Tengrikut يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 19:22:45

قىرغىزستان ‹بىقىۋالغان› يۈسۈپ خاس ھاجىپ

ئاتىسى يوق يىتىم بالىنى بىقىۋىلىش ئەزەلدىنلا بولۇپ كىلىۋاتقان قائىدە.ئەگەر ئىگە چىقمىسا.
ئەلۋەتتە ئۇ بىر ئالىم بولۇپ قالسا ھەممە ئادەمنىڭ بىقىۋالغۇسى كىلىدۇ. ئەمما بىقىۋىلىش چەكتىن ئىشىپ كىتىپ بۇ پەقەتلا ماڭا مەنسۇپ، مىنىڭكى دەپ تۇرۋىلىشنىڭ كەينىدە قانداقتۇر يامان غەرەز يوشۇرۇنغان بولدۇ. سابىق سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيتى قىرغىزىستاننىڭ 20 يىلدىن بىرى تىلى چىقىپ قىلىپ تۇنجى جاكارلىغان مۇستەقىللىق داۋرىڭدىن كىيىنكى داۋراڭ بولسا ئۇيغۇر ئالىمى مۇتەپەككۇر سىياسىئون بۇيۇك دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپنى «بىقىۋىلىش» بولدى. مەن قىرغىزستاندىكى ۋاقتىمدا يىڭى بىسىلىپ چىققان 1000 سوملۇق پۇلنىڭ ئالدى يۈزىدە قىمىزنى تولا ئىچىپ يۈزلىرى ئىششىپ كەتكەن كوسا ساقال كىشىنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ تىگىگە يىزىلغان « جۈسۈپ بالاساغىن» دىگەن ئىسىمنى كۆرۈپ ھەيران قالغانتىم. كىينرەك يۈسۈپ بالاساغۇنغا ھەيكەل تۇرغۇزدىكەن دىگە غۇلغۇلىمۇ بولدى.ئەلۋەتتە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى ئۇنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنى قوشۇپ بالاساغۇنىي دەپمۇ ئاتىلاتتى. كىيىنرەك قىرغىزىستان مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتى رېكتورنىڭ ھوزورىدا بۇ توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ قالدىم.

پۇتۇن بىر «دۆلەت» نىڭ ۋەكىللىك ئۇنۋىرستىتىنىڭ رېكتورى ھەقىقەتنى بىلسىمۇ يوشۇرغىسى كىلىپلا تۇراتتى. ھەتتا ئۆزىمۇ قاراخانلار خاندانلىقى توغرۇلۇق كۆپ نەرسە بىلمەيتى. مەن ئۇنىڭغا تومتاق قىلىپلا بىرنەچە سۇئال قويدۇم: قاراخان ھۆكۈمدارلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ دىيارىدىن باشلىنىپ ئۆزبىكىستاننىڭ سەمەرقەنتكىچە كىڭەيگەن.ئۇ چاغدا قىرغىزلار قەيەردە ئىدى؟ قىرغىزلاردا ساپلا قامچىبىك قوزىبىك دىگەن ئىسىملار بار نىمىشقا ھازىرغىچە يۈسۈپ دىگەن ئىسىم يوق؟ ياكى يۈسۈپ بالاساغۇنغا خاتا قويۇلۇپ قالغان ئىسىممۇ؟ يۈسۈپ بالاساغۇن قىرغىز ئۇرۇقىدىن بولۇپ ئۇيغۇر تىلنى ھەجەپمۇ پىششىق ئۇگۇنۇپتىكەن، نىمىشقا قىرغىز يىزىقىدا يازمىغان بولاتتى؟ قىرغىز جەميتىدىن ئالىم چىققان بولسا 10 ئەسىر بۇرۇن بىرلا ئالىم چىقىپ كىيىنكى دەۋىرلەردە نىمە ئۇچۇن ئالىم چىقىپ باقمىدى؟ مانا بۇ سۇئاللار رېكتور جاۋاپ بىرەلمىگەن سۇئالار ئىدى. مەن بىلەن بىللە كەلگەن مەيدانى يوق تۈرۈك ئوقۇتقۇچى  رېكتورنىڭ بىر ئىستاكان قەھۋەسىگە سىتىلىپ ماڭىمۇ يان باسماي رېكتورغىمۇ يامان بولماسلىق ئۈچۈن« يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئالىم بولغاچقا ھەممە ئادەم بىزنىڭ دەپ تالىشىدۇ. ئىشقىلىپ كىمنىڭ بولسىمۇ ئۇ دىگەن تۈرۈكلەرگە مەنسۇپ.» دەپ ئۇمۇ ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئاخردا مەن قىرغىز يازغۇچىسى چىگىگىز ئايتماتوۋ ئۆز كىتابىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئىنىقلا قىلىپ ئۇيغۇر ئالىمى دىگەن، سىلەر نىمىشقا ھەقىقەتنى خەلقتىن يوشۇرىسلەر؟ دەپ سورىسا رېكتور ئوڭايسىزلىنىپ بىزگە يۇقۇردىن شۇنداق ئۇقتۇرۇش بار دەپ سالدى.




ھە ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئۇنىڭ «يۇقۇرى» دىگىنى قىرغىزستان پارلامىنتى يەنى ئۇيغۇرچە ئىيتقاندا «قىرغزستان يۇقۇرى كىڭىشى» ئىدى. مەرىپەتنى سىياسەت ئۇچۇن قوللىندىغان «يۇقۇرى كىڭەش» ئەزالىرى بىردەك ئويلۇنۇپ  دۇنياۋى خاراكتىرلىق ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان «مەرىپەتتىن ھەقىقەتنى ئۆچۈرىۋىتىش» ئۇسۇلىنى ئەمدى ئۈگەنگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. يىڭى قۇرۇلغران بوۋاق قىرغىزستان جۇمھۇرىيتىنى سوۋىت سوتسىئالىستىك ھۆكۈمىتى 1923.يىلى قۇرۇپ« قىرغزستان» دەپ ئىسىم قويۇپ ئاغزىغا سوسكىنىمۇ سىلىپ بەرگەن. 1991.يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا جۇمھۇرىيەتچىلىڭ سىياسى ئىڭى تىخى ئەمدىلا يىتىلگەن ئەزەلدىنلا رەسمىي دۆلەت باشقۇرۇش ئەنئەنسىگە ئىگە بولمىغان بۇ پادىچى قىرىنداشلار تۇرۇپلا بىر «دۆلەت» كە ئىگە بولۇپ قالدى.ئارىدرا خىلى بىر مالىمانچىلىقتىن كىيىن بىراز بىسىققان كۆرۈنگەن بۇ بوۋاق دۆلەت تىخىچە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇرۇقبازلىق ئىڭىدە ياشاۋاتقان 5 مىليون خەلقىنى ئاقارتىش ئۇچۇن خىلى جاپا چەكتى. دۆلەتنىڭ يادروسى بولغان خەلقنىڭ پەخر تۇيغۇسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك مىللەتچىلىك تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇش ئۇچۇن ئاللىقانداقتۇر قىرغىز ئىمپىريەسىدىكى باتۇر ھۆكۈمدار،  ئولاما ئالىملارنى كولاپ چىقىپ كۆز ئالدىدا چوڭايتىپ داۋراڭ سىلىشى كىرەك ئىدى. ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ھازىرقى قىرغزستانغا تەۋە ئورۇندا تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ئۇچۇن بۇ داۋراڭنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. قۇربانىغا ئايلىنىپلا قالماي رەسمى «بىقىلىپ» كىتىش گىردابىغا بىرىپ قالدى.
ھەقىقەتنى يوشۇردىغان ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ چىقىۋاتقان ،كۇننىڭ يىرىمىنى ھاراق ئىچىش ئويۇن تاماششا قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن سوراپ باقتىم:
يۇسۇپ بالاساغۇن كىمۇ؟
ۋاي ئۇ دىگەن قىرغىز ئالىمى. ئۇنداق ئالىمدىن دۇنيادا يەنە بىرسى يوق. ئۇيغۇرلارغا دۆلەت باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەن ..
يۈسۈپ بالاساغۇن قىرغىزلاردىن چىققان ئۇلۇغ ئالىم..






1.بىزنىڭ مائارىپ نازارىتىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار نىمە ئۇچۇن بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرمايدۇ؟
2.نىمە ئۇچۇن تورداشلىرىمىز ئۆز ئالىمىغا ئىگە چىقمايدۇ؟
3. قىرغىزستاندىكى قېرىنداشلار ھىچبولمىسا ئالىمنىڭ يۈسۈپ دىگەن ئىسمىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۆز ئىسمى بويۇنچە جاكارلىماي يۈسۈپنى جۈسۈپكە ئۆزگەرتىۋتىشتىكى مەقسىدى نىمە؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 22:41:27

قاچانمۇ تاتلىقى كېلەر مۇشۇلارنىڭ ؟
بىزنىڭ زىيىنىمىزغا تۇرغىنى تۇرغان بۇلارنىڭ.....
نادان دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى دىگەن گەپنى پات پات ئەسكە ئېلىپ قالىمەن ، نادان دوست نادانلىقى تۈپەيلىدىن ساڭا دۈشمىنىڭمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان ئاجايىپ چوڭ زىيانلارنى يەتكۈزۈۋېتىدىكەن

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 22:49:00

يۈسۈپنى جۈسۈپكە ئۆزگەرتىشتە باشقا مەقسەت يوق. تەلەپپۇز قىلالمايدۇ شۇ.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 23:07:21

ھەممەيلەن دىققەت قىلساق   قىرىنداشلار ئارسىغا سۇغۇقچىلىق سالدىغان ياكى كەمسىندۇردىغان گەپ-  سۇزلەر  بۇلۇنمىسا،چۇنكى بىز  يەنلا  قىرىنداش  ئەمەسمۇ؟

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 00:08:34

دىيارىمىزدا تۇرۇپ قىرغىزىستان  قازاقىستاننىڭ ھەيۋىسىدە جان باقىمەن  دەيدىغانلادىن  باشقىلار بىز بىلەن ھەقىقەتەن سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ ، ئەلۋەتتە يۇقاردا دىيىلگىنى پەقەت ۋە  پەقەت ئاشۇ ئۆزىنى ئاياشنى بىلمىگەنلەرگە قارتىلغان

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 04:58:52

قىرغىزلارنىڭ يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئاكىمىزدەك پۇتكۇل ئۆمرىنى قۇتادغۇبىلىك ئۇچۇن سەرىپ قىلغان ئالىمى بارمۇ ؟ خالىس ھالدا پۇتكۇل كىتابنى ئاۋازغا ئالغان ئابدۇقېيۇم ئىمىن ئاكىمىزدە تۆھپىكارلىرى بارمۇ ؟ بۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى پارلامىت تەرپىدىن چەكلىنىپتىكەنمۇ ؟
  مۇشۇ كۇنلەردە مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى گەپ بۇلۇنسا ۋاي ئىتىپاقلىق بۇزۇلمىسۇن ، ۋاي بۇ دىگەن بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ، ۋاي بۇ دىگەن بىزنىڭ بىرمىمىز دىگەن ئادەملە كۇزۇمگە چارۋا بازىدىكى قۇرۇق گەپ سېتىپ جان باقىدىغان دەللالدەكلا كۇرۇندۇ . يولداش لېلىن باراۋەرلىكنى تاشلاپ قۇيۇپ ئىتىپاقلىقنى تەكىتلەش سىنپى زۇلۇم  دەپتىكە .

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 05:08:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-28 05:10  

قىرغىز ئاغىنىلىرىم بار، بارساق قوي سويىدۇ...
مەن قىرغىزلارغا ئامراق. ئۇلار بولمىسا داق يەردە ئولتۇرۇپ قالاتتۇق...(بۇ چاقچاق)...
ئەمما يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەسىلىسىدە،....
قىرغىزىستاندا دوكتورلۇقنى ئوقۇپ كەلگەن بىراۋنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە:
قىرغىزىستان مائارىپى ساختىلىققا تولغان بولۇپ، فىلولوگىيە كەسىپلىرىدە قىرغىزنى كۆتۈرىدىغان تېمىلار ئەۋج ئالغان. ئالايلۇق: ئۇ بىزگە بىر رەسىمنى كۆرسەتتى. بۇ رەسىم مەلۇم قىرغىز تىلشۇناس ئوتتۇرىغا قويغان تىللارنى تارماقلارغا بۆلۈشنىڭ يېڭى نەزەرىيەسى بولۇپ، قىرغىزىستاندا ئالاھىدە ئالقىشقا ئىگە. ئۇ نەزەرىيە بويىچە:
ئادەم ئەلەيھسالام ۋە ھەۋۋا ئانىنىڭ تىلى قىرغىز تىلى ئىدى.
پۈتۈن دۇنيادىكى تىللار قىرغىز تىلىدىن دەسلەپتە: ھام-سام تىللىرى، ئالتاي تىللىرى، خەنزۇ-تىبەت تىللىرى... دەپ بۆلۈنۈپ چىققان. قىرغىزلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر رايونىدا ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، ھەمدە قىرغىز تىلى ئەسلىدىنلا پۈتۈن دۇنيا تىللىرىنىڭ ئانا تىلى بولغاچقا، باشقا تۈركىي تىللار بىلەن تۇغقاندارچىلىقى كۈچلۈك.
..... بۇنىڭغا ھەممىمىز كۈلدۇق.
ماناس داستانىمۇ ئۇزۇن داستان دەپ بەرسە، ئېيتىلىۋاتقىلى ئەللىك يىلدىن ئاشتى، ئۇنى خاتىرلەيدىغانلارمۇ ھېرىپ قالدى، تېخىچە ئاخىرى چىقمىدى.
قىرغىزىستاندا ھازىر تۈركىيەنىڭ 30-يىللىرىغا ئوخشاش، قارىغۇلارچە، پاكىتسىز ھالدا قىرغىزنى داڭلاپ يازىدىغان قىلمىش قاتتىق ئەۋج ئالغان. ئۇنۋانلارنى ناھايىتى ئاسانلا ئالغىلى بولىدىغان، مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىنتايىن تەرتىپسىز، ئىنتايىن ئاجىز ھالەتتە. ئەلۋەتتە، نامرات بىر دۆلەتنىڭ بۇنداق بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈشى تەبئىي. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەسىلىسىمۇ دەل مۇشۇنداق مائارىپ-مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى سەۋەبلىك كۆرۈلۈۋاتقان سەۋەنلىك. ئەمما قىرغىزلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ھەقىقىي ئالىملار بار. ئۇلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنى قىرغىز دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ.
---------
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قىرغىز ئەمەسلىكىنڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىسپاتى:
مەندە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇداتغۇبىلىگ»ىنىڭ قەدىمكىي ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقىدىكىسىنىڭ ئەسلىي قوليازمىسىنىڭ رەسىملىك نۇسخىلىرى بار.
ئۇلاردا ئالىمنىڭ ئىسمى «يۈسۈف» دەپ «ي» ھەرپى بىلەن يېزىلغان.
قىرغىز تىلىدا «يۈسۈف» دەيدىغان ئىسىم ئەزەلدىن يوق، پەقەت «جۈسۈف» دەيدىغان ئىسىملا بار. ئەگەر ئالىم قىرغىز بولغان بولسا، «جۈسۈف خاس ھاجىب» دەپ يازاتتى كىتابىغا.
------------
يەنە بىر مەسىلە شۇكى، قىرغىز تىلى، قىرغىز خەلقى ھەقىقەتەن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. مەيلى سىز قانداقلىكىي ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىيالنى ئاختۇرۇڭ، ئەڭ قەدىمگە تەۋە خەلق قىرغىز بىلەن ئۇيغۇر... باشقا قازاق، تۈركمەن، ئۆزبېك ياكى ئازەرىلەرنىڭ گېپى تېخى يېقىنقى نەچچە يۈز يىل مابەينىدە پەيدا بولغان. قىرغىز تارىخىنى ھەتتا ئۇيغۇر تارىخىدىنمۇ ئۇزۇن دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن پاكىتلارغا كۆز يۇمۇۋېلىشقا بولمايدۇ.
قېرىنداشلىق ئېنىق، ئەمما ئاكا-ئۇكىلارمۇ خوتۇن-بالا، ئۆي-ۋاقلارنى ئايرىيدۇ. بىر خوتۇننى ياكى بىر ئۆينى ئورتاق ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما قېرىنداشلار ئۈچۈن، ئۆي-ۋاق، بالا-چاقا ئايرىم بولغان بىلەن، ئاتا-بوۋا ئورتاق.
يۈسۈف خاس ھاجىپ قاراخانىيە مەزگىلىيدە بارلىققا كەلگەن ئالىم. ئەينى چاغدا تۈركلەر (قىرغىز بىلەن ئۇيغۇرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىرلىك ھاسىل قىلغان، يەنى تۈرك دېگەن بىر مىللەت نامى ئاستىدا ئىدى. شۇنداق بىر نام ئاستىدىكى دەۋردە مەيدانغا كەلگەن بۇ ئالىم قايسى قەبىلىدىن بولسۇن، ئۇ بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئالىمى.
شۇڭا... ئەگەر قىرغىز بۇرادەرلەر بىر قەدەم كەينىگە چېكىنىپ، تۈرك ئالىمى ... دەپ تۇرۇپ نەگە بېسىۋالسا، نەگە يېزىۋالسا، بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ...

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 08:17:47

مۇشۇ ئىزدىنىشتا مىنى تونۇيدىغانلار بارمىكىن.بولساڭلار ۋاقتى كەلگەندە مېنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇمغا گۇۋاھ بولۇپ قويارسىلەر.ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا مۇشۇ گۇيلار مىنىمۇ تالىشىدىغاندەك قىلىدۇ.{:92:}{:92:}{:92:}

okullar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 09:17:42

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان دەۋردە قىرغىز تۇققانلار تېخى بۇ تەرەپلەرگە كۆچۈپ كەلمىگەنغۇ دەيمەن. كۆچۈپ كەلگەن ۋاقتى خېلى كېينگە توغرا كېلىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 10:26:37

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 05:08 static/image/common/back.gif
قىرغىز ئاغىنىلىرىم بار، بارساق قوي سويىدۇ...
مەن قىرغىز ...


‏1. قىرغىزىستاندا يېقىندىن بىرى قىرغىزنى كۆككە كۆتۈرۈپ يازىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى دىگىنىڭىزنى خاتا دىيەلمەيمەن،مەن ئۇ يەرگە بارمىغان،ئەمما شۇنداق ھادىسىلەرنىڭ مەۋجۇت بولىشىنى قىياس قىلالايمەن،قىرغىزىستان مائارىپى توغرىسىدىمۇ سىز ئۆز ئاڭلىغانلىرىڭىزنى دەپسىز،بەلكىم ھازىرقى مەزگىلدە سىز دىگەن يىتەرسىزلىكلەرمۇ بولىشى ئېنىق،بۇ ئىشلارنىڭ ئۇجۇر-بۇجۇر سەۋەپلىرىنى بۇ يەردە يېيىپ سۆزلىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما سىزنىڭ بۇ ئىنكاستىكى مىساللىرىڭىز ئۆزىڭىز ئاڭلىغان ئەمما قىرغىزىستاندىكى ئومۇمىلىققا ياتمايدىغان،سەھنىگە چىقمايدىغان پاراڭلارمىكىن دەيمەن،يەنى كوچا پاراڭلىرى،خۇددى ئۇيغۇرلار سورۇندا دېڭشوپىڭنى ئەسلى ئېسمى دىلمۇراتكەنتۇق،تېگى ئاتۇشتىن،دىگەندەك ماندالام دەپ قويىدىغان پاراڭ. ئادەم بىلەن ھەۋۋانى قىرغىزلارنىڭ دەۋاتىدۇ دىگەندەك مەلۇم بىر شەخىسنىڭ پىشمايدىغان پارىڭىنى،ئاڭلىدىم دەپ بۇ يەردە دېسىڭىز،يەنە نۇرغۇنلىغان چولتا ئادەملەر بار،ئۇلار پۈتۈن قىرغىزلار مۇشۇنداق دەۋاتىدۇ دەپ تەشۋىقاتقا ئاتلىنىپ كىتىدۇ.
‏2.ماناس داستانى تۈگەپمۇ قالدى،بولسا يازىدغانلار ھېرىپ قالمايدۇ. ئەگەر سىز بۇ داستاننى ئانچە چۈشەنمىسىڭىز،ئاتايىن سۆز قىستۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،ياكى بۇ داستانغا ئۆزىڭىزنىڭ ئايرىم پىكىر-تەكلىپلىرىڭىز بولسا تېخى ياخشى،بۇ ياخشى ئىش.
‏3.قىرغىزلاردا يۈسۈپ دەپ ئېسىم قويمايدۇ،جۈسۈپ دەپ قوياتتى،دەپسىز،مىنىڭچە سىزدە ئازىراق سەۋەنلىك بار دەپ ئويلايمەن. پىكىرلىڭىزدىن سىزنىڭ تارىخ بىلىمىڭىزنىڭ موللىقىغا قىياس قىلدىم،شۇڭا سىزگە قەدىمقى قىرغىز،ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرنىڭ يېزىغى ياكى تىل تاۋۇشىغا ئائىت يازمىلارغا ئىتىبار بىرىپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. قەدىمقى قىرغىز ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىللىرى ئىنتايىن يېقىن بولغان،قەدىمقى قىرغىزلارمۇ ي تاۋۇشلۇق بولغان،بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە،كىيىنكى ئىنكاسىمدا قىرغىزلارنىڭ «سۇجى مەڭگۈ تېشى»قالدۇرۇپ قوياي. يەنە،قىزىقسىڭىز قەدىمقى قىرغىزلارنىڭ يەنە بىر ئەۋلادى بولغان ئالتاي مىللىتىنىڭ ئۈن-سېن ماتىريالىنى ئاڭلاپ بېقىڭ،ئۇلار ھازىرمۇ ي تاۋۇشلۇق مىللەت.
‏4. سىزنىڭ قىرغىز تارىخى،ۋە «بىر ئائىلە كىشىلىرى» توغرىسىدىكى گەپلىرىڭىزگە تولىمۇ خۇرسەنمەن،بۇنداق بايراق بولسا مەن ھەر زامان سىزنىڭ بايراقدارڭىز بولىمەن. ھازىر كۆككە كۆتۈرۈلۈش مەسىلىسى قىرغىزلاردىلا مەۋجۈت ئەمەس،ئۇيغۇرلاردىمۇ،ۋە باشقا ئىستانلاردىمۇ ھەددىدىن ئارتۇق،ياكى ھېسىياتقا بىرىلىپ مىللەتچىلىك ھادىسىسى كۈچۈيىۋاتىدۇ،ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەرخىل،ئەمما ئىپادىلىنىۋاتقان مىللى ئاشقۇنلۇق بىر خىل،بۇنداق ۋەزىيەتنى ھېچكىممۇ كۈتمىگەن. ھەقىقەت ئىگىلىدۇ سۇنمايدۇ، ھازىر ھەقىقەت تېخى بىر سىر،چۈنكى يۈسۈپ بالاساغۇنىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى،ھازىرقى تۈركولوگلارنىڭ قابىلىيىتى بىلەن ۋاقتىنچە ھەزىرقى مەلۇم بىر مىللەتنىڭ قىلىپ بەلگىلىيەلمەيدۇ،ھازىر ئېنىقى بۇ زات تۈرك نەسلىدىن،بىز ئالدى بىلەن ھەممەيلەن ھازىرقى ئۆز ئەھۋالاتىمىزدىن قۇتۇلىۋالايلى،ھەقىقەت سۇنمىغاندىن كىيىن،كىيىنلەدىن كىمنىڭ بولسا شۇنىڭ بولسۇن،ئەمەلىيەتتە كىمنىڭ بولىشى بەكمۇ چوڭ ئىش ئەمەس،چوڭى تىنچ ئارامچىلىق.
‏5. قوشۇمچە ئۆزەمنىڭ ئىپادىسىنى دەپ ئۆتەي: قىرغىزىستان بۇ زاتنى قىرغىزنىڭ ئالىمى دىدىمۇ،ياكى قىرغىزىستاننىڭ ئالىمى دىدىمۇ مەن بىلمەيدىكەنمەن،قىرغىزنىڭ دىسە مىنىڭ بىلىشىمچە تولۇق ئاساس يوق دەپ قارايمەن،  قىرغىزىستاننىڭ دىگەن بولسا بۇنىڭغا ارتۇق تالاش قىلىشنىڭ ورنى يوق دەپ ويلايمەن.‏ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق،ئۇيغۇرنىڭكىلام دىسىمۇ بۇ تولۇق ئاساسلىق ئەمەس دەپ قارايمەن، مەنچە ئۇ زات تۈركلەرنىڭ.

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 10:32:28


مېنىڭ بايقىشىمچە،ئەينى دەۋىردىكى قىرغىز ،ئۇيغۇر،تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تىللىرى بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن بولغان،مەن تۈۋەندە ھازىرقى موڭغۇلىيەدە تېپىلغان قىرغىزلارنىڭ «سۇجى مەڭگۈ تېشى» نى قەدىمى قىرغىزچە تىلى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بويىچە يوللاپ قوياي،ئىككى تىلنى سېلىشتۇرۇپ بىقىڭلار:
‏بىرىنجى قۇر قەدىمى قىرغىزچە،ئىككىنجى قۇر ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
‏«سۇجى مەڭگۈ تېشى» ئوقۇغىلى بولىدىغان قۇرلىرى----

‏Uyghur yirinte yaghlaqar qan ata keltim.
ئۇيغۇر يېرىدىن ياغلاقار خاننى قوغلاپ كەلدىم

Qirqiz oghli men .boyla qutluq yarghan men .
قىرغىز ئوغلىمەن،بويلا قۇتلۇقيارخان مەن

Qutluq bagha tarqan üge buyruqi men.
قۇتلۇق باغا تارقان ئۈگەنىڭ بۇيرۇقى مەن

Küm sorughum kün toghsuqqa batsiqqa tegdi.
نام-شۆھرۈتۈم كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقىچە يەتتى

Bay bat ertim. aghlim on. yilqim sansiz erti.
مەن باي ئىدىم،ئېغىلىم ئون،ئاتلىرىم سانسىز ئىدى

Inim yiti. urim üch , qizim üch erti.
ئېنىم يەتتە،ئوغلۇم ئۈچ،قىزىم ئۈچ ئىدى

Ebledim oghlumin.qizimin qalingsiz birtim.
ئوغلۇمنى ئۆيلىدىم،قىزىمنى ياتلىق قىلدىم

Marima yüz er,turugh birtim.
مارىمغا يۈز ئەر،ئولتۈراق جاي بەردىم ( ئىزاھات: مارىم دىگەن مانى دىنىدىكى دىنى شەخىس ئىكەن)

Yaghinimin atimin körtim.
نەۋرە كۆردۈم

Emti öltim.
ئەمدى ئۆلدۈم(ئۆلمەكچى)

Oghlanim erde marimincha bol!qanqa tap!qatighlan!
ئوغلۇم مارىمدەك بول!خانغا بويسۇن!تىرىشچان بول!

Ulugh oghlum ,asiqa bardi.körnedim …oghul.
چوڭ ئوغلۇم ئالدىراپ كىتىپ قالدى،كۆرەلمىدىم...ئوغۇل...

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 10:54:47

okullar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 09:17 static/image/common/back.gif
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان دەۋردە قىرغىز تۇققانلار تېخى ب ...

‏‏قىرغىزلارنىڭ تەڭىرى تاغ ۋە يەتتە سۇ رايونلىرىغا ئورۇنلىشىشى بىر نەچچە باسقۇچلۇق جەريان دەپ قارايمەن، مەن بۇ تېمىغا مۇناسىبەتلىك،ھەم ئۆزەم بىلىدىغان بىرىنجى باسقۇچلۇق كۆچۈشنى قالدۇرۇپ قوياي.

....随着回鹘向西逃亡,部分黠戛斯人作为追兵,也紧随回鹘之后向西迁徙,占领了安西、北庭、鞑靼等五部,进入天山山脉和帕米尔高原游牧,大大开拓了黠戛斯部的疆域。据《新唐书·黠戛斯传》载,黠戛斯汗国的疆域已扩大到“东起骨利干,南邻吐蕃,西南达葛逻禄”一带。另外,这次西迁的另一个重大意义即帕米尔—天山柯尔克孜部(亦称南部柯尔克孜)的逐步形成。 作为漠北雄长,柯
‏‏...ۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ غەرىپكە كېتىشى بىلەن بىرگە،بىر تۈركۈم قىرغىزلارمۇ قوشۇنغا ئەگىشىپ( ئەسكەر ئورنىدا) ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىسىدىن غەرىپكە كۆچىدۇ،ۋە كۇچارنى،جىمسارنى ۋە تاتار قاتارلىق بەش قەبىلىنى ئىگەللەپ،تەڭىرى تاغلىرى ۋە پامىر تاغلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدۇ،شۇنداقلا قىرغىز زېمىنىنى زور كېڭەيتىدۇ.
‏«يېڭى تاڭنامە. قىرغىزلار» دا يېزىلىشىچە،قىرغىز خانلىغىنىڭ زېمىنى شەرىقتە قۇرىقاندىن،جەنۇپتا تىبەت،غەربى جەنۇپتا قارلۇقلار غىچە ئىدى. يەنە بىرسى،بۇ قېتىمقى غەرىپكە كۆچۈشنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتى پامىر-تەڭىرى تېغى قىرغىزلىرىنىڭ ئاستا-ئاستا شەكىللىنىشىدىن ئىبارەت.

会昌二年(842)十月,在击破回鹘汗国之后第一次被遣入唐的黠戛斯使者踏布合祖曾说到:“纥扢斯即移就合罗川,居回鹘旧国,兼以得安西、北庭、达怛等五部落”;
⑨司马光在考证诸文献(《实录》、《献替记》、《旧唐书》)之后肯定黠戛斯使者的许。⑩近来的研究亦倾向于肯定黠斯使者所说的事实,认为黠戛斯使者的报告“让我们了解到黠戛斯人在击破漠北回鹘汗国之后,即挥师西去,并最终控制了北庭和安西地区”。(11)
‏بىرقىسىم تەرجىمە--
842-يىلى،قىرغىزلار تاڭغا ئەلچى ئەۋەتىپ:«قىرغىزلار خېلوچۈەنگە ( ئىچكى موڭغۇلدىكى گەنسۇ،شەنشى بىلەن چىگىرىلىنىدىغان ئالاشەن،ئېجىنا رايونىنى كۆرسىتىدۇ)كەلدى،ئەسلى ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئىدى،يەنە كۈسەن،جىمسار ۋە تاتار قاتارلىق بەش قەبىلىنى ئالدى.». سىماگۇاڭ نەچچە خىل تارىخى ماتىرياللارنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ۋەقەلىكتىكى قىرغىز ئەلچىسىنىڭ گېپىنىڭ راستلىغىنى ئىتىراپ قىلدى. يېقىنقى تەتقىقاتلارمۇ قىرغىز ئەلچىسىنىڭ توغرىلىقىنى، قىرغىزلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىسىدىن غەرىپكە بارغانلىغىنى ۋە كۇچار،جىمسارلارنى كونتىرول قىلغانلىغىنى كۆرسۈتۈپ بىرىدۇ.

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 11:11:53

‏تېما ئىگىسەگە:

تېما ئىگىسىنىڭ سۆزلىرى : «كىيىنرەك قىرغىزىستان مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتى رېكتورنىڭ ھوزورىدا بۇ توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ قالدىم.
پۇتۇن بىر «دۆلەت» نىڭ ۋەكىللىك ئۇنۋىرستىتىنىڭ رېكتورى ھەقىقەتنى بىلسىمۇ يوشۇرغىسى كىلىپلا تۇراتتى. ھەتتا ئۆزىمۇ قاراخانلار خاندانلىقى توغرۇلۇق كۆپ نەرسە بىلمەيتى. مەن ئۇنىڭغا تومتاق قىلىپلا بىرنەچە سۇئال قويدۇم: قاراخان ھۆكۈمدارلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ دىيارىدىن باشلىنىپ ئۆزبىكىستاننىڭ سەمەرقەنتكىچە كىڭەيگەن.ئۇ چاغدا قىرغىزلار قەيەردە ئىدى؟ قىرغىزلاردا ساپلا قامچىبىك قوزىبىك دىگەن ئىسىملار بار نىمىشقا ھازىرغىچە يۈسۈپ دىگەن ئىسىم يوق؟ ياكى يۈسۈپ بالاساغۇنغا خاتا قويۇلۇپ قالغان ئىسىممۇ؟ يۈسۈپ بالاساغۇن قىرغىز ئۇرۇقىدىن بولۇپ ئۇيغۇر تىلنى ھەجەپمۇ پىششىق ئۇگۇنۇپتىكەن، نىمىشقا قىرغىز يىزىقىدا يازمىغان بولاتتى؟ قىرغىز جەميتىدىن ئالىم چىققان بولسا 10 ئەسىر بۇرۇن بىرلا ئالىم چىقىپ كىيىنكى دەۋىرلەردە نىمە ئۇچۇن ئالىم چىقىپ باقمىدى؟ مانا بۇ سۇئاللار رېكتور جاۋاپ بىرەلمىگەن سۇئالار ئىدى. مەن بىلەن بىللە كەلگەن مەيدانى يوق تۈرۈك ئوقۇتقۇچى  رېكتورنىڭ بىر ئىستاكان قەھۋەسىگە سىتىلىپ ماڭىمۇ يان باسماي رېكتورغىمۇ يامان بولماسلىق ئۈچۈن« يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئالىم بولغاچقا ھەممە ئادەم بىزنىڭ دەپ تالىشىدۇ. ئىشقىلىپ كىمنىڭ بولسىمۇ ئۇ دىگەن تۈرۈكلەرگە مەنسۇپ.»  دەپ ئۇمۇ ئۆزىنى كۆرسەتتى...»
‏1.سەن ئۆزەڭ كىم، نىمە كەسىپنى قىلىدىغان ئادەم؟ سەن كۆرۈشكەن ئۇ رېكتور(لىكتورمۇ يا؟) قايسى كەسىپنىڭ رېكتورى ئۇ؟ ماتىماتىكىنىڭ ،بىيولوگىيەنىڭ رېكتورى بىلەن يۈسۈپ بالاساغۇنى توغرۇلۇق سۆزلەشمە،بىلمىسە بىلمەيدىكەن دىمە،ۋە بەلكىم تارىخچى رېكتور بىلەن سۆزلەشتىم دەرسە، ئىشقىلىپ دەۋەرسەڭمۇ ئاللادىن باشقا بىرى بىلمەيدىغان ئىشقا مەسئۇلمۇ بولمايسەن ھەقىچان. كىم بىلەن كۆرۈشكىنىڭ بىلەن چاتىغىم يوق، ھەم سېنىڭ قانچىلىك تارىخى سەۋىيەدە،قانچىلىك ئەخلاقى سۈپەتتىكى كىشى ئىكەنلىگىڭ مۇشۇ ئەرزىمەس تېماڭدىكى يازماڭدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ،كۆپلىگەن چالا ساۋات تور كىزەرلەرنى ئازدۇردىغان،ئىناقلىققا تەسىر قىلىدىغان نەرسە يازدىڭ!

‏2.قىرغىزلارنىڭ تەڭىرى تېغى ۋە يەتتە سۇ رايونىغا كىرگەن ۋاقتى مىلادى 9-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى,بۇ دەسلەپكى كۆچۈش. قىرغىزلاردا ھازىرغىچە يۈسۈپ دەپ ئىسىم بارمۇ دەپ سوئال قويۇپسەن، بۇنىڭغا قاراپ سېنىڭ راستىنلا قىرغىزىستانغا بارغىنىڭغا گۇمانلىنىپ قالدىم، يۈسۈپ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسىملار ساماندەك تۇرمامدۇ،بولدى،سەن باردىڭ ،گۇمانلانمايلا قوياي.

‏3. يۈسۈپ بالاساغۇنى ,ھازىر ئۇ زاتنى تۈركلەرنىڭ ئالىمى دىگەن تۈزۈك،قىرغىزىستان ئۇ زاتنى قىرغىزلارغا خاس دەپ تەرىپلىسە،مىنىڭچە تولۇق ئاساس يوق،قىرغىزىستاننىڭ ئالىمى دىگەن بولسىچۇ؟ ئۇنداقتا بۇنىڭغا ئارتۇق گەپ يوق.ئەگەر ئۇيغۇرلار بۇ زاتنى ئۆزىگە خاس ئالىم قىلىۋالسا،ئۇنداقتا بۇمۇ بىر ئازغۇن مىللى تاشقۇنلۇقنىڭ ئىپادىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. سېنىڭ زورلاپ تاڭغان پارىڭىڭغا ئائۇ يېنىڭدىكى تۈركمۇ ئارىلاشماپتىغۇ،شۇ،شۇنچىلىك ئىش.
4. ‏يۈسۈپ بالاساغۇنى نىمىشقا كىتاپنى قىرغىزچە يازمىغان؟ ئۇ زات كىتاپنى ئۇيغۇرچە،ئەرەپچە يازغاچقا ئۇ ئۇيغۇر دەپسە، مانا سېنىڭ ۋە مۇشۇندا قاراشتىكىلەرنىڭ چولتىلىقى! ئۇندا بولسا ئەينى زاماندا دۇنخۇاڭ، تۇرپان،خوتەن قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان خەنسۇچە ۋەسىقە ۋە ھۆججەتلەرنى يازغان كىشىلەر خەنسوما غوجام؟ قەدىمقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن موڭغۇللار،مانجۇلارنىمۇ ئۇيغۇر دىۋاساڭ بولمامدۇ ئاغىنە،يۈەن سۇلالىسىنى،چىڭ سۇلالىسىنى ئۇيغۇرنىڭ دىۋاساڭ بولاتتى ئىشتتىگىرەك،ئۇيغۇرچە ئالفابېت ئىشلەتكەندىن كىيىن. شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندىم روسچە يازىدۇ،ئىنگىلىسچە يازىدۇ، بۇ ئالىم ئۇيغۇرمۇ روسمۇ ئامىرىكانمۇ؟!  شۇنى بىلىپ قالغىن،ئۆز ۋاقتىدا قەدىمقى ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە ھەقىقەتەن شۇ جۇغراپىيەگە ئۈلگە بولغان،ئۇيغۇر يېزىقىنى قەدىمقى ئۇيغۇرلاردىن بۆلەك مىللەت ياكى قەبىلىلەرمۇ ئىشلەتكەن، قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ داڭقى دەل شۇ يەردە،ئەمما نىمىشقا مەيلى مەھمۇت قەشقىرى ۋەياكى يۈسۈپ بالاساغۇنى ئۆزىنى شۇنچە داڭلىق بىر تائىپنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتمەيدۇ؟ ھەتتا ئۇيغۇر دىگەن جۇغراپىيە بىلەن ئۆزىنى ئايرىم جۇغراپىيەگە قويىدۇ؟ دىمەك، كىم قانداق يېزىق ئىشلەتكەن بولسا بۇ ئۇنىڭ مىللىتىنى بەلگۈلىمەيدۇ.
‏5.قىرغىزلاردىن بۇ ئۇزۇندا بىرەر ساڭا ياققۇدەك ئالىم چىقماپتۇ،ئالىم چىقمىسا نىمە بپتۇ،خاپا بولمىغىن،چارۋىچىلىق بىلەن بىرسىگە ئازار بەرمەي،تاغلاردا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولاپ ياشىدى،ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەقىل بىلەن يارىتىلىدۇ،قىرغىزلار ئۇزۇن زامان ئاللا بەرگەن ئەقلىنى ئاشۇ تاغ-دەريالارغا بېغىشلىغان ئوخشاشيدۇ،سەن دىگەندەك قىرغىزىستان خۇدايىم بەرگەن تېخى بىر «بوۋاق»، قىرغىزىستانغا ياخشى تىلەكلىرىڭ بولسا تىلىگىن،ھازىر قىيىنچىلىقى تاغاردەك بار،،بۇندىن كىيىن ئاللا بۇيرىسا سەن ياقتۇردىغان قىرغىز ئالىملىرىمۇ چىقىپ قالار.

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 11:24:43

‏‏خەلىقئارادا بۇ زاتنى قانداق ئاتاۋاتىدۇ،كۆرەپ باقايلى،مۇشۇنداق ئاتاش ھازىر ئەڭ مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن.

哈萨克语:Жүсіп Баласағұни, Жүсіп Хас Хажиб Баласағұни (1020) - түркі ақын, ойшыл,ғалым, мемлекет қайраткері.
‏(突厥人،تۈرك)。


英语:Yusuf Khass Hajib (Arabic: يوسف خاصّ حاجب; Yūsuf Khāṣṣ Ḥājib Balasağuni; Kyrgyz: Жусуп Баласагын) was an 11th-century Turkic poet from the city of Balasaghun,
‏(突厥人،تۈرك)。


阿塞拜疆语:Yusif Balasaqunlu (təxəllüsü Yusif Has Hacib; 1020 — 1075) — orta əsrlər türk dünyasının ən böyük mütəfəkkirlərindən biri, məşhur "Qutadqu-bilik" əsərinin müəllifi.
‏(突厥人،تۈرك)。


俄罗斯语:Юсуф Хас Хаджиб Баласагуни (узб. Yusuf Xos Hojib, Юсуф Хос Ҳожиб, каз.Жүсіп Хас Хажиб Баласағұни, кирг. Жусуп Кас Кажып Баласагын) — тюркский писатель.
‏(突厥人،تۈرك)。


土耳其语:Yusuf Has Hacib (Arapça: يوسف خاصّ حاجب - Yūsuf Khāss Hājib), Türk-İslam tarihi ve kültürü açısından son derece önemli olan Kutadgu Bilig siyasetnamesini yazmıştır.
‏(突厥人، تۈرك ئىسلام تارىقى)。


塔塔尔语:Йосыф Хас Хаҗиб Баласагуни — төрки язучысы, фәлсәфәче, дәүләт эшлеклесе, «Котадгу белег» әсәре авторы.
‏(突厥人،تۈرك شائىرى)。


乌兹别克语:Yusuf Xos Hojib (Bolasogʻuniy) Ilk turk dostonnavisi Bolasogʻunda tugʻilgan.
(突厥人،تۈرك)。

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 11:28:04

chonggheywetchi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 11:11 static/image/common/back.gif
‏تېما ئىگىسەگە:

تېما ئىگىسىنىڭ سۆزلىرى : «كىيىنرەك قى ...

باغداش تورىدا ، بىر قېتىم مۇنازىرە قىلىنغانغۇ دەيمەن بۇ گەپ .
سىز شۇ يەردىكى قىرغىز تورداش شۇمۇ؟
2.قىرغىزلارنىڭ تەڭىرى تېغى ۋە يەتتە سۇ رايونىغا كىرگەن ۋاقتى مىلادى 9-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى,بۇ دەسلەپكى كۆچۈش.
بۇ مەلۇمات نەدىن كەلگەن؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 11:51:07

ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆزىنىڭ تىل-يېزىقىغا ئىگە بولالمايۋاتسا، بۇرۇنقى ئاتا-بوۋىلىرىغا قانداقمۇ ئىگە بولالايدۇ؟ ئىقتىسادى، سىياسى، مائارىپ جەھەتتىن كۈچەيگەندە بۇ ئىشلارمۇ ئاستا-ئاستا ھەل بولىدۇ. ئاجىزلارنى ھەممە ئادەمنىڭ بوزەك قىلىپ باققۇسى كېلىدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 13:16:27

كورىيەلىكلەر بىر ۋاقىتتا ئۈزى ئىشىنىدىغان خۇداسىنى كورىيەلىكلەر ياراتقان دەپ بىرنىمىلەرنى داۋاتقان:lol
ئۇزۇن ۋاقىت ئەركىنلىكى ۋە ئۆزلىكىنى يوقاتقان كىشىلەر تۇيۇقسىز شۇنىڭغا ئېرىشىپ قالسا شۇنداق ھەممە نىمىنى ئۆىنىڭ قىلىۋالغىسى كىلىدىكەن.
بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ كۆز قارنى تويار
ئۇنىڭغىچە قىلغان ئەتكەنلىرىگە ئۇنى بۇنى دىسەك ئاڭلىمىغاندىن كىيىن كۈلۈپ قويۇپ تۇرمامدۇق.
ئىشقىلىپ كەڭ قۇرساق بولايلى.:lol

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 14:13:48

يېغى كەلسە ياندىن ، بالا كەلسە قېرىنداشتىن .
ئۆتكەن يىللىرى قازاق قېرىنداشلار ئۇيغۇر ناخشىچىلىرى بىر نەچچە قازاقنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىپ قويسا پۈتۈن مىللەتنى ئوغرى تۇتۇپ ئېغىزلىرىدىن شالۋاق ئېقىپ كەتكەن . ئەمدىلىكتە ، قىرغىز قېرىنداشلارنىڭ قىلىپ كەتكەن قىلىقلىرىغا نىمە دىگۈلۈك ؟! بوپتۇ ، دەيلى . يىتىم بالىنى ھەر كىمنىڭ ئانىي تاپقۇسى كىلىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ ...

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 15:06:30

بىر قاچە  قېتىم ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى قازاق قاتارلىق ئاز سانلىق مىلەت كىشلىرنىڭ تورىغا كىرىپ ئاز پاز بىرنىمنى ھېس قىلدىم ھەجلەپ ئۇقۇپ يۈرۈش نەتىجىسىدە ... ئەمما جەزىم قىلالمىدىم ...

ئۇيغۇر بىرتارخى  جۇغراپىيەلىك نام ، يەنى بىر سىياسى كۈچنىڭ نامى ، مىللەت نامى ئەمەس .


ئاۋۇ قىرغىزبېك نىڭ گىپىڭ ئاخىرقى قۇرلىرنى ئۇقۇپ يۇقارقى گەپنى ئەسلەپ قالدىم ....تاغلىق بۇ ئىككى قەۋىم شۇنداق ئوخشاش پىكىردىمۇ ياكى مەن جېق ئويلاپ كەتتىمۇ ؟
بەت: [1] 2 3 4
: قىرغىزستان ‹بىقىۋالغان› يۈسۈپ خاس ھاجىپ