شىنجاڭ 3-1 لىياۋنىڭ كوماندىسىنى يىڭىپ يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىردى
ئۈرۈمچى ۋاقتى 2- ئاينىڭ 25- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى پەسىلدىن كىيىنكى تۇنجى ئايلانما باسقۇچىدىكى تۆتىنجى مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا لىياۋنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن شىرئەلىجان 22 نۇمۇر، خاندېرسېن 25 نومۇر ئىلىپ ئۇلار ئاخىرى 113- 96 نەتىجە بىلەن لىياۋنېڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ 3-1 نەتىجە بىلەن يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى. يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدا دۇڭگۇەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز شىرئەلىجان 22 نۇمۇر، 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ خاندېرسېن 25 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ تاڭ جىڭدۇڭ 18 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىمىڭ 17 نۇمۇر، 4 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سېنگېلدون 11 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۇۋىي 6 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ قىرانبەك 7 نۇمۇر، جاڭ چىڭپىڭ 5 نۇمۇر ئالدى.
لىياۋنىڭ كوماندىسىدىن جونىس 14 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاۋشۈ ۋىي 12نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ۋالىك 13 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لى شىياۋ شۇ 7 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خەن دىجى 3 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.phpبۇ
بايا كورگەنتىم بەلەن ئوينىدى شىر ئەمدىكى گەپ ، دوڭگۇەندىكى چوڭ قارىۋاينى قانداق بىقىشنى ئويلاشتا . يەنە ئۇتتۇرامدۇ ئەمدى……
مۇشۇ گۇۋاڭدۇڭلۇق ***لارنى ھەجەپ ياساپ بولالمايلا كەتتى……:Q
سېنگېلدوننىڭ ئىپادىسى بەك ناچار بولىۋاتىدۇ ، سەل ھۇشىغا كەلسە بولاتتى . :lol
ئىشەك
ئىشەك چىقتى……
خىت ئاي دىگەننى سۈزىۋېتىپ چىقمايدىكەن:lol تىما ئىگىسى ئۇكام ، قەرىز بوپ قاپسىز ، قايتۇرىۋەتتىم :lol ئاپلا ، ئاز ئۇرۇپ قاپتىمەن ، قايتا ئۇرغىلى بولمىدى ، بۇداقى تىمىڭزدا كۆپرەك ئۇرىۋىتەي {:120:} دوڭگۇەن دىگەن يىقىندا چوڭ تازىلاش بولغان شەھەرما قەرز بوپ قالسا مۇنبەرگە كىرەلمەيدىكەن دىسە:lol
كۆككەپتەر
بەرىبىر پۇلنى باشقا نىمىگە ئىشلەتكىلى بولمىغاندىن كىيىن كەڭرەك قويىۋەتمەيلىمۇ؟:lol يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 4-مارت رەسمىي باشلىنىدۇ. شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن دۇڭگۇەن كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇشى
5-مارت ( چارشەنبە ) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە دۇڭگۇەن كوماندىسى-شىنجاڭ كوماندىسى
7-مارت ( جۇمە ) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 00؛6 دە شىنجاڭ كوماندىسى- دۇڭگۇەن كوماندىسى
9-مارت ( يەكشەنبە ) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 00؛6دە شىنجاڭ كوماندىسى- دۇڭگۇەن كوماندىسى
12-مارت ( چارشەنبە ) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 30؛5 دە دۇڭگۇەن كوماندىسى-شىنجاڭ كوماندىسى
14-مارت ( جۇمە ) كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 00؛6 دە شىنجاڭ كوماندىسى- دۇڭگۇەن كوماندىسى
ۋاختىدا كۈرۈشىڭلارنى تەۋىسىيە قىلىمىز.
بۈگۈنكى مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ياخشى ئوينىدى. بولۇپمۇ مۇشۇ يىقىنقى موھىم ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە شىر ئەلىجاننىڭ رولى گەۋدىلىك بولدى.
لىكىن لياۋنىڭ كوماندىسى سولاش ئويناپ مۇسابىقە كەسكىن بولمىدى. ئالغان نومۇرلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئەخلەت ۋاقىتتا ئالدى. سىن ھۇججىتنى چۇشۇرۇش تۇغۇرسىدىكى تىمىنى تاپالمىدىم .ياردەم قىلساڭلار. http://www.zhibo8.cc/nba/2014/0225-liaoning-luxiang.htm ئۇ 3 نومۇر، پاس ھەممىدە يېتىشىپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى، 2- بۆلەكتە چۈشۈپ ئارام ئېلىۋىدى شۇ ھامان قارشى تەرەپ يېتىشىۋالغىلى تاس قالدى، 2 مىنۇتتەك ئارام ئېلىپ يەنە چىقماي بولمىدى. باشقىلارمۇ ئۇ مەيداندا بولسا باشقىچە روھلىنىپ كېتىدىكەن.
سىنگىلتوننىڭ مىجەزى ئەزەلدىن شۇنداق تۇراقسىز، كەسپى ئەخلاقى كەمچىل، بۇ ئاداشنى كوماندىغا ئالمايدىغان ئىشتى زادى، تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغاندەكلا بۇ يىل يەنە قېتىۋالدى.
گۇاڭدوڭ كوماندىسى كۈچلۈك كوماندا، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا شىنجاڭ ئۇلارنىڭ رەقىبى ئەمەس. شىرئەلىيجاننىڭ ماھارىتىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بولسا بۇيىل شىنجاڭ كوماندىسى چىمپىيۇن بولسۇن.:)
بەت:
[1]