tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 10:33:27

لەنجۇ شىنجاڭ ئەمەس لەنجۇ ئۈرۈمچى

لەنجۇ-ئۈرۈمچى يوقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا يېل ئاخىرغىچە قاتناش باشلىنىدۇ


  لەنجۇ تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، بۇ يىل ئاخىرغىچە لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان لەنجۇ- ئۈرۈمچى 2-قوش لىنىيەسىنىڭ ھەممە لىنىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلىنىدىكەن، ئۇزۇنلۇقى 1700 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا ئىككى جاي ئارىلىقىدىكى سەپەر ۋاقتى 20سائەتتىن 8 سائەتكە قىسقىرايدىكەن. 2013-يىلى دۆلەت رەھبەرلىرى يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئىلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشكە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. غەربىي شىمالدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن غەربكە ئىچىۋېتىشكىچە تۆمۈر يول تىرانسپورتىنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم، لەنجۇ-ئۈرۈمچى تۆمۈر يولى نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، لەنجۇ ئۈرۈمچى تۆمۈر يولى بىلەن قەدىمى يىپەك يولىنىڭ غەربىي شىمال لىنىيەسى ئاساسى جەھەتتىن يانداش. بۇ تۆمۈر يولدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى غەربىي شىمال رايونىنىڭ مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ .\



يىپەل يولى ئەمەس ئۇيغۇر يولى

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 13:55:22

تىلىۋۇزۇردا  لەنجۇ -شىنجاڭ دەپ خاتا ئاتاۋاتىدۇ ،  مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ  بۇنى ئىنكاس قىلغىلى بولماسمۇ؟

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 14:07:27

قەشقەر-ئۈرۈمچىنىڭ تۆمۈر يول ئارىلىقىمۇ 1600 كىلومېتر ئەتراپىدا، شۇنداق تۆمۈر يول ياسىسا 8 سائەتمۇ كەتمىگۈدەك.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 20:11:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-26 20:12  

ما بىرنىمىلەرگە گەپ كار قىلمايدىكەن. 1998-يىلى «لەنجۇ -شىنجاڭ تۆمۈر يولى» دېگەنگە شىنجاڭ گېزىتىدە بىر تەتقىقاتچى (ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ) ئوبزور يېزىپ، «لەنجۇ- ئۈرۈمچى تۆمۈر يولى» دەپ ئاتاشنى تەلەپ قىلغان. ئۇندىن كىيىن ئۈرۈمچى كەچلىك گېىزىتى، شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىمۇ مۇشۇ ھەقتە پاراڭلار بولدى. لېكىن ئاۋۇ توخۇ پوقىلار داۋاملىق «لەنجۇ- شىنجاڭ» دەپ قاۋاپ كېلىۋاتىدۇ. قارىغاندا، جامائەت پىكرىمۇ مىللەت ئايرىپ تەسىر قىلىدىغان ئوخشايدۇ.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 20:16:58

ئەمدى ئۇلار ئاسان ،تىز ،قۇلايلىق كىلىدىكەندە .

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 20:18:42

orkexjan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-26 20:16 static/image/common/back.gif
ئەمدى ئۇلار ئاسان ،تىز ،قۇلايلىق كىلىدىكەندە .

شۇنداق ئەمما پويىز بىرلا تەرەپكە ماڭمايدۇدە ، ھازىر دۇررىدە كىلىپ دۇررىدە كىتىدىغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 21:02:46

ياخشى تېما!

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 21:57:18

پويىز يېڭى كەلگەندە بىرسى بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ ئىبراھىم تۇردى دېگەن شائىرنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزگەندە، ئىبراھىم تۇردى قىزىق بىر گەپ قىپتىكەنمىش.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 22:07:01

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-26 21:57 static/image/common/back.gif
پويىز يېڭى كەلگەندە بىرسى بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ ئىبر ...

شۇ نىمە دەپتىكەن. مۇزلاپ قالماستا بىزمۇ ئاڭلاپ باقساق بولمامدۇ...

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 09:25:35

ئۇ مەخپى...

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 10:04:39

ئىبراھىم تۇردى ئەمەس يولدا كېتىپ بارغان ئىسمى نامەلۇم بىر ساراڭ شۇندا دەپتىكەن دەپلا دەۋەتمەپسىز.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 16:55:46

ھەيييى ... ئىبرامنىڭ ئىسمى چىقتى ئەمدى گىپى چىقمىقى تەس ...
  ئەسەر يېزىپ پالانىڭ ئەسىرنى  تەرجىمە  قىلغان دەپ ئاستىغا  بىر خەننىڭ ئىسمنى يېزىپ قۇيغاندەك ....

dilxikar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 17:07:45

   «لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە يىللاردىن بېرى نەچچە قېتىم بەھىس-مۇنازىرە كۆتىرىلگەن بولسىمۇ لېكىن «لەنجۇ-ئۈرۈمچى تۆمۈريولى» دەپ ئاتاش كىملەرگە ياقمىدىكىن، ھازىرغىچە «لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. بۇ بىر خىل ئاتالغۇدىكى تەڭسىزلىك بولۇپ، «شىئەن-گەنسۇ تۆمۈريولى» دەپ ئاتالسا بەلكىم گەنسۇلۇق قېرىنداشلارنىڭ پىكىرى چىققان، ۋە بۇ ئاتالغۇ ئاللىقاچان تۈزىتىلگەن بولاتتى. ئۆلكە دەرىجىلىك بىر مەمۇرىي رايوننىڭ مەركىزى بىلەن بىر ئاپتونۇم رايوننى تەڭ ئورۇنغا قويۇش قانداقمۇ ئەقلىگە سىغسۇن؟ تەرجىمان ۋە ئاتالغۇشۇناسلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 08:16:39

ئۈرۈمچى ۋاقتى دىمەي شىنجاڭ ۋاقتى دەپ ئاتاشقىمۇ كۆنۈپ قالدۇققۇ.   بەلكىم شىنجڭ دەپ ئاتىسا ئىككى خەتنى ئقتىساد قىلىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ.{:88:}

laysu يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 10:20:42

ئەمما ھازىرمۇ لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 14:07:37

ياق سىز يېققىنقى خەۋەرلەرگە قاراپ بېقىڭ ،لەنجۇ ئۆرۇمچى دەپ ئېلنىۋاتقاندەك تۇرىدۇ

laysu يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 11:34:30

شۇنداق بولسىلا ياخشى بولىتىغۇ

بىراق ،خەرىتىلەر خەنزۇچە 兰新铁路 دەپ سىزىلىۋاتىدۇ

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 14:22:19

يىڭى ئىملا قائىدىسىدە لەنجۇۋ دەپ يىزىش بىكىتىلدى.

rakita يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 14:36:06

بۇ تۆمۈر يول غول لېنىيىسى لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە تۇتاشقىچە، رايونىمىز تەۋەلىگىدىكى قۇمۇل، پىچان، تۇرپان قاتارلىق شەھەر-ۋىلايەتلەردىن  ئۆتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى دەپ ئالغان بولىشى مۈمكىن. مەن مۇشۇنداقراق توغرا چۈشۈنۈپ تۇردۇمغۇ!....:P

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 17:34:59

ئەمىسە گەنسۇ كەڭسۇ تەرەپتىكى دۇڭخاڭ، ۋاھا كازا نۇرغۇن يەنى بېسىپ ئۆتىىدىغان تۇرسا
بەت: [1] 2
: لەنجۇ شىنجاڭ ئەمەس لەنجۇ ئۈرۈمچى