tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 19:17:25

بالىڭىزنىڭ پوزۇتسىيەسى ئاساندىن باشلانسۇن

1.كەمىنە توخوتۇر بالام بولغاچ بالا تەربىيلەش توغۇرلۇق ئالەمشۇمۇل كىتاپلارنى چالا قويماي كۆرۇپ چىققانمەن .ۋە يەنە توردىن ۋە ئولتارغان تۇرغان جايلىرىمدىن بالا تەربىيلەش توغۇرسىدىكى قاتتىق يىرىك قاراشلارغا يوشۇرۇن دىققەت قىلىپ قويىمەن .
مەن پەقەت نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇدۇم ئەمما بالا تەربىيسى ئەۋلات تەربىيسىى توغۇرلۇق كىتاپلارنىڭ بىرىنىمۇ ئۇلگە قىلىپ باقمىدىم .پەقەت مەن ئوقۇغان ئاشۇ كىتاپلاردىن ئالغان بىر ئارلاشما كەيىپنىڭ مىڭەمدە لەيلەپ يۇرگىنى بىر ھەقىقەت .

2. يېققىندا مەن بالا تەربىيسى توغۇرلۇق بىر قانچە سۆزلۇكنى تۇزۇپ چىقتىم .ئۆزەمنىڭ تۇزگۇنۇم ئۆزەمگە شۇنداق ياراپ ، موشۇ توردا بىر داستىخان يېيىپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقمايمەنمۇ دەپ كونۇپكا ئويناپ ئولتۇرۇپتىمەن قاراڭ .

3. 1   .بالىڭىزنىڭ پوزۇتسىيەسى ئاساندىن باشلانسۇن .
ئالىم بولماق ئاسانمۇ ؟ ئاسان
موزىكانىت بولماق ئاسانمۇ ؟ ئۇمۇ ئاسان
...................................................

بالىڭىز سورىغان ھەرقانداق ئاسانمۇ تەسمۇ دەپ سورىغان سۇئالغا (ئەلۋەتتە بۇ ئىجابى تەرەپتىن سورالغان سۇئاللارغا شۇنداق ، قاراقچى بولماق،تىرۇرچى بولماق  ئاسانمۇ تەسمۇ دىسە ئاسان دىسىڭىز بولمايدۇ ئەلۋەتتە )ئاسان ئىنتايىن ئاسان دەپلا جاۋاپ بىرىڭ ،

چۇنكى ئاتا ئانا بالا قەلبىدىكى گىگانىت شەخسىلەر ، بالىنىڭ نەزىرىدە ئاتا ئانا قىلالمايدىغان ئىش يوق ، ناۋادا سىز بالام بۇ ئىش بەك تەس مەن قىلالمايمەن دىسىڭىز ، ئۇ چاغدا بالا بۇ ئىشقا بىر ئۆمۇر يېققىن كەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن ،  ئۇنىڭدىن بالام بۇ ئىش ئاسان مانداق مانداق قەدەم باسقۇچلاردىن كىيىن بۇ ئىشنى ئۇتۇقلۇق قىلالايمىز دىگەن ياخشى


3. 2. بالام سىناپ باققىن
بالىنى داۋاملىق سىناپ بېقىشقا رىغىبەتلەندۇرۇپ تۇرۇش ياخشى . ئەلۋەتتە تەن سالامەتلىكىگە زىيان يەتمەيدىغان شەرت ئاستىدا سىناپ باققان ياخشى ،
مۇندا  بىر ئىشنى مىسال ئالاي ، قايسى كۇنى ئاغىنەم بىلەن باللىرىمىزنى ئوينۇتۇپ كەچ بولغاندا مۇز قايماق يىگىلى كىردۇق ، مەن قېتىق بۇيرۇتتۇم ئاغىنەم ۋە باللار مۇز قايماق بۇيرۇتتى ، مېنىڭ قېتىققا شىكەر سېلىشىمنى كۆزۇتكەن ئاغىنەمنىڭ قىزى ئۆزى يەۋاتقان مۇز قايماقنىڭ ئۇستىگە شىكەر سالماقچى بولدى ، ئاغىنەم بۇ بالسىنىڭ تەلۋىنى كەسكىن رەت قىلۋەتتى ، بالا ئوڭايسىز ھالدا قالدى ، ئەمما مېنىڭ پىرىنسىپىمدا پەقەت سالامەتلىككە زىيان يەتمىسلا سىناپ بېقىشقا تامامەن بولاتتى ، شۇڭا ئاغىنەمنىڭ بالىسىنى سىناپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇردۇم .بالا سىناپ باقتى ، قايتا قايتا سىنىدى . تاكى مۇز قايماق تۇگىگىچە  مەيلى ئەمەسمۇ  ، دۇكاندار كۆرۇپ قالمىسىلا ھى ھى ھى  كۆرۇپ قالسىمۇ ھېچقىسى يوق ناھايىتى ئارتۇق  شىكەرنى سېتىۋالارمىز شۇ .


3. 3.تاللا بالام
بالىغا تاللاش ئەركىنلىكى بىرىشمۇ ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتمەيدىغان ھالدا جايىز ،
باشقىلارغا مۇناسىۋەتلىك تاللاش ۋە باشقىلارغا مۇناسىۋەتسىز تاللاش ، مەسلەن بالىنىڭ لەغمەن پولۇ كاۋاپ قېتىق يىيىشى ، قىزىل يېىشل سېرىق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىشنى بىمالال تاللسىا بولىدۇ ، ئەمما قىشتا كالتە يەڭ ، يازدا پاختىلىق كىيىملەرنى تاللىۋالسا بولمايدۇ ، يازدا پاختىلىق كىيىمەن دىسە ۋاقىت بولسا سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ بولمىسا ،

يەنە بىر خىلى ئۇچۇنچى ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك تاللاش ، مەسلەن يېرىم كىچىدە قوپۇپ بۇۋامنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوي ، بۇۋىلىرى ئۇخلاۋاتسا  بۇ خىل تاللاش ھەممە ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىدىغان نۇرغۇن ئادەمگە چېتىشلىق تاللاش بولۇپ بۇ خىل تاللاشتا چېتشىلىق ئادەملەرنىڭ بىر بىر پىكرىىنى ئېلىشى كېرەك .

3. 4. بالام نام بەرگىنىڭ قەلبىڭدىن ئورۇن بەرگىنىڭ

بالامغا مۇناسىۋەتلىك ئۇنىڭ دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارغا نام بىرىمەن  ، مەسلەن ، ئۇنىڭ ئىشتىنى چىم چىم ئىشتان ، ئۇنىڭ پايپىغى كۆز پايپاق .ئۇنىڭ ياتاق ئۆيى مەلىكە ھوجۇرسى ، ئۇنىڭ ئويۇنچۇقلىرى سۆسۇن توشقان ، پەرەڭ كۇچۇك ، ياڭراتقۇسى سېھىرلىك قۇتا ، ۋېلىسپىتى غاز قانات دىگەندەك




دوسلارنىڭ تەنقىدى قوبۇل قىلىشىنى ۋە ئۆزىدىكى ياخشى ئۇسۇللارنى ئوتتۇرغا تاشلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن ،
مەندە بىر ئۇسۇل بار تورغا تاشلايمەن ، سىزدە بىر ئۇسۇل بار تورغا تاشلايسىز ، ئاندىن ھەر بىرىمىزدە ئىككىدىن ياخشى ئۇسۇل بار بولىدۇ ئاللاغا شۈكرى

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 22:24:50

نىنچىغا ئايرىمدۇ ئىنچىغا ئايرىمدۇ ,نىمىلا بولسۇن  توخۇتۇر ئەپەندىمگە قايىلمەم , مىدىرلاپ تۇرىدۇ , كۆزىتىش ئىقتىدارى ئالاھىدە  كۈچلۈكتەك  ھېس قىلىمەن  بۇ ئاكىمىزنى .

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 22:25:25

1-پەرزەنت دۇنياغا كەپبولغاندا كىتاپ ئوقۇپ پەرزەنىت تەربىيلەيمەن دىگىنىگە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.
2-پەرزەنتلىك بولۇشتىن بۇرۇن پەرزەنت تەربىيلەش توغۇرسىدىكى ماتىرىياللارنى ياخشى ئۈگۈنۈپ ئاۋال ئۆزىڭىزنى تەربىيلەڭ.
3-سىزنىڭ ئالغان تەربىيىڭىز، يىتىلدۈرگەن ئادىتىڭىز، ھەركىتىڭىز، تېلىڭىز، پەرزەنتىڭىزنىڭ تەربىيىسى بولىدۇ.
4-پەرزەنتى يوق ئادەمنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش توغۇرلۇق قىلغان گىپىگە قۇلاق سالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
5-دۇنيادا نەسىھەت قىلىش، تەربىيە قىلىشتىنمۇ ئاسان ئىش بولمىسا كېرەك، ئاددىيىسى تاماكىنىڭ سىرتىدا تاماكا چىكىش زىيانلىقدەپ يىزىقلىقكەن، ئۆزىگە زەھەر ئۇرۋاتقانلارمۇ ئۇكا مىنى دورىما دەيدىكەن، زابايلارمۇ قولىدا رومكا كۆتۈرۋېلىپ باشقىلارنى توسىدىكەن. توۋا..

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 22:28:16

بالا تەربىيىسىگە ئائىت ياخشى كىتاپلارنى دەرھال تەۋسىيە قىلىڭلار،قىزىم بىر ياشقا كىرەي دەپ قالدى، ئاللا ساق سالامەت چوڭ بولۇشقا نىسىپ قىلسىلا سايىپجامال دۆلەت ئاچىمىزدەك دوكتورئوقۇتىمەن ،ئالىمە قىلىمەن…

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 22:35:10

بۇرادەر نىمىشقا تىما يوللسىڭىز مۇشۇ 1،2،3 دىگەن سانلارنى قويىۋالسىىز؟ كىم سىزگە بۇنداق ئۈگەتكەن؟ ياخشى تىما يوللاۋاتىسىز لىكىن مۇشۇ ئادىتىڭىزدىن سەل زىرىكتىم. نىجى قويغان تىمىلىرىڭىزنى كۆرسەم تىمىڭىزنى تولۇق ئۇقۇغۇم كەلمەيدىكەن. بۇ ھەقتە دوسىتىلىرىمىز نەچچە قىتىم سىزگە تەكىلىپ بەرگەن بولسىمۇ لىكىن سىز يەنىلا مۇشۇ قىلىڭىزنى زادىلا تاشلىمايۋاتسىز. باشقۇرغۇچىلار ھىچ بولمىسا تىما تەستىقلىغاندا ئىۋۇ 1،2،3 نى بولسىمۇ ئىلىۋىتىڭلارچۇ!....
توخۇتۇر ئەپەندىم يە يەنىمۇ قاتتىق گەپ ئىشتكەن ۋاقىتتا ئوڭشىلارمۇ-يا!

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 22:46:05

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 22:28 static/image/common/back.gif
بالا تەربىيىسىگە ئائىت ياخشى كىتاپلارنى دەرھال تەۋسىي ...

بۇ ھەدىمىز توغۇرلۇق ئاڭلىغان لىكىن تەرجىمالىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن،  پەرزىمچە بۇھەدىمىز مائارىپچىلار ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان ياكى بولمىسا قىيىن ئائىلە شارائىتىدا كىلىپ چىققان، چۈنكى ئۆيدە باققان يولۋاس ئوۋ ئولاشقا يارمايدۇ، ئەگەر تونۇشساڭلا چوڭلارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ئەمەلىي تەجىر بىلىرىنى ئىگەللەپ باقساڭلار بولىدۇ.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 00:32:26

jasur58 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 22:35 static/image/common/back.gif
بۇرادەر نىمىشقا تىما يوللسىڭىز مۇشۇ 1،2،3 دىگەن سانلارن ...

ۋاي تاڭ جۇمۇ ئوڭشالمىقى تەستەك بۇئادەمنىڭ :curse:

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 00:47:36

توخىتۇر نىنجى توردىشىمىز ئىزدىنىشقا كىرگەندىن بۇيان تېمىلىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن.
ئەسلىدە توخىتۇر نىنجى ئەپەندىمنىڭ تېمىلىرىدىكى نىنجى سان رەقەملىرى ماڭا غەلىتە تۇيۇلمىغان، بەلكىم ئەجەپلەنگەن بولىشىممۇ مۇمكىن. لىكىن بۇياقنىڭ ھەر بىر تېمىسىدا ئىشقىلىپ بىرىڭلار چىقىسىلەر، بۇنداق قىلىش خاتا دەپ. مۇشۇنداق ئىنكاسلارنى كۆرىۋېرىپ،  ماڭىمۇ بەك غەلىتە بىلىنىدىغان بولۇپ كەتتى.{:87:}

شەخسى كۆز قارىشىم، بەزىدە ئوي-پىكىرلەرنى ئايرىش ئۈچۈن مۇشۇنداق نىنجى قويسىمۇ بولىدۇ. گىرامماتىكا قائىدىلىرىنى بىلمەيمەن. ئەيىپلەپ كەتمەڭلار.
باغداشتىكى تېمىلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقتىم، ھەممىسىگە نىنجى قويۇپ يازىدىكەن. ئويۇمدا بۇمۇ توخىتۇر ئەپەندىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ئوخشايدۇ.

بالىلارنىڭ مەسىلىسى تۇرۇپ تۇرسۇن، ئاۋال مۇشۇ نىنجى مەسىلىسىنى بىر ھەل قىلىۋەتمەيلىما{:87:}
ئەسلى گىراماتىكىلىق قائىدە بويىچە زادى قانداق قىلىمىز. مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرنى تونۇشتۇرغاچ، پىكىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويساڭلار، نەسىر، شىئېر يېزىپ ئانا تىلنى سۆيگەندىن ئۈنۈمى ياخشى بولامدىكىن دەيمەن. بىلمىگەنلەر بىلىۋالىمىز.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 01:25:47

باشقا باشقا مەزمون بولسا يەنە كىلىپ ئالدىدىكى مەزمون بىلەن كەينىدىكى مەزموننىڭ تېكىستىكى ئورنى تەڭداش بولسا ئىنچى قويۇپ يازسا خاتا ئەمەس.
مەن تىنىش بەلگىلىرىنى،قۇر ئابزاسلارنى خالىغانچە ئىشلىتىمەن.ئىنكاسىم خوشياقمىغانلار ئوقىماي ئۈتۈپ كەتسە مەيلى.:lol
توخۇتۇر ئەپەندىنىڭ يازغان تېمىلىرىدىكى ئىنچىلەر كۈزۈمگە بەك سىغىپ كەتمىدى.شۇڭا تېمىسىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوقۇپ باقمىغاچ،ئۈستىدە دىگىنىمدەك ئىنچى قويسا بولىدىغان مەزمونمۇ ياكى ئەمەسمۇ مەن پەرق ئىتەلمىدىم:lol

شەخسىي پىكىرىم
مەيلىگە قويساڭلىرا ھەي:lol
بۇ يە مۇنتىزىم مەتبۇئات ئەمەس.ئىگەللىسە شۇ مۇنبەر بوشلۇقىنىڭ نەچچە بايتلىق يېرىنى ئىگەللەيدۇ.بۇنى مەن بىرقانچە چىراي بەلگىسىنى ئاز قوشساملا ئورنىغا چۈشۈپ كىتىۋېرىدۇ.:lol
خوشياقمىسا ئوقىمىساڭلارلا تۈگەيدۇ.

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 08:18:35

gewala يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 22:24 static/image/common/back.gif
نىنچىغا ئايرىمدۇ ئىنچىغا ئايرىمدۇ ,نىمىلا بولسۇن  توخۇ ...

مەن ئىسمىغا قارىمايلا كىرىپتىكەنمەن   ئاۋۇ قويۇلغان  نىجىلىغا قاراپ قايتا بىر يوللىغان ئادەمگە قارسام شۇ توختۇرئاكامكەن  ياخشى تېمىكەن  بولسا ھەممىڭلار  بېشىڭلاردىن ئۆتكەن باللا تەربىلەشتە  قوللانغان ياخشى ئۇسلارنى يېزساڭلار بۇ تېمىنىڭ پايدىلىنىش قىمىتى تېخىمۇ ئاشقان بولاتتى.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 08:29:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فائىزە034 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-26 10:23  

ياخشى كىتابلار بولسا تەۋسىيە قىلىڭلار...
«ستېنا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى» دېگەن كىتابنى مەن بەك ياقتۇردۇم، كېيىنچە ئەمىلىيەتتىمۇ سىناپ باقاي

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 10:05:30

كىتابلاردىكى بەزى قايدىدىلەر چۈشۈپ كەتمەيدىكەن جۇمۇ

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 10:26:28

فائىزە034 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-26 08:29 static/image/common/back.gif
ياخشى كىتابلار بولسا تەۋسىيە قىلىڭلار...
«ستېنا خانىمن ...

مۇشۇ كىتاپنى ئىككى ئادەم  ئىككى خىل ئىسمدا تەرجىمە قىپتىكەن، دەسلەپتە بىرسنى ئاپتىمەن، ئوقۇپ بولۇپ كىتاپخانىغا كېرسەم يەنە بىرسى تۇرىدۇ، ئىچنى مالتىلمايلا ئۇنىمۇ ئاپتىمەن، ئۆيگە كېلىپ ئوقۇسام سۆز جۈمللەرنىڭ مەنىللىرى ئوخشاش، ئورۇنسىز كىتاپ سېتۋالغىنغا بەك ئاچچىقىم كەلگەن شۇ چاغدا

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 10:36:44

ئىزدىنىشتا ئېلگىرى دەپ ئۆتكەندەك باللار تەجرىبە ماتېرىيالى ئەمەس، باللار تەربىسگە ئائىت كىتاپلا بولسا ئوقۇپ شۇ بويچە مۇتلەق تەربىيلگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ھېسيات ۋە مۇھىت ئاملى باغلاپ تۇرىدۇ،بولۇپمۇ ستنا خانمنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسۇلى بەكلا غايۋى، ئۇ كىتاپنى پەقەت ماختاپ كۆككە كۆتۈرىۋەتكەن يېرىلا بار، ئۇنڭىدىن كۆرە
مەرھۇم يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئاكىنىڭ «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيسى » بەك ياخشى كۆرۈندۇ ماڭا،
بالىلار دوراش ئارقلىق كۆپ نەرسلەرنى ئۆگۈندىكەن، دەل مۇشۇ ۋاقىتا باللارغا ئاتا ئانا ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقلىق توغرا ئادەتلەندۈرۈش تەربىسي يېتلدۈرسە ئەڭ ئۈنۈملۈك بولدىكەن، دەپ قارىدىم....

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 18:49:22

تەۋسىيە كىنۇ
«ياخشى بالا باققۇچى »   ئامىركنىڭ
لىمبىرفودىر ئەپەندى،  مۇشۇ كىنۇغا بالا تەربىيلەش مۇجەسسەملەنگەن
بەت: [1]
: بالىڭىزنىڭ پوزۇتسىيەسى ئاساندىن باشلانسۇن