بۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ چىدىيالامسىز؟
گۈزەلئاي،24ياش،شىخودىن.2013-يىل8-ئايدا 5ياشلىق قىزى ئۇقمىغانلىقتىن ئۇ ئۇچاق بىشىدا ئىش قىلىۋاتقاندا بوتۇلكىغا قاچىلاقلىق بېنزىننى ئاپىسىنىڭ ئۈستىگە چېچىپ سېلىپ ئوت تۇتىشىپ كىتىپتۇ،گۈزەلئاي قىزىغا تۇتىشىپ كەتكەن ئوتنى ئۆچۈرۈپ بولغىچە ئۆزىنىڭ بەدىنىنىڭ 85%ى كۆيۈپ كېتىپتۇ ۋە ئۈرۈمچى كۆيۈك كېسەللكلىرى دوختۇرخانىسىغا بېرىپتۇ،بىر بەچچە كۈندىن كىيىن يولدىشى پۇل تىپىپ كىلەي دەپ چىقىپ كەتكەنچە يوقاپ كىتىپتۇ،ئۇنىڭغا دوختۇرخانىدا ئاپىسى بىلەن بىر ئاچىسى قاراپتۇ.ئاپىسىنىڭمۇ،ئاچىسىنىڭمۇ تۇرمۇشى ئارانلا ئىكەن.ئەينى چاغدا بىر دوستۇم ئۇ قىزنىڭ خەۋرىنى ئاڭلاپ بېرىپ بىر نەچچە ئاكاش ئاچاشلار ئىقتىساد جەھەتتىن ياردەم قىلىپ دەۋالاتقان،بىر نەچچە ئايدىن كىيىن بۇلار ئۆيىگە قايتىپ كىتىپتىكەن.بىزمۇ ساقايغان چېغى دەپ بەك ئىز دېرىكىنى قىلماپتۇق.يىقىندا ئەينى چاغدا ئۇلارغا ياردەم قىلغان بىر ئاكاش شىخوغا بارغاندا ئاللاھ كۆڭلىگە سالغانمۇ ئۇ قىز ئېسىگە كىلىپ يوقلاپ قوياي دەپ ئىزدەپ سوراپ بېرىپ ئۇ قىزنىڭ ئاشۇ رەسىمدىكى پەدىدە ياتقىلى3ئاي بولغىنىنى بىلىپ بىز بىلەن ئالاقىلىشىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ شىخوغا بېرىپ ئۆزىمىز كۆرۈپ ئۇ قىزنىڭ،ئۆيىنىڭ ئەھۋاللىرىنى كۆرۈپ،ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن مۇشۇ قىزنىڭ دەۋالىنىشىغا بىر ياردەم قىلىلى دەپ ئۈرۈمچىگە كىلىپلا دوختۇرخانىلار بىلەن ئۇقۇشتۇق.ئاللاھ نىسىب قىلسا تىببىي ئونۋېرسېتىت1-دوختۇخانا(医学院)كۆيۈك بۆلىمىدىكى ئەكبەر دوختۇر بۇ قىزنىڭ بەدىنى بەك ئاجىزلاپ كىتىپتۇ،ئاۋۋال شىخودىكى دوختۇرخانىدا بەدىنىنى كۈچلەندۇردىغان ئوزۇقلۇق ئۇكۇللار بىلەن دەۋالاپ قان سېلىپ بەدەن ئەھۋالىنى ياخشىلاپ ئاندىن كىلىپ ئوپراتسىيە قىلسۇن دەيدۇ.ئۇ قىزنىڭ ياكى ئاپىسىنىڭ دوختۇرخانىغا تاپشۇردىغان پۇل تەييارلىغۇچىلىكى بولمىغانلىقتىن بىز ئەتراپىمىزدىكى ئۇرۇق-تۇققان،دوستلاردىن ياردەم سوراپ بۇ پۇلنى ھەل قىلىپ ئاۋۋال دوختۇرخانىغا بىر ئورۇنلاشتۇرۋالساق دەپ ئويلىغان ئىدۇق. شىخو شەھەرلىك 15-دوختۇرخانا كويۈك بولمى 36-كارۋاتتا ئىسمى گۈزەلنۇر ئالاقىلشىش نومرى 13379724947 بولسا دوسلار چەمبىركىگە ئۈندىدار سالونىغا چىقىرىپ قويساڭلار بوپتىكەن يىزا ئىگلىك بانكا كارتا نومرى 6228482998365270274农行 名字:古扎丽 ئىسمى:گۈزەل سوداسانائەت بانكا كارتا نومرى 6212263002001304057工行،名字:玛然木沙汗。吐尔洪 كارتا ئىگىسى بىمارنىڭ ئاپسى ئىسمى مەرەمخان،تۇرغۇن بۇ سۈرەتلەرنى بۈگۈن تەمىنلىگەن ئاشۇ بىچارە ئىلاجىسىز قالغان ئانمىزغا ئوماق سىڭلىمىزغا ھەممەيلەن ياردەم قىلساق تاما تاما كۆل بولار دەپتىكەن دەرھال تارقىتىڭلا دوسلار 乌苏市第十五医院 泌尿烧伤科,,名字;古扎丽,床号36床133-7972-4947。 دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپتىكەن باشقىلار رەسىمنى كۆرۈپ راستىنلا چىدىمىدىم، ھە راست تېلفوندا رەسىم قىستۇرغىلى بولمامدا دوستلار... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا amin01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-1 11:13ئاللا ئاسانلىق بەرسۇن ،
دەل مۇشۇ رەسىملەر....
يۇقىرىقى قېرىندىشىمغا رەھمەت! ھەقىقەتەن چىدىغۇسىزكەن، ئاللاھ شىپاتلىق بەرسۇن. ئاللاھىم شىپالىق بەرسۇن ! ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن! گۈزەلنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قىزىقىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلار سەمىگە! گۈزەل توغرىسىدا يېڭىدىن يېزىلغان مۇراجەتنامىنىڭ مەزمۇنى يالغان بولۇپ ئەل ئابىدە خەير ساخاۋەت ئەتىرىتىمىز باشتىن ئاخىر بۇ قىزنىڭ پۈتۈن داۋالىنىشىغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ تاكى ئۈيىگە قايتقاندىن كېيىنمۇ بىز ياردەم قىلىپ كەلگەن يولدىشى ئىلگىر كېيىن بولۇپ 36مىڭ سوم داۋالىنىش چىقىمىنى كۆتۈرگەن بىزگە ئەينى ۋاقىتتا گۈزەلنىڭ ئانىسى يولدىشى تاشلىۋېتىپ دوختۇرخانىغىمۇ كەلمىگەن دەپ ئېيتقان بىز تەكشۈرگەندە ئانىسى يولدىشىنىڭ ئىقتىساد چىقارغانلىقىنى ئېيتقان ئەل ئابىدە خەيا ساخاۋەت ئەتىرىتى ئىلگىر كېيىن بولۇپ 58مىڭ سوم ياردەم قىلغان ئۈيىگە قايتقاندىمۇ بىز يەنە كارتىسىغا گۈزەلنىڭ كۈتىنىشىگە ياردەم قىلغان شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ ئالدىراپ كەتمەسلىكىنى رەسىملەرنىڭ ھازىرقى ھالىتىمۇ ياكى يېڭىدىن دوختۇرخانىدىن چىققان ھالىتىمۇ بۇ تەرىپىگە بىز كاپالەتلىك قىلالمايمىز بىز بۈگۈن شىخوغا بېرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ مۇراجەتنامە چىقارغىچە ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز! يۇقىرىدا بىز ئەينى ۋاقىتتا ياادەم قىلغان ۋاقىتلاردىكى رەسىملەرنى ئېۋەرتىپ بەردۇق ' تۈنۈگۈن ئانىسى بىلەن ئەتىرىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى مىنەۋەر خانىم سۆھبەتلەشكەندە ئانىسىنىڭ گەپ سۆزلىرى پەقەتلام قولاشماي قالغان ئىكەن شۇڭا مىنەۋەر خانىمنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ بىزنى خەۋەردار قىلغۇچە ساقلاپ تۇرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز رەھمەت ئەل ئابىدە خەير ساخاۋەت ئەتىرىتى ئاخبارات تەشۋىقات بۆلىمى 1-مارت يۇقۇرقى ئۇچۇرنى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۈندىداردا كۆرگەن. مۇنداقكەندە.... ئەسكەرتىش بەرگىنىڭلار ناھايتى ياخشى بولدى مەنمۇ قايسى كۈنى ئۈندىداردا مۇشۇ ئۇچۇرنى تارقاتقان قېرىداشلاردىن ئەھۋلنى تەكىت قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىنى سورىغانىدىم. بىراق جەزم قىلالمىغانىدى ئەگەر مۇشۇ ئەھۋاللار راست بولسا ھەممىمىز ئاز بولسىمۇ ئاتىغىنىمىزنى قىلىپ بۇ قىيىنچىلىقتىن چىقىشىغا ياردەمدە بولغان، بۇ ئەھۋاللارنىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ خەير-ساخاۋەتچىلىرىمىزنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە تېگىشلىك ھەسسىمىزنى قوشقان بولاتتۇق. بۇ ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا ئەھۋالى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ئىكەن.
يۇقارقى ساخاۋەت ئورنى ياخشى دەپتۇ. شۇلارنىڭ ئۇچۇرىنى كۈتۈپ باقايلى ساراينىڭ گىپىگە قارىغاندا، گۈزەلنىڭ ئانىسى بەك ناچار ئايال ئىكەن.
يەر شارىدا، يالغان سۆز بىلەن باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىغا ئىرىشىشنى ئويلايدىغان ،
يالغانچى ئىنسانغا مەن بەك ئۆچ. راست گەپ قىلسا بولىدۇ ئەمەسمۇ .
مۇشۇنداق يالغانچىلارنىڭ دەستىدىن جەمىيتىمىزدە بىر بىرمىزگە ئىشىنەلمەسلىك كىلىپ چىقىۋاتىدۇ.
ئېرىمۇ قولدىن كەلگىنىنى قىپتىغۇ ئەنە . قانداق قىلسا بولاتتىكەن ياكى بولمىسا ئۇ يالغانچى خوتۇن
بايراق خەنگە بەرسە بولماسمىدى قىزىنى . مۇشۇ ساختا ئۇچۇر جەمىيتىمىزدە قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا
ئەرلىرگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇش ئىلىپ كىلىدۇ saray يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 13:19 static/image/common/back.gif
گۈزەلنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قىزىقىۋاتقان بارلىق قېرىن ...
ساراي بۇرادەرنىڭ كېيىنكى ئىنكاسىغا دىققەت قىلىپ باقايلى... 9-قەۋەتتىكى ئىنكاسىمدا ئەسكەرتكەن ئىدىم،ئۇچۇرنى مەن ئۈندىداردىن كۆرگەن. ئۈندىدارنىڭ دوستلار سالونىغا ئېھسان ساخاۋەتچىلىرىنىڭ بىر ئەزاسى چىقىرىپتىكەن. چىقارغان ئادەمنىڭ ئەل ئابىدە خەير ساخاۋەت ئەتىرىتى بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بارمۇ يوقمۇ بىلمەيمەن. سوراپ بېقىپ خەۋىرنى بېرەي ئاغىنىلەر، زادى بۇ قىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق بولۇپ كەتتى، بىرەرسىڭلارغا قولاي بولسا ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلىپ كەلمەمسىلەر بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدىكەن. بەزى ئاتا-ئانىلار باشتا بالىسىنىڭ كۆيۈپ كەتكەن ھالىتىگە ئېچىنىدىكەن. ئاندىن مۇراجەتنامىلار ئېلان قىلىنىپ ياردەملەر كېلىشكە باشلىغاندىن كېيىن، پۇلنى كۆرۈپ بالىسىنىڭ تېزرەك ساقىيىپ كېتىشىنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
2009-يىللىرى غۇلجىنىڭ نىلقا ناھىيەسىدە مۇشۇنداق ئاجرىشىپ كەتكەن ئەر-ئايالنىڭ قىزى كۆيۈپ كەتكەن ئەھۋال بولۇپ، ئانا باشتا پۇلى يوق، مۇراجىئەت چىقاردى. بالنىسقا ئالىدىغان پۇلىنى خەقلەر بېرىپ بالنىستا ياتقۇزدى. مۇراجىئەتنى كۆرۈپ كۆيۈكنى داۋالاشقا ئۇستا بىر دوختۇر تونۇش بارتى دېدىم، بىكانىڭ ئورنىدا داۋالاپ قويىدىغان بولدى. تېلېفون قىلسا، تازا خوشياقماپتۇ ئەكىلىش. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىغا بارسا ئۇ ئايال قىزىنىڭ دوختۇرخانىدىن ئايرىلىشىنى، پات ساقىيىشىنى تازا خالاپ كەتمەيدىكەن، ياردەم بېرىۋاتقان بىر ساخاۋاەتچىمۇ ئۇ ئايالنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ بەك رايى قايتىپ كېتىپتىكەن. ماۋۇمۇ ئوخشاش مىسالكەن. ئاللاھ خالىسا، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بىر مەزلۇمە نامىدىن 200 يۈەن سالماقچى.
تورداشلار مۇمكىن بولسا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بەرسەك. پەقەت بانكا كارىڭىز بولسىلا، 1 كوي ياكى 10 ئەۋەتسىڭىزمۇ ھېساپ ! رەھمەت خېتى مەنكى گۈزەلنىڭ ئانىسى مەرەمنىساخاندىن قىزىمنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش يولىدا ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنغان ھەر ساھە ھەر يۇرتتىكى قېرىنداشلىرىمغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن شۇنداقلا ئەل ئابىدە خەير - ساخاۋەت ئەتىرىتىدىكى بارلىق ئەزالارغا رەھمەت ئېيتىمەن. قىزىم گۈزەلنىڭ بۇ قېتىمقى داۋالىنىشىغا 2- چېسلاغىچە جەمئىيەتتىن ئىئانە قىلىنغان جەمئىي پۇل 78 مىڭ ( يەتمىش سەككىز مىڭ) سوم پۇل بوپتۇ بۇ پۇللار ھازىرچە قىزىمنىڭ داۋالىنىشىغا يېتىپمۇ قالىدۇ دەپ ئويلايمەن بۈگۈن يەنى 3- چېسلا كارتىغا 3000 سوم ( ئۈچ مىڭ ) سومدىن ئارتۇق پۇل چۈشۈپتىكەن مەن بۇ پۇلنى شىخودا بەش ياشقا كىرگەن ئېھتىياتسىزلىقتىن كۈيۈپ كەتكەن نارىسىدە بالىمىزنىڭ داۋالىنىشقا پەقەت ئىقتىسادى يىتىشمىگەن پەرزىنتىمىزگە بېرىشنى قارار قىلىپ شۇ بالىنىڭ ئاتا ئانىسىغا يەتكۈزدۈم، ئەگەر قىزىم گۈزەلنىڭ داۋالىنىشىغا جەمئىيەتتىن يىغىلغان پۇل يىتىشمەي قالسا مەن چوقۇم ئەل ئابىدە خەير - ساخاۋەت ئەتىرىتىنى ئىزدەپ قىزىمنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى خەۋەردار قىلىمەن شۇڭا جەمئىيەتتىكى بارلىق ياخشى نىيەتلىك ساپ دىل قېرىنداشلىرىمنىڭ قىزىم گۈزەلگە داۋاملىق ياردەم بېرىشىنى توختىتىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن! ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت، مەن يالغۇز ئەمەسكەنمەن قىزىمغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى نىيەتلىك قىزىمنىڭ ھەم مېنىڭ قېرىنداشلىرىم ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن بىز يالغۇز قالماپتۇق، ئۇلۇغ ئاللاھ بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك تۇرمۇشىغا بەخىت ئاتا قىلسۇن ! ھۆرمەت بىلەن گۈزەلنىڭ ئانىسى مەرەمنىساخان 3- مارت
Wapadarim912 ئەيساجان ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكىدىن... ساراي بۇرادەر ، بۇ ئىشلار قانداق بولۇپ كەتتى؟:L تۆنۈگۈن يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتا نومۇرىنى يېزىۋالغان ئىدىم، ئەپسۇس ئۇ كارتىنى 已吊销 يەنى ئەمەلدىن قالغان كارتا دەيدۇ، مۇمكىن بولسا شۇ كارتىنى ۋاقىت چىقىرىپ ئوڭشاپ قويساڭلار. بۈگۈن سودا سانائەت بانكىسىنىڭ نومۇرىنى يېزىۋېلىپ بېرىپ باقاي!
بەت:
[1]
2