tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 15:58:07

قىرىمدا ۋەزىيەت بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarim222 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-27 16:11  



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرىمدا ۋەزىيەت بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە.

قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى ۋە باش مىنىستىرلىك بىناسى قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى ۋە رۇس بايرىقى ئېسىلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەر ئىككى بىناغا بېسىپ كىرگەن قوراللىق كىشىلەر فورما كىيىپ ماسكا تاقىۋالغان.

زوراۋانلار 30-35 كىشى ئەتراپىدا ئىكەن.

كېچە سائەت 04:00 ئەتراپىدا ئىككى دۆلەت دائىرىسىنى ئىشغال قىلىۋالغان زوراۋانلار ئىككى ئورۇنغا رۇس بايرىقى ئاسقان.


قىرىم پارلامېنتى، قىرىم ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سالاھىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر پارچىلىنىش ئەندىشىسىنىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى؛ ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئولېكساندىر تۇرچىنوۋ، ئۇكرائىنادىكى بۆلگۈنچى ئېقىملارنىڭ ئېغىر خەۋپ شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسچە سۆزلىشىدىغان شەرقتىكى رايونلاردا ياشايدىغان خەلق پايتەخت كىئېۋدىكى ئەھۋاللارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن يېقىنلاشماقتا.

قىرىم پارلامېنتى، قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سالاھىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن جىددىي يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلدى.

رۇسىيە تەرەپدارى يۈزلەرچە نامايىشچى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلدى.

1783- يىلىنىڭ مابەينىدە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە ساھىبخانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان 2 مىليون نوپۇسقا ئىگە قىرىمنىڭ 60% ىنى رۇس مىللىتى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى خاركوۋ شەھىرىمۇ رۇسىيە تەرەپدارلىرى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلاردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىلدى


مەنبە:http://www.trtitalian.com/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=a2ddc630-4d6c-4c09-a711-9a661d9f6cb1

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 22:43:51

قىرىمنىڭ نۇپۇس ئەھۋالى قانداقتۇ؟ تاتارلار قانچىلىكتۇ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 22:44:52

قىرىمدا ئەزىز قېرىنداشلىرىمىز تاتارلار  ئاساسلىق مىللەت ئەمەسمۇ؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 22:50:27

ئىكككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تاتارلارنى گېرمانلارغا ياردەم قىلدى دەپ ھەممىسىنى سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىپ ئاز سانلىق قىلىۋەتكەنىكەن.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 23:02:23

、ئۇنداقتا ئۇلار  ھىچ قانداق  قاتناشقۇچى  ئەمەسما

okullar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 09:19:22

ئۇكرائىنادىكى بىز مىللەت سۈپىتىدە نەپىقە بېرىشكە تېگىشلىك تاتار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سانى ئاز.

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 15:08:40


近日,乌克兰的局势发生巨大变化,总统亚努克维奇下台后,受俄罗斯势力影响的多个地区局势不稳。尤其是克里米亚的乱局最为明显,武力事件频繁发生,有人在政府机关升起了俄罗斯国旗,还有消息称克里米亚已准备进行独立公投。

克里米亚自治共和国,是乌克兰目前唯一的一个自治共和国,面积26100平方公里,人口200余万。克里米亚之名,源自塔塔尔语“克里木”,鞑靼人在这里建立了克里木汗国,已生息七百余年。然而今天,鞑靼人口却只占克里米亚的12%,接近60%的人口却是近代移民来的俄罗斯人。

鞑靼人,乃蒙古四大汗国之一的钦察汗国(金帐汗国)的主体民族,原本是西方对蒙古民族的泛称。成吉思汗长子术赤建立钦察汗国时,只拥有4000户蒙古军士,通过融合当地占大多数的阿速(阿兰)人、钦察(康居)人等突厥语各族后,逐渐形成了东欧地区的鞑靼民族。

15世纪,金帐汗国开始解体,分裂成多个汗国。其中,术赤后人哈吉·格莱成立了克里木汗国。该汗国一度称雄黑海北岸的南俄草原,以金帐汗继承人自居,乌克兰、俄罗斯地区都曾遭到克里木汗国的频繁侵略。1572年,克里木汗国曾围攻莫斯科,掳掠人口十五万,尸骸塞满莫斯科河。

但是,落后的游牧国家最终不敌逐渐开化的俄罗斯帝国。1777年,克里木汗国成为俄罗斯的附庸,1783年被正式吞并。此后,克里米亚成为俄国的一个省份,战略地位很重要,直接影响到俄罗斯对黑海地区的控制力,在1854年至1856年间曾爆发著名的克里米亚战争。二次世界大战中,克里米亚半岛也多次爆发血腥战役,包括刻赤战役、塞瓦斯托波尔保卫战等。

1921年,克里米亚鞑靼社会主义自治共和国宣告成立,隶属俄罗斯联邦。此时,克里米亚的主体民族仍然是鞑靼人。然而在1944年后,斯大林以许多克里米亚鞑靼人与德国合作为由,将全部克里米亚鞑靼人强制移民至中亚,鞑靼社会主义自治共和国也被改为克里米亚州。数十万鞑靼人流离失所,据称有46%的人在流放中死于饥饿或疾病,数十年后才被允许回归故乡。

后来鞑靼人开始了回归运动,苏联解体后这个回归过程也一直在继续,但目前人口仍然仅有20余万。克里米亚的人口构成,60%仍为俄罗斯人,24%为乌克兰人。克里米亚从乌克兰回归俄罗斯的呼声很高,但大部分鞑靼人却坚决表示反对,但因处于少数地位,所发出的声音难以发挥决定作用

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 15:14:25

13 %  قىرىم تاتارلىرى ۋە 1 % تاتارلار بار ئىكەن. دىمەك  300000 تاتار بار ئىكەن.
روسلار مۇشۇ كۈننىڭ كىلىدىغىننى بىلگەندەك بۇيەرگە ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيەتنى تىڭىپتىكەنمۇ نىمە؟
گىروزىننى داغىستان ئارقىلىق پارچىلىۋەتتى. ئەمدى ئوكرائىننى قىرىم ئارقىلىق پارچىلىسا....
غايەت زور زىمىنى تۇرۇپ يەنە ئىنساپسىز گۇيلار.

قىرىم ھۆكۈمەتنى ۋە ئايرىدۇرۇمنى ئىگەللىۋالغانلار چوقۇم قارا دىڭزىدىكى روس ئەسكەرلىرى
روسىيە مەخسەتلىك ئادەم نىقاپلاپ كىرگۈزدى. ئۇكرائىننىڭ غەرىپكە ئىشىپ كىتىدىغىنى مۇقىم بولغاچقا
قىرىمنى ساقلاپ قالماقچى.بۇ ئارقىلىق ئوكرائىنانى ئاجىزلاشتۇرماقچى.

قىرىمغا ئامال يوقئ لىكىن رىيېن دەرياسىنىڭ شەرقى تەرپى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمىسىلا ..

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 18:04:10

arginakun يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 15:14 static/image/common/back.gif
13 %  قىرىم تاتارلىرى ۋە 1 % تاتارلار بار ئىكەن. دىمەك  300000  ...

بۇ گەپنى تازا چۈشەنمىدىم.
گرۇزىن دېگەن مىللەتنىڭ، گرۇزنى دېگەن شەھەرنىڭ ئىسمىدۇ؟ چېچىنىيەنىڭ پايتەختىنى دېمەكچىمەن.
داغىستان دېگەن شىمالىي كاپكاز رايونىدىكى بىر ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت بولسا كېرەك، چېچىنىيە بىلەن باشقىرتىستانغا يېقىن.

گرۇزىيە بولسا بىر مۇستەقىل دۆلەت، ئۇنىڭ بىر پارچىسىنى روسىيە مەجبۇرىي ئايرىۋەتتى، جەنۇبىي ئوستىيە دەمتى ئىشقىلىپ.

ئىشقىلىپ مەن جۇغراپىيەنى ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدە ئاران بىلىمەن، شۇنداق بولغاچقا گېپىڭىزنى تازا چۈشىنەلمىدىم.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 19:08:24

arginakun يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 15:14 static/image/common/back.gif
13 %  قىرىم تاتارلىرى ۋە 1 % تاتارلار بار ئىكەن. دىمەك  300000  ...

ئەگەر راستىنلا مۇستەققىل بوپ قالسا ،قىرىم -روسىيەنىڭ بېقىندى دۆلىتى بوپ قالامۇ؟

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 19:15:52

تۈركىيە قىرىم ۋە قىرىم تاتارلىرىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرمەكتە


دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان قىرىم تاتارلىرى، 280 مىڭغا يېقىن نوپۇسى بىلەن قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى نوپۇسىنىڭ % 13 تىنى تەشكىل قىلىدۇ


يوللاندى- 28.02.2014       12:23:59   
يېڭىلاندى- 28.02.2014     12:23:59  
        تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ قىرىم ۋە قىرىم تاتارلىرىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرمەكتە. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان قىرىم تاتارلىرى، 280 مىڭغا يېقىن نوپۇسى بىلەن قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى نوپۇسىنىڭ % 13 تىنى تەشكىل قىلىدۇ. تۈركىيەدە كۆپ ساندا تېگى تاتار يۇرتداشلارنىڭ بولۇشى ۋە رايون بىلەن كۈچلۈك تارىخىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە بولۇشىدىن سىرت يەنە، جۇغراپىيىلىك ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى جەھەتتىنمۇ تۈركىيە - ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىدە قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. تۈركىيە، قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى باشقا ۋەتەنداشلار بىلەن بىرلىكتە ۋە مەدەنىي كىملىكلىرىنى قوغداپ قالغان ئاساستا، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ ھەمدە سادىق ۋەتەنداشلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن خاتىرجەم ياشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى قىرىم تاتارلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۇكرائىنا مەركىزى ھۆكۈمىتىمۇ يېقىندىن قوللىماقتا. جۈملىدىن تۈركىيە، قىرىم تاتارلىرىنىڭ سالاھىيىتى، ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ۋە تەلىم - تەربىيەسى قاتارلىق مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى يولىدا ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا خىزمەت ئىشلىمەكتە. تۈركىيە، قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئاقمەسچىتتە ئىش بېجىرىش ئورنى بار بولغان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ئورگانلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە رايوننىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە قىممىتى 25 مىليون دوللارغا يېتىدىغان ناھايىتى كۆپ لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇردى. تۈركىيە ئودېسسا باشكونسۇلخانىسىنىڭ خىزمەت دائىرىسىگە كىرىدىغان قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختىدە كونسۇلخانا ئېچىشنى پىلانلىماقتا. تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇتئوغلۇ، مەيلى ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلاردا بولسۇن، مەيلى قىرىم تاتارلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش جەريانىدا بولسۇن، مەيلى قىرىم تاتارلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىدا بولسۇن، قىرىم تاتارلىرىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قىرىم تاتارلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز ھەل قىلىنىشىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرمەكتە. بۇ دائىرىدە، 2012 - يىلى داۋۇتئوغلۇنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن قىرىم تاترلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە شۇ ۋاقىتتىكى ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى، قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى ۋە قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «4 تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى» ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىللىي ئاز سانلىقلار كومىتېتىنىڭ يېقىندىن قوللىشى، ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ ماقۇللىشى ۋە ئىشتىراك قىلىشى ئاستىدا خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا.
http://www.trtitalian.com/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=0113faf2-06d9-439c-9cc2-da72d1e9dac3

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 21:05:16

orkexjan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 19:15 static/image/common/back.gif
تۈركىيە قىرىم ۋە قىرىم تاتارلىرىغا ناھايىتى زور ئەھمى ...

بۇلسا تاتارلارنىڭ ھازېرقى ئەھۋالى ئۇلارنىڭ تاتارىستان ، بۇلغارىيە ،تۇكىيە قاتارلىقدۇلەتلەربىلەن بۇلغان مۇناسۋىتى ئۇلارنىڭ كەلگۇسى تۇغرۇلۇق پەرەزلەر بۇلسا ئاڭلاپ باقساق بەك ياخشى بۇلاتتى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 07:33:02

روسلارنىڭ پىيى سىرقىراۋاتقان چىغىۋا، ئاڭلاشلارغا قارىغان قىرىمغا 2000دەپ ئەسكەرنى يوشۇرۇن يۆتكەپتەك، شەرەپسىز پۇتىن بۇنى قايتا زوراۋانلىق يۈزبىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش دەپ سۈپەتلىدى. يانىكوۋىچ مۇشۇنداق بولىشىنى بىلىپ تۇرۇپ روسلارنىڭ تاپىنى يالىدى، ئاخىرى دۆلەت ئىچكى ئۇرۇش گىرداۋىغا بىرىپتۇ مانا.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 11:35:36

تەخت بېشىدا تېموشىنكو دىگەن ئايال تۇرۇۋەرسە ئوكرائىنا ھازىرقىدەك ھالغا چۈشۈپمۇ قالمايتتى، زادى بۇرۇنراق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋە ناتوغا كىرىشى كېرەك ئىدى   رۇس چوشقىلىرىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 14:25:37

روسيەگە قوشۇلۇپتۇ.   

President يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 15:48:45

روسىيەنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتتى:(

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 16:42:49

دىمەك روسىيەنىڭ زىمىنى داۋاملىق  كىڭەيمەكتە:lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 19:59:17

قۇرال دىگەن يامان نەرسە {:101:}
بەت: [1]
: قىرىمدا ۋەزىيەت بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە