bapkar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 09:41:17

بۇ قىز جىددى ياردەمگە مۇھتاج!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bapkar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-28 09:42  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر، ئاقتۇ ناھىيە ئۈژمە يېزا ئالتۇنچى كەنىت غوجى ھويلا يولى 035-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق گۈلپىيە تۇرسۇن بۇ يىل 19 ياش، 2013-يىلى 11-ئايدا ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلماقچىكەن، ئاكىسىنىڭ يىلىكى ماس كەلگەنلىكتىن يىلىك تېپىلدى، ئەمما ئوپراتسىيە ھەققى 400 مىڭ يۈەن بولغاچقا بۇ دىھقان ئائىلىسى نۇرغۇن جاپا تارتىپ 300 مىڭ يۈەن تاپشۇرۇپتۇ، يەنە 100 مىڭ يۈەن كەملىدى، 3-ئاينىڭ 3-كۈنى دۈشەنبە ئوپراتسىيە قىلماقچىكەن، شۇڭا سىلەرگە بۇ مۇراجىئەتنامىنى چىقاردۇق.
قالغان گەپنى كۆپ قىلماي، ھازىر لازىملىقى پۇل ۋە مىھرىبان قېرىنداشلارنىڭ ياخشى تىلىكى، ئاللاھ خالىسا بۇ 4 كۈن ئىچىدە ياردەم قىلىپ مۇشۇ پۇلنى نەقلىيەلىسەك ياخشى بولاتتى.
ئەمسە ھەممەيلەن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ھەركەتكە كېلەيلى، قىز ھازىر شىنجاڭ تىببى ئونۋىرسىتىتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا 1-بىنا 5-قەۋەت 28-كېسەل كارۋىتىدا










كارتا ئىسىمى: 古力比也·吐逊
يېزا ئىگىلىك بانكا كارتا نومۇرى: 6228483678269003075
قىزنىڭ دادىسى تۇرسۇن بەكرىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 13345376229
ئانىسى گۈلھەسەل مەمەتنىڭ تېلىفۇن 15276803910  (ھازىر قىزنىڭ يېنىدا)

Rachel يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 22:46:35

بۇ قىزغا 100سوم ئاتىدىم،ئاللا شىپالىق بەرسۇن بۇ سىڭلىمىزغا!!

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-4 13:52:11

ئاللاھ خالىسا، مەنمۇ چۈشتىن كېيىن ئازراق كۆڭلۈمنى ئەۋەتەي!
ئاللاھ شىپالىق بەرگەي!!!
بەت: [1]
: بۇ قىز جىددى ياردەمگە مۇھتاج!