ۋاڭ گۈي چېڭ :جۇڭگۇ نىمە سەۋەبتىن تۆۋەن ئىش ھەققىلىق دۆلەتتە ئايلىنىپ قالدى
ۋاڭ گۈي چېڭ :جۇڭگۇ نىمە سەۋەبتىن تۆۋەن ئىش ھەققىلىق دۆلەتتە ئايلىنىپ قالدىخەلىق تۇرمىشىغا كۆڭۈل بولىدىغان ھەممە كىشىگە ئايان ، جۇڭگۇ بولسا بىر توۋەن ئىش ھەققىلىق دۆلەت ـ ئەمما جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئىش ھەققى قايسى دەرىجىدە تۆۋەنلىكى ، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن نىسبىتى قانداقلىقى ھەققىدە بىزدە تىخى ئىنىق ئۇقۇم يوق ـ ئەمدى بۇنىڭغا بىر پۇرسەت كەلدى ،2014_يىلى 1_ئاينىڭ 22_كۈنىدىن 25 كۈنىگىچە 44_نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى داۋۇس يىللىق يىغىنى شىۋىتسارىيەنىڭ شەرقىدىكى كىچىك شەھەر داۋۇستا ئىچىلدى ـ پۇتۇن دۇنيادىكى سەرخىللار داۋۇس مۇنبىرىگە يىغىلىپ دۇنيا ئىقتىساد يۈزلىنىشى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ، ئامرىكا CNNتور بىتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىش ھەققى نىسبىتىنى چىقاردى ، بۇ تورغا پەقەت كىرىمىڭىزنى كىرگۈزسىڭىزلا سىزنىڭ ئىفىئوپىيەدىكى ئوقۇتقۇچى ، جەنۇبى ئافرىقىدىكى شوپۇر ، ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى …لار كىرىمىنىڭ سىزنىڭكى بىلەن بولغان نىسبىتىنى بىلەلەيسىز ـ
دۆلەت ئىستاستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يىقىنقى مەلۇماتىدا ، 2013 يىلى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتىرىچە كىرىمى 29547 يۇەن ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ 56389يۇەن ، ئوتتىرا كىرىملىكلەرنىڭ 24518 يۇەن ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ 11434 يۇەن ـ يۇقارقىلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك تومەن يۇەن كىرىملىك ئاھالە ـ ئەمما باشقا دۆلەتتىكىلەرنىڭ كىرىمى بىلەن سىلىشتۇرغاندا ، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ تۆۋەن ئىش ھەققىدىن ئىچىمىز سىرىلىدۇ ـ
56538يۇەن بولسا جۇڭگۇدا يۇقىرى كىرىم ، ئەمما بۇ جەنۇبى ئافرىقىدىكى شوپۇلارنىڭ كىرىمى بىلەن تەڭ ـ جۇڭگۇدىكى ئوتتىرا كىرىملەرنىڭ 24518يۇەن ، ئەمما بۇ تايلانىدتىكى تازىلىق ئىشچىسىنىڭ كىرىمى بىلەن تەڭ ـ 11434يۇەن بولغان توۋەن كىرىم تايلانىد تازلىق ئىشچىلىرىنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ يىرىمىغا تەڭ ـ
پەن-تىخنىكا ConvergExشىركىتى 2013يىلى ئىلان قىلغان قەرقايسى دۆلەت ئىش ھەققى رەت تەرتىبىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ئاۋىستىرالىيە ھەر سائەتلىك ئىش ھەققى 16.88 دوللار بىلەن ئەڭ ئۇستىدە تۇرغان ، فىرانسىيە ھەر سەئەتلىك ئىش ھەققى 12.09دۇللار بىلەن ئىككىنجى ، يىڭى زىللاندىيە 11.1 دوللار بىلەن ئۈچىنجى ئورۇندا تۇرغان ـ يەنە ئەنگىلىيە كانادالار ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدە ئىكەن ـ ھەتتا بىز تاراتقۇلاردا ھەمىشە دەيدىغان ياپۇن پاكارلىرىمۇ 8.17دوللار بىلەن ئامرىكىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ، ئامرىكا يەتتىنجى ئورۇندا تۇرغان ـ جۇڭگۇنىڭ GDPسى ئاللا قاچان ئىككىنجى ئورۇنغا ئۆتكەن بولسىمۇ ، جۇڭگۇ ئىچىكىرى رايۇنلىرىنىڭ ئىش ھەققى تەرتىپتە 17جى ئورۇندا ، سائەتلىك ئىش ھەققى 0.8 دوللار بولغان ، ئويلاپ باقساق ناھايىتى كۈلكىلىك ـ دۇنيا مۇسۇنداق 《باش كۆتۈرگەن》چوڭ دۆلەت بارمۇ ؟ مۇشۇنداق 《جۇڭگۇ ئەندىزىسى》نى باشقا دۆلەتلەرگە كىڭەيتكىلى بولامدۇ ؟
ئەمىلىيەتتە ، جۇڭگۇ ئازاتلىقتىن ئىلگىرى تۆۋەن ئىش ھەققىلىك دۆلەت ئەمەس ئىدى ، زىيالىلارنى مىسال قىلساق ، بىر تەتقىقادقا ئاساسلانغاندا ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتىزىنجى يىللىرىدا ئوتتىرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئايلىق مۇئاشى 100-200 كۆمۈش تەڭگە ئارىسىدا ، ئالى مەكتەپ پىروفىسۇرلىرىنىڭ ئوتتىرىچە ئايلىق مۇئاشى 300 كۆمۈش تەڭگە ، بىرىنجى دەرىجىلىك پىروفىسۇرلارنىڭ 500_6000 كۆمۈش تەڭگە بولغان ـ ئەينى ۋاقىتتا ئادەتتىكى ئىشچىلارنىڭ مۇئاشى 16_33 كۆمۈش تەڭگە بولغان ـ(ئەينى ۋاقىتتىكى بىر كۆمۈش تەڭگىنىڭ تۇرمۇش بويۇملىرى سىتىۋىلىش كۈچى 1997_يىلىدىكى 30 يۇەن بولغان )ـ بۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئاق ياقىلىق كىشىلەر 《ئوتتىرا بۇرژازىيە》لىرى ئىدى ـ ئەينى ۋاقىتتا زىيالىيلار بەك ھۆرمەتلىنەتتى ، جەمىيەتتىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە ئىدى ـ
ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلارغا قارايلى ، ئىش ھەققى كارخانا ئىشچىلىرىنىڭكىدىن ئازراقلا يۇقىرى ، چەتئەل مەبلىخىدىكى كارخانىلارغا سىلىشتۇرساق پەرق چوڭ ـ مىنىڭ 1997_يىلىدىكى ئقش ھەققىم 364يۇەن ئىدى ـ گومىنداڭ ۋاقتىدىكى ئشچىلارنىڭكىدىنمۇ ئاز ـ ئەمما مەن تۇردىغان جايدا كۆمۈر بايلىقى كۆپ بولغاچقا نەچچە يىلغا بارمايلا مەملىكەتتىكى 100 كۈچلۈك ناھىيە شەھەرنىڭ بىرى بولدى
ـ بىز ئاسمانغا قاراپ مۇنداق سۇئال سورايمىز: نىمە ئۈچۈن 1949-يىلى يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلۇپ ، خەلىق خوجايىن بولغاندىن كىيىن تۆۋەن ئىش ھەققىلىق دەۋرى باشلىنىدۇ ؟ ـ ـ ـقىسقارتىلدى
گەرچە كۆپلىگەن مۇئاش تەبىقىسىدىكىلەرگە سىلىشتۇرغاندا ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇئاشى ئاز ھىسابلانمىسىمۇ ، ئەمما ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشتىن ئىلگىردىكىگە سىلىشتۇرغاندا ،ئازادلىقتىن كىيىن ئالى زىيالىلارنىڭ ئىش ھەققى كۆپ تۆۋەن ـ1952-يىلى ئالى پىروفىسۇرلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇئاشى 252.6 يۇەن ، ئەمما ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشتىن بۇرۇن 600يۇەن ،ئۇرۇشتىن ئىلگىركى بىر يۇەن 1955-يىلىدىكى 2.5 خەلىق پۇلىغا تەڭ ، بۇنداق ھىسابلىساق 1955_يىلىدىقى 1500يۇەن بولىدۇ ، شۇ ۋاقىتتىكىلەرنىڭ مۇئاشى ئۇرۇشتىن ئىلگىركىلەرنىڭ 16.8% ، يەنى 1/5 چىلىك بولىدۇ ـ گەرچە كىيىن ھۆكىمەت خىجىل بولۇپ ، پۇتۇن مەملىكەتتىن 800 دىن كۆپ ئىلغارنى تاللاپ 《ئالاھىدە قوشۇمچە پۇل 》بەرگەن بولسىمۇ ، يەنىلا ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى 500يۇەن ئەتراپىدىلا بولغان ـ ئۇلۇغۋار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان زىيالىلارنىڭ ئقش ھەققى مۇشۇنداق تۆۋەن بولسا ،ئادەتتىكى ئىشچىلارنىڭ مۇئاشىنىڭ قايسى دەرىجىدە تۆۋەنلىكىنى دىمىسەكمۇ بولىدۇ ـ
ماۋزىدۇڭ دەۋرىدىكى تۆۋەن ئىش ھەققى بولسا سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش كاپىتال جۇغلانمىسىدىن كەلگەن ،دۆلەتنىڭ باي-قۇدرەتلىك بولىشى ئۈچۈن ئاساس بولغان ـ قانداق بولىشىدىن قەددى نەزەر ، بۇ بىر سەۋەب ، كىشىلەر مەجبۇرى قوبۇل قىلىدۇـ ئۇنداقتا 1980-يىلى ئسلاھات ئىچىۋىتىشتىن كىيىن ، GDP يىلدىن يىلغا ئاشتى ، جۇڭگۇ خەلقى نىمە ئۈچۈن تۆۋەن ئىش ھەققى پاتقىقىدىن سۇغۇرۇپ چىقالمايدۇ ـ
سەۋەب شۇكى :ئىسلاھات ئىچىۋىتىلگەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان نەپكە ئىرىشىۋاتقىنى پۇقرا ئەمەس ، بەلكى ھۆكىمەت ، چۈنكى دۆلىتىمىز ئومۇمى مۆلۇكچىلىكنى ئاساس قىلغان دۆلەت ـ دۆلەت ھەممىنى مونۇپۇل قىلغان ، ھۆكىمەت پۇقرالارغا ۋاكالىتەن كاپىتاللارنى ئىگەللىگەن ـ پۇقرالارغا تەۋە نۇرغۇن مىللى دارامەتكە ئىرىشكەن ـ 2008-يىلى پىروفىسور چېن جى ۋۇ 《جۇڭگۇ GDPسى ۋە پۇقرالار كىرىمى 》تىمىسىدىكى لىكسىيەسىدە دىيىلگەندەك 95-يىلغا نىسبەتەن ، 2007-يىلى دۆلەت مالىيە باج كىرىمى 5.7 ھەسسە قاتلانغان ، شەھەر ئاھالىرىنىڭ كىرىمى 12يىلدا 1.6 ھەسسە ئاشقان ، دىھقانلارنىڭ كىرىمى 1.2 ھەسسە ئاشقان ـ 5.7 ھەسسىنى ھەريىلغا تەقسىملىسەك يىلىغا 16% ئاشقان بولىدۇ ، ئەمما شەھەر ئاھالىرىنىڭ كىرىمى يىلىغا 8% ئاشقان، دىھقانلارنىڭ ئاران 6.2% ئاشقان ـ
جۇڭگۇ خەلىق ئىستىمال سەۋىيىسى ئازادلىقتىن كىيىن ئىزچىل تۆۋەنلىگەن ، 1952-يىلى دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ، خەلىق ئىچكى ئىستىمالى(民间消费)نىڭ GDPدا ئىگەللىگەن نىسبىتى 69% ـ 1978-يىلى ئىسلاھات ئىچىۋىتىشنىڭ دەسلىۋىدە 45% ـ1992 -يىلى دىڭشىياۋپىڭ نىڭ جەنۇب نوتۇقى سۆزلىگەن ۋاقىتتا 42% گە چۈشكەن ـ 2008- يىلى 35.5% گە چۈشكەن ـ ئەمما ھۆكىمەت ئىستىمالى (خىراجەت)نىڭ GDPدا ئىگەللىگەن نىسبىتى 1952-يىلىدىكى 16.5% دىن ، 2008-يىلى 30% گە ئۆسكەن ـ بۇ 《دۆلەت باي، خەلىق نامرات》بولۇشتەك ساختا گۈللىنىشنى پەيدا قىلغان ـ بايلىق مايدەك ئاقىدۇ، پۇلنىڭ كۆپلىكىدىن خەجلەپ تۈگىتەلمەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەكىلدىكى ساختا نازارەتچىلىك ئورنىتىلغان ، شۇ سەۋەبتىن ئەمەلدارلارنىڭ ئۇچ خىل ئومۇم ئىستىمالى(三公消费) نەچچە تىرلىيون يۇەنگە ئۆرلىگەن ، ئەمما ئاۋام پۇقرالار مەكتەپتە ئوقۇش ، كىسەل كۆرسىتىش، ئۆي ئىلىش تىن ئىبارەت ئۇچ تاغنىڭ بىسىشىدا مۈكچىيىپ جان تالىشىۋاتىدۇ ـ
جۇڭگۇ باج مىقدارىنىڭ ئىستىمال بويۇملرى باھاسىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى 64% گە يىتىدۇ ، جۇڭگۇ پۇقرالىرىنىڭ سىتىۋالغان 100 يۇەنلىك تاۋارنىڭ ئىچىدە 64يۇەنى باج بولىدۇـ
جۇڭگۇ چەتئەلگە 1 دوللار قىممىتىدا تاۋار ئىكىسپورت قىلسا ، دۆلەت ئىچىدە 7 يۇەن خەلىق پۇلىنى كۆپەيتىپ تارقىتىپ تەڭشەيدۇ ، ئىلگىرى جۇڭگۇنىڭ تاشقى پىرىۋوت زاپىسى 2.3万亿دوللار بولغان ، بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدە تارقاتقان خەلىق پۇلى 16万亿دىن ئىشىپ كەتكەن ـ بۇ 2008-يىلى بازاردا ئوبۇرت بولغان خەلىق پۇلى 3.4万亿نىڭ بەش ھەسسىگە توغرا كىلىدۇ ـ بۇ ئىكىسپورت پىروفىت راسچوتى ئۈچۈن تارقانقان بۇنچە كۆپ پۇل ، پۇل ئوبۇرۇتىدا پاخاللىشىپ ئايلىنىپ خەلىقنىڭ بىشىغا چۈشىدۇ ،پۇقرالارنىڭ قولىدىكى پۇلنىڭ كەڭ كۆلەملىك پاخاللاشتۇرىدۇ ، تەبىئى ھالدا مال باھاسىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئۆسىدۇ ـ
بۇ بىر خىل يامان ئايلىنىش(恶性循环) نى پەيدا قىلىدۇ ـ بۇنىڭ نەتىجىسىدە جۇڭگۇ ئىش ھەققى ئومۇمى سوممىسىنىڭ GDP دا ئىگەللىگەن نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ ، ئىش ھەققى ئىشىش سۈرئىتى بىلەن مەبلەغ ، ئامانەت ۋە ساپ ئىكىسپورت ئىشش سۇرئىتى نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ ـ دۆلەت ئىچى ئىستىمال ئىھتىياجى تەلىۋىنى قاندۇرالماسلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ ، ئىقتىساتنىڭ ئىشىشى ئىغىر ھالدا تاشقى ئىھتىياج ( 外部需求 )ۋە مەبلەغ ئىھتىياجىغا تايىنىۋالىدۇ ـ شۇنداق قىلىپ ، جۇڭگۇ خەلقى يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلەلمىگەن غەلىتە ھالەت شەكىللەندى ـ جۇڭگۇنىڭ ئىكىپورت تاۋارلىرى قانچە كۆپ بولسا ، تاشقى پىرىۋوتتىن ئالغان پايدىسى قانچە كۆپ بولسا ، جۇڭگۇ پۇقرالىرىنى شۇنچە نەس باسىدۇ ـ
يەنە بىر ھالقىلىق مەسىلە بار ، ھازىر ئىش ھەققىنىڭ ئىشىشى بەك ئاستا ، GDPنىڭ ئىشىش سۈرئىتىگە يىتىشەلمەيلا قالماستىن ، ھەتتا مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش سۇرئىتىگىمۇ يىتىشەلمىدى ـ ئاھالە ئىستىمال خاھىشىنى ( 居民消费意愿 )پەيدا قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن ، زور ئامانەت ۋە زور مەبلەغ ھەمىشە كۆرىلىدۇ ، ئەڭ ئاخىردا ماكرو ئىگىلىك ئىچى جەھەتتىن تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىدۇ ـ
مەنبە : سۇمىرۇخ تورى قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى
ئەسلى يازما ئادىرىسى: http://i.ifeng.com/news/sharenews.f?aid=79027402&from=timeline&isappinstalled=1 ھېي ئىش ھەققى، سەندىن قاچانمۇ قۇتۇلۇپ باشقىلارغا ئىش ھەققى تارقاتقۇدەك بولامەن. بۇ ئەپەندىمنىڭ يازغىنى مۇشۇ چوڭاملارنىڭ سىتاتىسكىسىدۇ بەلكىم . قارىغاندا قالغان ئەللىك نەچچە يىتىملار جېنىمىزنى ئاران بېقىۋېتىپتىمىز .… گەپ قىلسام گەپ جېق ، قىلماي دېسەم مائاش جېق :lol HeQQuli يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 08:43 static/image/common/back.gif
بۇ ئەپەندىمنىڭ يازغىنى مۇشۇ چوڭاملارنىڭ سىتاتىسكىس ...
تېخى مۇشۇ كۈننىمۇ بىزگە راۋا كۆرمىگەنلىكلىرىگە نىمە دەي ؟! 万亿 نى تىرلىيون دەپ ئالساق بولارمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Uyghar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-1 11:20
سالام،
بۇ ماقالىنىڭ يېزىقى ياپونچە يېزىق ئۇسلۇبتا يېزىلىپتۇ. بۇ بىر ئارخولوگىيەگە ئائىت «ئىلمىي ماقالە» بولمىغاندىن كېيىن تەرجىمان بۇندىن كېيىن دىققەت قىلغان بولسىڭىز. ئەجرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت! 万亿 بولسا تىرلىيۇن بولدۇ ، ، ، خەقنىڭ گەدىندىكى ھەققىمىزنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ كۈلۈپ كىتمەن جىما لىكىن {:92:} Jengchi يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 15:28 static/image/common/back.gif
خەقنىڭ گەدىندىكى ھەققىمىزنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ كۈلۈپ ك ...
مەنمۇ ئەگىشىپ كۈلۈپ كىتىمەن :lol بۇرۇن ئىش ھەققىم 1600 يۈەن چاغدا بىر نان بىر يۈەنتى ، ھازىر مائاشىم بىر قاتلاندى ، ئەمما نانمۇ 2 يۈەن بولدى .باشقا مەھسۇلاتلارمۇ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ . 2 سەككىز 16 تىمىكەن يا 17 مىكەن؟{:87:}
بەت:
[1]