چاۋشىيەننىڭ تەشۋىقات رەسىملىرىدە كىم ئېرىسىن
پۈتۈن دۇنيا خەلىقى يولداش كىم ئېرىسنگە ھۆرمەت بىلدۇرمەكتە.ئۇلۇغ داھىي كىم ئېرسىن مىللەتچىلەرنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى تەنقىد قىلماقتا.
ئۇلۇغ داھىي كىم ئېرسىن چاۋشىيەن دىمۇكىراتىك خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە گېرىبىنى بېكىتتى.
ئالى قوماندان كىم ئېرسىن ھاۋا مۇداپىئە زەمبىرەكلىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
ئالى قوماندان كىم ئېرسىن ئالدىنقى سەپتە.
ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مېھىرىبان ئاتىسى كىم ئېرىسىننى كۈتىۋالدى.
ئۇلۇغ رەھبەر كىم ئېرىسىن زاۋۇتنى كۆزدىن كەچۈردى.
ئۇلۇغ رەھبەر كىم ئېرىسىن جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشما قۇردى.
ئىزدىنىش يولىغا ئاتلىنىش.
مەنمۇ بىر خەلىق پەرزەنتى.
دېھقانلار بىلەن بىللە.
ئۇلۇغ داھىي كىم ئېرىسىن ئاتىسىدىن قالغان تاپانچىنى ئانىسىنىڭ قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئىنقىلاپ ئىشلىرىغا ۋارسىلىق قىلدى.
جەڭچىلەرگە كۆيۈنۈش.
ئۇلۇغ داھىي كىم ئېرىسىننىڭ ئۆلمەس ئەسىرى چاۋشىيەن مارشى.
ياپونىيەدىكى 700 مىڭ چاۋشىيەن مۇھاجىرىنىڭ غەمگۇزارى، مېھرىبان ئاتىسى كىم ئېرىسىن.
چاۋشىيەن خەلىقىنىڭ مېھرىبان ئاتىسى، ئۇلۇغ داھىي كىم ئېرىسىن.
قىزىقسىڭىز قالغان رەسىملەرنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ.
http://tuku.news.china.com/history/html/2014-01-22/222231_2456247.htm#pic كىچىك ۋاقتىمدىكى ئېلىپبە كىتاپتىكى رەسملەرگە ئوخشايدىكەن
قىززىقارلىقكەن بەك ئۇلۇغ كىشى بۇ خەلقىنى دەپ كېچە كۇندۇز كىرپىك قاقماي يول يۇرۇق بېرىپ قوسقى يوغۇناپ كەتكەن ، شىمالى كورىيە بويۇنچە قوسقىغا جىق بىلىم قاچىلانغان {:92:} كىچىك چاغلىرىمىزدىكى رەسىملىك كىتابلار، كومىتېتلارغا چاپلانغان رەسىملەرنى ئەسلەتتى. بۇنداق رەسىملەرنىڭ ئوخشاش نەشرىنى بىر چاغلاردا،بىر يەرلەردە كۆرگىنىم ئىسىمدە. ھەي نادانلىق ،ئىپتىدائىي جەمىيئەت. ئەمەلىيەتتە بۇ زەھەرلىك تەشۋىقات رەسىملىرى.
بولۇپمۇ چاۋشىيەنگە نىسبەتەن!
بىرەيلەننى ئۆيدىن تالاغا چىقارماي، بارلىق دۇنيا مۇشۇ شۇ، ھەممە گۈزەللىك مۇشۇ يەردە دېگەندەكلا بىر تەشۋىقاتلار. ئىراننىڭ ئېلىپبەسى بىر دەرس بىلەن باشلىنىدىغاندەك ئېسىمدە: «ئىمامى مېھرىبان» ئىست مۇشۇ رەسىمگە كەتكەن رەڭ ، قەغەز ، ۋاقىت! بۇنداق كۆپتىرىۋىتىلگەن ئىدىيەنى ھەرقانچە مىڭە يۇيسىمۇ قۇبۇل قىلدۇرالمايدۇ ، شىمالى كۆرىيەلىكلەر پەقەت مۇستەبىت ھۆكىمەتنىڭ بىسىمى بىلەنلا ئىغىزدا قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولاۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن جۇڭگۇ شىمالى كۆرىيە خەلقىنىمۇ ئويلىشى كىرەك ئىدى ، شىمالى كۆرىينى قالقان قىلىپ ياپۇنىيە ئامرىكىلاردىن مۇداپىيەلەنمەكچى خالاس ، ئامرىكا ئوتتىرا شەرققە كۈچەۋەرمەي شىمالى كۆرىيگىمۇ دىققەتنى بۆلسە ، يىراق شەرقتە دىموكراتىيە ئۈچۈن ئۈرۈش قىلسا بولاتتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-27 03:19
شۇنداق دەپ مازاق قىلىسىلەر بۇرادەرلەر....
مەن لېكىن ساددام ھۆسەيىننىڭ ئىراقى، ئىران، چاۋشەن دېگەن بۇ ئەللەرگە قايىل، ھەم ھازىر بارلىرىنىڭ داۋاملىق مەيدانىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نۇرغۇن ئەللەر ئامېرىكىدىن قورققاچقا ئۇنىڭ بىلەن دوست. ئەمما بۇلار ھەر ۋاقىت ئۆزى خالىغانچە، ئامېرىكىنىڭ كۆزىگە قارىماي تۇرۇپ، غېنى باتۇردەك يەڭنى تۈرۈپ، مۇشتلىشامسەن؟ دەپ ئامېرىكىغا ۋارقىرىيالايدۇ... (گەرچە مەغلۇب بولىدىغانلىقى ئېنىق تۇرسىمۇ)...
ھەرقانچە مازاق قىلغان بىلەنمۇ، ئامېرىكىدەك يۈرىكى يوغان دۆلەتلەرنىڭ قورقىدىغىنى يەنىلا مۇشۇ دۆلەتلەر... بىزغۇ تۆت ئاساسى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىمىز، ئۇلارنىڭ نەچچىدۇ؟ Birhon يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 03:14 static/image/common/back.gif
شۇنداق دەپ مازاق قىلىسىلەر بۇرادەرلەر....
مەن لېكىن ساد ...
بىر ھون بۇرادەرنى خېلى كاللىسى ئوچۇق ئىدىيىسى ئىلغار دەپ ئويلايتتىم،يۇقىردىكىسى چاقچاقمۇ يە؟ بىرھون ئامېرىكا باشچىلىىدىكى غەرب ئەزگۈچى سىنىپتىن مەنىۋى جەھەتتىن بولسىمۇ ئىنتىقام ئىلىش ئۈچۈن ئۈمىدنى چاۋشىيەن بىلەن ئىرانغا باغلاپتۇ دە . ياپونىيەدىكى 700 مىڭ چاۋشىيەن مۇھاجىرىنىڭ غەمگۇزارى، مېھرىبان ئاتىسى كىم ئېرىسىن دىگەن رەسىمگە ئىلاۋە: جۇڭگو ياپونىيە جىياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن مانجۇ چىڭ (مەنچىڭ) ھۆكۈمىتى كورىيەنىڭ مۇستەققىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ياپونىيە كورىيەنى بېسىپ قورچاق ھاكىمىيەت قۇردى، شۇنىڭدىن كېيىن ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى كورىيانلار مەجبۇرى ياكى ئىخىيارى دىگۈدەك ياپونىيەگە كەلدى، بىرىنچى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرىدا ھەرخىل خىزمەت، ئەمگەكلەرگە سېلىندى ياكى مەجبۇرى ئەسكەر قىلىندى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن كىم ئېرىسىننىڭ چاقىرىقى بىلەن ياپونىيەدىكى چاۋشىيەنلىكلەر تۈركۈملەپ ۋەتىنىگە قايىتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ تەقدىرى باشقىچە بولدى، چاۋشيەنگە كىرىشى بىلەن نۇرغۇنلىرىنىڭ مال-مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىندى، تەقىپ قىلىندى ياكى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. ئىشقىلىپ ئۇلار ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولدى، كېيىكى تەقدىرىنى پەرەز قىلىپ يېتەلەيمىز ئەلۋەتتە. چاۋشيەن ئىقىتىسادى 60-،70-يىللاردا سوۋىتنىڭ ياردىمى بىلەن خېلى يۈكسەلگەن ئىدى، سوۋىت پارچىلانغاندىن كېيىن ئىگىلىك يامانلىشىپ ھازىرقىدەك ئاچارچىلىق يامرىغان ھالەتكە يەتتى. ياپونىيەدىكى چاۋشىيەن مۇھاجىرلىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە يۈرت مۇھەببىتىدىن باشقا يۈكسەلگەن ئىقتىساد سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ چاغلاردا كورىيەنىڭ سىياسى ئەھۋالىمۇ دىگەندەك مۇقىم ئەمەسلىكىنى بىر يەردىن كۆرگەندەك ئېسىمدە.
غېنى باتۇر ھەرقانچە قارام، قاراتۈرك ئادەم بولسىمۇ ھەق-ناھەق قارىشى بار. گەپنى ئۇدۇل قىلىدىغان، يالغان گەپ قىلىپ گەپ ئويناتمايدىغان ئادەمتىكەن. ئاۋۇ ئۈچ دۆلەتكە ھەرقانچە ئامراق بولساقمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىمۇ ھۆرمەتلەپ قويىلى. izchilar يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 09:26 static/image/common/back.gif
بىرھون ئامېرىكا باشچىلىىدىكى غەرب ئەزگۈچى سىنىپتىن م ...
سازكەن(1) مازكەن(0). بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-27 13:46
niyazdixan يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 12:16 static/image/common/back.gif
غېنى باتۇر ھەرقانچە قارام، قاراتۈرك ئادەم بولسىمۇ ھەق- ...
غېنى باتۇرمۇ ئاڭلىسام، كىم ئېرسىنغا ئوخشاش بۇرژۇئازىيەنىڭ قوي-كالىلىرىنى ئوغرىلاپ، غۇلجىلىق پرولتارىياتلارغا تارقىتىپ بېرىدىغان ئادەم ئىكەنتۇق. ئەلۋەتتە، ئۇ جاللاتلارنىڭ ئىدىيەسىنى غېنى باتۇرىمىزنىڭ ھەققانىيەت قارىشى بىلەن تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ...
مەن پەقەت ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتكە ھېچ ئەيمىنمەستىن شىلتىڭ ئېتىشلارغا بەكلا قايىل. ئۇرۇشۇپ يېڭىلىپ قېلىش بىر مەسىلە، ئەمما قارشى تەرەپتىن قورقۇش باشقا مەسىلە... ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتكە شىلتىڭ ئېتىش پەخىرلەنگىدەك ئىشما؟{:107:} بىر ھون كىمئېرسىننىڭ ئۈزۈندىلىرىدىن كۆپرەك ئەكىرىپ سېتىپ چىقىرالمايۋاتقان چېغىۋا،قېنى بۇرادەرلەر ماۋۇ كىرسىن دىگەن ئادەم دەششەت جۇما،ئېمىرىكىغا قوقماي شىلتىڭ ئاتالىغان ئادەمنىڭ چوقۇم بىر نېمىسى بىر قانداق،مانا ماۋۇ بىر ھون ئەپەندىمنىڭ كىتاۋىنى ئېلىپ ئوقۇساڭلا ئىچىدە ھەممىسى با،ھازىر بۇنى ئۆي بېسىپ ئوقۇۋاتىدۇ،ئەتە كەلسەڭلا يوق جۇما:lol
بىر ھون ئەپەندىم بەك خاپا بولۇپ كەتمەستە ئاستا چىكىتىۋالاي{:87:}
بەت:
[1]
2