qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 20:01:58

كىچىك بالىنىڭ ئاغىزى ئاغرىپ قالسا قانداق قىلىمىز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئىزدىنىش تورىدىكى ئەزىزلەر   
ئوغۇلۇم تۇغۇلغىنىغا بۈگۈن  20 كۈن بولغان   ئىككى ئۈچ كۈن بولدى   ئوغۇلۇمىنىڭ تىلى ئاپاق بولۇپ كېتىپتۇ.  كېچىسى بەك يىغلايدۇ.  
چوڭلاردىن سورساق ئېغىزى ئاغىرىپ قاپتۇ دەيدۇ.   دوختۇرخانىدىن دورا ئەكلىپ  بەرگەن.  ئۇ دورا بەك ئاچچىق ئىكەن بالىنىڭ ئېىغىزىغا  پۈركۈپ بولغىچە باللا بەك  يىغلاپ كەتتى.  شۇنىڭ بىلەن  ئۇ دورىنى ئىشلەتمىدۇق.
يەنە بىر ئىش  ئانىسىدا سۈت ئازلاپ كەتتى. سۈت كۆپەيتىدىغان  ئوزۇقلۇقلار بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار.
يەنە ئوغۇلۇمنىڭ بەزىدە ئىچى قېتىپ قالىدۇ.  ئىچى قېتىپ  قالسا  دورا ئىشلەتمەي  ساقايتىدىغان ئۇسۇل بولسا دەپ بەرسەڭلار.
كىچىك باللا زۈكام بولۇپ قالسا قانداق ئۇسۇلدا داۋالىساق ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. كېچىسى  تىنالماي  ئېغىزىدا تىنىدۇ بىچارە بالام بەك ئىچىم  سىيرىلىپ كېتىدۇ.
مۇشۇ ئىشلاردا  بېشىڭلاردىن ئۆتكەن تەجىرىبەڭلارنى دەپ بەرسەڭلار  بالامغا كىچىك تۇرۇپلا  دوختۇرخانىڭ دورلىرنى   ئىچكۈزۈشنى  پەقەت خالىمىدىم.

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 00:00:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qoldikibulah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-25 00:05  

ئېيتقانلىرىڭىزغا قارىغاندا بالىڭىزنىڭ قۇرۇق ئىسسىقى بەكلا ئېشىپ كېتىپتۇ. تۇغۇتلۇق ئايالغا ئادەتتە قىرىقى ئىچىدە قورۇلغان تاماقلار بېرىلمەيدۇ، ئەگەر بېرىلسە ئانىنىڭ سۈتى ئازلاپ كېتىدۇ. ئانىنىڭ قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە تەبىئىيلا بالىنىڭمۇ قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ.ھازىرقى ئەھۋالدا بالىنىڭ ئىچى قۇرۇق ئىسسىقتىن قېتىۋالغان. شۇڭا بالىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىغا يانتاق شېكىرى قوشۇپ بېرىڭ. ئاغزى ئاغرىغان بالىلارغا ئادەتتە يەرلىك ئۇسۇلدا بالىنىڭ ئاغزىغا قوي سۈتى ئالدۇرۇلسا ياخشى بولۇپ قالىدۇ. كىچىك بالىلار ئادەتتە 6 ئايلىق بولغۇچە ئاسان زۇكام بولمايدۇ. ئەگەر زۇكام بولۇپ قالغان بولسا دوختۇرغا كۆرسىتىپ دوختۇرنىڭ پىكرىنى ئېلىپ بېقىڭ، بەك ئېغىر بولمىسا ئۆزلىكىدىنمۇ ساقىيىپ كېتىدۇ. بالىنىڭ دىمىقى تۇتۇلغاندا ئانىسىنىڭ سۈتى تېمىتىلسا بالىنىڭ دىمىقى ئېچىلىپ كېتىدۇ. ئانا سۈتىنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە پوستى ئاقلىۋېتىلگەن تېرىقنى شوۋىگۈرۈچ قىلىپ ئىچۈرۈپ سىناپ بېقىڭ. يەنە بىرسى مەھەللىڭىزدە ياكى يۇرتىڭىزدا سۈت دۇئاسى قىلالايدىغان ياخشى پازىل كىشىلەر بولسا سۈت دۇئاسى قىلدۇرۇپ ئىچۈرۈپ بېقىڭ. ئانىسى قۇۋۋەتلىك بېقىلسا بۇمۇ سۈت كۆپەيتىدۇ. يەنە بىر ئىش: ئانىسى سۈتۈم ئازلاپ كەتتى دەپ بالىنى ئېمىتىشتىن ھەرگىز قاچمىسۇن، بولمىسا سۈتى تېخىمۇ ئازلاپ كېتىدۇ.

pidayi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 07:04:05

http://bbs.izdinix.com/thread-45197-1-1.html

ماۋۇ ئادرېسنى ئېچىپ كۆرۈڭ، بىر قېتىم مەسلىھەت سورالغان،  制霉菌素片دەپ بىر دورا بار،بەك ئەرزان،مۇشۇ دورىنى بىرنى ئىلمان سۇدا ئىزىپ،  پاختىدا بالىنىڭ ئېغىزىغا تەككۈزۈپ قويسىڭىز بولىدۇ.



misiran يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 08:30:06

كىچىك باللاردا بۇلۇپمۇ بوۋاق باللاردا ئاغىزى ئاغىرىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ، مىنىڭ تەجرىبەم: دەرھال قوي سۈتى تېپىپ ئىچكۈزۈڭ ، ناھايىتى تېز ساقىيىدۇ، چوڭ بالامنىڭ ئاغىزى ئاغىرىپ قالغاندا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ساقايتقان،  مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز سىناپ كۆرەرسىز.

farida يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 08:33:04

3.قەۋەتتىكى تورداشنىڭ ئېيتقان دورىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن مەن ئوغلۇمغا ئىشلەتكەن ئەڭ بىخەتەر بىر ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلاي.  تەخىمىنەن 3 گىرام سودانى 50 گىرام  ئىلىمان سۇدا ئېرىتىپ بالىنىڭ ئاغزىغا سۈرتۈپ بېرىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بالىنىڭ ئاغزىغا كىرىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى مۇشۇ سۇدا سۇرتۈپ ياكى چايقاپ ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك. ئانىسىمۇ كۆكسىنىڭ ئۇچىنى  مۇشۇ سۇدا سۈرتۈپ ئاندىن ئېمىتىشى كېرەك. مۇشۇنداق كۈنىگە 3~4قېتىمدىن 10 كۈن ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرغاندا ئاندىن ئۈزۈل كېسىل ساقىيىدۇ.  بەزىلەر يود سۇرتۈشنى تەۋسىيە قىلىشى مۇمكىن، قەتتىي ئىشلەتمەڭ، چۈنكى يودنىڭمۇ زەھىرى بار.  بالىنىڭ ئاغزى مۇشۇنداق بولۋەرسە ئاغزى ئاغرىپ ئېمىشى ئازلاپ كېتىدۇ. شۇڭا ھەرگىز سەل قارىماڭ.  ئاندىن ئانىسى مۇۋاپىق سوغاققا مايىل نەرسىلەرنى يەپ بەرسۇن. مەن ئوغلۇم 3 ئايلىق بولغاندىمۇ ئالدىراپ قورىغان تاماقلارنى يېمەيتىم.

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 09:05:50

farida يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 08:33 static/image/common/back.gif
3.قەۋەتتىكى تورداشنىڭ ئېيتقان دورىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن م ...

رەخمەت  سودا دېگەن ھېلىقى بازدا ساتىدىغان خېىمىرغا سالىدىغان سودا شۇ مۇياكى باشقا سودامۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 10:42:10

ئانىسى ھەر قېتىم ئىمىتكەندە كۆكسىنى يۇيۋېتىپ ئىمىتسۇن.
ئىلمان سۇغا ئازراق تۇز سېلىپ، تۇزلۇق بوپتۇ دېگۈدەك تەڭشەپ پاختا پىلتىكۈچنى تۇزلۇق سۇدا نەمدەپ بالىنىڭ ئاغىزىنى سۈرۈتسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. مېنىڭ ئوغلۇمنىمۇ شۇنداق قىلغان. بېلىق شورپىسى سۈت كۆپەيتىدۇ.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 10:56:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-25 10:58  

ئەڭ تىز ئۇسۇل پىدائى دىگەن 制霉菌素片 نى  juruj پېتى ئىزىپ پاختا پەلكۈچتە بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا  تەكشى سۈرۈپ بېرىش ، بالا ئۇخلاپ قالغاندا سۈرسە بولىدۇ ، بەك ئاچچىق ئەمەس ، يەنە كېلىپ يېڭى بوۋاقلارنىڭ تەم سىزىمى بەك يۇقىرىمۇ ئەمەس . بىر كۈندىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ . بالا يۇتۇۋالارمىكىن دەپ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق . يۇتۇۋالسىمۇ ھىچنىمە بولمايدۇ ، ئەكسىچە ھەزىم يۇلىنى ياخشىلاش رۇلىمۇ بار . قىزىم 15 كۈنلۈك بولغاندا 2- دوختۇرخانىدا دوختۇرلار مۇشۇ دورىنى يۇقۇرقى ئۇسۇلدا ئىشلەتكەن ئىدى.

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 11:14:59

ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت  مەن بۇ ئۇسۇلارنى سىناپ باقاي
بەت: [1]
: كىچىك بالىنىڭ ئاغىزى ئاغرىپ قالسا قانداق قىلىمىز