jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 22:54:38

قاتناشقا ئالاقىدار سۇئال جاۋاپلار

سۇئال - جاۋاپلار

2014-02-25 katnax bilimliriئەسكەرتىش:   پراۋا تىپىنى چۈشىنىشلىك قىلىش ئۈچۈن لاتىنچە يازايلى دىسەك ، سېستىما ئۇيغۇرچە كونا يىزىق بىلەن لاتىنچە يىزىقنى ئارلاشتۇرۇپ يازغاندا گرامماتىكىلىق خاتالىق كۆرۈلۈپ ، سۆزلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كىتىپ ، جۈمىلىدە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، بارلىق لاتىنچە ھەرپلەرنى كونا يېزىق بويىچە ئالدۇق، توغرا چۈشەنگەيسىلەر
 
سۇئال: مىنىڭ ئا1، ئا2 پراۋام بار ئىدى، ئا1پراۋامنى يىڭىدىن كۆپەيتىپ ئوقىغان ئىدىم، يىقىندا بىر يىللىق پراكتىكا ۋاقتى توشاتتى، مەن يەنە ئىمتىھان بېرەمتىم؟ قايسى تۈردىن بېرىمەن 
      جاۋاپ: «ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش نىزامى» «ج خ مىنىستىرلىكى 123- نۇمۇرلۇق بۇيرۇقى» دىكى 64- ماددىغا ئاساسەن: ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تۈنجى ئىلتىماس قىلغانلار ھەم ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىش تۈرىگە كۆپەيتىپ ئوقۇغانلار كىنىشكە ئىلىپ 12 ئايغىچە پراكتىكا ۋاقتى بولىدۇ.  يىڭىدىن ئالغان چوڭ پراۋىلارنى (چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتۇموبىلى، چاتما پرىتسىپلىق يۈك ئاپتۇموبىلى، شەھەر ئىچى ئاممىۋى قاتناش ئاپتۇبۇسى، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتۇبوسى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتۇموبىل پراۋىلىرى) پراكتىكا مەزگىلى توشۇپ 30 كۈنگىچە يول - قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن- نىزاملىرى مەدىنىي يول يۈرۈش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.بۇ دىمەك چوڭ پراۋىلارغا قارىتىلغان ، س پراۋا بۇنىڭ سىرتىدا  .
  سۇئال : پراۋىغا تىزىملاتقاندىن تارتىپ قولىمىزغا تىگىشكە نەچچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ؟
            جاۋاپ: سىز تىزىملىتىپ ، مەكتەپنىڭ ئوقۇش ۋاقىتلىرىغا تولۇق رىئايە قىلىپ، نەزىريە مانچە سائەت، ئەملىيەت مانچە سائەت ، يول مەشىقى مانچە سائەت دىگەن تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ شۇ ۋاقىتنى تولۇق توشقۇزىسىز، ئاندىن مەكتەپ سىزنى ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ، شۇلار ئىچىدىن دەرس سائىتىڭىز تولۇق توشمىسا ئورۇنلاشتۇرالمايدۇ دىگەن گەپ، دىمەك ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك، يەنە كىلىپ ، تولۇق قاتناشسىڭىزمۇ ماھارەتنى پىششىق ئىگەللەپ كىتەلمىسىڭىز ، سىزنى چالا ئىكەن دەپ ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇرمايدۇ، چۈنكى ماھارەت ، تېخنىكا پىششىق بولمىسا، پىراۋا ئىلىپ يولغا چىقىش خەتەرلىك دەپ قارايدۇ! ئادەتتە 3 ئاي ئەترەپىدىلا چىقىدۇ! 
سۇئال :س پراۋىدا نەچچە كىشلىك ئاپتۇموبىل ھەيدىگىلى بولىدۇ؟ جاۋاپ: 7 كىشلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن  ئاپتوموبىل ھەيدىسىڭىز بولىدۇ، يۈك ماشىنىلىرىدىن يىنىك تىپتىكى يۈك ئاپتۇموبىلى يەنى ۋىيشىڭ (مىكروتىپلىق دەپ قويىدۇ خەنزۇچە) ھەيدەشكە بولىدۇ. 
   سۇئال : مەن 2007 -يىلى ب 2 پىراۋا ئالغان بۇيىل پىراۋامنى ئا2 گە ئالماشتۇرغان لىكىن پىراۋامغا پىراكتىكا دەپ بىسىلىپتۇ .مەن پىراكتكا مەزگىلدە ئۆزۇم يالغۇز يۇك ماشىنى ھەيدىسەم بولامدۇ؟پىراكتىكا مەزگىلىدە قانچە نومۇر خاتىرلەنسە پىراكتىكا ۋاقتى ئۇزىراپ كەتمەيدۇ؟ 
          جاۋاپ : چوڭ پىراۋىلارغا كۆپەيتىپ ئوقۇسىڭىز پىراكتىكا ۋاقتى دەپ چىقىشى مۇقەررەر، ئۆزىڭىز يالغۇز ھەيدىسىڭىز بولىدۇ ئەمما يۇقۇرى سۈرئەتلىك يوللاردا ھەيدىسىڭىز بولمايدۇ، يىنىڭىزدا چوقۇم 3 يىلدىن يۇقۇرى سىتاژغا ئىگە كونا شوپۇر بولۇشى شەرت، پىراكتىكا مەزگىلىدە بىر قىتىمدىلا 6 نۇمۇردىن ئارتۇق12 نۇمۇردىن تۆۋەن تارتقۇزسىڭىز پراكتىكا ۋاقتىڭىزنى بىر يىل ئۇزارتىۋېتىدۇ، 12 نۇمۇرنى بىراقلا تارتقۇزسىڭىز، كۆپەيتكەن پراۋىڭىز تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋېتىدۇ ياكى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ
   سۇئال :  س1 پراۋامدىن 3 نۇمۇر تۇتۇلغان ئىدى، بۇ يىل ۋاقتى توشقاندا يەنە يىللىق تەكشۈرتەمدىم؟ بولمىسا نۇمۇر تولۇقلىنامدۇ ؟ چۈشەنچە بەرسىڭىز؟ 
    جاۋاپ : ياق، ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، 12 نۇمۇر تولۇق تارتىلىپ كەتمىسىلا ھەر يىلى پراۋىدىكى ۋاقىت توشسىلا ئاپتوماتىك نۇمۇر تولۇقلىنىپ ماڭىدۇ، يىل ئۆرۈلسە ئەمەس، پراۋىڭىز ئۈستىدىكى پراۋا ئالغان ۋاقىت بويىچە بىر يىل توشسىلا تولۇقلىنىدۇ، 6 يىلدا بىر قىتىم يىللىق تەكشۈرتىشكە قاتنىشىسىز .
     سۇئال : ياخشىمۇ سىز؟ مەسلىھەت سوراي دىگەن، مىنىڭ پراۋام يۈتۈپ كەتكەن ئىدى، باشقىلار نۇمۇرنى ئىشلىتىۋالارمۇ؟ قانداق تولۇقلايمەن؟ شوپۇرلارنى باشقۇرۇش مەركىزىگە بارساملا بۇلامدۇ؟ 
     جاۋاپ : ياخشىمۇ سىز، يۈتۈپ كەتكەن بولسا دەرھال تولۇقلايسىز ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال گېزىتكە ئېلان بېرىۋېتىپ يۈتۈپ كەتكەن كىنىشكىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىۋېتىسىز، ھەم ئىسپات ئۈچۈن ئىلىپ قويىسىز. ئاندىن تولۇقلاپ بىجىرىسىز، ئاندىن باشقىلارمۇ ئىشلىتەلمەيدۇ. ۋاقىتنى قانچە چىڭ تۇتسىڭىز ئۆزىڭىزگە شۇنچە ياخشى    ----------------------------
مەنبە : ئۈندىدار قاتناش سالونى

osmanturpan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 08:40:26

«ئۈندىدار قاتناش سالونى» سالونىكىلىقلارغا نومۇرى قانچە؟ قانداق قوشۇۋالىمىز.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 10:28:41

خەلقئارا پراۋا بىلەن قانداق قىلغاندا جۇڭگونىڭكىنىمۇ ئالغىلى بولىدۇ؟ مەسلىھەت كۆرسىتىڭلار بالىلار؟

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 14:37:44

ئا2 نى قانداق رەسمىيەت ئىمتېھان ئۆتكەللىرىدىن ئۆتسەك ئا1 غا ئۆزگەرتەلەيمىز؟{:107:}

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 14:42:29

قايتا كۆپەيتىپ ئوقۇيسىز  ، ئىمتاھان بېرىسىز.....  يۇقىردا تۇرمامدۇ جاۋابى

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 15:01:36

گىپىمنى تازا ئېنىق ئۇقتۇرلمىغان ئوخشايمەن.مەن دىمەكچى قايتا كۆپەيتىپ ئوقۇسام، يېڭدىن پىراۋا ئېلىشقا تىزىملاتقاندەك ،نەزىرىيە ئىمتىھانى،كېچىدە ھەيدەش ئىمتىھانى،يول ئىمتىھانى،خادا ئىمتىھانى....دىگەندەك بىر مۇنچىلغان ئىمتىھانلارنىڭ ھەممىسىنى بىرەمدىم ياكى مەلۇم بىر قىسمىنى بەرسەم بۇلامدىغاندۇ؟ دىمەكچى.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 15:06:21

ياق ، نەزەرىيە ئىمتاھانىنى ئوخشاش بېرىسىز ، ئەمەلىيەت ئىمتاھانىدا بىرلا يولغا چىقىش تۈرىلا بارغۇ دەيمەن (بۇرۇن شۇنداق ئىدى ، يېڭىدىن ئۆزگەرگەن بولسا قانداقكىن؟)

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 15:23:34

رەھمەت، شۇنداق بولسىغۇ ناۋاتتەك ئىش بولىتى.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 21:58:49

رادىئودىكى قاتناش ئۇچۇرى پىروگىراممىسىنىڭ ۋېيشىن نومۇرى يا ئىسمى نىمە ؟ پەقەت بىلمىدىم … ھەر ئاچسام ئوتتۇرىدىن ئاڭلايمەن

nawa717 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 22:52:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nawa717 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-25 23:20  

osmanturpan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 08:40 static/image/common/back.gif
«ئۈندىدار قاتناش سالونى» سالونىكىلىقلارغا نومۇرى قان ...


چ چ توپى نومۇرى : 218945879

كىرىش ئىلتىماسى يوللىغاندا چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئىسمىڭىزدا ئىلتىماس قىلىشىڭىز كىرەككەن، بولمىسا قوشمايدىكەن توپقا...
ئۇندىدارتوپىنىڭ نۇمۇرىنى 101.7پ م مانا مۇشۇنداق دىگەندەك قىلغانتى....

ھازىرچە ماشىنىڭىزنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلمىشىنى تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز ماۋۇ تور بەتتىن پايدىلىنىپ تۇرارسىز....
http://124.117.209.131:8088/WebVeh/WfQuery/JdcWfQuery/Search.aspx

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 08:21:51

ئۈندىدار دا   UBS1046 دەپ ئىزدەپ قوشىۋالساق بولىدۇ
بەت: [1]
: قاتناشقا ئالاقىدار سۇئال جاۋاپلار