يوللاشتا سىزنىڭمۇ بىرەر ئوي- خىيالىڭىز ياكى يەكۈنىڭىز بار  بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-3 09:43:31

شۇڭا ھازىر ئۆلگەنلىكىنى بېكىتىشتە يۈرەكنىڭ توختىغانلىقىنى ئەمەس، مىڭىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ.
بەت: [1]
: تاشپولات: ئۆلگەن ئادەم قايتا تىرىلدى