kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 12:17:20

يانفونىڭىز بىخەتەرمۇ؟ [كۆك كەپتەر]



كەمىنە كۆك كەپتەر ئىزچىل Android سېستىمىسى خىلى مۇكەممەل سېستىما، ياغاچ ئات ياكى باشقا ۋىرۇسلار ھازىرچە ئالدىراپ كىرەلمەيدۇ دەپ قارايتتىم. لىكىن تۈنۈگۈن 360 بىخەتەرلىك مەركىزى ئىلان قىلغان خەۋەر پۈتۈن ئىشەنچىمنى نۆلگە ئايلاندۇرۋەتتى.

تۈنۈگۈن مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسى ئىقتىساد قانىلىدا، 360 بىخەتەرلىك مەركىزى، Android سېستىمىلىق يانفۇنلارغا يۇقىدىغان «ئۆلمەس ياغاچ ئات»نىڭ بايقالغانلىقىنى ئىلان قىلدى. بۇ ياغاچ ئاتنىڭ باشقا ياغاچ ئاتلاردىن پەرىق قىلىدىغان يىرى، بۇ ياغاچ ئات Android سېستىمىلىق يانفۇنلارنىڭ Recovery ياكى boot قىسمىغا يۇقىدىكەن.

360 بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ھازىرغىچە بۇ خىل ياغاچ ئات بىلەن يۇقۇملانغان يانفون 500مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇ ئەلۋەتتە 360 بىخەتەرلىك قوراللىرىنى قاچىلىغان يانفونلار ئارىسىدىكى سان. 360 بىخەتەرلىك قوراللىرى قاچىلانمىغان يانفونلار ئىستاتىستىكا قىلىنمىغان.

Android بىلەن ھەپىلىشىپ باققان دوستلار بىلىدۇ، Recovery ياكى boot رايونى، يانفوننىڭ ئالاھىدە رايونى بولۇپ، قوزغىتىش رايونى دەپ قويىمىز. ئادەتتە يانفونلارنىڭ Recovery قىسمىنى يانفون قولىمىزدا تۇرۇپمۇ ئۇنچە بەك باشقۇرۇپ كىتەلمەيمىز. بۇ ياغاچ ئات Recovery غا كىرەلىگەن ئىكەن، باشقا قىلالمايدىغان ھىچقانداق ئىش قالمىدى دىگەن گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە ھىچقانداق يانفۇن ۋىرۇسخورى، بۇ ئىككى رايوننى تازىلىيالمايدۇ. 360 بىخەتەرلىك مەركىزىدىكى ئىنژىنىرلارمۇ، بۇ ھەقتە مۇۋاپىق ئامال تاپالمىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى چەتئەل بىكەتلىرىدە ئىلان قىلىپ، ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەۋاتقانلىقىنى دەپ ئۆتتى.
ھازىر بۇ ياغاچ ئاتنىڭ بايقالغان ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. يانفونغا  خالىغانچە ئەپ قاچىلاش
ياغاچ ئاتنى تارقاتقۇچى يانفوننىڭ مۇتلەق كونترول قىلىش ھوقوقىغا ئىرىشكەندىن كىيىن، باشقىلارنىڭ، ئۆلچەملىك ئەپ دۇكانلىرىغا چىقىرالمىغان، قالايمىقان ئەپلىرىنى قاچىلاپ بىرىش ئارقىلىق ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئىرىشىدىكەن.

2. يانفوننىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسى ۋە ئىچىدىكى باشقا سانلىق مەلۇماتلارغا خالىغانچە ئىرىشەلەيدىكەن.
Android سېستىمسىى بولسا، Linux سېستىمىسىدىن تەرەققى قىلغان، Linux سېستىمىسىنىڭ ئالاھىدە ھوقوقىغا ئىرىشكەندىن كىيىن، بۇيرۇق ھالىتىدە سېستىمىنىڭ بارلىق ھۆججەت ۋە سانلىق مەلۇماتلىرىنى باشقۇرۇشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە چۈشۈرۋىلىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

3. يانفوندىكى پۇل مۇئامىلە ئەپلىرى مەسىلەن، ھەر قايسى بانكىلارنىڭ يانفون بانكا پىروگراممىسى، Alipay, Taobao قاتارلىق ئەپلەرنى ئۆزى ئۆزگەتكەن يالغان ئەپكە ئالماشتۇرۋىتىپ، سىزنىڭ ھىسابات نومۇرى، ئەزالىق نامى، مەخپى نومۇر قاتارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئىرىشەلەيدىكەن.

4. يانفونىڭىزغا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق كەلگەن دەلىللەش نومۇرلىرى (验证码, 校验码) قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك ھالدا ئالدىن بەلگىلەنگەن باشقا يانفونغا يوللاپ بىرىدىكەن. دىمەك ھەر قانداق قىسقا ئۇچۇردا 验证码, 校验码 قاتارلىق مەزمۇن بولسىلا، ياغاچ ئاتنى كونتىرول قىلغۇچىغا ئەۋەتىپ بىرىلىدۇ دىگەن گەپ.
بۇ مەسىلە بىر يىرىم يىل بۇرۇن بىر دوستۇمنىڭ يانفۇنىدا كۆرۈلگەن، بىخەتەرلىك تەدبىرى شۇنچە كۈچلۈك بولغان QQ ھىساباتى ئوغۇرلىنىپ كىتىلگەن ئىدى. مەن تەكشۈرۈپ يانفۇننىڭ قىسقا ئۇچۇر ساندۇقىدىن نامەلۇم نومۇرغا يوللانغان پارول، دەلىللەش كودى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بايقىغان ئىدىم.

يۇقۇرقى ئىقتىدارلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، بۇ خىل ياغاچ ئات بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن، يانفون بىزنىڭ قولىمىزدا بولغان بىلەن، كونتىرول قىلىش ھوقوقى پۈتۈنلەي باشقىلاردا دىگەن گەپ.
بۇ خىل ياغاچ ئات يۇقۇش يولى ئاساسلىقى قالايمىقان ROM قاچىلاش، Root ھوقوقىغا ئىرىشىش ۋە قالايمىقان ئەپ قاچىلاشتىنلا ئىبارەت.
ئادەتتە نۇرغۇن يانفون ئىشلەتكۈچىلەر ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ياكى قىزىقىش تۈپەيلى يانفونغا باشقا ROM قاچىلايدۇ ياكى ROOT ھوقوقىغا ئىرىشىدۇ، بىراق سىز توردىن چۈشۈرگەن ROM لارنىڭ ئىچىدە نىمىلەر بارلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.

بۇ ھەقتە كەمىنە كۆك كەپتەرنىڭ تەۋسىيەسى تۆۋەندىكىچە:

1. يانفوندا پۇل مۇئامىلە مەشخۇلاتى قىلغان ئىكەنسىز، دىمەك سىزنىڭ ماركىسىز، تاغتۇرا يانفونى ئىشلىتىشىڭىز ناتايىن. ئادەتتە ماركىلىق يانفونلاردا ئەسلى شىركەتنىڭ سېستىمىسى بولىدۇ. بۇ سېستىمىلارنى ھەر ھالدا ئىشەنچىلىك دىيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماركلىق يانفونلاردا Recovry بولمايدۇ. بۇنداق بولغان ئىكەن، ئىمكان بار Recovery يازىمەن، Root ھوقوقى ئالىمەن دەپ ئولتۇرماڭ. ئۇنىڭسىزمۇ ماركىلىق يانفونلار ئاساسەن ئۇيغۇرچىنى خىلى چىرايلىق قوللايدۇ. كىرگۈزگۈچنى Root ھوقوقى بولمىسىمۇ قاچىلىغىلى بولىۋىرىدۇ.

2. يانفون بىلەن چىققان ROM ئۇيغۇرچىنى ھەقىقەتەن ياخشى قوللىمىسا، ئىشەنچىلىك ئادەملەر CyanogenMod (يەنى CM) ئاساسىدە ئۆزگەرتكەن ROMنى قاچىلاڭ. CyanogenMod نىڭ ھازىر چىقۋاتقان 4.1 دىن يۇقۇرى نەشىردىكى ROM لىرى ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ. بەزىلىرىدە ھەتتا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ بار. ناۋادا ئۇيغۇرچىنى ئانچە ياخشى قوللاپ كەتمىسە ياكى يانفونىڭىزغا چۈشىدىغان ئۇيغۇرچە تونۇتۇلغان CyanogenMod ROM تاپالمىسىڭىز، ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈپ تورداشلارغا ئىلتىماس قىلسىڭىز، مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىغا ئېرىشەلەيسىز.
CyanogenMod ئادىرىسى: http://cyanogenmod.org

3. ناھايىتى چوڭ زۆرۈرىيەت بولمىسا، يانفوننىڭ ROOT ھوقوقىنى ئاچماڭ. سىستېمىدا كىرەكسىز ئەپلەر كۆپكەن، ئۇيغۇرچە تونۇمايدىكەن دىسىڭىز، ROOT ھوقوقىغا ئىرىشىپ، قىلىدىغان مەشخۇلاتلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ROOT ھوقوقىنى تاقىۋېتىڭ.

4. يانفونغا Recovery يازماقچى ياكى يانفوندىكى Recovery نى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز، ئىشەنچىلىك تور بەتلەردىن چۈشۈرۈپ ئالماشتۇرۇڭ، بولسا چۈشۈرگەن Revovery بولىقىنى يىشىپ، ۋىرۇسخورنىڭ ئالدىغا تاشلاپ ئوبدان تەكشۈرگەندىن كىيىن، ئاندىن يىزىڭ.

5. يانفۇنغا ئەپ چۈشۈرگەندە ئىمكان بار Google Play دىگەندەك يانفۇن بىلەن بىللە چىققان ئەپ بازارلىرىدىن چۈشۈرۈڭ. ناۋادا سىز ئىزدىگەن ئەپلەر بولمىسا، ئىشەنچىلىك تور بىكەتلەردىكى ئىشەنچىلىك ئەزالار تەمىنلىگەن ئەپلەرنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. يانفۇندا سىز چۈشۈرگەنلىكىڭىز يادىڭىزدا يوق ئەپلەر بايقالسا، ۋىرۇسلىنىپتۇ دەپ گۇمانلىنىشقا بولىدۇ.

6. يانفۇندا مال سىتىۋىلىش، يانفون بانكا مۇلازىمتى قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى قىلىدىغان ئادىتىڭىز بولسا شۇ ئەپلەرنىڭ ياكى شۇ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىن پات پات خەۋەردار بولۇپ تۇرۇڭ. بولسا يانفون سىرتىدا ئىشلىتىدىغان ئۆزگىرىشچان پارول ھاسىل قىلىش دىگەندەك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىشلىتىڭ. ھازىر QQ, Alipay قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بارماق دىسكا شەكلىدىكى ئۆزگۈرىشچان پارول ھاسىل قىلغۇچ ياكى پارول كارتىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بار. ھەرگىزمۇ دەلىللەش كودىغا ئىشەنچ قىلىپ قالماڭ.

7. زۆرۆر بولمىسا سىرىتتىن ئەپ قاچىلاش ئىقتىدارىنى تاقىۋىتىڭ. ئورنى: سېستىما تەڭشىكى (系统设置) گە كىرىپ، بىخەتەرلىك (安全) نىڭ ئىچىدىكى نامەلۇم مەنبە (未知来源) گە قويۇلغان بەلگىلىنى ئىلۋەتسىڭىز بولىدۇ.

8. ناۋادا ھەقىقەتەن بىخەتەرلىكتىن ئەنسىرىگەن بولسىڭىز، iPhone ياكى Windows سېستىمىلىق يانفونلارنى ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. لىكىن يەنىلا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ، ئىگە تەرەپ تەمىنلىمىگەن ئەپلەرنى قاچىلاپ يۈرمەڭ.

مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 12:46:37

ئۇچۇق كودلۇق سىستىمىلاردىن خوشلىشىدىغانغىمۇ ئازقالغان چىراي . ئۆيدىكى pc كومپىيوتىرىمغا mac سىستىمىسى قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن بىرى سىستىمىغا بولغان تۇنۇشۇم باشقىدىن شەكىللىنىۋاتىدۇ .
ئالما تېفۇنلىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلەتسەك ئادەمگە بىرىدىغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ، يىشىۋېتىلگەن ئەپلەرنى قاچىلاپ ھارامغا يىتىشتىن ساقلاپ  باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى قوغدىغىلى بولىدۇ .
ھەم قېتىۋالىدىغان ئېغىرلىشىپ قالىدىغان ۋىروس يۇقتۇرۋالىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرغىلى بۇلىدۇ.ھەم شۇنداق پاكىزە چىراي قالايمىقانچىلىق يوق ئەپ قاچىلايمەن دىسىڭىز app store دىكى نەچچە يۈزمىڭ ئەپلەر ئاساسەن ئىھتىياجىڭىزدىن چىقالايدۇ  .
لىكىن ماۋۇ ئۇچۇق كودلۇق Android تىن زادىلا بىخەتەرلىك تۇيغىسى سەنئەت تۇيغىسى مۇكەممەللىك تۇيغۇسى تېپىشمۇ بىر مەسىلە ماڭا نىسبەتەن .



tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 12:48:25

doctor يوللىغان ۋاقتى  2014-2-27 12:46 static/image/common/back.gif
ئۇچۇق كودلۇق سىستىمىلاردىن خوشلىشىدىغانغىمۇ ئازقالغا ...

pc غا قانداق قاچىلىدىڭىز ئالما سىستىمىسىنى  ؟؟

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 13:04:31

tanha19 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-27 12:48 static/image/common/back.gif
pc غا قانداق قاچىلىدىڭىز ئالما سىستىمىسىنى  ؟؟

http://xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=5706
بۇ يەردىكى تېمىدا شۇنداق تەپسىلى جاۋاب بېرىپتۇ سىنلىق ئىكەن ھەم.بەلكىم پايدىسى تىگىپ قالار.

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 13:07:44

ماۋۇ يەردە قارا ئالمىغا ئائىت نۇرغۇن بىلىملەر بار

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 13:51:44

:dizzy::dizzy::dizzy::dizzy:
ھېلىمۇ ياخشى ئالمىغا كۆچىۋاپتىكەنمەن

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 14:01:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-27 14:03  

كۆككەپتەر ئەپەندىنىڭ بۇ يوليورۇقى تولىمۇ ياخشى بوپتۇ. مەنمۇ يانفوننىڭ BootLoader سىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ، رۇتلاپ بولۇپ... ئۆزۈمچە قاراپ باقسام... پۈتۈن مال دۇنيارىم يانفوندا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن Bootloader نى تاقاپ، رۇتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتىم.
4.0 دىن كېيىن، مېنىڭچە... Google مۇلازىمەتلىرىنى قاچىلاشتىن باشقا، رۇتقا ئېھتىياج قالمىدىغۇ دەيمەن.
-----------------
لېكىن مەن مۇشۇنداق ۋىرۇسلارنى 360 نىڭ گۇيلىرى تارقىتامدىكىن دەيمەن.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 14:16:10

قالايمىقان دىتاللارمۇ ئاز ئەمەسكەن، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتسىز تورغا چىقىش، SD كارتىغا بىرنىمە يېزىش، سۆزلىشىش خاتىرسى، ئالاقە دەپتىرىنى ئوقۇش ... شۇ ھوقۇقلارنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئىشلىتەي دىسە تېخى، ئىشلەتمەي دىسە تېخى. ۋىروسخوردىن بىرنى سەپلەي دىسە تېخى ئىچكى ساقلىغۇچنى يەپ بولغان :L

ئىشەنچىلىك Rom لارنى چۈشۈرىدىغان تور بەت بارمۇ ؟ 4 تىن يۇقرى نۇسخىسى لازىم ئىدى. ماۋۇ تىمىنى ئوقۇپ باشقىلارغا ئۇيغۇرچە تونىتىپ بەر دەپ Rom قاچىلاتقۇزۇشتىن ئەنسىرەپ قالدىم.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 14:17:50

مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، چۈنكى 360 نى قۇرغان جۇ خوڭۋېي، تارىختىكى ئەڭ لۈكچەك قىستۇرما 3721 نىڭ ئىجاتچىسى شۇ. لىكىن ماۋۇ ياغاچ ئات ئۇنداقتەك قىلمايدۇ.
يانفونى مۇشۇ ياغاچ ئات بىلەن يۇقۇملانغان بىرسىنىڭ دىيىشىچە، يانفونغا جوڭگۈەنسۈندە روم قاچىلىتىپتىكەن. شۇنىڭدىن كىيىنلا قالايمىقانچىلىق باشلىنىپتۇ.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 14:20:35

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-2-27 14:16 static/image/common/back.gif
قالايمىقان دىتاللارمۇ ئاز ئەمەسكەن، ئۆزىنىڭ ئىقتىدار ...

CM دىن چۈشۈرۈڭ.

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 14:33:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yigana523 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-27 14:35  

ئاندىروئىدنى كۈرەش قىلىش باشلىنىپتۇدە،يەنە كېلىپ تېخى س س ت ۋ نىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ{:107:}
ئوچۇق كودلۇق سېستىما بولغاندىن كېيىن بەزى ئىشلارنى نۇقسان قاتارىدا سۆزلەشمۇ تازا مۇۋاپىق ئەمەس،لېكىن ئادەتتە كۆپ قوللىنىلىدىغان ئەپلەرنى سېلىشتۇرغاندا ئايفوننىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى ئاندىروئىدتتىن كۆپ ئىكەن،بۇ گەپنى مەن دەۋالمىدىم جۇمۇ،خەۋەردىن كۆرۈپ دەۋاتىمەن.
مەنبە:ۋاڭيى خەۋەرلىرى ئىلىم-پەن سەھىپىسى

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 14:44:09

بايقالغانلىقى CCTV نىڭ خەۋىرى، قالغانلىرى مىنىڭ گىپىم . {:101:} يانفونىڭىزدا پۇل مۇئامىلىگە ئائىت ياكى مۇھىم ئۇچۇرلار بولمىسا، تىمىنى كۆرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 14:46:05

ئەخلەت تازلاش، ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مەن LBE نى ئىشلىتىۋاتىمەن، سىلەر قايىسى ئەپنى ئىشلىتىۋاتىسىلەر؟

darmanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 15:16:24

بۇ ۋىرۇسلارنى يوقۇتۇشنىڭ ئامالىچۇ ؟

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 15:32:36

دېمەك، ۋىروسخور يوق ، پەقەت ۋە پەقەت ئورگان ماگىزىندىن ئەپ قاچىلىغىلى بولىدىغان ۋىن-پون كارامەت بىخەتەر دېگەن گەپما؟ ھەئە دېسەڭلا ما گەپنى سورۇندا ماتېرىيال قىلىپ تىلپۇنۇمنى داملايمەن، 2000 كويلۇق تىلپۇن بىلەن 5000 كويلۇق تىلپۇننىڭ پەرقى دەپچۇ.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 15:53:25

ئالما يانفونلىرىدا پۇل چىقىم قىلسا، دەلىللەش كودلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالسا ئۇنداق ۋىرۇسلار يۇقمامدىكەن؟

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 16:13:39

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-2-27 15:53 static/image/common/back.gif
ئالما يانفونلىرىدا پۇل چىقىم قىلسا، دەلىللەش كودلىرىن ...

مەن كۆرگەن سىناقتا، ۋىرۇس يۇققان يانفون، دەلىللەش كودىنى تاپشۇرۋىلىپلا يەنە بىر يانفونغا يوللاپ بىرىدىكەن.
ھەممە دىتاللار Appstore دىنلا چۈشكەچكە، ئالمىغا بۇنداق ۋىرۇسقا كىرىشكە يول يوق، شۇڭا ۋىرۇس كىرەلمىگەچكە دەلىللەش كودى بىخەتەر دىگەن گەپ.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 16:19:49

دىققەت: بۇ تېما ئالما ياكى باشقىلارنى كۆتۈرۈپ، ئاندىروئىدنى چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلمايدۇ. بەلكى بۇ سەل خەتەرلىك مەسىلە بولغاچقا،  بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بىرىشنىلا مەقسەت قىلىدۇ. ئەنسىرىگەنلەر، تەۋسىيە قىلىنغان يەتتە تۈرلۈك مەزمۇن بويىچە ئىش كۆرسە بولىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 17:06:10

ماڭىغۇ جىق ئەپلە لازىم ئەمەس، ۋېيشىن،چ چ ، ھاۋارايى،كىنو كۆرىدىغان نەرسىلەر باركەن.
7-تۈرنى قوللاندىم ھەر ئېھتىمالغا قارشى.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 18:12:54

ئەمەلىيەتتە تۈرمىدىن قاچۇرۇش دىمەي قورغاندىن چىقىرىش دىسە توغرا بولىدۇ .
بەت: [1] 2 3
: يانفونىڭىز بىخەتەرمۇ؟ [كۆك كەپتەر]