izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 20:35:56

تۈركىيەدە مەملىكەت خاراكتېرلىك نامايىش پارتلىدى

25-فېۋرال ، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە كوچىلىرىدا نامايىش قىلماقتا . تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغاننىڭ چىرىكلەشكەنلىكى توغرىسىدا گۇمان قوزغايدىغان ئۈن لېنتا 24-فېۋرال كەچ ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ، تۈركىيەدە 25-فېۋرال مەملىكەت خاراكتېرلىك نامايىش پارتلىدى ، نامايىشچىلار ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى .(تامام)
مەنبە: شىنخۇا تورى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 22:35:22

ئەردوغاننىڭ قاراشلىرى ۋە سىياسى يولىنى ياقتۇرۇپ كەتمىسەممۇ چىرىكلەشكەنلىكىگە تازا ئىشىنىپ كېتەلمىدىم

darmanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 22:36:42

بۇ سىياسى دىگەننىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدىكەن دىسە؟  گۈلەن دىگەننىمۇ ياخشى ئادەمدەك قىلاتتى، ئەمدى  نىمە ئىشلار بولىۋاتىدىكىن جۇمۇ؟

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 22:59:42

زادى سىياسەت دېگەن نەرسە...............

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 00:14:29

تولۇقلاپ ئىيىتقاندا ئاخبارات  ۋاستىلىرى ئەردوغاننىڭ ئوغلىغا پۇلنى يۆتكىۋىتىش توغرۇلۇق ئۈن لىنتىسنى تارقاتقان ئەردوغان بۇنىڭ يالغانلىقىنى ئىيىتقان


بۇرۇن بۇلارنىڭ(ھىلىقىلار)ئاخبارات ۋاستىلىرغا ھاجىتى  چۈشمەيتى ئەمدى جان ھەلقۇمغا كەگەن ئوخشايدۇ بار  كۈچى  بىلەن ئەردوغاننى يىقىتماقنى كۆزلەۋاتىدۇ

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 01:26:26

ئەردوغانغا بولۇشۇپ ئۆزەڭلارنى يوقۇتۇپ قويماڭلار....چىرىكلىك قىلغان لىنتىسىنىڭ مونتاژ ياكى ئەمەسلىكى تەكشۈرىلىۋاتىدۇ.بىرقىسىم تەپتىشلەر يۇقۇرى قاتلامدىكى نەچچە مىڭ سىياسىي رەھبەر ۋە باي سودىگەرلەرنى يوشۇرۇن ئاڭلىغان.11ئاينىڭ 17–كۈنى يەنى چىرىكلىك ئوپراتسىيوننىڭ ئەتىسى ئوغلىغا ئۆيدىكى پۇللارنى يۆتكىۋەت دىيىشى بەك ئەجەپلىنىپ كەتكىدەك نەرسە ئەمەس.ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىشقا زىت ھالدا ئەدىليە ھوقۇقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئەدىليە مىنىستىرى ۋاستىسى بىلەن ئاجىزلىتىشىشى دىمۇكراتىيەگە قارمۇ قارشى.

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 04:44:11

چىرىكلىشىپتۇ دىسىلا ھەممە يەردە بىرلا ۋاقىتتا نامايىش چىكەتكىنى قىزىق ،خۇددى ئاقسۇدا ئىش چىقىپتۇ دىسە پۇتكۇل شىنجاڭنىڭ چازىلىرى ئىشقا كىرشىپ كەتكەندەك .

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 05:31:31

ئەردوغاننىڭ سۆزلەشكەندىكى ئاۋازنىڭ ۋاقتى 17:59 كەن ئەمما ئەردوغان 17:59 دا كونيادىكى يىغلىشدا ئىكەن ۋە تىلۋىزۇردىمۇ شۇ ۋاقىتتا نىمە ئىش قىلۋاتقىنى قويلۇپتىكەن !
يەنە مونتاژلارمۇ ئاۋازنىڭ سۆزمۇ - سۆز كىسىپ چاپلانغان دەپ ئىسپاتلاپ بېرىپتۇ
   ئەردوغان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ خەۋەردىكى دەۋالارنىڭ يالغانلىقىنى رەسمىي ئىسپاتلاندى. پاكىتىنى  مۇنۇ ئادرىستىن كۇرۇڭ
   http://www.haber7.com/guncel/haber/1132158-iste-amerikada-ses-analizini-yapan-o-firma

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 08:37:25

darmanbay يوللىغان ۋاقتى  2014-2-27 22:36 static/image/common/back.gif
بۇ سىياسى دىگەننىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدىكەن دىسە؟  گۈلە ...

نىمە دىمەكچى؟

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 09:03:33

ھـــــــــــــــــــــــــــــــــــــې
بۇرۇن بىر كىنو باتتىغۇ ، يامان ئۇزۇن، لۆم لۆم ، مىكسىكىنىڭغۇ دەيمەن، تۆھمەتمىتى ئىسمى.
ھازىرمۇ شۇنداق   تۆھمەتلەرنىڭ مودىلىقى راست بولسا، بۇ جاھان شۇ پېتى تۇرۇپتۇ.

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 11:05:25

ئەگەر ئەردوغاننىڭ ئاۋازلىرىنى كىرىشتۇرۇش ئارقلىق، ئاشۇنداق تۆھمەت چاپىلىغانلىقى ئاشكارلانسا، ئاشۇ تۆھمەتچىلەرنى مۇدەتسىز كىسۋەتسە قانداق بولار؟ چۈنكى دۆلەت مىقياسىدا قوزغالغان نامايىشىلار، دۆلەت ۋە ئاۋامغا كەلتۈرگەن زىيىنى، ئەڭ مۇھىمى كوچىدىكى نەچچە مىڭ ئاممىنى ئالداش سەل قارىغىلى بولمايدىغان ئىش دە.{:101:}

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 11:15:01

مايمۇن ئويۇنى ئەۋجىگە چىقامدۇ قانداق ؟...

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 12:51:13

مەيلى نىمە دەپ پەردازلىمىسۇن سىياسىي دىگەن ھامان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان رەزىل قورالكەن . ئوتتۇرىدا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئاددىي ئاۋام .  

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 14:29:25

ساكيامونىنىڭ بىر گېپى بار:
ھەق، ھەق، ناھەق، ناھەق. راست، راست، يالغان، يالغان.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 15:20:49

مەيلى ئەردۇغان چىرىكلەشكەن بولسۇن بولمىسۇن ، لىكىن تۈركىيەدىكى باشقا ئەمەلدارلاردا
يۈز بەرگەن چىرىكلىك مەسلىسىدە ئەردۇغاننىڭ مەسئۇلىيىتى بار.


ئادەمنىڭ پۇت، بارماق،قوللىرى چىرىپ كەتسە دوختۇر كىسىۋەتسە شۇ ئادەمنىڭ ناكا  بولىدىغىنى
ئىنىق

erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 02:50:37

بۇ خەۋەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ئەردوغان ھازىر تۈركىيەنى ئايلىنىپ كېلەركى سايلام ئۈچۈن ئاۋاز توپلاۋاتىدۇ. خەلقنىڭ ئۇنى قوللاش نىسبىتى يۇقىرى، بۇنى روشەن ھېس قىلغىلى بولىدۇ. باشقا سولچى پارتىيە، گورۇھ ۋە يوشۇرۇن كۈچلەرنىڭ يالغان ياۋداق خەۋەرلىرىمۇ چىقىۋاتىدۇ، شىنخۇا خەۋىرى شۇنىڭغا ئاساسلانغان بولسا كېرەك.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 06:11:19

سايلام يېقىنلاشقانسىرى ھەرخىل قىلىقلار مەيدانغا كىلىۋاتقان ئوخشايدۇ. سۈيقەست بولسا ئاشكارلىنىپ قېلىپ ئۇنى تېخىمۇ كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلمىگىدە دەرىجىدە دۆتكەن ئۇلار..

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 07:27:24

arginakun يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 15:20 static/image/common/back.gif
مەيلى ئەردۇغان چىرىكلەشكەن بولسۇن بولمىسۇن ، لىكىن تۈ ...

يىراقتىكى تۈركىيەنى كوچىلىماي، يىقىندىكى سىسىق سامانلارنى مالتىلاپ بىقىڭلار، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرەلەمسىلەر ،قىنى كۆرۈپ باقايلى.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 12:15:25

    تۈركىيەدە چىرىكلىشىش نورمال ھادىسە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . شۇڭا تۈركىيەدە كىم چىرىكلەشكەنلىكى ئەمەس كىمنىڭ تۈركىيەنى باشقۇرالايدىغانلىقى بەكرەك مۇھىم مەسىلە .

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 15:39:14

ئەردوغان بىز ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ ،شۇڭا مەنىمۇ ئۇنى قوللايمەن:lol،،،،،دىمكۇراتىيە يەنە بىرنىمە دىگەنلەر مەن ئۈچۈن ئوسۇرۇققا باراۋەر ،،ئىتقادسىزلارنىڭ ۋە ياكى ئىتقادى بۇرمىلانغانلارنىڭ تۈزۈپ چىققان سىياسى پىرگوراممىسى زاى قانچىلىك بولماقچى  ؟
بەت: [1] 2
: تۈركىيەدە مەملىكەت خاراكتېرلىك نامايىش پارتلىدى