kahxal يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 09:20:17

[ياردەم] مەكتەپ كومپىيۇتىر سىنىپىنى تورغا ئ ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kahxal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-26 09:28  

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار، ھەممىڭلارنىڭ تىنى سالامەت بولغاي. ئەمدى ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەم، بىزنىڭ مەكتەپكە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن كومپىيۇتىر سىنىپى قوراشتۇرۇپ بەرگەن، ئىككى سىنىپ، ھەر بىر سىنىپتا 50 دانە ئوقوغۇچىلار كومپىيۇتىرى، 1 دانە ئوقۇتقۇچىلار كومپىيۇتىرى بار.
    1-نومۇرلۇق كومپىيۇتىر سىنىپىدا بىردانە كىچىك تىپتىكى مۇلازىمىتىر بار بولۇپ، بۇ كومپىيۇتىر سىنىپىنىڭ ئاساسلىق مەشغۇلىيەت تەرتىپى، تورغا چىقىش شەكلى ئارقىلىق (تور كۆرگۈچ ئارقىلىق) خەنزۇتىلى ۋە ئۇيغۇرتىلى ئۈگۈنىشتىن ئىبارەت.

                                                                                       

ئەلۋەتتە ، ھەر ئىككى كومپىيۇتىر سىنىپىدا 48 يوللۇق كۇممۇتاتوردىن بىردىن بار،  ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم، مۇشۇ كومپىيۇتىر سىنىپىغا سىرتتىن تور ئەكىرگەن،مەكتىپىمىز ناھىيىمىزنىڭ يىڭى شەھەر رايونىدا بولغاچقا، سىملىق تور تىخى يۈرۈشلەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، تىلىگراف ئىدارىسىدىن، سىمسىز سىگىنال تارقىتىپ، مەكتەپكە سىمسىز سىگىنال قۇبۇللىغۇچ ئورنىتىپ، سىمسىز تورنى سىملىق تورغا ئايلاندۇرغان، ئۆزۈم روتىر ئورناتسام، مۇئاپىقىيەتلىك بولمىدى. تورسىمىنى خالىغان كومپىيۇتىرغا چىتىپ، ئاي پى نومۇرنى ئاپتۇماتىك ئىرىشىدىغانغا تەڭشەپ، 宽带连接 قىلسام، نورمال ئۇلىنىدۇ.بىرلا كومپىيۇتىر چىقىدۇ. كومپىيۇتىر سىنىپىدىكى ھەممە كومپىيۇتىرنىڭ مۇقىم ئاي پى نومۇرى بار. 102 دانە كومپىيۇتىر ئۆز-ئارا تورلاشتۇرۇلغان. مۇشۇ كومپىيۇتىر سىنىپدىكى كومپىيۇتىرلارنىڭ ئاي پى نومۇرنى ئۆزگەرتىۋەتمەي تۇرۇپ، تورنى نورمال ئۇلىساق بولاتتى.
يەنە بىر مەسىلە، تورنى نورمال ئۇلىغاندىن كىيىن، مەن سىنىپىمدىكى مۇلازىمىتىرنى ئوچۇق قويسام، مەسىلەن ، مەن ئۆيدە تۇرۇپ، كومپىيۇتىر سىنىپىدا قىلغان مەشغۇلىيەتنى قىلغىلى بولامدۇ؟

osmanturpan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 10:33:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   osmanturpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-26 10:34  

قوبۇللىغۇچنى روتېرنىڭ سىرتقى ئېغىزىغا سېلىڭ.

روتېرنى نومۇر بۇرايدىغان قىلىپ تەڭشەڭ.

ئىچكى ئېغىز بىلەن سىۋىچنى تۇتاشتۇرۇڭ.

ھەراست قوبۇللىغۇچىڭىز قانداق تىپتىكىسى؟

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 10:49:16

ماۋۇ تېمىدا نان تىگىدىغان گەپلەر چىقىدىغان چىراي {:87:}، كۆككەپتەر، تەدبىركار، گۇدلاك،باچكىلار  مۇتەخەسىسىتەك قىلاتتى بۇ جەھەتتە

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 10:52:07

روتېرنىڭ LAN ئادىرىسى ئوقوغۇچى كومپيۇتېرلارغا يازغان IP بىلەن بىر گۇرۇپپىدا بولۇشى كىرەك، ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقوغۇچىلار كومپيۇتېرىغا يازغان 网关 ئادىرىسى، روتېرنىڭ LAN ئادىرىسى بىلەن ئوخشاش بولسا بولىدۇ، يەنە ئوقوغۇچىلار كومپيۇتېرىنىڭ DNS ئادىرىسىنىمۇ روتېرنىڭ LAN ئادىرىسى بىلەن ئوخشاش قىلىڭ.  باشقا ھىچقانداق كاشىلا يوق، ئادەتتە روتېر تەڭشىگەندەك تەڭشىسىڭىزلا بولىدۇ.

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 10:57:43

كۆك كەپتەر ئەپەندىم قىلغاندەك قىلىپ بېقىڭ. پەقەت بولمىسا ھەممە كومپيۇتېرلارنى روتېردىن ئاپتوماتىك IP ئادرىس ئالدىغان قىلىپ تەڭشەڭ.(بۇنداق قىلسىڭىز ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرنىڭ IPئادرىسى مۇقۇم بولمايدۇ شۇ. ھەم روتېرنىڭمۇ سەل ياخشىراقىنى سەپلىمىسڭىز بولمايدۇ)

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 11:21:26

500 دىن تۆۋەن روتېرغا 100 كومپيۇتېرنى چاتسا، تۆت كۈندە ئىس چىقىپ كىتەرمىكىن.
كارخانا دەرىجىلىك كەسپى روتېرلارنى باشلىق ئالغىلى ئۇنمايدۇ ھەقىچان. روتېرغا ماۋۇنى تەۋسىيە قىلىمەن.
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.4.ltuMtH&id=21168539850&ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id=

kahxal يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 14:13:57

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-26 10:52 static/image/common/back.gif
روتېرنىڭ LAN ئادىرىسى ئوقوغۇچى كومپيۇتېرلارغا يازغان IP  ...

تىلىگراف ئىدارىسىدىن بىكىتىپ بەرگەن قۇبۇللىغۇچنىڭ 路由 قىلىش ئىقتىدارى باركەنتۇق، لىكىن ip سىنى (192.168.0.1 دىگەندەك) ئۆزگەرتىۋىتىپتىكەن، تاپالمايۋاتىمەن، مۇناسىۋەتلىك ئادەمگە تىلىفۇن قىلسام، ماتىرىيال ئىشخانىدا، ئەتىلىگە دەپ بىرەي دەيدۇ.
ھازىرقى مەسىلە، تىلىگراف ئىدارىسىدىن ئورنىتىپ بەرگەن قۇبۇللىغۇچتىن چىققان سىمنى، خالىغان كومپىيۇتىرغا بىۋاستە چىتىپ، 快带连接 قىلسام نورمال تورغا چىقىدۇ، كومپىيۇتىرغا چاتماي، ئۆزۈمنىڭ 路由器 سىغا چىتىپ تەڭشىسەم، تورغا چىقمايدۇ، 路由器 نىڭ 状态 سى 正在连接 دەپلام تۇرىدۇ....

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 14:29:33

روتېرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىزىملىكىدە 系统日志 دەيدىغان تۈرلەر بولىدۇ. شۇ يەرگە قارىسىڭىز نىمە سەۋەبتىن ئۇلىنالمىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 14:30:49

قوبۇللىغۇچنىڭ تىپىنى دەپ بىرىڭ. ئامال تىپىلىپ قالىدۇ.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 15:19:02

مېنىڭ تورلاشتۇرغان كومپىيۇتېرلىرىمنىڭ IP ئادرىسى 192.168.0.1 دىن باشلانغان ،  پەقەت DNS دىگەن يېرىگە كۆچمە خەۋەرلىشىش تەمىنلىگەن ئادرىسنى كىرگۈزۈپلا قويىمەن. باشقا ھېچقانداق تەڭشەش ئېلىپ بارمايمەن تورغا ئۇلىنىش نورمال.

kahxal يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 15:33:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kahxal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-26 15:41  

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-26 14:30 static/image/common/back.gif
قوبۇللىغۇچنىڭ تىپىنى دەپ بىرىڭ. ئامال تىپىلىپ قالىدۇ.

ھازىر ئۆگزىگە چىقىپ، شۇنچە قارىدىم، ھىچنىمە يوق، رەسىمگە تارتىپ كىردىم...



مۇشۇنچىلىكلا ئىكەن، باشقا چۈشەندۈرۈشلىرى دەپتەرلىرى يوق...

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 15:37:55

رەسىم كۆرۈنمەپتۇ. باشقا يەرگە يوللاپ ئۇلاپ يۈرمەي، ئىزدىنىشقىلا يوللاڭ.

kahxal يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 15:42:45

paltahun يوللىغان ۋاقتى  2014-2-26 15:19 static/image/common/back.gif
مېنىڭ تورلاشتۇرغان كومپىيۇتېرلىرىمنىڭ IP ئادرىسى 192.168.0 ...

تىلىگىراف ئىدارىسى ماڭا كەڭ بەلباغلىق تور نومۇرىدىن بىرنى بەرگەن شۇ...

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 15:57:03

kahxal يوللىغان ۋاقتى  2014-2-26 15:33 static/image/common/back.gif
ھازىر ئۆگزىگە چىقىپ، شۇنچە قارىدىم، ھىچنىمە يوق، رەس ...

ھاي ھاي ھاي ...... بۇرادەر ماۋۇ نەرسىنىڭ تورنى قۇبۇللاش ئارلىقى قانچىلىكتۇ

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 15:59:22

بۇ يىزىلاردىكى ADSL ئابونىتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتۋاتقان يېڭىچە ئاپپارات، بۇنىڭدىن كىيىن يىزىلاردا تېلفۇن ۋە ADSL ئۈچۈن سىم تارتىپ يۈرمەي، مۇشۇنى ئىشلىتىدۇ.
بۇنىڭ روتېر ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ بولالمايسىز. ئەڭ ياخشىسى روتېرنى ئۇلايدىغاننىڭ ئامالىنى قىلىڭ. 宽带连接 ئۇلانغاندىكىن، روتېر چوقۇم ئۇلىنىدۇ. پەقەت قاملاشمىسا، ئاۋۇ مۇلازىمىتېرغا قوش تور كارتىسى سىلىپ، 宽带连接 نى ئۇلاپ، ئاندىن تۆۋەنگە تور تارقاتسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ.

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 16:35:05

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-26 15:59 static/image/common/back.gif
بۇ يىزىلاردىكى ADSL ئابونىتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتۋاتقان يېڭى ...

يېزىدا بىر تۇققىنىمىز بولىدىغان ئەممازە تورغا ئاشىق دىسە ھەپتىدە بىر كۈن 60 كىلومىتىر يولنى بېسىپ بىر نەرسە چۈشۈرۈپ تېلفۇنلىرىغا ئۇنى بۇنى قاچىلاش ئۈچۈن بىزنىڭ ئۆيگە كىلىدۇ ، بىر يىل بۇرۇن قوشنىسىنىڭ ئۆي تېلفۇنىنى 500يۈەنگە ئاپتۇ ئۆي تېلفۇنى بولمىسا تور تارىتقىلى بولمايدۇ دىسەم ،تېلفۇن بولغان بىلەن تور چىقىش ئىقتىدارى ئىككى كىلومىتىر يىراقتا توختاپ قاپتۇ دەپتۇ پوچتىدىكىلەر،شۇنداق قىلىپ يەنە تور تارتالماي 200 يۈەنگە توركارتىسى ئالسا ئېقىم ساناپ شەھەرگە قاتراپ يۈرۈيدۇ .
بۇئوقەتنىڭ يېزىلاردا ئىشلىتىلىش ئەھۋالى قانداقراقتۇ .

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 16:49:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   paltahun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-26 16:52  

يەنە بىر ئىش يادىمغا كىلىۋاتىدۇ ، ئاۋۇ تېلگىراف ئىدارىسى بەرگەن روتېرنىڭ IP ئادرىسىمۇ 192.168.0.1 بولسا سىز چاتقان روتېر ئادرىسىمۇ ئوخشاش 192.168.0.1 بولسا ئاشۇنداق نۇمۇر بۇرىماي تۇرىۋالىدىكەن .  سىز ئۆزىڭىز ئورناتقان روتېر ئادرىسىنى  192.168.2.1 قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئاندىن ئىشلەتكۈچى نامى ۋە شىفىرنى كىرگۈزۈپ سىناپ بېقىڭ . مەن مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراپ مۇشۇ ئۇسۇلدا ھەل قىلغان . 宽带连接 قىلىپ نۇمۇر بۇرىغىلى بولغان ئىكەن سىزدىكى روتېرمۇ چوقۇم نۇمۇر بۇرايدۇ.
ئادەتتە تېلگىرافنىڭ روتېرى ۋە بىز بازاردىن سېتىۋالغان(宽带路由器 )روتېرنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش ئادرىسى ئوخشاش بولغاچقا 宽带路由器 ئىشلىمەي تۇرىۋالىدىكەن.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 17:15:33

17-قەۋەتنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن (لىكىن بۇ خىل ئىھتىماللىق ئانچە چوڭ بولمايدۇ). قىسمى تورىڭىزنىڭ IP ئادىرىسىنى ئۆزگەرتىشكە مومكىن بولمىسا، ئاۋۇ ئانتىنىنىڭ IP ئادىرىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. تور بەت ھالىتىدە كىتىپ بىقىڭ.
بۇ ئۈسكۈنە تىلگىرافنىڭ مۇنارىدىن سىگنال قوبۇل قىلىدۇ. بۇندىن كىيىن يىزىلاردا سىم تارتىپ يۈرمەي، مۇشۇنىڭدىن قويماقچىكەن. ئادەتتە 35كىلومىتېر يىراقلىقتىن سىگىنال تارتىدۇ، لىكىن بۇنى تەڭشەپ ئۇلىيالمايسىز. بۇنى ئورناتقانلار تەڭشەپ، تىلگىرافنىڭ ئىچكى تورىغا كىرگۈزىدۇ.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 17:24:24

سۇلياۋ قاپلىق كىچىك روتېرلار 100كومپيۇتېرنى ھەقىقەتەن سۆرەپ بولالمايدۇ، تور قىتۋىلىپ تولا ئاۋارە قىلىدۇ. مەنچە ئاۋۇ روتېردىن بىرنى سىتۋىلىڭ. بۇنىڭدا LAN ئىغىزىغا بىر نەچچە خىل IP بەرگىلى بولىدۇ. ھەقىقەتەن ئاۋۇ ئاپپاراتنىڭ IP ئادىرىسى بىلەن پۇتلاشقان بولسا، مۇشۇ ئىقتىدارى سىزگە ئەسقاتىدۇ.

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 17:33:14

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-26 17:15 static/image/common/back.gif
17-قەۋەتنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن (لىكىن بۇ خىل ئىھتىماللى ...

مۇشۇ نەرسىنىڭ تەننەرخى قانچىلىكتۇھە ؟ قاچانلاردا شەخىسلەرگە ئورنىتىپ بېرىشكە باشلايدىغاندۇ ؟
بەت: [1] 2
: [ياردەم] مەكتەپ كومپىيۇتىر سىنىپىنى تورغا ئ ...