Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 14:23:51

كانادا«Imax»شىركىتى ئەرز سۇنماقچى

كانادا خەلقى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كانادانىڭ ئەڭ چوڭ كىنو شىركىتى «Imax» نىڭ غايەت زور تىپلىق 3D كىنو تېخنىكىسىنى ئوغرىلىغانلىقىدىن ناھايىتى بىئارام بولدى.

بۇ يىلى بىرىنچى ئايدا كانادا فىلىم شىركىتى «Imax» بۇ شىركەتتە ئىشلەيدىغان سۈي شاۋيۈ ئىسىملىك بىر جوڭگو ئىنژېنېرنىڭ، «Imax» نىڭ 40 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىجات قىلغان 3د پروگراممىلىرىنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاپ جوڭگوغا كەتكەنلىكى يۈزىسىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى.

«Imax» شىركىتى كىنو تېخنىكىسىنىڭ ئوغرىلانغانلىق خەۋىرى كانادا مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا كەڭ غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى كانادا «قۇياش تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى» پروگراممىسى، كانادا تاشقى ئىشلار جوڭگو كانادا مۇناسىۋىتى مەسلىھەتچىسى دوكتور بۇرتۇننى بۇ ھەقتە زىيارەت قىلدى.

دوكتور بۇرتون «Imax» نىڭ كانادانىڭ ئەڭ چوڭ كىنو شىركىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ جوڭگو بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولۇپ، «Imax» نىڭ ھەر يىلى جوڭگو تاماشىبىنلىرىدىن كۆپ پايدا ئالىدىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە جوڭگولارنىڭ كەڭ ئېكران كىنو تېخنىكىسىغا ئىگە 3د كىنولارنى ئۆزلىرى ئىشلەپ، «Imax» كە ئېھتىياجى چۈشمەيدىغانلىقىدىن «Imax» نى زور مىقداردا زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: جوڭگو «Imax» ئۈچۈن بىر چوڭ بازار ئىدى. جوڭگودا ھەر يىلى 3.7 مىليارد دوللارلىق كىنو بېلىتى سېتىلىدۇ. بۇ «Imax» ئۈچۈن ئاز زىيان ئەمەس.

«Imax» سوت ئارقىلىق ئۇتۇپ چىقالامدۇ؟

كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى مۇلاھىزىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جوڭگودا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىلىنمىغانلىقتىن، جوڭگو شىركەتلىرى داۋاملىق باشقىلارنىڭ ئىجادىيەت ۋە تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاپ ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن.

مۇلاھىزىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، جوڭگو قانۇنى تېخنىكا ئوغرىسى سۈي شاۋيۈنى جازالىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخنىكىنى جوڭگو ھۆكۈمىتىگە بەرگەن. بۇنداق بولغاندا «Imax» نىڭ سوتتا ئۇتۇش مۇمكىنچىلىك يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈي شاۋيۈنىڭ ئەمدى كانادا چېگراسىدىن قايتا كىرىشىمۇ ئەمەلىيەتتىن يىراق.

سۈي شاۋيۈ تەرىپىدىن ئوغرىلانغان 3D كىنو تېخنىكىسى جوڭگو كەڭ ئېكرانلىق كىنو شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ كىنو شىركىتى جوڭگودىكى باشقا كىنو شىركەت گۇرۇھلىرى بىلەن بىللە «Imax» تىن ئوغرىلىغان 50 دانە غايەت زور كەڭ ئېكران كىنو تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ «Imax» كە رىقابەتكە ئۆتكەن.

مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «Imax» جوڭگو كىنو شىركەتلىرىنىڭ ئوغرىلانغان كىنو تېخنىكىسىنى باشقا دۆلەتلەرگە ساتماسلىق، پەقەت جوڭگودىلا قوللىنىش شەرتى ئاستىدا جوڭگو كىنو شىركەتلىرىنى سوتقا تارتىشتىن ۋاز كەچكەن. ئەمما، جوڭگو كىنو شىركەتلىرى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي، تېخنىكىلارنى ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس شتاتىدىكى بىر كىنو شىركىتىگە ساتقان. نۆۋەتتە بۇ ئەھۋال كانادالىقلارنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا.

ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا بۇ ھەقتە مۇنداق ئىنكاسلار يېزىلدى: «جوڭگونىڭ ماللىرىغا بايقۇت قىلىشىمىز كېرەك، نېمە دەپ جوڭگو ماللىرىنى كاناداغا توشقۇزۇۋېتىسىلەر؟ بىز پەقەت ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن سېتىۋېلىۋاتىمىز. جوڭگو خەلقىنى جوڭگو ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ئالدامچى كوممۇنىست ھۆكۈمەت كونترول قىلغانلىقتىن ئۇلارمۇ ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ئالدامچى. جوڭگودىن پايدا ئالىمىز دەپ جوڭگو بىلەن سودا قىلىش مەقسىتىدە ئىنسان ھەقلىرىگە كۆز يۇمۇۋاتقان ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك» دېگەندەك ئىنكاسلار يېزىلغان.

كانادا تاشقى ئىشلار كانادا جوڭگو مۇناسىۋەتلىرى مەسلىھەتچىسى دوكتور بۇرتون بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: جوڭگونىڭ ھېچ بىر شىركىتى ئۆز ئالدىغا ئەمەس ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولغانلىقتىن، جوڭگوغا مەبلەغ سېلىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرى جوڭگونىڭ ئوغرىلىقىغا ئۇچراپ ۋەيران بولۇشتىن ئېھتىيات قىلىشى، ئالدىراپ جوڭگو بىلەن سودا قىلماسلىقى كېرەك.

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 14:55:22

دۇنيادىكى بىردىنبىر نومۇس كۆز قارشى بولمىغان مىللەت..{:107:}{:107:}

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 15:25:55

شەخىسنىڭ ئىشىنى پۈتۈن قەۋمگە تەدبىقلاش ئەقلگە ئۇيغۇن ئەمەس، لېكىن شەخىسنىڭ ئىشى شۇ قەۋمدىكى كۆپ سانلىق شەخىسنىڭ  ئادىتىگە ئايلانغان بولسا، بۇنىڭغا ئامال يوق، مەسلەن: ئادەم بار يوق دېمەي مىشقىرىش ۋە ئوسۇرۇش دېگەندەك.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 16:00:51

ما خەۋەرنىڭ خەنسوچە مەنبەسىنى ھەم چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرگۈم بار.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 16:29:52

مايمۇنلار ھەركەتتە !

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 17:03:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uchkur1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-26 17:07  

قوڭگو ھۆكىمىتى بۇنداق يۈزسىزلەچە تۆھمەتكە نىشانى ئېنىق ھالدا تىنىچ قارشى تۇرىدۇ
3د تېخنىكىسى بۇنىڭدىن 4000يىللار ئىلگىرى جۇڭگۇدا بارلىققا كەلگەن
بۇ ئەقىللىق جۇڭگۇ خەلىقىنىڭ كەشپىياتى بىز بۇ نۇمۇسسىز تۆھمەتكە ئاخىرغىچە ئىنتىراز بىلدۈرىمىز
ھەمدە كانادا ھۆكىمىتىدىن تېخنىكىمىزنىڭ پاتنىتى ئۈچۈن  تۆلەم تەلەپ قىلمىز .
دەپ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لىخوڭلى

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 17:08:49

كەچۈرۈڭلار لەپتوپنىڭ شىفىت كۇنۇپكىسى ياخشى بىسىلمىغانلىقتىن ئىملا خاتالىقى كۆرلۈپ قالدى

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 17:22:18

ماۋۇ يەردە خەنچە خەۋەر باركەن :
http://ent.qq.com/a/20130821/009705.htm

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 18:30:09

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-2-26 16:00 static/image/common/back.gif
ما خەۋەرنىڭ خەنسوچە مەنبەسىنى ھەم چۈشكەن ئىنكاسلارنى  ...

بۇنداق ئىشتا خەنلەرمۇ جىم تۇرىۋالىدىكەن جەمى ئىنكاس 4.
时间热度




头像

腾讯网友52分钟前


版权问题也很严重了

(0)回复(0)


头像

Janice2013-8-21


这种垃圾 告死他 中国巨幕 山寨垃圾 不看也罢

(0)回复(0)


头像

举报放肆的青春ん2013-8-21


官不好当啊 当好官更难!
www.izumasa.cn www.jiandun.net www.e-weilan.com

(0)回复(0)


头像

未雪2013-8-21




Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 19:04:31

90-يىللىرى ئامىركىنىڭ گېنى ئۆزگەرتىپ يىتىشتۈرۈلگەن غوزا قۇرتىغا قارشى كېۋەز ئۇرۇقىنى ئوغرىلاپ ئەكىرىپتىكەن، ھازىرقى شىنجاڭدا تېرىلىۋاتقان كېۋەزلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئامىركىدىن ئوغرىلاپ ئەكىرگەن گېنى ئۆزگەرتىلگەن كېۋىزىمىش،

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 19:41:32

ئۇستامنىڭ رازىلىقىنى ئالماي دۇكان ئايرىغان شاگىرتنى نەس باسىدۇ.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 23:28:43

مۇشۇنداق ئىپلاس ئاش بەرگەنگە مۇش بىرىدىغان تېخنىكا ئوغرىىلىرىنىڭ دەستىدىن چەتئەلدىكى تەتقىقات ئورگانلىرى، شىركەتلەردە جۇڭگۇ پاسپورتى كۆتۈرۈپ يۈرگەنلەرگە گۇمان بىلەن قارايدىغان، رەت قىلدىغان ئىشلار كۆپۈيۈپ قالدى. مەن تونۇيدىغان بىر ئۇيغۇر دوكتۇر ئوقۇغۇچى مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە مۇئامىلگە ئۇچرىدى ھەم شەخسەن مەنمۇ بىر قىتىم جۇڭگۇ پۇقراسى بولغاچ قارىغا كەتتىم دەپ گۇمان قىلىمەن :@  

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 08:22:59

جۇڭگو تەرەپ imaxنىڭ ئەرزىسىگە قارىتا: ئۇلار تېخنىكا مونىپوللىق ئورنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن  بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىجادى كەشپىياتىمىزغا تۆھمەت چاپلىدى، دەپتۇ....{:107:}

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 10:53:31

كۈلمەيدىغان يېرىم كۈلىۋاتىدا.

f1sherman يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 12:17:48

يېڭى ئىشلىگەن ‹ئەرىشنى مالىمان قىلىش› قەتتى تايىنى يوقكەن ، ئەمدى ئىككىنچى قوڭگونىڭ 3د كىنوسىنى كۆرمەيمەن. :shutup:

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 18:16:43

شىفىت كۇنۇپكىسى ياخشى بىسىلمىسا شۇشىيەن چىقىدىكەن بۇ ئىسسىم.

IC كارتا تېخنىكىسىنى ئامېركىدىن ئوغرىلىمىغان بولسا بىزمۇ چاۋشەنلكلەردەك چاقىرغۇ ئېسىپ يۈرگەن بولاتتۇق{:87:}{:87:}{:87:}

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 19:27:23

ئوغۇرلارغا  رەھمەت ...
  كوم پاتەم بولمىسا يېڭى قوڭگو بولمايتى ،
   ئوغۇرلار بولمىسا بۈگۈنكى تەرەقى قىلغان يېپيېڭى قوڭگومۇ بولمايتى.
   ياشسۇن پۇرۇلتارىيەت، ياشسۇن ئوغۇرلار . ياشسۇن قوڭگو ....

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 19:34:24

   ئەينى چاغدا ھېلقى ئوغىرى ئاتوم تېخنىكىسنى شەرەپ بىلەن ئوغۇرلاپ ، قاچقان ئامىركا ئارمىيسىنىڭ قوغلاپ كەلگەنلىكى ، ئاخىردا مىڭ بىر مۇشاقەتتە كىلۋالغانلىقى ، ئۇنىڭدىكى ۋۋەتەنپەرۋەرلىك سۆزلىندىغان تەسرلىك ،  ئىسىل ....بىر تىكىسىت بولدىغان تۇللۇقنىڭ خەنزۇتلى دەيدىغان دەرسلىك كىتابىدا .... شۇڭمۇ ئامىركا بۇرنىغا سۇ كىرىپ  تەتقىقات ئورنىدا مۇشۇلارنى ئىشلەتمەسمىكى .... مەنغۇ  بىلمەيمەن بېرىپ باقمىغاندىكىن ....ماۋۇ باشقا ئەللەرنىكىگە سۇ كىرمەيۋاتقان چىراي ...
بەت: [1]
: كانادا«Imax»شىركىتى ئەرز سۇنماقچى