Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 22:56:50

يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kulke تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-28 23:03

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
بۇرۇن قۇتيار تورىغا Discuz x2 ئىشلەتكەندە ئۇنىڭ رايون تەڭشىكىدىكى شىنجاڭ ئىچىدىكى بارلىق ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەر ۋە يېزا-بازارلارنىڭ ناملىرىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ ئېلىۋېتىشنى ئويلاپ ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ۋە باشقا ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ خېلى جىق جايلارنىڭ تەرجىمىسىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن مەلۇم سەۋەب بىلەن ئىككى - ئۈچ ۋىلايەتنىڭ قالغاندا ئۇنى توختىتىپ قويۇپ باشقا ئىشقا چۈشۈپ كېتىپ شۇ قالغانچە تاشلىنىپ قالغان ئىدى.
قايسى يەردۇ ئۇ دەپ قالماڭلار، تۆۋەندىكى رەسىمدىكى يەر شۇ.



مانا مۇشۇ يەرلەرنى ئەمدى تولۇق قىلىۋېتىش ئۈچۈن بۈگۈن بىر كۈن ئولتۇرۇپ كەم ئۇچۇرلارنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ بولغان ئىدىم لېكىن بۇ Discuz نىڭ تەمىنلىگەن ساندانىدا مەسىلە بارمۇ ياكى يېڭى ساندانمۇ ئۇقمىدىم بىر قىسم ناھىيلەرنىڭ يېزىلىرىنى ئىسىملىرى چىقماي قويدى ئۇنى مەن قارىغۇلارچە تەرجىمە قىلىۋەتسەم قاملاشمىغۇدەك، شۇڭلاشقا ھەرقايسى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇلارنى ئېلىشنى لايىق تاپتىم.
ناۋادا بۇ سۆزلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن تەرجىمىسى بار بولغان شۇ تەرجىمە بىلەن تەمىن ئەتسەڭلار، ناۋادا يوق بولۇپ مۇشۇ جايدىن تورغا چىقىۋاتقانلار بولسا شۇ جاينىڭ توغرا ئاتىلىشىنى قالدۇرساڭلار. بۇ ئىشلار پۈتۈپ كەتسە دېگەن ئۈمىددىمەن.
ئاتالغۇلار:
北村街道
西宁路街道
三平镇街道
宁边路街道
旱卡子滩哈萨克族乡
准东街道
博峰街街道
克尔根卓街道
顾里木图街道
塔秀乡
扎勒木特乡
西尼尔镇
老街街道
1农一师6团
农一师10团
农一师11团
农一师12团
农一师13团
农一师15团
农一师4团
农一师7团
农一师8团
农一师9团
托咯依乡
兵团农三师44团
兵团农三师49团
兵团农三师50团
兵团农三师51团
兵团农三师52团
兵团农三师53团
农六师一〇一团
农六师一〇三团
农六师一〇二团
梧桐镇
蔡家湖镇
塔克什肯镇
拉斯特乡
阔克阿尕什乡
冲乎尔乡
恰库尔图镇
江格斯乡
金沟河镇
阿合别里斗乡
库甫乡
加尔巴斯乡
杜别克街道
巴音傲瓦乡
虹桥街道
石桥乡
百泉镇
奎河街道
头台乡
南苑街道
三道河乡
乌赞乡
绰霍尔乡
堆齐牛录乡
塔尔德镇
艾兰木巴格街道
琼库勒克街道
塔什店街道
爱新舍里镇
阿勒玛勒乡

Kapitan! يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 07:47:00

خەنزۇچە ئۇيغۇرچە شىنجاڭ يەر ناملىرى لۇغىتىدىن بەزىلىرىنى تاپتىم:
三平镇街道- تاغئېتەك بازىرى
克尔根卓街道 - كىرگىنجۇ كوچىسى
顾里木图街道- گۆلۆمتو كوچىسى
西尼尔镇- شىنىغا بازىرى
托咯依乡 - توقاي يېزىسى
拉斯特乡- لاستى يېزىسى
阔克阿尕什乡 - كۆكئاغاش يېزىسى
冲乎尔乡 - چۇڭقۇر يېزىسى
金沟河镇 - قورغاس بازىرى
库甫乡 - كۈپ يېزىسى
加尔巴斯乡 - جارباس يېزىسى
杜别克街道 - دۇبەك كوچىسى
虹桥街道 - قىزىلكۆۋرۈك كوچىسى
奎河街道 - كۈيتۈن كوچىسى
绰霍尔乡 - چوغۇر يېزىسى
堆齐牛录乡 - دۇيچىنىرۇ(تۆتسۇمۇل) يېزىسى
塔尔德镇 - تالدى بازىرى
艾兰木巴格街道 - ھەرەمباغ كوچىسى
琼库勒克街道 - چوڭكۆل قۇدۇق كوچىسى
塔什店街道 - تاشدەڭ كوچىسى
爱新舍里镇 - ئەيشىن سىرى بازىرى
阿勒玛勒乡 - ئالمالى يېزىسى

يۇقارقىلار خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە شىنجاڭ يەر ناملىرى لۇغىتىدىن تېپىلغانلىرى،يەنە باشقا مەنبەلەردىن ئىزدەپ باقاي.

Kapitan! يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 08:52:52

خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت(3-نەشرى) دىن تېپىلغانلىرى:

早卡子滩哈萨克族乡 - سۇ ساتقان قازاق يېزىسى
扎勒木特乡 - دالىمتى يېزىسى
塔秀乡 - تاشۇ يېزىسى
江格斯乡- جېڭىس يېزىسى
((巴音敖包))巴音傲瓦乡 - بايىن ئوبا يېزىسى
阿合别里斗乡 - ئاقبېلدېۋ يېزىسى

خەنزۇچە ئوقۇلۇشىبويىچە ئېلىنغانلىرىنى يازمىدىم، بەزىلىرى تېپىلمىدى. ئۇندىن باشقا يزامىدىكى ناملاردا خەت خاتالىقى مەۋجۇتكەن، شۇلارنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ توغرىسى(ئۆلچەملىك) يېزىش كېرەك.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 08:55:17

Kapitan! يوللىغان ۋاقتى2014-3-1 08:52 static/image/common/back.gif
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت(3-نەشرى) دىن تېپىلغانلىرى:

早 ...

كۆپ رەھمەت سىزگە
شۇنداق ئىشلار باركەن، بەزى يېزى ياكى كوچا ئىسىمى خەنزۇچە پېتىلا ئېلىقلىقكەن لۇغەتتە. مەنمۇ شۇ لۇغەتنى ئاساس قىلىپ شۇنداق ئېلىۋەتتىم.

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 09:34:13

مۇشۇئالارشەھىرىنىئارالدەپئاتاشئۇمۇملىشىپقالغىلىتۇرۇپتۇ

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 09:53:45

琼库勒克 چوڭكۆۋرۈك

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 10:04:13

HeQQuli يوللىغان ۋاقتى2014-3-1 09:34 static/image/common/back.gif
مۇشۇئالارشەھىرىنىئارالدەپئاتاشئۇمۇملىشىپقال ...

ئالارنى توغرا دەيدىغانغا ئىسپات كۆرسىتىڭ

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 10:07:37

يېقىندا شىنجاڭ قاتناش خەرىتىسى قوللانمىسى نەشىر قىلىنىپتۇ. باھاسى 30 كوي،32 فورماتلىق، 200 بەتتىن كۆپ، ھەر بىر ناھىيەنىڭ قوش بەتتە، يېزا- كەنتلەرگىچە تەپسىلى،ياخشى تەرجىمە قىلىنىپتۇ.
يۇقۇرىدىكى يەر ناملىرىنىڭ ناھىيە تەۋەلىكىبولسا ، مەن قاراپ باقاي.

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 10:08:21

农一师 يېزا ئىگىلىك 1- شى دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ، 师 بەزىدە دېۋىزىيە دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ، 兵团 بىڭتۇەن دەپلا ئېلىنىدۇ

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 10:13:32

Kapitan! يوللىغان ۋاقتى2014-3-1 07:47 static/image/common/back.gif
خەنزۇچە ئۇيغۇرچە شىنجاڭ يەر ناملىرى لۇغىتىدىن بەزىلىر ...

يەر ناملىرى لۇغىتىنى ئېكىتاب قىلىپ ئىشلەپ قويسىڭىز بولۇپتىكەن، ھېلىقى يېشىل تاشلىق، كىچىك كىتاب شۇمىدۇ؟ مەندە مۇقاۋىسىنىڭ سۈرىتى بار، ئۆزى يوقتى...

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 10:17:19

charwichi يوللىغان ۋاقتى2014-3-1 10:07 static/image/common/back.gif
يېقىندا شىنجاڭ قاتناش خەرىتىسى قوللانمىسى نەشىر قىلىن ...

ئانداق بولسا بىر كۆرۈپ باقامسىز؟ بولسا توغرا بولۇپ كەتسۇن.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 10:19:37

HeQQuli يوللىغان ۋاقتى2014-3-1 09:34 static/image/common/back.gif
مۇشۇئالارشەھىرىنىئارالدەپئاتاشئۇمۇملىشىپقال ...

خەنزۇ يولداشلار ئالار دەپ ئاتايدۇ ئۇيغۇرلار ئارال دەيدۇ شۇ.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 10:19:54

adreamofmine يوللىغان ۋاقتى2014-3-1 10:13 static/image/common/back.gif
يەر ناملىرى لۇغىتىنى ئېكىتاب قىلىپ ئىشلەپ قويسىڭىز...

ئۇنداق بولسىمۇ ياخشى بولاركەن

Kapitan! يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 10:29:56

يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى خەرىتىلەر توپلىمىنىڭ ئېل نۇسخسىمۇ بار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقىمۇ بولىدۇ.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 11:18:25

Kapitan! يوللىغان ۋاقتى2014-3-1 10:29 static/image/common/back.gif
يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى خەرىتىلەر توپلىمى ...

تەمىنلەشكە ئىمكان بولارمۇ؟

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 11:24:12

轮南镇
ماۋۇ بىر ئورۇن قاپتۇ. بۇنىمۇ تەرجىمە قىلىشىپ بەرسەڭلار

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 14:03:36

جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىغۇ دەيمەن، بىر جەزىملەشتۈرىۋېتىپ ئىشلىتىڭ.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 14:10:36

adreamofmine يوللىغان ۋاقتى2014-3-1 14:03 static/image/common/back.gif
جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىغۇ دەيمەن، بىر جەزىملەشتۈرىۋېتىپ...

مۇشۇ يەرلىك باللا بولسا ئېنىقلىساق بولاتتى. خاتا كەتسە بولمايتتى شۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 14:34:16

兵团农三师49团 گەمىلىك مەيدان
兵团农三师50团 مازارغۇجام
兵团农三师51团 تۇمشۇق
兵团农三师52团 چىغانچۆل
兵团农三师53团 پىچاقسۇندى

Kapitan! يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 14:34:19

ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرۇڭ.
بەت: [1] 2
: يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە