yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 22:59:20

ۋەھىمىلىك كېچە(ھىكايە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yuwax0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-24 23:02  

شوپۇرلوق پىراۋا ئىلىپ خىلى ۋاقىتلارغىچە ماشىنا ھەيدەپ يۇلغا چىقىشقا جۇرئەت قىلالمىدىم ،بەزى كىشىلەر بەكمۇ يۇرەكلىك بولىدىكەن پىراۋا تىخى قولىغا تەگمەي تۇرۇپ يۇرىگىنى قاپتەك قىلىپ ماشىننى ئۇچقاندەك ھەيدەپ يۇرىدىكەن .ئەل ئاغىنىلەرنىڭ ،خىزمەتداشلارنىڭ زاڭلىق قىلىشى بىلەن ئاخىرى ماشىنا ھەيدەپ يۇلغا چىقتىم نەچچە قىتىم قىزىل چىراقتا ئوچورۇپ قويۇپ نەچچە قىتىمنى تورمۇسنى دەسسەيمەن دەپ ماينى دەسسىۋىلىپ ماشىننى سىلكىپ ئۆچۈرۇپ قويۇپ دىگەندەك يىڭى ماشىنا ھەيدىگەنلەر بىشىدىن ئۆتكۇزدىغان <<ئىغىر كۈنلەر>>بىشىمدىن ئوتكۇزۇپ رۇلغا ئوبدانلا پىشىىپ قالدىم .بۈرۈن ماشىنا ھەيدەشكە ئانچە قىزىقمايتتىم ھەتتا ماشىنىلارنىڭ ماركىسىنمۇ بىلىپ كەتمەيتتىم ،ماشىنا ھەيدەشنى ئوگۇنىۋالغاندىن بىرى   ماشىنىلارنىڭ ماركىسىغا باھاسىغا دىققەت قىلىدىغان بولوپ قالدىم ،توردىن مەخسۇس ماشىنىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىزدەيدىغان بولوپ قالدىم ،ئەتراپىمغا قارىسام ھازىر كۆپ كىشىلەردە ماشىنا بار ئىكەن ئەل -ئاغىنە ،خىزمەتداشلارنىڭ كۆپىدە شەخسىي ماشىنا بار ،گەرچە بىزنىڭ بۆلۈمدە ئۇچەيلەنگە بىر ماشىنا بولسىمۇ لىكىن شەخسىي ماشىنا بولغانغا يىتەمدۇ .ئوزەڭ خان ئوزەڭ بەگ ئىشلىتىسەن .شۇنىڭ بىلەن ئىچېمگە بىر ماشىنا سىتېۋىلىشى ئوتى تۇتاشتى .بۇ خيالىمنى ئايالىمغا ئىيتتىم چۇنكى ئائىلىمىزدە ئىقتىساد قىلغان ئاشۇ بىر نەچچە ئون مىڭ يۇەن مىنىڭ كاتتا بولمىسىمۇ ئاددىيراق بىر ماشىنا سېتىۋىلىشىمغا يىتەتتى ،بۇ پۇلنى ئايالىم ئىككەيلەن يىللىق مۇكاپات دىگەندەك ئىشىنچا پۇللاردىن يىغىپ قۇيغان ئىدۇق ،ئەسلىدە ھازىرقى ھۇيلىمىزنى ساقلاپ قىلىپ ئىداردىن بىنا بەرسە بىنا سىتىۋېىلىشى دىگەن پىلانىمىز بار ئىدى .ئايالىم مىنىڭ ماشىنا سىتېۋىلىشى پىلانىمغا دەسلەپ كەسكىن قارشى تۇردى ،لىكىن مىنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشىلىشىم بىلەن سەل ئۆيلىنىپ قالدى .
خوتۇن ھازىر ھەممە ئائىلىدە ماشىنا بولوپ كەتتى ،ماشىنا بولسا بالىلارنى مەكتەپتىن ئىلىپ كىلىشى ،مىھماندارچىلىق ،ھەتتا ساياھەت ئىشلىرىغا ئەپلىك ئەمەسمۇ ؟دىدىم
-ماشىننىڭ ماي پۇلىنى قانداق قىلىسىز ھەر ئايدا ئاز ماي كەتمەس دىدى ئارسالدا بولوپ ئايالىم .
-خاتىرجەم بولە ،ئىشتىن چۇشكەندە قارا تاكسىچىلىق قىلىپ ماينىڭ پۇلىنى تاپىمەن ،مىنىڭ ئاغىنىلىرىمنىڭ ھەممىسى ماشىنىسىنىڭ ماي پۇلى رىمۇت پۇلىنى كىرا قىلىپ تىپىۋاتىدۇ ھەتتا ئائىلىنىڭ ئۇششاق -چۇششەك چىقىمىنى كوتۇرۋاتىدۇ دىدىم .ئايالىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىراقلا بوشاپ كەتتى .
شۇنداق قىلىپ  يامان ئەمەس بىر ماشىنا سىتىۋالدۇق ماشىنا دىگەن راس قۇلايلىق نىمىكەن .ماشىنا تۇرمۇشۇمغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى .
لىكىن مۇشۇ ئەل ئاغىنىلەر بىلەن ئانچە مۇنچە  يىغىلىپ بىر -ئىككى سەر قىقىپ قويۇپ ماشىنا ھەيدەيدىغان مىجەزىمنى ئوزگەرتەلمىدىم ،دەسلەپ قولومدا رۇل بار ئىشمەيمەن دەپ رۇمكىنى قايتۇراتتىم ،لىكىن سۇرۇندا پاراڭ قىزىغاندا ئۇزەمنى باسالماي ئىچىۋالاتتىم .
-پەقەت ئىسىمدە چىقمايدۇ ئاشۇ كۇنى ئاۋال بۇران چىقىپ يامغۇر ياغدى ،ئەل ئاغىنلەر بىلەن مۇشۇنداق ھاۋا ناچار كۇنلىرى سورۇن قۇرىۋالاتتۇق  .شۇ كۇنى سۇرۇن بەك قىززىدى ناخشا -مۇزىكا كۇلكە چاقچاقلار بىلەن قىززىقچىلىقتا ئىككى رۇمكا ئىچىپ توختاپ قالىمەن دىگەن ئادەم ئوزەمنى تۇتالماي سۇرۇن تۇگىگىچە ئىچىپتىمەن .بىز سورۇندىن قايتقاندا كوچىدا ئادەم قالمىغان بولوپ قىيا-چىيا قىلىشىپ ئوزئارا كوڭۇل چۇشەندۇرۇپ قايتىقىچە خىلى ۋاقىت بولدى .ماشىننى ھەيدىمە دەپ ئاچقۇچنى تارتىۋالماقچى بولدى ئاغىنەم ئەلى .
ياق مىنىڭ كاللام ساق ھەممىڭلارنى ئۆيۇڭلارغا ئاپىرۋىتىمەن  دىدىم ئوزەمگە ئشىنىپ ياق ئۇنداق بۇلسا ئۇدۇل ئويۇڭگە قايتىپ كەت دىدى ئەل ئاغىنىلەر بىر-بىرسىگە يۇلىنىپ تاكسى تۇراپ قارىسام ھىچكىم مىنىڭ ماشىنامغا چىقمىدى .سەل ئاچچىغىم كىلىپ ماشىننى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئايالاندۇرۇپ ئۇزەمنىڭ مەس بولمىغانلىغىمنى كاللامنىڭ سەگەك ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ قويۇپ ئۆي تەرەپكە قاراپ ماينى دەسسىدىم .
شەھەر ئىچىدە ئانچە -مۇنچە چىراقلىرىنى لاپىلىدىتىپ مىڭىپ يۇرگەن چارلاش ساقچىلىرى بولغاچقا ماشىننى نۇرمال ھەيدەپ تخمۇ سەگىپ كەتتىم .شەھەردىن چىققاندىن كىيىن مەھەللنىڭ دەرەخلىك يۇلىغا كەلگەندە ناخشا دىگەننى بولىشىغا قويۇپ  ماشىننى ئۇچۇرۋەتتىم .ئىچكەن ھاراقنىڭ كەيپىدىن بەدىنىم قىززىپ ئاغزىم قۇرۇپ كىتىۋاتتى ،خيالىمدا بالدۇرراق ئۆيگە قايتىشنى ئۆيلاتتىم ،قىرىشقاندەك بىزنىڭ مەھەللىگە ماڭىدىغان دەرەخلىك يۇلنىڭ چىرىقى بۇگۇن يانمىغان ئىدى .بەزىدە ئانچە مۇنچە ئۇدۇلدىن كەلگەن ماشىنىلارنىڭ چىرىقىدا يۇلنى ئاران كورەتتىم .مەھەللىنىڭ بۇ دەرەخلىك يۇلى شۇ كۇنى ماڭا بەك ئۇزۇن بىلىنىپ كىتۋاتقان ئىدى .شۇ ۋاقىتتا  تۇيۇقسىز يۇلنىڭ ئوتتۇرسىدا قارا بىر نەرسە باردەك بىلىندى لىكىن تورمۇس تۇتۇشقا ئولگىرەلمىدىم ماشىنا بىر نەرسىگە قاتتىق ئورۇلغاندەك بۇلوپ سىلكىنىپ كوتۇرۇلوپ كەتتى .
مەسلىكتىن يىشىلىپ كەتكەندەك بۇلوپ ماشىننىڭ سۇرئىتىنى ئاستىلاتتىم  ئالدى كەينىمدە ماشىنا يۇق ئىدى .مەن زادى نىمە ئىشى بۇلغاندۇ دەپ ماشىننى كەينىگە بۇراپ يۇلدىكى مەن سۇقۇۋەتكەن قارا نەرسىگە چىراق يۇرۇتتۇم دە چۇچۇپ كەتتىم ،قۇرۇققىنىمدىن پۇتۇن بەدىنىم جاقىلداپ تىتىرەپ كەتتىم چۇنكى مەن سۇقۇۋەتكەن نەرسە ئادەم ئىدى . يۇلنىڭ ئوتتۇرىسدا پوكلىشىپ يىتىشىدىن ئۇ ئادەمنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بۇلاتتى .شۇ بىر نەچچە سىكۇنىتتا كاللامدا ھەر خىل خياللار ..قانداق قىلىشىم كىرەك چۇچۇپ قۇتقۇزۇشىم كىرەك .ياق ھىچكىم كورمىدى ،ئۇنىڭ ئوستىگە مەن ھاراق ئىچىتىم گۇناھنىڭ ھەممىسى ماڭا ئارتىلىدۇ تۇرمىدە ياتىمەن ،قىچىشى كىرەك .شۇ قىسقىغنە نەچچە سىكۇنىت ئىچىدە كىيىنكى خيالنى تۇغرا كوردۇم ماشىىنى قۇزغاپ كەينىگە ئايلاندۇرۇپ ئۆي تەرەپكە قاراپ يۇقۇرى سۇرئەتتە ماڭدىم ،شۇ ۋاقىتتىكى قۇرقۇنۇش مەن سۇقۇۋەتكەن ھىلىقى قارا گەۋدە ماشىنام كەينىمدىن قۇغلاپ كىلىۋاتقاندەك ،ئۇنىڭ كەينىدىن ساقچى ماشىنىسى قۇغلاپ كىلىۋاتقاندەك ..ماشىننى ھويلىغا ئەكىردىم ھۇيلىدىكى سۇ تۇربىسىدىن سۇ ئىلىپ ماشىننىڭ چىقىنى ئالدىنى يۇماقچى بولوپ ئالدىغا ئوتتۇم .ماشىنا ئالدى چىراق تەرەپ چاق قانغا بۇيىىلىپ كىتىپتۇ .بۇلوپمۇ ماشىننىڭ چوڭ چىرىقى چاچرىغان قان داغلىرىدا بىر خىل قۇرقۇنۇشلوق يىنىپ تۇراتتى .
قۇللىرىم تىتىرەپ ماشىندىكى قان داغلىرىنى ئەتكۇدەك مادار يۇق ئىدى .تىتىرەپ جاقىلداپ ئاران ئىتىپ تۇگەتتىم دە ئۆيگە كىرىپ ياتتىم .ئايالىم ماشىنا ھەيدەپ ھاراق ئىچكەنلىكىمنى بىلگەچكىمۇ خاپىلاپ قاراپمۇ قويمىدى .قارىمىغىنى ياخشى بولدى ،چۇنكى چىرايىمدىن  مىنىڭ بىر ئىش  چىقىرىپ قويغانلىقىمنى بىلىپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى .
كىچىچە ئوخلىيالمىدىم ،كۆزۇم ئازراقلا ئۇيقىغا كىتىدۇ دە كۆز ئالدىمغا يۇلدا ياتقان ھىلىقى قارا گەۋدە بىلەن ماشىنا چىرىقىدىكى ھىلىقى چاچرىغان قان كىلىۋىلىپ چۇچۇپ كىتىمەن. شۇنداق قىلىپ قايسى ۋاقىتلاردا ئوخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن .ئايالىمنىڭ مىنى نۇقۇپ ئۇيغىتىشىدىن چۇچۇپ كەتتىم
-تىز قوپۇڭ مەھەللىدىكى قاسمجان ماشىنا ھادىسىغا ئۇچراپ تۇگەپ كىتىپتۇ  پەتىگە كىرىپ قويۇڭ دىدى .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۇچۇپ كەتتىم  تۇنۇگۇن كەچ بۇلغان ئىشلارنى كاللامدىن يالىت قىلىپ ئۇتۇپ كەتتى ،دەرھال ئۇرنۇمدىن تۇرۇپ يۇز كۆزۈمنى يۇيۇپ خوشنىمىز  قاسىمنىڭ ئۆيىگە چىقىتىم
قاسىمنىڭ ھويلىسى قىيامەت -قايىم بۇلىۋىتىپتۇ
قاسىمىڭ ئايالى ئىككى بالىسى، ئاپىسى  قىيامەت قىلىپ يىغلاۋاتتى .قاسىمنىڭ مىيتى بار ئۆيدىن بىر نەچچە ساقچىلار جەسەت تەكشۇرۇش سايمانلىرىنى كوتۇرۇپ چىقتى ،ھويلىدىكى پەتىگە كىرگەنلەرنىڭ پاراڭلىرىغا دىققەت قىلدىم .رەھمەتلىكىنى ماشىنا سۇقىۋىتىپ قىچىپ كىتىپتۇ  ساقچىلار ماشىننى ئىزدەۋىتىپتۇ ،قانداق ھايۋاننىڭ ئىشىدۇر ۋاقتىدا قۇتقۇزۋالسا رەھمەتلىك ھايات قالار بۇلغىيتى  .
-ساقچىلار تاپالارمۇ ؟
-شۇ كۇنى توك يۇق سىن ئالغۇغا چۇشمەپتۇ دەيدۇ
-بۇ گەپلەرنى قۇلىغىمنى دىڭ قىلغاچ ،تەشۋىشى ،قۇرقۇنۇش ،پۇشايمان ئچىدە رەھمەتلىك قاسىمجانغا تەيارلاپ قۇيغان جىنازا تۇۋىدە تىرىك مۇردىدەك تۇراتتىم .
داۋامى بار ..ئاپتۇرى يۇۋاش0999

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 08:07:32

سافا

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 08:44:37

يېرىم كېچىدە يولنىڭ ئوتتورسىدا نىمە قىلار بولغىيتى بىچارە

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 11:17:47

داۋامى..
-رەھمەتلىك قاسىمجاننى يەرلىككە قويىۋەتتۇق ،قاسىمجاننىڭ بالا -چاقىسى ۋە مەھەللىدىكىلەر قاتناش ساقچىلىرىنىڭ جىنايەتچىنى ۋاقتىدا تۇتۇپ قاتتىق جازالاپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئەرىزنامە يىزىپ تاپشۇردى  ئەرىزنامىگە مەھەللە جامائىتى ئىمزا قويدى ،ئىمزا قويغۇچىلار ئىچىدە مەنمۇ بار ئىدىم .ئىمزا قويغاندا خىجالەت ۋە قۇرقۇنۇش ئىچىدە قەلەم تۇتقان قوللىرىم تىتىرەپ ئىسمىمنى ئاران يازدىم ۋە قاسىمجاننى يەرلىككە قويغان كۇنى بۇ ئەرىزنامىنى ساقچىغا تاپشۇردۇق ،ساقچىلار دىلونى ۋاقتىدا پاش قىلىپ جىنايەتچىنى چوقۇم تۇتىدىغانلىغى تۇغرىسىدا ۋەدە قىلىپ قاسىمجاننىڭ ئائىلىسگە تەسەللى بىرىپ كەتتى .
-ئەتىسى ساقچىلار قاسىمجاننىڭ ئائىلىسگە كىلىپ قاسىمجاننىڭ ھاراق ئىچىدىغان ئىچمەيدىغانلىغى تۇغرىسىدا ئەھۋال ئىگەللەپ كىتىپتۇ .رەھمەتلىك قاسىمجان ئاخ كۇڭۇل يۇۋاش بۇلغىنى بىلەن ئانچە -مۇنچە ئىچىپ قوياتتى ،ساقچىلارنىڭ ھاراق ئىچكەنلىگىنى سۇرۇشتە قىلغىنىغا قارىغاندا قاسىمجان ھادىسگە ئۇچرىغان كۇنى ھاراق ئىچىپتىكەندە ئەسلى دەپ ئويلىدىم
ساقچىلار بۇ دىلۇنى قاتتىق تەكشۇرۋاتتى .ئىچىمدىكى قورقۇنۇش كۇندىن كۇنگە كۇچىيىپ كىتىۋاتتى .ساقچىلار دىلۇنى پاش قىلغىچە ئۇزەمنى مەلوم قىلايمۇ ؟قاسىمجاننىڭ ئىگە چاقىسىز قالغان بالىلىرىغا تولەم تۇلەپ بىرەيمۇ ؟
ياق مەن ھاراق ئىچىپ دىلو سادىر قىلدىم جازالىنىپ كىتىمەن ،خىزمىتىم يۇق بۇلىدۇ ،مەن تۈرمىگە كىرىپ كەتسەم  مىنىڭ بالا چاقامنى كىم باقىدۇ .
-ھەر خىل خىيال ،ئىككىلىنشى ،ۋىجدان ئازابى دەردىدە تاس قالدىم ساراڭ بولوپ قالغىنى ئىدارىدىن روخسەت سوراپ ئىشقا بارمىدىم ،ئويگە كېرىمەن چېقىمەن ،گۇناھىم ئازراق بولسىمۇ يىنىكلەپ قالار دەپ قاسىمجاننىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا يۇگرەپ يۇرۇپ خىزمەت قىلىمەن  ئۇن -مايلىرىنى ئەكىلىپ بەردىم  ،بىر ياقتىن قاسىمجاننىڭ ئۇرۇق -تۇققانلىرىدىن دىلو ئەھۋالىنى تىڭ -تىڭلايمەن .ئۇ كۇنلەردە گىلىمدىن تاماقمۇ ئۇتمەيتى ،شۇ كۇنى كېچىسى بۇلغان ئىشىنى ئوزەمدىن باشقا ھىچكىمگە دىيىشكە پىتىنالمايتتىم،ئايالىم مەندىكى نۇرمالسىزلىقلارنى ھىس قىلغان بولىشى كىرەك ،نىمە بولدىڭىز ئۆلمەيدىغان ئادەم بارمۇ قاسىمجان تۇگەپ كەتكەندىن كىيىن بىر قىسىمىلا بولوپ قالدىڭىز ئۇنچىلا قىلىپ كەتمەڭە دەپ ماڭا تەسەللى بەرگىلى تۇردى ئادەمنى تىخمۇ قورقىتىپ .
قاسىمجان تۇگەپ يەتتىنجى كۇنى، ساقچىلار مەھەللىدىكى ماشىنىنىلارنى تىزىملاپ تەكشۇرۋىتىپتۇ دەپ خەۋەر ئەكىردى ئايالىم. بۇلمىدى ئىشى چاتاق ،ئوزەمنى مەلوم قىلاي كەسكىن قارارغا كەلدىم .ئايالىمغا بالامغا قىيمىغاندەك بىر قاراپ قويدۇم .ئۆيدە نىمە كەم نىمە تولوق چوڭلار مەن تۇرمىگە كىرىپ كەتكەندىن كىيىن بەرداشلىق بىرەلەمدۇ ؟ئۇلارغا ئالدىن ئالا دەپ قويۇپ ئىدىيىۋى تەيارلىق قىلىپ قويۇش كىرەكمۇ دىگەن خىياللار بىلەن بىر كۇن ئۆيدىن چىقماي تورۇسقا قاراپ ياتتىم كىچىچە ئۇيقا يۇق  .ئەتىسى ئەتىگەن ئەڭ ئاۋال دادامغا خەۋەرلەندۇرۇپ قوياي چۇنكى دادام ئاغرىقجان بەرداشلىق بىرەلمەسلىكى مۇمكىن دەپ داداملارنىڭ ئۆيىگە قاراپ پىيادە ماڭدىم .كوچا دوقمۇشىغا چىقىشمغا بىرسىنىڭ ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى ،قارىسام رەھمەتلىك قاسىمجاننىڭ قىينى ئاكىسى ئالىمجان ئىكەن ،ئالىمجان ماڭا يۇقۇرى ئاۋازدا قاسىمجاننى  سوقۇۋىتىپ قىچىپ كەتكەن شۇپور ئوزىنى مەلوم قىپتۇ ،مەن قاتناش ساقچى ئەترەتكە ماڭدىم دىدى .نىمە ؟چۇچۇپ كەتتىم بۇ گەپتىن .ۋاي راس مەن بىلەن بىللە بار بولمىسا ئالىمجان .
بىللە باراي دىدىم ،ھەيرانلىق ۋە قورقۇنۇش ئىچىدە .ئالىمجان ئىككەيلەن قاتناش ساقچى ئەترەتكە باردۇق بىز بارغىچە قاسىمجاننىڭ ئايالى ۋە باشقا ئۇرۇق -تۇققانلىرى ئاللىقاچان قاتناش ساقچى ئەترەتكە كىلىپ بوپتىكەن قاتناش ساقچى ئەترەتنىڭ ئالدىدا ئالدى مىجىلىپ كەتكەن چىراقلىرى چول -چول بۇلوپ كەتكەن بىر قارا رەڭلىك سانتانا ماشىنا تۇراتتى .قاسىمجاننى ئۇرىۋەتكەن ماشىنا مۇشۇ ماشىنا ئىكەن ،شۇپۇر تۇۋەنكى مەھەللىك ياسىنكامنىڭ كىىچىك ئۇغلى ئەركىن ئىكەن .شۇ كۇنى قاسىمجاننى سوقۇۋىتىپ قىچىپ كەتكەن بۇلوپ  ماشىنا قاسىمجاننىڭ باش قىسمىغا سوقۇلغان بولوپ قاسىمجان نەق مەيداندا جان ئوزگەن بولوپ ،ئەركىن قاسىمجاننىڭ جان ئۇزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يالغان نەق مەيدان ياساپ قىلمىشىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش ئۇچۇن جەسەدنى يۇلنىڭ ئوتتۇرسىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ قىچىپ كەتكەن  ئىكەن .قاسىمجاننىڭ جەسىدىنى باشقا ماشنىلارمۇ  يەنە دەسسەپ ئوتۇپ كەتكەن ،شۇڭا ئاساسلىق دىلو سادىر قىلغان ئەركىن قىلمىشىنىڭ پاش بولوپ قىلىشىدىن قورقوپ ئوزىنى مەلوم قىلىپتۇ ،قاسىمجانمۇ شۇ كۇنى ھاراق ئىچكەن بولوپ قان تەكشۇرۇشتىن ئۇنىڭ قىنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى خىلى يۇقۇرى چىقىپتۇ دىگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇھ دىدىم ئىچىمدە ..
لىكىن ئاشۇ كىچىسىدىكى ۋەھمىنى ۋە قورقۇشنى ئوزەمدىن باشقا ھىچكىمگە دىمىدىم شۇندىن كىيىن ھاراق ئىچىشنى تاشلىدىم ماشننىمۇ سىتىۋەتتىم .ھەر قىتىم قاسىمجاننىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكەندە بىر خىل پوشايمان ۋە خىجىلچىلىق مىنى ئازابلايدۇ .گەرچە قاسىمجاننىڭ ئولوپ كىتىشىگە مەن سەۋەپچى بولمىغان بولساممۇ  ،ئوزەمنى مەڭگۇلوك كەچۇرگىسىز گۇناھ قىلغان ئىنسان دەپ ھىسى قىلىمەن .
--تۇگىدى --

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 11:21:44

بۇ ھىكايە يارىدى .....

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 12:55:59

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 13:15:57

:L  بۇ راست بولغان ئىشتەك تۇرىدۇ -ھە...

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 13:52:23

ئاخىرى نوچىكەن

aymakbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 14:56:54

راس  بولغان  ئىشتەك  تۇرىدۇ   ئەگەر  جىنايەتچى  ئۈزىنى  مەلۇم قىلمىغان  بولسا  باش پىرسۇناژ جىنايەتچى بۇلۇپ  تۈرمىگە كىرىشى ۋە تۈلەم تۈلىشى  تۇرغانلا گەپ

5tash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 15:12:37

{:101:}

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 17:56:42

زاكاس

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 18:53:56

بۇ ھىكايىدە سوزلەنگەن ئىشلارنىڭ 60%ھەقىقى بولغان ۋەقە، لىكىن بۇ ئىشقا ئۇچرىغان  مەن ئەمەس جۇمۇ..{:116:}
بەت: [1]
: ۋەھىمىلىك كېچە(ھىكايە)