izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 07:53:08

لاڭ شىيەن پىڭ:ھەقسىز داۋالاشنىڭ ماھىيىتى ئۆچرەتلىك داۋالاش

لاڭ شىيەن پىڭ:ھەقسىز داۋالاشنىڭ ماھىيىتى ئۆچرەتلىك داۋالاش
بىز بۈگۈن مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى، ھەقسىز داۋالاش دىگەن نىمە؟ ھەقسىز داۋالاشنىڭ نىمە پايدىسى بار؟ ئۆتكەن بىر مەزگىل تاراتقۇلاردا روسىيەنىڭ ھەقسىز داۋالىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر قاينىدى، ئەمما مىنىڭ قارىشىمدا ھەقسىز داۋالاش ئىدىيەسى ھەقىقى ئىزچىللاشقان روسىيە ئەمەس ـ ئەمسە قەيەر؟ ئەنگىلىيە
ئەنگىلىيەنىڭ داۋالاش خىراجىتىنىڭ GDP دا ئىگەللىگەن نىسبىتى ئىزچىل 9%ئەتراپىدا بولدى،  ئەمما ئەنگىلىيەنىڭ داۋالاش سىستىمىسىنىڭ ئۈنىمى ناھايىتى يۇقىرى  ، ئىستاستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە  90% ياتاقتا ياتقان بىمار بۇ ھەقسىز داۋالاش سىستىمىسىدىن رازى، 87% ئامبۇلاتورىيەدىكى بىمار، 70% جىددى كىسەك بىمارلىرىمۇ رازى ، بۇلار بىرقەدەر يۇقىرى نىسبەت ـ ئىسىڭلاردا بارمۇ ، لوندۇن ئولۇمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىدا  مىڭ نەپەر دوختۇر ،سىستىرالار چىقىپ ، بۇ ئۈچ ھەربنى لەپىلدەتتى   “NHS”(National Health Service)  بۇ ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت داۋالاش مۇلازىمەت سىستىمىسى ،بۇ ئەنگىلىيەلىكلەر ئەڭ پەخىرلىنىدىغان  جامائەت مۇلازىمەت سىياسىتى ـ
    ئەنگىلىيە 《تايمىس گىزىتى》نىڭ ئەلرايى تەكشۇرۇش سۇئالى “سىزنىڭچە ئەنگىلىيە ھۆكىمىتىنىڭ 20-ئەسىردىكى  ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن مۇۋاپىقىيىتى قايسى؟ ”    46% ئادەم ئەنگىلىيەنىڭ داۋالاش سىستىمىسى ، 18% ئادەم پاراۋانلىق سىياسىتى ، 15% ئادەم  ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدىكى غەلبە   دەپ قارىغان ، بۇنىڭدىن ھەقسىز داۋالاش سىستىمىسىنىڭ ئەنگىلىيەلىكلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ نەقەدەر چۇڭقۇرلىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ  ـ بۇ سىياسەت نىمىشقا بۇنچە ئوڭۇشلۇق ئىجرا بولالىدى ؟ بۇ سۇئال ئىنتايىن موھىم 。
   مەن يىڭى كىتابىم 《 ئىسلاھات قانداق  باشلىنىدۇ 》دا توختالغىنىمدەك ، ھەقسىز داۋالاش دىگەن نىمە ؟ ئەنگىلىيەنى مىسال قىلساق ، ھەقسىز داۋالاشنىڭ ماھىيىتى ئۆچرەتلىك داۋالاش(排队医疗)ـ مىسال :ئۆتكەندە لى گۇاڭ ياۋ( 李光耀 )خانىمى  بىلەن ئەنگىلىيەدە زىيارەتتە بولغان ، خانىمى تۇيۇقسىز مىڭىگە قان قۇيۇلۇپ (性脑溢血 急)، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندىن كىيىن ، ئۆچرەتتە نۆۋەت ساقلايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ، چۈنكى بۇ ھەقسىز داۋالاش ئەمەسمۇ!لى گۇاڭ ياۋ  غەزەبلىنىپ   ئەنگىلىيەنىڭ داۋالاش سىستىمىسى بەك ئارقىدا قاپتۇ دەپ قاقشاپ كەتكەن، ئاخىرى مەخسىۇس ئايروپىلانى بىلەن سىنگاپۇرغا ئەكىتىپ داۋالاتقان ـ مانا  بۇ ھەقسىز داۋالاشنىڭ روھى  _ئۆچراتتە ساقلاش ـ ئۆچراتتە تۇرۇشنى خالىمامسىز؟ بولىدۇ شەخسى دوختۇرخانىغا بىرىڭ ياكى چەتئەلگە چىقىپ كىسەل كۆرسىتىڭ ـ 13% ئەنگىلىيەلىك شەخىس دوختۇرخانا ياكى چەتئەلدە كىسەل كۆرسىتىشنى تاللىغان ، ئەمما بۇ بايلارغا خاس ئىش ، ئادەتتىكى پۇقرالار يەنىلا ئۆچراتتە ساقلاپ داۋالىنىش كىرەك ـ
شىياڭگاڭ ئىلگىرى ئەنگىلىيەنىڭ ھۆكۇمرانلىقىدا بولغان ، شىياڭگاڭ سىلەرگە خىلى تونۇش ، شۇڭا شىياڭگاڭنى مىسال قىلدىم ، ئەمدى شىياڭگاڭنىڭ ئەنگىلىيەنىڭ ئۆچرەت تۈزىمىگە قانداق ۋارىسلىق قىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى ـ شىياڭگاڭدا كىسەل كۆرسىتىش ئىنتايىن ئاددىى ـ  جىددى كىسەل 100 شىياڭگاڭ پۇلى ، ياتاقتا يىتىش 68 شىياڭگاڭ پۇلى ، ئامبۇلاتورىيە 40 شىياڭگاڭ پۇلى ، ئوكۇل ئۇرۇش ، دورا تىڭىش بىر قىتىملىقى 17 شىياڭگاڭ پۇلى ـ  دىققەت ، بۇ پۇل ئىنتايىن ئاز ، تەنەرخىنىڭ پەقەت 3% تىلا خالاس، قالغان 97% نى شىياڭگاڭ ھۆكىمىتى تولۇقلايدۇ ، سىزدىن سوراپ باقاي سىزدە قانچىلىك خامچوت بار ، مالىيە قانچىلىك چىقارسا بۇلارنى تولۇقلىيالايدۇ ؟  مىسالەن  ، ئەگەر  مالىيە خامچوتى يىتەرلىك بولغاندا ، سىز 1000دوختۇر ، 500 يۈز سىستىرا سەپلىسىڭىز  بىمارلار شۇ كۈنىلا كىسەل كۆرسىتىپ بولىدۇ ، خامچۇت يىتەرلىك بولمىسا  ، ئۇنىڭ يىرىمچىلىك دوختۇر ، سىستىرا ، كارۋات تەييارلايسىز ، بۇنداق بولغانكەن بىمارلار ئىككى ھەپتە ساقلايدۇ ، تىخىمۇ ئاز بولسا  ھەتتا تۆت ھەپتە ساقلايدۇ ـ
    شۇ سەۋەبتىن   ئەگەر بىر دۆلەت ھەقسىز داۋالاشنى ئىزچىل يۇرگىزىشنى ئويلايدىكەن ، مالىيە خامچوتى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن   ئۆچرەتتە تۇرۇش  مۇقەررەر تاللاش بولىدۇ ـ  شىياڭگاڭدىمۇ ئۆچرەتتە تۇرۇش كىرەكمۇ ؟ كىرەك ! ھەقسىز داۋالىنىشنى ئويلىسڭىز ئۆچرەتتە تۇرۇش كىرەك ، ھەرىكەتچان ئۆسمە ئوپىراتسىيە ئۈچۈن تۆت ئاي ، كۆزدىكى ئاقنى ئىلىش ئوپراتسىيەسى ئۈچۈن ئۈچ يىل ساقلايسىز، خالىمىسىڭىز  ئۆزىڭىزنىڭ پۇلىنى خەجلەپ شەخسى دوختۇرخانىغا بارىسىز ـ
روسىيەنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشاش ،  ئۇيەردە 140 مىليۇن نوپۇس بار ، 57% ئادەم شەخسى دوختۇرخانىنى تاللايدۇ ، يەنى 82 مىليۇن ئادەم ، بۇ نىسبەت ھەريىلى 1.6% ئىشىۋاتىدۇ ، چۈنكى  كۆپچىلىك ساقلاشنى خالىمايدۇ ، شۇڭا شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى ھەقسىز داۋالاش  بولسا ساقلايدىغان تۈزۈم ـئەلۋەتتە روسىيەنىڭ ھەقسىز داۋالىشىمۇ چىرىپ كەتكەن، سىز دوختۇرغا ، خىزمەتچىلەرگە ئازراق پۇل بەرسىڭىز ساقلاش ۋاقتىڭىز بىر ئاز قىسقىرايدۇ ، قانداق بولشىدىن قەتئىنەزەر، سىز ھامان ساقلايسىز ، ئۆچرەت ھامان بىر كۈنى سىزگە كىلىدۇ ، مانا بۇ ھەقسىز داۋالاشنىڭ ئاساسى روھى ، ساقلاپ داۋالاش(等待医疗)
سىلەردىن سوراپ باقاي ، دوختۇرخانىغا بىرىپ بىر ئاي ساقلىيالامسىز؟ كۆزدىكى ئاقنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈچ يىل ساقلامسىز؟  بۇ جۇڭگۇدا مومكىن ئەمەس ، بىز پۇقرالار ئاللا بۇرۇن  شۇ زامان بىرىش ، شۇ زامان كىسەل كۆرسىتىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن ، مۇتەخەسسىس نۇمۇرى 10ياكى 20 يۇەن،  شۇ كۈنىنىڭ ئىچىدە كۆرسىتەلەيسىز ، ھەتتا بىر ئىككى سائەتتىلا كۆرسىتىپ بولىشىىزمۇ مومكىن ـ  شۇڭا روسىيە بىلەن جۇڭگۇ پەرقلىق ، بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسى بار ، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ مەسىلىسى بار ـ
  جۇڭگۇنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى قانداق بولىشى كىرەك ؟  پۇتكۇل خەلىقنى ھەقسىز داۋالاشقا ئىرىشتۇرۇش ناھايىتى ئاسان ، ئەمما سىز ئۆچرەتتە تۇرشىڭىز كىرەك ، مەسىلە بولسا ئۆچىرەت تۈزىمىدىن كىيىن خەلىقنىڭ قوبۇل قىلالماسلىقى ـ  بۇ بىر چۇڭقۇر مۇلاھىزە قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ـ
  مەملىكىتىمىزدە ھەقسىز داۋالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مومكىنمۇ ؟  سىلەرگە بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتەي :بىزنىڭ 2012 -يىلىدىكى داۋالاش چىقىمىمىز2.9 تىرلىيون ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 1 تىرلىيون پۇقرانىڭ يانچۇقىدىن چىقىدۇ ، 1 تىرلىيوننى ئىجدىمائى سۇغۇرتا ( 社会保障 )چىقىرىدۇ ، قالغان 0.9 تىرلىيوننى دۆلەت چىقىرىدۇ ـ ئەمما ھۆكىمەت چىقارغان پۇلنىڭ 80%نى  8مىليۇن 400مىڭ پارتىيە كادىرى ئىشلىتىدۇ ،0.9 تىرلىيوننىڭ 80%تى 720مىرلىياد بولىدۇ ، 720 مىرلىيات پۇلنى 8مىليۇن 400مىڭ كادىر ئىشلىتىدۇ ، سىزنىڭچە بۇ  ئادىلمۇ؟  پۇقرالارنىڭ ئىشلەتكەن چىقىمى 1 تىرلىيون ، ئەگەر مۇشۇ 720مىرلىيات پۇل پۇقرا ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولسا ، پۇقرالارنىڭ 70% داۋالاش چىقىمىنى تىجىگىلى بولاتتى ، ئەگەر يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا   چەتئەل دورىلىرى( 外资药 )ۋە داۋالاش چىرىكلىكىگە زەربە بىرىلسە ، 30% دورا ۋە داۋالاش ئەسلىھە چىقىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ ،مانا بۇ ھەقسىز داۋالاشنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنى ئەمەسمۇ؟!ئەلۋەتتە پارتىيە كادىرلىرىمۇ كسەل بولىدۇ، ھەم داۋالاش  كاپالىتىگە مۇھتاج ـ ئۇنداقتا قانداق قىلىپ چىقىمنى تۆۋەنلەتكىلى، ئىسراپچىلىقنى توسقىلى بولىدۇ ؟ بۇ ھۆكىمەت ئويلىنىپ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ـ  قانداق ھەل قىلىدۇ:1.مەمۇرلار قوشۇنىنى ئازلىتىش ـ2.كەسپى ئورۇن خادىملىرىنى داۋالاش سۇغۇرتىسى(医保) غا قاتناشتۇرۇپ ، كەسپى داۋالاش سۇغۇرتىسى( 企业医疗保险 ) بىلەن بىرلەشتۇرۇش 3. مەمۇرلارنىڭ   داۋالىنىشى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش ، ئىسراپچىلىقنى ئازايتىش ـ
بۇنداق بولغاندا ھۆكىمەت چىقىمنى زور دەرىجىدە ئازلىتالايدۇ ـ
  مەنبە:سۇمۇرۇخ تورى
  خەنچە سەۋىيەم تۆۋەن (hskيەتتىنجى  دەرىجە  ھى ھى ھى )، ھەم خەنچە ماقالىلارنى تۈنجى تەرجىمە قىلىشىم بولغاچقا  مۈكەممەل تەرجىمە قىلالمىدىم، ئاتالغۇلارنى خاتا ئىشلەتكەن بولىشىم مومكىن . تەلىم بەرگەيسىلەر
ئەسلى ماقالىنىڭ سۇمۇرۇغ تورىدىكى ئاىرىسى : http://i.ifeng.com/news/sharenews.f?aid=78855552&from=timeline&isappinstalled=1

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 10:09:21

قانچىلىك ۋاقىتتا تەرجىم قىلدىڭىز ؟ مىنىڭ hsk  دەرىجەم يوق بۇنداق ئۇزۇن يازمىنى يېرىم كۇندە تەرجىم قىلىپ بولالايمەن . يامانمىكەنمەن {:88:}

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 10:18:51

ئىككى سائەت كەتتىمىكى ، تىلفۇندا تەرجىمە قىلدىم ، چۈشەنمىگەن سۆزلەرنى بىلكان لوغىتىدە تەرجىمە قىلدىم
  hsk يەتتىنجى دەرىجىنى تىلفۇنغا كەلگەن جاۋابنى كۆچۇرۇپ ئالغان ھى ھى ھى

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 10:33:56

مەنمۇ ئىنجىقلاپ يۈرۈپ ئاران 4-دەرىجىنى ئالغان،يېرىم كۈندە تەرجىمە قىلىشقا كۈزۈم يىتىدۇ،،،ھا ھا ھا

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 14:44:34

...... دوختۇرخانىغا بىرىپ بىر ئاي ساقلىيالامسىز؟ كۆزدىكى ئاقنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈچ يىل ساقلامسىز؟......
ئەلۋەتتە ساقلىغىلى بولمايدۇ دە؟!!ساقلاپ كېسەل ئېغىرلاشسا ياكى ئۆلۈپ كەتسە ساقلاش ئەمەس داۋالاتقاننىڭمۇ ئەھمىيىتى قالمايدۇ دە!مەن بەك چۈشىنەلمىدىممۇ يا؟بۇ ساقلاش بىلەن ھەقسىز داۋالاشنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار؟!!

abd282 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 15:08:55

بۇ بىر قىزىل پاچاق نىڭ چەتنىڭ ھەقسىز داۋالىنىشىغا كاللىسىغا كەلگەنچە قاراچاپلاپ، ئۆزىنىڭ ھەقلىق، قالايمىقان، قاراجەمئېيەتلەرچە، قاراقچىدەك داۋالىنىش تۈزۈمىنىڭ ياخشىلىقىنى ئېسپاتلاش ئۈچۈن تۇقۇپ چىققان ئەپسانىكەن بۇ.   چەتئەلدە نۇپۇسنىڭ شالاڭ ئۇل ئەسلەئەلەرنىڭ تەرەققى قىلغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ. مىنىڭچە نۆۋەت ساقلاش بىلەن ھەقسىز داۋالىنىشنىڭ قىلچىمۇ مۇناسىۋىتى يوق. ھەقىلىق داۋالايدىغان دوختۇرخانىلاردا نۆۋەت ساقلايدىغان ئېش يوقمىكەن. دۆلەت ئېچىدىكى دوختۇرخانىلارغا بىرىپ ئوبدان كۆرۈپ باقسا بولغىدەك بۇ قاقباش. ھەقىلىق داۋالاش ئۇنداق ياخشى بولىدىغان بولسا نىمىشقا نۇرغۇن ئەمەلدارلار، ۋە بايلار چەتئەل تەۋەلىكىگە ئۆتىۋالىدۇ؟ ئەجىبا ئۇلار نۆۋەت ساقلاش ئۈچۈن چەتئەلگە چىقامدۇ؟ ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە لاڭ فامىلىلىك

mimanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 16:16:30

لاڭ ئەپەندىمنىڭ كۆزقاراشلىرى باشقىچە جۇمۇ :P

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 16:52:06

   ئا كىۇ دىگەن ئەسەرنى نىمانداق ماختايدىكى دەپ ئويلايتىم بۇرۇن ... قارسام قۇرۇق گەپلا ...
خىتوليە دە 4 يىل ياشاپ ھېس قىلدىمكى ئا كىيۇ دەششەت تىپىكلەشتۈرۈلگەن گۇيكە ....

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 17:00:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kirindax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-28 17:06  

ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ، ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىمزنىڭكىنى ماختاپتۇغۇ لاڭ جاناپ

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 17:44:11

   بىلىشىمچە لاڭ شەن پىڭ شىياڭگاڭلىق جەمئىيەت ،ئىقتىساد تەتقىقاتچىسۇغۇ .ئۇنىڭ ئۈندىدار مۇنبىرىدە، جۇڭگۇ نىڭ  جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادىغا ئائىت نۇرغۇن ماقالىلىرى بار .قېتىۋېلىپ ئوقۇپ قويۇڭلار بالىلار .لىكىن خەنزۇچە جۇمۇ. مەندەك MHKدا 4-دەرىجىدىن ئۆتكەنلەرلا چۈشىنەلەيسىلە:lol:lol:lol

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 19:43:32

بىراق بۇ ماقالىسى بۇرۇنقى ماقالىلىرىگە ئوخشىمايدىغۇ ؟ تەلەپپۇزى سىلىق ،تەنقىد ئاز....

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 21:09:20

قىنى چەتئەلدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلار سىلەرمۇ بىر ئىغىز گەپ قىلمامسىلەر، راست شۇنداقمۇ؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 21:23:29

abd282 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 15:08 static/image/common/back.gif
بۇ بىر قىزىل پاچاق نىڭ چەتنىڭ ھەقسىز داۋالىنىشىغا كالل ...

مىنىڭچە نۆۋەت ساقلاش بىلەن ھەقسىز داۋالىنىشنىڭ قىلچىمۇ مۇناسىۋىتى يوق.

سىزنىڭچە مۇناسىۋىت يوقما؟ يېزىلىق دوختۇرخانىلارغا بېرىپ باقماپسىز ھە. سىزنىڭ يېزىدا ھەقسىز ئەمەسمۇ يا . ھازىر يېزا ھەمكارلىقنى ھەقسىز قىلىۋەتكەننىڭ ياقى ساددا دېھقانلېرىمىز زۇكام بولۇپ قالسىمۇ يېزا دوختۇرخانىسىغا كىرىپ ئوكۇل سالغۇزۇپ يېتىۋالىدىغان بولدى. يېزىلىق دوختۇرخانىدا قانچىلىك كارۋات بار دەيسىز بالدۇر كەلگىنى ياتىدۇ كېيىن كەلگىنى نۆۋەت ساقلايدۇ. نۆۋەت كەلگۈچە زۇكاملېرىمۇ ساقىيىپ قالىدۇ.ئامال يوق يېزىلىق دوختۇرخانىلار بىر كېسەلنى بەش كۈندىن ئارتۇق ياتاقتا ياتقۇزۇشقا بولمايدۇ دەپ بەلگىلىمىمۇ چىقاردى. ماۋۇ چوڭراق ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك دوختۇرخانىدا ئىشتىن قېچىپ دوختۇرخانىنىڭ جوڭگوچە داۋالاش بۆلىمىگە كىرىپ، يىڭنە سانچىپ داۋالاش،  ئۇۋىلاپ داۋالاش قىلدۇرۇپ دەم ئالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. شۇلارغىمۇ ئۆچرەت بار كارۋات قىس. ئاددىسى ماۋۇ تۇغۇتلۇق كېسەللەرمۇ، يۈرەك مىڭە تۇمۇر كېسەللېرىگىمۇ ھازىر ئۆچرەت بار.بەلگىلىمە بويىچە كارىدورغا كارۋات قويۇشقا بولمايدۇ. ئامال يوق يا ئۈرۈمچىگە بارىدىغان گەپ.  قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئەمەس خېلى مۇناسىۋىتى بار. دوختۇرخانىغا بارغاندا بېلىسىز. جوڭگودا دوختۇرخانا جىق، دورىخانا جىق. كېسەللەر تېخىمۇ جىق.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 22:06:31

لاڭ شىيەن پىڭ نىڭ  ئۇندىدار  سالونى lang-club

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 09:09:41

كۈلكىلىك ماقالە بوپتۇ بۇ تازا،ئەجىبا لاڭ ئەپەندى چەتئەللەردىمۇ جىددى قۇتقۇزۇش دەپ بىر بۆلۈمنىڭ بارلىقىنى بىلمەمدىكىنا؟ئەلۋەتتە كېسەلنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە قاراپ ساقلاش ياكى ساقلىماسلىق بەلگىلىنىدۇ.پۈتۈن ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ شۇ،ئەلۋەتتە جىددى خارەكتىرىلىك كېسەللەرنى شۇ زامان دەل ۋاقتىدا جىددىي بىرتەرەپ قىلىدۇ،مېنىڭ ئۆزبېشىمدىن ئۆتكەن ئىشنى مىسالغا ئالسام بۇلتۇر بىر پۇتۇمنىڭ باش بارمىقى  تىرناق ياللۇغى بولۇپ قالدى،دەسلىپىدە ئۆزۈم ئۆيدە ئېلىپ كېلىۋالغان دورىلارنى يەپ ،يارىنى تازىلاپ دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ بىر ئىككى ھەپتىنى ئۆتكۈزىۋەتتىم،ئەمما ئەھۋال بارغانچە ئېغىرلاپ تىرنىقىمنىڭ ئەتراپىدىكى يىرىڭلار تېخىمۇ يىغىلىپ پۈتۈن بەدىنىم قىزىشقا باشلىدى،شۇنىڭ بىلەن دوستلۇرۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە باردىم.ئۇلار پۇتۇمنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ دەرھال مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ماشىنا بىلەن شۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى،ئۇيەردىكى دوختۇرلارمۇ شۇ كۈنى پۇتۇمنى تازىلاپ دورا سۈركەپ دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ بولۇپ 3كۈنلۈك ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىنى يېزىپ بېرىپ 3كۈندىن كېيىن ئوپراتسىيە قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىپ مېنى ئۆيگە كەتكۈزىۋەتتى،ئەلۋەتتە جىددىي خارەكتىرىلىك ياللۇغ مەزگىلىدە ياللۇغنى كونترول قىلىپ ئاندىن ئوپراتسىيە قىلىش لازىم،جىددىي خارەكتىرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى،ئۆت ياللۇغى دېگەندەك بىرقىسىم كېسەللىكلەر بۇنىڭ سىرتىدا.ئۈچ كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىغا باردىم ئەتتىگەندە قان ئېلىپ بىرقىسىم تەكشۈرۈشلەرنى قىلدى،چۈشتىن كېيىن بولسا ئوپراتسىيەگە ئېلىپ چىقتى،شۇنىڭ بىلەن ساقايدىم. يەنە بىر دوستىمىز ئۆتكەندە قورسىقى ئاغرىپ ئۆزىنىڭ شەخسىي دوختۇرىغا كۆرۈنۈپتىكەن ئۇ دوختۇر بىر قىسىم تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن دەرھال چوڭ دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇدوستۇمنى دوختۇرغا ئەپتۇ،ئەسلىدە ئۇ جىددى خارەكتىرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇپتىكەن ئەتىسىلا ئوپراتسىيە قىلىنىپتۇ،ئۇ دوستىمىزنىڭ قوسىقى ئاغرىشقا باشلىغاندا مۇنداقلا بىر كۆرۈنۈپ باقاي دەپ دوختۇرنى ئىزدەپتىكەن كىم بىلسۇن ئۇلار ئۇنى ئۇددۇل ئوپراتسىيەگىلا ئېلىپ كىرىپتۇ،شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ تېلفۇنىنىڭمۇ توكى قالماپتىكەن بىز بىر نەچچە كۈن ئالاقە قىلالماي تاس قاپتۇق ساقچىغا مەلۇم قىلغىلى...يۇقىرقىدەك مىساللار ساماندەك كۆپ،گەپنىڭ قىسقىسى يۇقىرقى لاڭ ئەپەندىنىڭ يازمىسى بەكلام بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ قاپتۇ،باشقا دۆلەتلەردە قانداقكىن ئەمما فرانسىيەدە بىزدەك ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە تىزىملاتقان چاغدىلا داۋالاش سۇغۇرتىسىغىمۇ بىللىلا تىزىملىتىۋالىمىز،يىلدا تۆلەيدىغان پۇلىمىزمۇ ئىنتايىن ئاز،ئەمما داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن يەرلىك خەلق بىلەن ئوخشاش قاتاردا بەھرىمان بولالايمىز،مېنىڭ يۇقىرقى ئوپراتسىيەرىم ۋە دوستۇمنىڭ ئوپراتسىيەلىرىدىن بىز ئۆز يېنىمىزدىن بىر پۇڭمۇ چىقارمىدۇق.ئۇ دوستۇمنىڭ تېخى سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ ۋاقتى توشۇپ ئۆتۈپ كېتىپتىكەنتۇق . دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئاندىن بىجىرىپتۇ.مەيلى كىم بولسا مەسىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە چىقىپ ساياھەت قىلىشنىڭ ئالدىدا كونسۇلخانىنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە شۇ چىقماقچى بولغان دۆلەتنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسىغا پۇل تۆلىگەن بولسىلا ياۋروپادا ساياھەت قىلىش جەريانىدىلى ھەرقانداق كېسەلنى ھەقسىز كۆرسىتىشتىن بەھرىمان بولالايدۇ،ئەلۋەتتە يولداشلارنىڭ كۆپى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مۇشۇ يەرگە كېىلپ دوختۇرخانىغا كىرىپ ھەقسىز تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ ھەقسىز دورىلارنى ئېلىپ كېتىدىغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس.
مەن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىدىم،بۇ ياقتىكى دوستلۇرۇمغا بىزنىڭ120 غا پۇل تۆلەيدۇ دېسەم ھەيران قالغانتى،جىددىي قۇتقۇزۇشقىمۇ پۇل ئالامسىلەر دەپ.
ئەلۋەتتە لاڭ دېگەندەك شەخسىي دوختۇرخانىنىڭ ئىش بېجىرىش سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز چۈنكى ئۇ يەرگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىدىغان پۇلدارلارمۇ كۆپ ئەمەستە،ئەمما ئۇنىڭ كۆز قارىشىچە بولغاندا ئادەتتىكى پۇخرالار كېسەل بولۇپ قالسا ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىدىكەندە،بۇ بەكمۇ قىزىقارلىق بىر مىسال بوپتۇ

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 09:15:15

يەنە بىر ئىش ،ئۆتكەندە فرانسىيەدە ئوقۇيدىغان بىرقىز تەتىلدە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېسەل بولۇپ قېلىپ ئۈرۈمچىدە ئوپراتسىيە قىلىپتۇ،ساقىيىپ قايتىش ئالدىدا دوختۇرخانىدا ياتقانلىق ئىسپاتى پۇل تۆلىگەن تالونلىرىنىڭ ھەممىسىنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈپ قايتىپ كېىلپ فرانسىيەدىكى سۇغۇرتا شېركىتىگە يوللاپ بېرىپتىكەن ئۇزۇن ئۆتمەيلا چىقىمنىڭ ھەممىسىنى تۆلەپ بېرىپتۇ

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 11:05:24

گەپنىڭ نىگىزى مۇشۇ يەردىكەن ...
«  مەملىكىتىمىزدە ھەقسىز داۋالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مومكىنمۇ ؟  سىلەرگە بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتەي :بىزنىڭ 2012 -يىلىدىكى داۋالاش چىقىمىمىز2.9 تىرلىيون ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 1 تىرلىيون پۇقرانىڭ يانچۇقىدىن چىقىدۇ ، 1 تىرلىيوننى ئىجدىمائى سۇغۇرتا ( 社会保障 )چىقىرىدۇ ، قالغان 0.9 تىرلىيوننى دۆلەت چىقىرىدۇ ـ ئەمما ھۆكىمەت چىقارغان پۇلنىڭ 80%نى  8مىليۇن 400مىڭ پارتىيە كادىرى ئىشلىتىدۇ ،0.9 تىرلىيوننىڭ 80%تى 720مىرلىياد بولىدۇ ، 720 مىرلىيات پۇلنى 8مىليۇن 400مىڭ كادىر ئىشلىتىدۇ ، سىزنىڭچە بۇ  ئادىلمۇ؟  پۇقرالارنىڭ ئىشلەتكەن چىقىمى 1 تىرلىيون ، ئەگەر مۇشۇ 720مىرلىيات پۇل پۇقرا ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولسا ، پۇقرالارنىڭ 70% داۋالاش چىقىمىنى تىجىگىلى بولاتتى ، ئەگەر يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا   چەتئەل دورىلىرى( 外资药 )ۋە داۋالاش چىرىكلىكىگە زەربە بىرىلسە ، 30% دورا ۋە داۋالاش ئەسلىھە چىقىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ ،مانا بۇ ھەقسىز داۋالاشنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنى ئەمەسمۇ؟!ئەلۋەتتە پارتىيە كادىرلىرىمۇ كسەل بولىدۇ، ھەم داۋالاش  كاپالىتىگە مۇھتاج ـ ئۇنداقتا قانداق قىلىپ چىقىمنى تۆۋەنلەتكىلى، ئىسراپچىلىقنى توسقىلى بولىدۇ ؟ بۇ ھۆكىمەت ئويلىنىپ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ـ  قانداق ھەل قىلىدۇ:1.مەمۇرلار قوشۇنىنى ئازلىتىش ـ2.كەسپى ئورۇن خادىملىرىنى داۋالاش سۇغۇرتىسى(医保) غا قاتناشتۇرۇپ ، كەسپى داۋالاش سۇغۇرتىسى( 企业医疗保险 ) بىلەن بىرلەشتۇرۇش 3. مەمۇرلارنىڭ   داۋالىنىشى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش ، ئىسراپچىلىقنى ئازايتىش ـ
بۇنداق بولغاندا ھۆكىمەت چىقىمنى زور دەرىجىدە ئازلىتالايدۇ ـ »

ئۆتكەندە بىر كىسەل بىلەن دوختۇرخانىدا ياتاق يوق كارىدوردا ياتقان . ئەمما كادىرلار ياتىقىدا بىكار كارۋات ياتاق باكەن ، لىكىن مەن فۇكىجى دېگەندەك مەمۇرىي دەرىجىسى بار كادىر بولمىغاچ ، ئادەتتىكى ياتاق تېپىلماي كارىدوردا  ياتتىم .
ھەيرانمەن ، ئاشۇ خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىدىغان چاكارلارنىڭ مەخسۇس كادىرلار ياتىقىدا يېتىپ كېتشى ، مەخسۇس ماشىندا توشۇلۇشى ، ھەي ، قىززىق بىر دۆلەتتە ياشاۋاتىمىزخوجايىن  چاكارلىرىغا  قۇللىرىغا ئىگە بولالمايۋاتقان ، باشقۇرالمايدىغان ، باشقۇرۇشقا كۇچى يەتمەيدىغان دۆلەت .
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ بۇرۇنقى ھىكايىللىرى يادىمغا يېتىپ قالىدۇ . چوشقىلارغا بايرام ، ئالتۇن چىشلىق ئىت دېگەندەك .
دوختۇرخانىدىكى بىقۇۋۇل كىسەللەرگە قاراپ : ئاھ خۇدا ، مىللىتىمگە ئىغىر كىسەل ، قىممەت كىسەل ئاتا قىلىمىغىن  ، باي قىلمىساڭمۇ مەيلى ، ئىغىر كىسەل قىلىپ ، چارىسىز قويمىغىن دەپ تىلەپ كېتىمەن .
ھەر قىتىم دوختۇرخانىغا كىرسەم  تەن ساقلىق زور بايلىق دېگەنگە يەنە بىر قىتىم قايتىدىن چىن پۇتىمەن ...

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 08:04:32

ھەقسىز بولمىغان يىرىمۇ ياخشى.... ئەگەر راستىنلا ھەقسىز قىلىۋەتسە بۇ خەقنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىغا كۆچۈپ بىرىۋىلىشتىن يانمايدۇ.   ئىككى يۆەنلىك سوپۇننى دەپ بىر كىچە ئۆچرەتتە تۇردىغانلامۇ ئاز ئەمەسقۇ، شۇ بىر ئىككى يۆەنلىك نەرسىنى دەپ ئۆلگەنلەرمۇ يوق ئەمەسقۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-2 10:17:29

مۇشۇ لاڭشەنپىڭدەكلەر نام چىقىرىۋالغاندىن خالىغانچە يېزىۋەرسە خېلى جىق ئادەم راست شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ئىشىنىپ قالىدىكەن. بۇلاردىكى تاكتىكىغا ھېچنېمە توغرا كەلمەيدىكەن. ئۇچۇر دەۋرى، ھەممە نەرسىدىن خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ دېگەندىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ يولىغا يېتەكلەپ.
بەت: [1]
: لاڭ شىيەن پىڭ:ھەقسىز داۋالاشنىڭ ماھىيىتى ئۆچرەتلىك داۋالاش