bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 15:15:34

ئۈمەرجان جىددى ياردەمگە مۇھتاج

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadirlarbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-28 15:39

ئىلتىماس
ئەسسالام قېرىنداشلار، گۇچۇڭ ناھىيىسى گۇچۇڭ يېزىسى ئالمىلىق باغ 6- مەھەلىدە ئولتۇرۇشلۇق بىمار ئۆمەرجان كىچىكىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىسى ئاجىرىشىپ كېتىپ جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە چوڭ بولغان،ئانىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ھەم يۈك ماشىنىسى ھەيدەپ بىر ئائىلىنى قامدايتتى،لېكىن ھازىر ئېغىر دەرىجىدىكى بەل ئومۇرتقاتىبىركىلىيوز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان،چوڭ تىپتىكى ئوپراسىيە قىلىش زۆرۆر بولغانلىقتىن،ئىقساد جەھەتتە قىينالغان،ھازىر كېسەلنىڭ ئېغىر-يىنىك دەرىجىسىگە ئاساسلىنىپ،دوختۇرلار ئىككى قېتىم ئوپراسىيە قىلىشقا دىياگىنوز قويغان،بۇ ئىككى قېتىمغا كېتىدىغان پۇل جەمىئي100مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن،بىراق ئائىلە ئىقسادى يار بەمىگەنلىكتىن كەڭ خەلق ئاممىسىدىن ياردەم سورايمىز.قېرىنداشلارنىڭ 30ياشقا كىرمىگەن بىر ياش يېگىت ئۈچۈن ياردەم قۇلۇڭلارنى سۇنۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز

كېسەللىك سەۋەبى:بىمار دەسلەپتە چوڭ يۈك ماشىنىدىن سەكرەپ پەي سوزۇلغاندەك بولۇپ چوڭ مەسىلە يوق بولغاچقا سەل قارىغان،ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۇپ بەل ئاغرىشقا باشلاپ،يول مېڭىش تەسكە چۈشۈشكە باشلىغان،ئېغىر نەرسىمۇ كۆتۈرەلمەس بولۇپ قېلىپ ئاپتۇنۇم رايونلۇق1-دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۇرۇتكەندە،بەل ئومۇرتقا تىبىركېلىيوز كېسەل بولغىلى بىر يىلدىن ئاشقان دەپ دىياگىنوز قويغان ھەمدە دەرھال ئوپراتسىيە قىلىپ يېرىڭنى تارتمىسا
خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ھەتتا ئېغىرلاشقانسېرى ھاياتىغا خەۋىپ ئۇچىرايدىغان ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھازىر قەدەركەتكەن پۇل جەمئىي 40مىڭ يۈەن،ئىككىنچى قېتىملىق ئوپراسىيىگە 60مىڭ يۈەن كېتىدىكەن.
ئائىلە ئەھۋالى:بىمارنىڭ دادىسى يوق،كىچىك ۋاقتىدا ئاجىرىشىپ كەتكەن،ئانىسىنىڭ خىزمىتى يوق،بىمار ساق ۋاقتىدا يۈك ماشىنىسى ھەيدەپ ئائىلىسىنى قامدايتىتى،ھازىر ئائىلىسىنىڭ باشقا كىرىم مەنبەسى يوق.
بىمار : ئۇمەر ئەخمەت约麦尔.艾合买提، بىمارنىڭ ئاپىسى : پاتەم ئىبراھىم
بىمارنىڭ كارتا نومۇرى :
يېزا ئىگىلىك بانكىسى ،   6228480898236092471
بىمار بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىش تېلفون نومۇرى: 18299484070


Uyghun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 16:17:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-28 16:19

ئاللاھئاسانلىق بەرسۇن ! ئۈندىدار سالونىغا يوللاپ قوياي. قېرىداشلار ئۈندىداردا تارقىتىپ قويارسىلەر.

سالون نامى : sayrambiz

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 16:30:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadirlarbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-28 16:54

بىمارنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن يوللاپ قويدۇم ، ھەربىر قېرىندىشىمىز ئازتولا ئېشىنچىمىزنى ئاتىساق ،مەنچە بۇ يىگىتىمىزنى كىسەل ئازابىدىن قايتۇرۇپ كىلەلەيمىز ئاللاھ خالىسا. مەن 100سوم ئاتىدىم ، كەچتە كارتىسىغا ئۇرىۋىتىمەن. ھەربىر قېرىندىشىمىز ياردەم قولىمىزنى سۇنساق.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 18:18:56

بىر ئاز ئىلگىرى ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا 100 سوم پۇل سىلىۋەتتىم ،
ئاز بولسىمۇ ئىشلىتەرسىلەر.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 20:07:02

مۇشۇ( بىمارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن )دىگەن ئىبارىنى ئىشلەتمىسەك! مۇمكىن بولسا سۆرەتنىڭ يۈزى غۇۋالاشتۇرۇلسا!

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 21:33:48

ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن بىر ياردەم قىلايلى تورداشلار!

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 07:32:20

xahla91 يوللىغان ۋاقتى2014-2-28 20:07 static/image/common/back.gif
مۇشۇ( بىمارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن )دىگەن ئىبارىنى ئىشلەتمى ...

مەن بۇ كىشىلەرنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ،ھازىرمۇ كۆرۈپ باقمىدىم ، ئۇلار پەقەت مېنىڭ كومپىيوتېر بىلەن ئازتولا ھەپىلىشىپ قىلالايدىغانلىقىمنى باشقىلاردىن سوراپ بىلىپ ،ئالاھىدە تېلفون قىلىپتۇ ھەمدە مۇشۇنداق قىلىپ بېرىشىمنى ئۈتۈندى، بۇنى ‹‹ھاۋالىسى بىلەن›› دەپ ئالىمىزغۇ-شۇ.

رەسىمنىڭ يۈزىنى غۇۋالاشتۇرۇشقا كەلسەك، ئۇلار بۇ ھەقتە ھىچقانداق گەپ قىلمىدى، ھەم بارلىق رەسىملەرنى ئۇلار ئۆزلىرى تەمىنلەپ بەردى.

شەخلا خانقىز، چۈشۈنۈشلۈك بولغان بولسا ، ئۇلارغا ئاز-تولا كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەپ قۇيارسىز-ھە.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 09:09:39

ئەگەر 支付宝ئارقىلىق تاۋباۋ تورىدا پۇل ئىئانە قىلىشنى خالايدىغان دوستلار بولسا ، adembol@163.comگە پۇل سېلىپ ، مۇشۇ تېمىغا ئەسكەرتىش بېرىپ قويساڭلار،مەن ئۇلارنىڭ كارتىسىغا يۈتكەپ بېرىمەن.رەخمەت.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 14:40:35

بىر قېرىندىشىمىز مېنىڭ zhifubao ھىساباتىمغا 50يۇەن ئۇرۇپتۇ، بىمارغا ۋاكالاتەن بۇ قېرىندىشىمىزغاكۆپ رەخمەت ئېيتىمەن ، كەچتە ئۇلارنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ قويىمەن.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 17:19:46

كىملىكنىڭ سىكاندىر نۇسخىسىنى تورغا چىقارمايدىغان گەپتى ....

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-3 08:26:40

مەن باشقا نىيەتتە دىمىدىم، ئىزدىنىشقا يوللانغانكىن چوقۇم ئىشەنچىلىك دەپ قارايمەن، شۇڭا بىۋاستە بىمارنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا تاقىلدىغان گەپ-سۆزلەر بولمىسىكەن دىدىم، بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە مۇھتاج بولمىقى بەسى مۇشكىل ئىش، ئاشۇ مىسكىنلەرنىڭ كۆڭلىنى ئايىساق، سىز ئۆزىڭىز ئىشەنچ قېلىپ يوللىغان تېما بولغاندىن كېيىن، (ھاۋالىسى)دىمىسىڭىزمۇ بىز چۈشىنىمىز. كۆڭۈل دىگەن شۇنچىلىك نەرسە، ئازراقلا ئىشلاردىن خوش بولۇپ، يوقلا ئىشلارغا يېرىم بولىدۇ.
كىملىكتىكى سۆرەت ئىشىدا مەن چىرايىنى بىر تەرەپ قېلىپ يوللاش تەرەپدارى، ئاللاھ يولىدا قىلغانلىرىمىز ئۇلارغا بىسىم بولۇپ قالمىسۇن، ئەگەر مۇشۇ كۈن بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىپ قالغان بولسا، مۇشۇ ھالدا تورلاردا ئاشكارلىنىپ يۈرسەك قانچىلىك ئازاپلىنىپ قورۇنۇپ كېتەر بولغۇيتۇق؟

ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە ئاتىغىنىم بار، پات ئارىدا يەتكۈزۈپ بېرىمەن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-4 13:45:32

بىمارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولۇپ كەتتى؟
بىلىدىغانلار دەۋەتسە ياخشى بولاتتى....

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 11:02:59

مېنىڭ 支付宝 ھىساباتىمغا تورداشلار يېقىندا بۇ بىمارغا ئاتىغان 260يۇەن پۇلىنى ئاخشام كەچ ئۇلارنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇۋەتتىم.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 07:44:59

تۇنۇگۇن جا*.ئابدۇرف ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مېنىڭ ھىساباتىمغا 100يۇەن كىرگۈزۈپتۇ، گۇچۇڭدىكى يەنە بىر بۇرادىرىم بۇ بىمارغا ئاتاپ 100يۇەن پۇلنى بىۋاستە قولۇمغابەردى ،بىمارغا ۋاكالەتەن تەشەككۈر ئېيتىمەن. بۇگۈن چۈشتە بۇ 200يۇەن پۇلنى بىمارنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇۋىتىمەن.
بەت: [1]
: ئۈمەرجان جىددى ياردەمگە مۇھتاج