Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 17:55:33

Windows XP غا بولغان مۇلازىمەت توختىتىلسا قانداق قىلاي دەيسىز


ھەممىمىزگە مەلۇمكى بۇ يىل تۆتىنچى ئايدىن باشلاپ مىكروسوفت ئورگان تەرەپ Windows XP گە بولغان مۇلازىمەتنى تولۇق توختىتىدۇ .  بۇ توغىرلىق خەۋەرلەرمۇ ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ ، بەزى شىركەتلەر زور سوممىلىق مەبلەغ چىقىرىپ داۋاملىق مۇلازىمەتكە ئىرىشمەكچى بولغانلىق ھەققىدكى خەۋەرلەرمۇ تارقالماقتا ، بىراق بىزدە خەلىقئارالىق چوڭ گورۇھلارنىڭ مۇلازىمىتىنى ئايرىم سېتىۋالدىغغۇدەك ، ئۇنچىۋالا زور سومممىدىكى خامچوت بولمىغاچقا نۇرغۇن Windows XP ئابونتلىرى ساراسىمىگە چۈشۈپ قالدى . گەرچە Windows 7 ۋە Windows 8.1 شۇنداقلا Windows 8دەك نادىر مەشغۇلات سېستىمىلىرى ئاللىبۇرۇن بازارغا چىقىپ كەڭ كۆلەمدە قوللىنۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا Windows XP ئىشلەتكۈچىلىرنىڭ سېستىمىغا كۆنۈپ قالغانلىقى ، يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلىتىشتە قىينىلۋاتقانلىقى سەۋەبلىك شۇنداقلا قاتتىق دىتالنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسىغا كۆچۈشكە ئامالسىز قالغانلىقى سەۋەپلىك كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر يەنىلا Windows XP غا باغلىنىپ قېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ . جۈملىدىن كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .


بىراق بۇقېتىم Windows XP بولغان مۇلازىمەت توختىتىلىشى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان Windows XP ئىشلەتكۈچىلىرى ساراسىمىگە چۈشۈپ قانداق ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا .
بۇ قېتىملىق مۇلازىمەت توختىتىش ۋاقتى يىتىپ كەلسە زادى قانداق ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن ؟ قانداق ئەھۋاللار كىلىپ چىقىشى مۇمكىن ؟
گەرچە مۇلازىمەت توختىتىلدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەپ كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلىپ كىشلەرنى ئەندىشىگە سالغان بولسىمۇ ، كىلىپ چىقىدىغان كونكىرىت ئاقىۋەتلەر ئوتتۇرغا قۇيۇلمىغاچقا نۇرغۇن كىشلەر قانداق تەييارلىق كۆرۈش ياكى قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە ئېنىق بىر كۆز قاراشقا كەلگىنى يوق باشقا كەلگەننى كۆرەرمىزدا دەپ تەۋەككۈلچىلىك ئىدىيىسىدە تۇرماقتا .

راست گەپنى قىلغاندا ، بۇ قېتىملىق مۇلازىمەت توختىتىلىش سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەر ئانچە چوڭ تەسىرگە ئۇچىرمايدۇ ھەتتا ھىقانچداق تەسىرگە ئۇچىرماسلىقىمۇ مۇمكىن . شۇڭا ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئارتۇقچە ساراسىمىگە چۈشۈپ كېتىشى ھاجەتسىز . نىمىشقا تەسىرگە ئۇچىرمايدۇ دەيمىز ؟
چۈنكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلىرى Windows XP نىڭ ھەقىقي نەشىرىنى نەشىرىنى ئىشلەتمەيدۇ ۋە ھازىرغا قەدەر مىكروسوفتنىڭ سېستىما مەشغۇلاتىغا بولغان مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ باققان ئەمەس . يەنى يېڭىلاش ۋە مۇناسىۋەتلىك ياماقلىرىنى ياماش دىگەندەك مەشغۇلاتلىرىنى قىلىپ باقمىغان بولۇپ ، ھەتتا مەشغۇلات سېستىمىنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارلىرى ئىتىۋېتىلگەن ھالەتتە ئىشلىتىلىدۇ .
مىكروسوفتنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلىرى قايسىلار دىگىنىمىزدە ، مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش ۋە يوچۇقلار بايقالغان ھامان شۇ يوچۇقلارنى ئېتىدىغان ياماقلارنى تەمىنلەش قاتارلىق سېستىمىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش مۇلازىمىتىدۇر .
ھازىرغا قەدەر كۆزىتىشىمچە كۆپ سانلىق ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىسى سېستىما يېڭىلاش ۋە ياماق ياماشنىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ ھەتتا ياماق ياماش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر كومپىيۇتېرغا چۈشۈرۈلسە قاتتىق دېسكىنىڭ سىغىمىنى ئىگىللەپ كېتىپ ، كومپىيۇتېر سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قاراپ  ۋە بۇ مۇلازىمەتلەرنى ئاۋارىچىلىق كۆرۈپ ، ياماق ياماش ۋە سېستىما يېڭىلاش مۇلازىمىتىنى ئىتىۋېتىدۇ . قىسقىسى مۇتلەك كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچى ھىچقاچان مىكروسوفتنىڭ مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ باققان ئەمەس ھەم پايدىلىنىشنىمۇ بىلمەيدۇ .
بۇنىڭغا پاكىت كەلتۈرۈش زۆرۈر بولسا ئېيتىپ قۇيۇش كىرەككى 2000 - يىللىرىنىڭ باشلىرى تارقالغان بەزى كونا ۋىرۇسلار نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپىيۇتېرى ۋە بارماق دېسكىسىدا ئاسارە - ئەتىقە سۈپىتىدە كەڭ تارقىلىپ يۈرمەكتە . ئەگەر بۇ ئابونتلار بالدۇرلار مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ يېڭىلاش ۋە ياماق ياماش مۇلازىمىتىدىن پايدىلانغان بولسا ئىدى بۇ ۋىرۇسلارنىڭ تۇخۇمىمۇ قالمىغان بولاتتى .
ئۇيغۇر ئابونتلارنىڭ سېستىما ئاسىراش مۇلازىمىتىنى ئىشلەتمەسلىدىكى بىر قانچە سەۋەپ تۆۋەندىكىچە
1. كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئابونتلىرى سېستىما يېڭىلاش ۋە ياماق ياماش دىگەننىمۇ چۈشەنمەيدۇ ھەم بۇ مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى خالىمايدۇ .
2. مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئابونتلىرى ئاساسەن مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئوغرى نەشىرىنى ئىشلەتكەچكە ئاللىبۇرۇنلا سېستىمىغا بولغان يېڭىالش ۋە ياماق ياماش مۇلازىمىتىدىن مەھرۇم بولغان يەنى مىكروسوفت ئۇلارغا ئاللىبۇرۇنلا سېستىما مۇلازىمتىنى تەمىنلەشنى رەت قىلغان ھالەتتە .
3.كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئابونتلىرىنىڭ كاللىسىدا مەشغۇلات سېستىمىسى دىگەن 5 يۈەنگە سېتىۋېلىندىغان ئوپتىك دېسكىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۆزىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىنىڭ ئوغرى نەشىرى ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەتتىكى باھاسىنىڭ نەچچە مىڭ سوم ئىكەنلىكىنى قۇبۇل قىلالمايدۇ .
4. ئاز بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان سېستىمىنىڭ ئوغرى نەشىرى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ پۇل خەجلەپ مۇلازىمەتكە ئىرىشىشنى خالىمايدۇ . ئۇلارنىڭ قارىشىچە بوش يۈەنلىك سېستىما بىلەن ھەقىقى نەشىرىدىكى سېستىمىنىڭ ھىچقانداق پەرقى يوق بولۇپ ، مۇلازىمەتكە ئىرىشىشنىڭ ھىچقانداق ئەۋزەللىكى يوق

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، دىمەك كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئابونتىلىرى ھىچقاچان بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىپ باقمىغان ھەم ئىشلىتىشنىمۇ ئويلاپ باقمىغان بولۇپ ، بۇ قېتىملىق مۇلازىمەتنىڭ توختىتىلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق چۈنكى ئۇلار ئاللىبۇرۇن بۇ مۇلازىمەتتتىن مەھرۇم ھالەتتە مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ .



ئەمدى يەنە دەيدىغان يەنە بىر گەپ بار . ئۈستىدىكى قۇرلارنى ئوقۇپ بولۇپ ئۇھ دەۋەتكەن بولسىڭىز بۇ قۇرلارنىمۇ كۆرۈپ قۇيۇڭ .  Windows XP گە توپلاشتۇرۋېتىلگەن Internet Explorer دەپ تور زىيارەت قىلدىغان بىر دىتال بار بولۇپ ، ھازىرقى Windows XP لاردا كۆپىنچە 6.0 نەشىرىنى ئىشلىتىدۇ . بۇنى قىسقارتىپ IE6 دەيمىز . IE6 ئۇزۇندىن بۇيان پىروگىراممىرلارنى ، كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا بەت قۇرۇلمىسىنى لايھىلىگۈچىلەرنى ئاۋارە قىلىپ بېشىنى قاتۇرغان باش ئاغرىقى بولۇپ ، IE6 بەت قۇرۇلمىسنىڭ يېڭىچە ئۆلچىمىنى قوللىمايدۇ . شۇڭا ئۆلچەملىك بەت ياساپ بولغاندىن كىيىن يەنە شۇنچىلىك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ IE6 گە ماس كىلدىغان قىلىپ قايتا تەڭشەشكە توغرا كىلىدۇ . بۇنداق قىلمايمىز دېسەك بىزنىڭ كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلىرىمىز IE6 نى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇلارنى ئويلىماي ئامالمىز يوق . بىر چىرايلىق بەتنى پەچەت چىقىرىپ بولۇپ IE6 سىناق قىلغاندىكى ھېسىياتىمىزنى ئاپپاق ئېچىلىپ كەتكەن كىۋەزلىرىنى مۆلدۈر سوقۇۋەتكەن دېھقاننىڭ ھېسىياتىغا تامامەن ئوخشىتىش مۇمكىن . يەنە شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن بەتنى تەڭشەيمىز . بەت تەڭشەش جەريانىدا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەمدىن سىرىت IE6 ماسلاشتۇرۇش ئىش قىلىمىز ئاخىردا ئۆزىمىز چىقارغان بەتتىن ئۆزىمىز كۈتكەن ئۈنۈمىنىمۇ ئانچە ھېس قىلالمايمىز ھەم نەچچە قېتىم بۇزۇپ نەچچە قېتىم ياساشتەك باسقۇچلارنى بېسپ ئۆتۈپ بىھۇدە ئەمگەك قىلشىمىزغا توغرا كىلىدۇ .
شۇڭا تورداشلارغا ھەم ئۆتىنىش ھەم چاقىرىق تەلەپپۇزىدا يېڭى ئۆلچەمنى قوللايدىغان تور كۆرگۈچلەرنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن .
بۇ تور كۆرگۈچلەردىن FireFox ۋە Chrome بار بولۇپ ، پۈتۈنلەي ھەقسىز ھەم يىنىك . نۇرغۇن قىستۇرما دىتاللىرى بار بولۇپ ئىشلىتىشكە تولىمۇ قولاي . IE6 گە ئوخشاش كىلەڭسىز ھەم ئېغىر ئەمەس .
firefox نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى : www.firefox.com
Chrome نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى :www.google.cn/intl/zh-CN/chrome/

مەن ئۇزۇندىن بۇيان firefox  نى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان بولۇپ ، ئەسلى بۈگۈن firefox  نى تەپسىلى تونۇشتۇراي دىگەن ۋاقىتنىڭ قىسلىقىدا مۇشۇنچىلىك يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم . ئاللاھ خالىسا firefox نى ئىشلىتىش ، ئۇنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە firefox  نىڭ قولايلىق قىستۇرمىلىرنى تونۇشتۇرۇپ ئايرىم بىر تېما ئاچىمەن .....
مەزمۇنلار چولتا بولۇپ قالغان بولسا كەچۈرۈڭلار . ئىشخانىدىكى ئىشلارنىڭ جىددىيلىكىدە تاساددىپى ئىلھام كىلىپ قېلىپ تىز سۈرئەتتە پۈتتۈرۋېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىپ تەپسىلى يېزىشقا شارائىت بولمىغاچقا بەزى جايلار چۈشىنىكسىز تومتاق چىقىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن . چۈشەنمىگەن سۇئاللار بولسا مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا قالدۇرساڭلار مەن جاۋاپ بىرەلمىسەممۇ @ziltar @GoodLuck @kokkaptar @tedbirkar .... قاتارلىقلار جاۋاپ بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 18:06:10

Chrome نىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويىلى {:92:} Firefox قا قارىغاندا Chrome جىق يەڭگىل، جىق تىز. {:87:}

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 18:24:08

IE11مۇ بومماسمۇ؟

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 18:51:54

yigana523 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-27 18:24 static/image/common/back.gif
IE11مۇ بومماسمۇ؟

IE11 بولامدۇ IE10 بولامدۇ ئىشقىلىپ ھەممىسىنىڭ بىر يەرلىرى بار . خەلقئارالىق ئۆلچەم بىلەن سىغىشماي تۇرۇۋالىدۇ . ئەمما IE6 گە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كۆپ ياخشى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ ، ئۆلچەمگە تېخىمۇ يېقىنلاشقان  ... ئەمماIE11 نى XP غا قاچىلغىلى بولمايدۇدە . ئۇنىڭ بىز ھازىر تېمىدا windows xp نىڭ ۋە IE6 نىڭ گىپىنى دىيىشۋاتىمىز . مەن سىزنىڭ IE11 نى ئىشلىتىدىغانلىقىڭىزنى ياكى ئىشلىتىپ باققانلىقىڭىزنى بىلدىم ، باشقىلارمۇ بىلدى ، شۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ زامانىۋى دىتاللارغا ئەگىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىڭىزنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش مەقسىتىڭىزگە يەتتىڭىز دەپ ئويلايمەن . شۇڭا مۇناسىۋەتسىز پاراڭلارنى قىلىپ گەپنىڭ تېمىسىنى ئېلىپ قاچمىسىڭىزكەن .

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 19:00:53

ئاي ئى 10 ، ئاي ئى 11 دېگەنلەر شى پى نى قوللاژۈمەيدۇ

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 19:14:59

مېنىڭمۇ ئىكىسپىغۇ ، ئەمما خاتىرە كومپىيۇتىرمنىڭ زاۋۇتتىن چىققان سېستىمىسىمۇ ئىكىسپى بولغاچقا ، يىڭى سېستىما ئالماشتۇرمىدىم ، يىڭى سېتىما قاچىلىسىام بەك ئاستا بىلىنىدۇ   ،سەپلىمىسى تۆۋەن كېلىپ قالدى . . دېل ئىكسپى دەيدىغان ئوپتىك دىسكام بۇزۇلۇپ ئوقوغۇلى بولمىدى ، ئۆز ۋاقتىدا زپاسلىۋالماپتىمەن .  ، ئەمدى مەنمۇ 3-4  يىل بولۇپ قالدى ، 5 كويلۇق دەيدىن بىرنى ئېلىپ قويۇپ ، 3-4 ئايدا بىر قىتىم سېتىمىنى قايتا قاچىلاپ جان بىقىۋاتىمەن :L.
ئەمما گوگىل خىروم ، ئوففىس 2007 نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن .  
خاتىرە كومپىيۇتىرلارنىڭ i7 مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەنلىرىنىڭ باھاسى سەل چۇشسە ،  ئىدارىدىن جىقراق مۇئاش بەرسە ، مال باھاسى ئۆسمەيرەك تۇرسا {:120:} ، يىڭى خاتىرە كومپىيۇتىر ئالاتتىم ...{:92:}

sada425 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 19:23:54

radiofan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-27 19:14 static/image/common/back.gif
مېنىڭمۇ ئىكىسپىغۇ ، ئەمما خاتىرە كومپىيۇتىرمنىڭ زاۋۇت ...

مىنىڭچە سىز كومنىزىمنىڭ بالدۇرراق قۇرلىشىنى تىلىسڭىز بولغىدەك:lol

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 19:48:14

Google Chrome ئەڭ نوچى ۋە يەڭگىل مېنىڭ نەزىرىمدە:lol

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 20:01:50

ئىلگىرى Windows XP دەپ بىر مەشغۇلات سېستېمىسى ئىشلەتكەنلىكىم ئۇزاق يىللار ئىلگىرى كۆرگەن بىر چۈشتەك غۇۋا ئېسىمدە. ئەمما قاچان ئىكەنلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ.
مۇلازىمەتنى توختىتىۋېتەمدۇ، قاچىلانغان كومپيۇتېرلار بىر قېتىمدىلا پىژژىدە قىلىپ كۆيەپ كېتەمدۇ، ئىشقىلىپ مەن خاتىرجەم.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 20:08:57

ۋىرۇسخورنىڭ نوچىسىنى قاچىلاپ ياكى سىستېمىنى توڭلىتىپ قويۇپ ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ.
بىز كەسپى دېتاللارنىڭ پەقەت xp دىلا ئىشلەيدىغان نەشىرى بار، بولۇپمۇ جۇڭگودىكى مونوپۇل شىركەتلەر دېتالىنى يېڭىلىمايۋاتىدۇ.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 20:20:16

XP بولىدىغان سىستىما جۇما لىكىن ، بۇدا ئالغان خاتىرە كومپىيۇتىرنىڭ سىستىمىسى 8.1 ھەقىقى نەشىرى ئىكەن ، ھەرقانچا قىلىپمۇ كۆنەلمىدىم ، بىر قىسىم دىتاللارنى نورمال ئىشلىتىشكە ئامال بولمىدى . win7 گە كۆچۈۋالدىم ، ئەگەر سۈرەت كارتىسىنىڭ xp دىكى قوزغاتقۇچىنى تاپالىغان بولسام شۇ ھامان xp غا كۆچكەن بولاتتىم . زاماندىن قالدىمۇ دەيمىز ، لىكىن xp نىڭ مەرى ئىسسىق بىلىنىدۇ ماڭا .

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 21:04:21

كونا دىتالنى قاچلاپ بۇلۇپ قوزغاتماي ترۇرپ ، ئوڭ چىكىپ 属性دىن 兼容性نى تاللىۋەتسە تۇنۇيدىكەنغۇ ...
  مەنمۇ 8.1 نى ئىشلىتەتتىم ، مەكتەپتىن س ++ غا ۋس 6.0 نى قاچلايسەن ئىمتاھان شۇنىڭدىن ئېلىندۇ دىگەچ بېشىم قېتىم ئاخرى ، شۇ نداق قىلىپ يۈرۈپ 兼容性دىن  ش پ نى  تاللاپ ئىشلىتىۋاتمەن.
ئويلاپ باقسام 20 يىل بۇرۇنقى بىرنىمە ئىكەن بۇ  ۋ س 6.0 دىگەن ...

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 21:23:27

sada425 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-27 19:23 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە سىز كومنىزىمنىڭ بالدۇرراق قۇرلىشىنى تىلىسڭى ...

ياق ، بۇنىڭ كوممۇنىىزىم بىلەن ئالاقىسى يوق . كوممىزىمغا بارغىڭىز بولسا سىز بارغاچ تۇرۇڭ ، مەن تىخى سوتسىيالىزمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ...
تىرىشقان تاپار ، بەرىكىتىنى تىلەر دېگەننى تىلەيمەن مەن .
مەن پەقەت سەللا تىرىشسام ، 0.1 توننىدىن سەل ئورۇقلىسام ، 80 كىلوغا چۇشسەم يىڭى كومپىيۇتىر ئالالايىتتىم .
يەنە كېلىپ ھازىرقى كومپىيۇتىر سەپلىمەم ، intel R 1.7Ghz  بىر تەرەپ قىلغۇچ ،  1Gb  ئىچكى ساقلىغۇچلىق dell latitude D610  ناھايتى ياخشى ھاجىتىمدىن چىقىۋاتىدۇ . بۇرۇن بەك تىز ئاچچىقىم كەپ قالاتتى ، مىجەزىم ئىتتىك ئىدى ، ھازىر خىلى ئىغىر بىسىق ، تەمكىن ، سالماق بولۇپ قالدىم .

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 08:22:53

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-2-27 19:48 static/image/common/back.gif
Google Chrome ئەڭ نوچى ۋە يەڭگىل مېنىڭ نەزىرىمدە

مەنمۇ شۇ قاراشتا ھازىرغىچە باشقا تور كۆرگۈچكە كۆنۈپ بولالمىدىم.  xp  يېڭىلاشتىن قالسا    windows8  گە كۆچەپ كېتىمىز ھەقسىز بولغاندىكىن
5 يۈەنلىك  windows8  ,windows7    دەنلەر  بازاردا ھازىر ناھايتى  كۆپ بىزىنىڭ يېزدىكى بالىلارمۇ  xp   windwos7   گە كۆچۈپ بولۇپتۇ.

ئەينى ۋاقتتا  380 يۈەنگە   windows8 نىڭ ھەققى نەشىرىنى سېتىۋېلىپ  ئىشلىتىڭلار دېسە  ئالدىغانلار   ساناقلىقلا چىقىتى .  ھازىر ئېلىپ قاچىلاپ ئىشلتەي دېسە    باھاسىغا بىر كومپىيوتېر كېلىدۇ.  ئامال يوق   windows xp  نى ئىشلىتىۋېردىغان گەپ    يېڭىلىمىسا  مەيلى   كومپيوتېر ئېغىرىلىشىپ كەتسە  قايتا سېتىما قاچىلاپ   ئىشلىتىدىغان گەپ.  بىز غەم قىلىمىساقمۇ بولىدۇ. xp يەنە  10  يىلغىچە بىزىنىڭ  بۇ يەرلەردە سۆرىلىپ يۈرۈيدۇ.

malchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 08:35:48

Google Chrome يوق كومپىيۇتىردا تور بەتمۇ ئاچقىم كەلمەس بولۇپ قالدى مىنىڭ

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 09:49:19

qalbim يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 08:22 static/image/common/back.gif
مەنمۇ شۇ قاراشتا ھازىرغىچە باشقا تور كۆرگۈچكە كۆنۈپ ب ...

ئانداقمۇ دېمەڭ. مەنمۇ شۇ 8 چىققاندىن بېرى ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، ھەم خېرىدارلىرىمغا تەۋسىيە قىلىپ شۇ چاغدا دۇكاندىلا 100 دەك 8 نى ئۆز باھاسىدا خېرىدارلىرىمغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئېلىپ بەردىم. توردا ئېلىپ بەرگەنلەرنى سانىمۇ 5-6 يۈزگە يېقىن. بۇ پەقەت مېنىڭلا سېتىپ چىقارغان سانلىرىم، توردا مەندەك ئېلىشىپ بەرگەن باللا بەك جىق. شۇنى يىغساقمۇ 8 نى ئالغانلارنىڭ سانى نەچچە ئون مىڭغا يېتىدۇ مەنچە. ئەينى چاغدا مىكروسوفت تەرەپمۇ ئالىم مۇئەللىمگە شىنجاڭدا سېتىلىشى بەك ياخشى دەپتىكەن.
ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىنى قوغدىغان ئاساستا ھەم قوللاش ئاساسىدا قۇربىمىز يەتسە سېتىۋالساق بولىدۇ. بۇمۇ كېيىنكىلەر ئۈچۈن ۋە ئۆزىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىش. قۇربىمىز يەتمىسە ھەقسىزلىرىنى ئىشلىتىپ تىل تۈرىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ ئىشلەتسەكمۇ ئەلۋەتتە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىشلەتكىنىگە ھېساب بولالايدۇ، مىكروسوفتمۇ بىر ئۇيغۇر ئىشلىتىپتۇ گەرچە سېتىۋالمىسىمۇ دەپ بىلەلەيدۇ.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 18:21:44

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 09:49 static/image/common/back.gif
ئانداقمۇ دېمەڭ. مەنمۇ شۇ 8 چىققاندىن بېرى ئىزچىل ئىشلى ...

يەنە كېلىپ كۆنەك 8.1 نۇسخىسىمۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 18:48:01

NeXter يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 18:21 static/image/common/back.gif
يەنە كېلىپ كۆنەك 8.1 نۇسخىسىمۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە

ئۇيغۇرچە بولۇشى ھەقلىق ھەقسىز بىلەن ئالاقسىز.

-ATAMAN- يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 19:01:57

مەن ئىزچىل Chrome ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، مۇشۇ ماڭا ئەڭ يىنىك بىلىنىدۇ.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 05:45:07

مەن  win 8 نى دەسلەپتە ئىشلەتكەندە ئۆزەمنى بىر خاتا ئىش قىلىپ قويغاندەك ھىس قىلغان ئىدىم. بىرەر ئايدىن كىيىن شۇنداق كۆنۈپ كەتتىمكى، سېستىما بولا موشۇنداق بولا دەپ خوش بولۇپمۇ قالدىم. بۇنىڭدىن كىيىن ھەقسىز، ئەرزان سېستىما ئىشلىتىدىغان ئىشنى قىلمايمەن. ئەمدى office نىڭ ھەقىقى نەشرىنى سېتىۋالسام كومپىيوتېرىممۇ بىر پۈتۈن بولىدۇ. ئىسىت، ئەرزانكەن، كۆنۈپ قاپتىمەن دېگەندەك باھانە بىلەن win xp دا ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرۈم.
بەت: [1] 2
: Windows XP غا بولغان مۇلازىمەت توختىتىلسا قانداق قىلاي دەيسىز