Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 12:26:10

(Mac)ئەخلەت تازىلاش

ھەپتە بۇرۇن قارىسام كومپيۇتىرىمنىڭ سېغىمى ئارانلا 2GB قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۆچۈردىغاننى ئۆچۈرۈپ 20GBگە ئەكىلىپ قويۇپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قارىسام يەنە ئازلاپ 10GB دىن تۆۋەنلا بولۇپ قالدىغان بولۇپ قالدى. ئاساسلىق ئىشلەتمەيدىغان ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋەتسەممۇ نىمىشقا بۇنداق بولدىغاندۇ دەپ ئۇ بۇ تازلىغۇچنى ئىشلىتىپ باقتىم گوگۇللاش ئارقىلىق ئالما ئورگان مۇنبىرىدە بۇنىڭ جاۋابىنى تاپتىم. مەنلا مۇشۇنداق ئاۋارچىلىققا يولۇققاندىمەنمۇ دىسەم مەسىللەرمۇ يېشىلىپ بولۇپتىكەن . يەنى سىز ھەر بىر ھۆججەت كىنو ئىشقىلىپ نىملا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ بولغانكىن ئۆچۈرۋەتسىڭز ئۇنىڭ ئىزناسى كومپيۇتىرىڭىزدا قالدىكەن.مېنىڭ 120GB لىق بولغاچ ئاسانلا توشۇپ قالاتتى. شۇڭا كىنولارنىمۇ كۆرۈپ بولۇپلا ئۆچۈرۋېتىدىغان ئىشىم بار ئىدى. لىكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى كومپيۇتىرنىڭ مەلۇم يېرىدە مەۋھۇم ھالەتتە بوشلۇق ئىگەللەپ تۇردىكەن. شۇنىڭ بىلەن توردىكى ئۇسۇل بويىچەdaisydisk نىڭ ئورگان بېتى بولغان http://www.daisydiskapp.com دىن چۈشۈردۈم.
بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى كومپيۇتىرىڭزدىكى بوشلۇقلارنىڭ قايسى ھۆججەت بىلەن توشقانلىقىنى گىرافىك ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېردىكەن.



1. چۈشۈرۈپ قوزغىتىش

سىناق نۇسقىسى بولغانكىن قوزغالغاندىن كېيىن چۈشۈرۋالغىنىڭنى ساقلاپ قويامسە ياكى ئۆچۈرۋىتەمسەن دەيدۇ.ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغانلار ياقنى باسسا بولىدۇ.


بۇ يەردە سېتىۋالغاندىن كېيىنكى ئەۋزەللىك بىلەن سىناق نۇسىقىسىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى بار ئۇنىڭغىچە قوزغىلىش باشلىنىدۇ. ئاندىن سىز Test drive نى باسسىڭز

يۇقارقى كۆرۈنۈش چىقىدۇ سىز Scanنى باسسىڭىز سكاننېرلاشنى باشلىۋىتىدۇ.
ئاندىن 1-رەسىمدىكىدەك
كۆرۈنۈشنى كۆرسىز.
ئۇ يەردىن ئەخلەت ھۆججەت بوشلۇقى كۆرۈنەتتى. تۈنۈگۈن پاكىز تازلىۋىتپتىكەنمەن :lol كۆرۈنمەي قالدى. كەچلەردە يەنە كىرىپ قالسا كۆرسىتىپ قوياي.
بۇ ئەخلەتلەر جايىل بولۇپ قايتا قايتا 2~3قېتىم ئۆچۈرسىڭىز تەستە ئۆچۈدىكەن. ئاندىن ئەخلەت ساندۇقىنى بىر تازلىۋىتىپ كومپيۇتىرنى قايتا قوزغىتىپ daisydiskنى قوزغىتىپ قايتا سكاننېرلاپ كۆرۈپ باقسىڭز قانچىلىك بوشلۇقىڭىزنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ھىس قىلالايسىز. مەن 40GB بوشلۇقۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۋالدىم. ئەخلەتلەرنى تازىلاش جەريانىدا ئاي بۇرۇن ئۆچۈرۋەتكەن ھۆججەتلەرمۇ تۇرۇپتىكەن. كىنولار بولۇپ قالسا كۆرگىلى بولمايدىكەن ئەمما مەۋھۇم ھالەتتە تۇردىكەن. قالغان ھۆججەتلەرمۇ شۇ ئاساسەن يېرىم-يارتا بۇزۇلغان.


ھۈنەردىن گەپ جىق بولۇپ كەتتى. كېيىنكى تېمىدا ياخشى ھۈنەردىن يەنە بىرنى تونۇشتۇرىمەن.

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 12:44:35

ياخشى ھۈنەر ئوخشايدۇ بۇ..ۋىن 8 گىمۇ بولامدىغاندۇ؟ئۆيگە بىرىپلا سىناپ باقاي

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 12:45:55

tanha19 يوللىغان ۋاقتى2014-2-27 12:44 static/image/common/back.gif
ياخشى ھۈنەر ئوخشايدۇ بۇ..ۋىن 8 گىمۇ بولامدىغاندۇ؟ئۆي ...

بۇ Macسېستىمىسىنىڭ .Windowsئىشلىمەيدۇ.

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 12:46:03

ئاپلا، ئالمىنىڭكەندە بۇ ..مەن ۋىندوسنىڭ دەپ ئويلىۋاپتىمەن.

f1sherman يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 12:53:15

سىناپباقسام بولغۇدەك:victory:،
ۋېيشىننىڭ مەك نۇسقىسى چىقىپتۇ{:87:}

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 13:14:13

ماڭا ئەسقاتىدىغان ھۈنەركەن ئالمىغا كۈچۈۋالغىلىمۇ خېلى بوپتۇ قېنى بىې تازىلىۋالاي قارائالمامنى.
بەت: [1]
: (Mac)ئەخلەت تازىلاش