مەملىكەتلىك كارخانا ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش سېستىمىسى ئېچىلدى
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنڭ كارخانىلار مەبلىغىنى تىزىملىتىش تۈزۈمى ئىسلاھات لاھىيىسىگە ئاساسەن، دۆلەتلىك سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى باشقۇرۇشىدىكى «مەملىكەتلىك كارخانىلار ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سېستىمىسى» ئىچىۋىتىلدى.بۈگۈن يەنى 2014-يىلى 1-مارىتتىن باشلاپ، «مەملىكەتلىك كارخانىلار ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سېستىمىسى» ئارقىلىق مەملىكەت مىقياسىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بارلىق شىركەت، دىھقانلار ھەمكارلىق كوپراتىپى ۋە يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇچۇرلىرى يەنى: كارخانا مەسئۇلى ئۇچۇرى، تىجارەت دائىرىسى، ئادىرىسى، تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى، پايچىكلار ئۇچۇرى ھەمدە، شىركەتنىڭ 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ خاتىرىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى، كارخانىنىڭ ئىسمى ياكى رويىخەت نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىقلا ھەقسىز تەكشۈرۈپ كۆرەلەيسىز. مەزكۇر سېستىما ئېچۋىتىلىشتىن بۇرۇنقى كارخانىلار قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلىرىنى، ھەر قايسى مەمۇرى تىزىمغا ئالغۇچى ئورۇنلار ئارقىلىق تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ.
سېستىما ئادىرىسى: http://gsxt.saic.gov.cn
شىنجاڭ سودا - سانائەت تورىدا تەكشۇرۇشنى باسسا ھېچ نەرسە يوققۇ kangasman يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 08:45 static/image/common/back.gif
شىنجاڭ سودا - سانائەت تورىدا تەكشۇرۇشنى باسسا ھېچ نەرس ...
تەكشۈرگىلى بولىدىكەن. تور سودا قىلدىغانلارنىمۇ مۇشۇ توردا تەكشۇرەمدۇق ياكى تور سودا باشقۇرۇشتىمۇ ؟ سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدا تىزىملاتقان ئورۇنلا بولسا تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تور سودا باشقۇرۇش دەپ ئورۇن يوق. سودا خارەكتېرلىك تور بەتلەرنىمۇ، سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى تىزىملايدۇ. 工商网监电子标识 kangasman يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 11:14 static/image/common/back.gif
工商网监电子标识
بۇ مۇشۇ نەرسە شۇ. :)
www.idinfo.cn/SignHandle?userID=3301002004003526 تەكشۈرگىلى بولىدىكەن. ئويلىغىنىمدىكىدىنمۇ تەپسىلى تەكشۈرگىلى بولىدىكەن. ھەتتا پايچېكلىرىدىن تارتىپ ساقلىۋالاي تىجارەچچى ، كارخانا ،شىركەت دېگەندەكلەرنى تەكشۇرسەك ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى سودا - سانائەت ئىدارىسىغا بېرىپ ، نىمىلەرنى تەمىلەپ تەكشۇرمىز ، توردا تەكشۇرۇشتەچۇ ؟ ... birmoo يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 22:10 static/image/common/back.gif
تىجارەچچى ، كارخانا ،شىركەت دېگەندەكلەرنى تەكشۇرسەك ئ ...
ئادەتتە ناھىيە دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا بىرىپ، بىر پارچە يازما ئىلتىماس ئارقىلىقلا «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى»دا ئاشكارلاش بەلگىلەنگەن كارخانىنىڭ ئاساسى ئۇچۇرلىرىغا ئىرىشكىلى بولىدۇ. لىكىن كىملىك قاتارلىق شەخسى ئۇچۇرلار تەمىنلەنمەيدۇ. چۈنكى بۇلار خۇسۇسى ئۇچۇرلار قاتارىغا كىرىدۇ.
ھازىر بۇ سېستىما ئارقىلىق پۈتۈن دۆلەت تەۋەسىدىكى كارخانىلارنىڭ ئاساسى ئۇچۇرلىرىغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئادۇكات ۋە باشقا قانۇن خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك ھاۋالىنامە ئارقىلىق كارخانىنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىغا ئىرىشەلەيدۇ. پايچىكلارنى قانداق تەكشۇرىمىز؟
بەت:
[1]