Crowssonwhite يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 14:47:42

نەۋائىينىڭ مەيخانىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Crowssonwhite تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-25 14:50  

غەرايىبۇسسىغەردىن

قۇياشتەك يورۇپ تۇرغان قەدەھنىڭ شولىسىدىن ھىدايەت نۇرى چاقنىدى،
جامدىن: يارنىڭ ئەكسىنى شاراپتا كۆرگىن دەپ سادا چىقتى.

كۆڭۈل جامىدا غەيرى تەسەۋۋۇردىن غەم غەشلىكى پەيدا بولسا،
ئەي ساقى، بۇنى ۋەھدەت شارابىدەك تازىلىغۇچى يوق.

ھەي، مەي شۇنداق ياخشى نەرسىكى، قۇيۇلغان قەدەھ سۇنۇق ساپال بولسىمۇ،
ئۇ جەمشىت تىلەپ ئىچكەن جاھاننامىگە تەڭ جام.

جام ۋە شاراب شۇنداق نەرسىكى، ئۇ جام ئۈچۈن
يۈز جاھاننى چاچقۇ قىلىپ، مىڭ جاننى پىدا قىلسا ئەرزىيدۇ.

ھوشى بار ئادەملەر شاراپخانىغا رەسۋا بولۇشقا كېلىدۇ،
ئەي مۇغەمبەچى، شاراب جامىنى تۇتساڭ، مەن دىۋانىدىن باشلا.

ئەشۇ كۆڭۈل جامىدىكى مەيدىن مەقسەت چېھرىسى جىلۋىلەنگەنسىرى
نازۇ-نىئمەت بىر ياقتا قالىدۇ.

ۋەھدەتكە مەي ھەم جام بىلەن ئېرىشىش مۇمكىن،
كىم مەي بىلەن جام سۆزىنى تىلغا ئالسا، ئۇنى ئىپادە قىلالايدۇ.

سەن ئويلىغاندىن باشقا جام ۋە شاراب مەۋجۇت، ئەي زاھىد،
بىلمەسلىكتىن ئىچەرمەنلەرنى قوغلاپ يۈرمە.

ئەي نەۋائى، چاڭقاپ يۈرمە، تەقدىر ساقىسىدىن ھەردەم
"ئىشرەبۇ يا ئەييۇھەل ئەتشان"* دېگەن نىدا كېلىۋاتىدۇ.

*'ھەي تەشنالار ئىچىڭلار'

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 16:34:26

1.قۇياش نۇرى .ئەكىس ئەتكەن قاچىدىن ، تۇغرا يولنىڭ نۇرى يۇرىدى.
يار جامالنىڭ ئەكسىنى كۇرەي دىسەڭ ، مەيگە قارا دەپ جامدىن سادا چىقتى.

2.كۈڭۈل جامىدا غەيرى بىر نەققاش تەرپىدىن چىكىلگەن غەم دېغى بولسا ئەي ساقى ،
ۋەھتەد شارابىغا ئوخشاش بۇ غەم دېغىنى يۇيدىغان نەرسە يوق ،

3،ئەي خوش كىشى ، ئاشۇ ۋەھدەت مىيىگە ساپالنىڭ سۇنىغىمۇ قەدەھ قىلىنغان بولسا ،
ئۇ خۇددى جەمشىتنىڭ جاھاننامە ئەينىگىدەك يار ئەكسىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ مەينى ئىچكەن كىشىمۇ جەمشىتتەك گاراڭلارچە چىقىپ كىتىدۇ.

4،‹‹قەدەھ ››بىلە ‹‹مەي ››شۇنداق خىسلەتلىك بولسا ، ‹‹قەدەھ ››ئۇچۈن يۇز جاھاننى ،
‹‹مەي ›› ئۇچۇن مىڭ جاننى پىدا قىلسا بۇلىدۇ.

5،ئەي ، مەيچى يىگىت ، مەيخانغا ھۇشيار كىشلەر ئەقىلدىن ئېزىپ رەسۋا بولغىلى كەپتۇ،
قەدەھ بىلەن مەي تۇتقاندا مەن دىۋانە - ساراڭدىن باشلاپ تۇتقىن ،

6،تاكى ئاشۇ مەي بىلەن كۇڭۇل قاچىسى جىلۋە قىلسا ،
مەخسەتنىڭ چىرايى ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇلدۇ .

7.‹‹ۋەھدەت ››كە ‹‹مەي ›› بىلەن ‹‹قەدەھ›› ئارقىلىقلا مۇيەسسەر بۇلۇشى مۇمكىن ،
شۇڭا ‹‹مەي ››بىلەن ‹‹قەدەھ ›› دىگەن ئىككى ئىبارىنى بىرگە قۇشۇپ ‹‹قەدەھ مەي ››دىگەن بىر ئىسىم بىلەن ئاتاش كىرەك،


misal يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 18:15:45

جام  ـــــــــــــــــــ  تەن
مەي ـــــــــــــــــــ روھ
يار ــــــــــــــــــــــ ئاللاھ
  شۇنداق بولغاندا « يار ئەكسىن مەيدە كۆر دەپ جامدىن چىقتى سادا» دېگەن مىسرانىڭ مەنىسى « ئاللاھنىڭ ئەكسىنى  روھىڭدىن كۆر دەپ تەندىن سادا كەلدى » دېگەنلىك .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 18:49:09

باشتىكى ئىككىلىسى تەرجىمىسىمىكەن:funk:

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 19:17:37

نەۋايى ھەزرەتلىرى «مەھبۇبۇل قۇلۇب» ناملىق ئەسىرىنىڭ 16_فاسىلىدا شائىرلارنى ئۈچ تائىپىگە بۆلىدۇ.  1. ھەقىقى(ئىلاھى) ئىشىقنى كۈيلىگۈچىلەر.  2. ھەم ھەقىقى(ئىلاھى)، ھەم مەجازى(جىسمانى) ئىشىقنى كۈيلىگۈچىلەر. 3. جىسمانى ئىشىقنى كۈيلىگۈچىلەر.   
  بىرىنجى تائىپە ۋەكىللىرىنى ھەزرەت «ئىشلىرى پەقەت مەنالار غەزىنىسىدىن جەۋھەر سۈزگۈچىلەر ۋە ئۇنى خەلق ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن سەرىپ قىلماق بولغانلار»، دەپ تەرىپلەيدۇ.  ھەزرەتنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق، ئۆزى دىگەن بىرىنجى تائىپىگە تەۋەلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ.  

  مەسىتلىك: ئىلاھى ئىشىقنىڭ بەندىنى چۇلغاپ ئېلىشى.  
  جام: ئارىفنىڭ دىل ۋە ئەھۋالى.  
  جامى جاھاننامە: كامىل ئىنسانلار ۋە ۋەلىيلەرنىڭ باتىنى.
  جامى جەمشىت: رىۋايەت قىلىنىشىچە جەمشىت پادىشاھ «جامى جاھاننامە»_جاھاننى كۆرۈپ تۇرغۇچى جام  ئىختىرا قىلىپ، ئۇنىڭغا نەزەر سېلىشى بىلەن تەڭ جاھاندىكى جىمى ۋاقىئەلەرنى كۆرۈپ تۇرغان ئىكەن.  
  ساقى:  بەزىدە ھەۋزى كەۋسەر، بەزىدە مۇرشىدى كامىلنى كۆرسەتسە، بەزىدە ساقى خۇدادۇركى، ئاشىقلىرىغا ھەقىقەت شارابىنى ئىچتۈرىدۇ.
  شاراپ، مەي: ئىلاھى ئىشىق. ئىشىقنىڭ غەلبە قىلىشى.  ھەق جەزبىسىنىڭ مۇھەببىتى.
  قەدەھ:  كۆڭۈل.  بەزىدە ۋاقىت.  
  

Crowssonwhite يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 19:38:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Crowssonwhite تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-25 20:29  

ئۇ قۇياشقا يا كەپتەر يېتەلمەيدۇ يا تاڭ شامىلى؛
ئەي كۆڭۈل، ئاڭا كۆڭلۈڭنى پەرياتتىن مەلۇم قىل.

تەسەۋۋۇرۇڭ كۆزۈمگە ئورناشتى، سوغۇق ئاھىمدىن ئەنسىرەپ
بۇ ۋەيرانە ئۆينى كىرپىكلىرىم بىلەن تاقاپ قويدۇم.

ئەي نەۋائى، يىغلىماق ئاھىمغا تەسكىن بېرەلمىدى،
ئاھ، بۇ قانداق ئوتتۇر، توپانمۇ تەسىر قىلمايدىغان؟

- 0 - 0 - 0 -

ئاھ، ئىشقىڭنى ئاشكارىلىسام ماڭا ئۆلۈم ۋەھىمى كېلىدۇ،
پىنھان تۇتاي دېسەم، شەكسىزكى، يەنە جېنىمغا خەۋپ يېتىدۇ.

مەسىھ ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرگىلى كەلگەن ئىمىش، ئەپسۇسكى،
مەن تىرىك، بۇنداق ئۆمۈردىن ئۆلۈم ياخشىراق ئىدى.

شاراب خۇمارىدىن كۆزلىرىم خىرەلەشتى، ئەي مەيخانىچى،
شاراب شىشىسىدىن سۇندۇرۇپ ماڭا ئەينەك قىلىپ بەرگىنە.

ھىجران بورىنى ۋۇجۇدۇم خامىنىنى توزىتىدۇ،
فەنا يولىدا بوران ماڭا ھەمراھ بولمىسۇن.

- 0 - 0 - 0 -

ئىككىمىزنىڭ شولىسى سۇغا چۈشىدىكەن،
سۇ قاياققا ئاقسا، شۇ ياقتا رەنا گۈللەر ئېچىلىدۇ.

ئۆرۈم چېچىڭنى ئويلاپ خىيالىم بېلىڭ تەرەپكە كەتتى،
قارا، سەۋدالىق كىشىنى ھەر ئويغا سالىدىكەن.

زامان ساڭا زۇلۇم قىلسا، قەدەھنى تولدۇرۇپ مەي ئىچ،
سېنىڭ قانچە ئاياق قان يۇتقىنىڭ بىلەن زاماننىڭ نېمە پەرۋايى؟

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 19:44:09

يانفۇندا ئىنكاس يازماق يامان تەسكەن، ...ھازىرچە يوللىغىنىڭلارنى كۆرۈپ تۇراي.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 19:52:18

تەس ئەمەسقۇ؟ مەن تىلفۇندىلا چىقىمەن ، تىما يوللاش ، ئىنكاس يىزىش ھەممىسى تىلفۇندا قىلىمەن

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 20:43:40

زاھىد ساڭا ھۆرۇ،ماڭا جانانە كېرەك.
جەننەت ساڭا بولسۇن،ماڭا مەيخانە كېرەك.
مەيخانە ئارا ساقىيۇ پەيمانە كېرەك،
پەيمانە نىچە بولسا ئاندىن يەنە كېرەك.

مۇشۇ شېئىرنى تېلىۋىزوردىن يادلىۋالغانتىم، باشلانغۇچىتىكى ۋاقتىمدا.بەزى سۆزلەرنى خاتا ئەستە تۇتۇۋالمىغان بولسام ئىشقىلىپ مۇشۇنداق.  توغرىسىنى بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن. نەۋائىنىڭ قايسى كىتابىدىكى شېئىرىكىن بىلمىدىم.

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 21:11:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   flashboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-25 21:20  

مەسىھىيىلەر تەڭرىنى ئاتا دىيىۋالدى ، ئىنسانغا ئوخشاتتى  دەپ ئازغۇندىن   كاپىرغا سېلىپ تىللاپ يۈرۈيتىڭلار ، ئەمدى تەڭرىنى ھاراقكەش ساقى ،  مەبىتىم يارىم ئاشىقىم دەپ ھەرخىل ئاجايىپ غارايىپ  ئوخشاتقىلى   تۇرۇپسىلەرغۇ ؟ (:lol:lol:lol:lol:lol) چاخچاق ھە ...

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 21:39:04

تۈففىېي~ كىلە شۇم :lol
گىپىڭ بولسا پاكىتلىق  گەپ قىل ،بولىمسا........ئۈزەڭ بىلسەن؟

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 21:54:19

paliwan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 21:39 static/image/common/back.gif
تۈففىېي~ كىلە شۇم
گىپىڭ بولسا پاكىتلىق  گەپ قىل ،بول ...

قاسساپنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئىنكاسىنى كۆرۈۋال ...ئاندىن قاسساپتىن سوراپ باق ، مېنىڭچە قاسساپنىڭ  دىنى ئىلمى سېنىڭدەك جا موللىلاردىن چوڭقۇر ...پېشىنى تۇتۇپ بىرە ئىككى ئاي قوينىڭ پۇتىنى تۇتۇپ بەرسەڭ ، خېلى ھەپتىيەكتىن ساۋادىڭ چىقىپ قالىدۇ ..:lol ناۋائىنىڭ شېئىرىنى چۈشۈنۈشكە تېخى كىچىكلىك قىلىسەن ..ئەڭ ياخشىسى قاسساپقا شاگىرتلىققا كىر .

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 22:00:28

ئادەمنىڭ نۇمىسىنى كەلتۈرمە ئىسمىمنى تىلغا ئېلىپ. ھۇ مۇرتەد خۇمسى.  ئىنكاسىڭنى تەھرىرلەپ نامىمنى تىلغا ئالغۇچى بولما.  مال سويىدىغان گوداڭغىلا تىقىۋەتسە بولىدىغان مۇرتەد سەن.

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 22:01:25

شۇنداقمۇ؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 22:01:58

جىڭ خىرىستىيان بولغان بولساڭ ماڭا بۇنداق قوپال تەگمەيتىم.

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 22:05:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   flashboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-25 22:08  

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 22:00 static/image/common/back.gif
ئادەمنىڭ نۇمىسىنى كەلتۈرمە ئىسمىمنى تىلغا ئېلىپ. ھۇ مۇ ...

توۋا ، خۇدانى ساقى دىسە بولىدۇيۇ ،ئاتا دىسە بولمامدا؟ ئاشىقىم دىگەن ئادەم  مۇرتەد كاپىر بولمايدۇيۇ ، ھۆرمەتلەپ ئۇلۇغلاپ ئاتام دىسە كاپىر مۇرتەد بولامدا?? ? ؟ :lol :lol :lol

ئەمەلىيەتتە بۇنداق سۇئال ھەرقانداق نورمال تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ كاللىسىغا كېلىدۇ ،شۇڭا ئىلمىڭىزنى ئايىمىغايسىز ...

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 22:32:19

نەۋايىنى بىلىش ئۈچۈن 3يىل ئەرەپ تىلى4يىل فارس تىلى 5يىل مەدرىستە ئىلمىي بەلاغەت،ئىلمىي ئارۇز ...جەھەتلەردىن ئىلىم تەھسىل قىلىپ، 10يىل بىرەر پىر كامىلدىن ھال ۋە قال ئىلىملىرىنى تەھسىنلەپ روھنى پاكلىغاندا ،  نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ماھىيتىگە يىتىش مۇمكىن.     چۈنكى ئوتنىڭ قىزىقلىقنى مىڭ سۆزلسەكمۇ، ئوتتا كۈيۈپ باققان ئادەمدەك ھېس قىلالمايمىز!

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 22:43:37

:shutup:

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 23:03:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurbilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-25 23:53  

...

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 23:31:27

بىر نەچچە ئادەمنىڭ مارىلاپلا تۇرۇدىغانلىقىنى بىلىسىلە بولمىسا، پاس چىقىرىپ بەرمەڭلا بىكادىن.
بەت: [1] 2 3
: نەۋائىينىڭ مەيخانىسى