Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 14:30:16

(Mac)ئايكون گۈزەللەشتۈرۈش

ئەلۋەتتە ئالما كومپىيۇتىرلارنىڭ ئايكونى سەنئەتلىك گۈزەل ئۇنى ئۆزگەرتىشىمىزنىڭ ھەم ھاجىتى يوق . ئەمما يېڭلىققا ئىنتىلدىغانلار ئۈچۈن ئانچە مۇنچە ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنى ئادەت قىلىپ تۇرىدۇ. شەخسەن مەنمۇ ھەر بىر ھۆججەت سومكىسىنى شۇنىڭغا ئائىت ئايكونغا ئالماشتۇرۇپ قويىمەن. ئۇنداق بولغاندا خېتىنى ئوقۇمايلا سۈرىتىگە قاراپلا ئاچسىڭز بولىدۇ ھەمدە ئ‍ۆزگىچە كۆرۈنىدۇ.

ئايكوننى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاۋۋال سىزدە چىرايلىق ئايكون مەنبەسى بولۇش كىرەك. تۆۋەندە مەن بىر نەچچە ئۇلىنشنى قالدۇرۇپ قويىمەن. تاللاپ چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ.

1. we ♥︎ icons  
   http://weloveicons.com

بۇ تور بىكەتتىكى ئايكونلار بىر-بىرىدىن پەچەت بولۇپ توپ توپ چۈشۈرەلەيسىز. سۈزۈكلۈكىدە گەپ يوق.

2.  iconpaper
http://www.iconpaper.org

بۇ تور بىكەتتە تۈرلەر بويىچە ئايرىم چۈشۈرۋالسىڭز بولىدۇ.

3.the icon factory
http://iconfactory.com/freeware/icon
بۇ تور بىكەتتە ئايكوندىن باشقا دىتاللارمۇ ھەم بار. قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى بىكەت.


4.Iconfinder
https://www.iconfinder.com

بۇ تور بىكەتتىمۇ سەر خىل ئايكونلار بار.


ئەمدى بۇنى چۈشۈرۈپ بولۇپ ئايكوننى قانداق ئۆزگەرتىمىز؟
1. ھۆججەتنىڭ Get info تاللايمىز.


2. تاللىۋالغان ئايكوننى سۆرەپ ئاپىرىمىز.

ۋە ياكى command + i نى بېسىپ رەسىمنى تاللاپ ئاندىن ھۆججەت ئۇچۇرىنىڭ رەسىمىگە ئەكىلىپ command +v نى باسسىڭزمۇ بولىدۇ.
3.تامام


ياكى ئۆزىڭىز ئايكون ياساپ PNGشەكلىدە ساقلاپ قىلۋالسىڭزمۇ بولىدۇ. جەريانى ئۈستۈنكى جەريانغا ئوخشايدۇ.
بەت: [1]
: (Mac)ئايكون گۈزەللەشتۈرۈش