iPhone 5s
iPhone 5s
ئىنگلىزچە: iPhone 5s
ئىشلەپچىقارغان شىركەت: ئالما شىركىتى
بىر تەرەپ قىلغۇچ: قوش يادرولۇق ئالما A7 بىر تەرەپ قىلغۇچ
بازاغا سېلىنغان ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
يانفوننىڭ تىپى: ئەقلىي يانفون، 4G يانفون، سۈرەتكە تارتالايدىغان يانفون
ھەجىمى ۋە ئېغىرلىقى: 123.8×58.6×7.6mm، 112g
ئاساسىي ئېكران پارامېتىرى: IPS ئېكرانى؛ 1136*640؛ 4 ئېنگلىزچىسى
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ: ئالما A7/M7ياردەمچى بىر تەرەپ قىلغۇچ 1331MHz
سىرىتقى رەڭگى: تۈز تاختىلىق قېنىق كۈلرەڭ، كۈمۈش رەڭ، ئالتۇن رەڭ
كامېراسى: 8 مىليون پىكسېل
مەشغۇلات سىتېمىسى: iOS 7
ئىچكى سىغىمى: 1GBRAM، 16GB/32GB/64GB ROM
iPhone 5s بولسا ئامېرىكا ئالما شىركىتى 2013-يىلى9-ئايدا چىقارغان يانفون. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 12 دۆلەت ۋە رايون iPhone 5s نى تارقاتتى، دەسلەپكى سېتىلىش مىقدارى 9 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.
ئاساسىي ئىقتىدارى
ئالاقە خاتىرىسى: ئىسىم كارتوچكىسى شەكلىدە ساقلاش، قوبۇل قىلىنغان+ئۇرۇلغان+قوبۇل قىلىنمىغان تېلېفون
قوڭغۇراق ئاۋازى: MP3/MID قاتارلىق شەكىللەرنى قوللايدۇ
ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئويۇنلار: چۈشۈرۈشنى قوللايدۇ
خىزمەت ئىقتىدارى: TXT ،Quick Office ،Adobe PDF ،zip كونترولى
قوللايدىغان تۈرلىرى: ئۈن ئېلىش؛ ئاۋازلىق نومۇر بېسىش؛ خاس قوڭغۇراق ئاۋازى؛ خاس رەسىم؛ مۇھىت شەكلى؛ ئاۋازنى قويۇپ بېرىپ پاراڭلىشىش؛ ھەركەتچان رەسىملىك ئېكران ئاسىراش؛ كۈتۈش رەسىمى
كۆپ ۋاسىتىلىق كۆڭۈل ئېچىش
رەسىم تارتىش ئىقتىدارى
رەسىم تارتىش ئىقتىدارى: ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان
ئاساسىي كامېرا: 8 مىليون پىكسېللىق CMOS سېزىم تارقاتقۇچ
قوشۇمچە كامېرا: 1 مىليون 200 مىڭ پىكسېللىق سېزىم تارقاتقۇچ
رەسىمنى پەرق ئېتىش نىسبىتى: ئەڭ چوڭ بولغاندا 3264×2448 پىكسېللىق
ۋېدىئولۇق سۈرەتكە ئېلىش: 1080p(سېكۇنت\پارچە1920×1080,30) ۋىدىئونى خاتىرلەيدۇ.
سۈزۈكلۈك دەرىجىسى: 8 مىليون پىكسېل
سانلىق مەلۇمات پروگراممىلىرى
كۆك چىش ئۇلىنىشى: كۆك چىش 4.0 نى قوللايدۇ
سانلىق مەلۇمات كەسپى: GPRS،EDGE، HSDPA
Java كېڭەيتىش، WAP تورغا چىقىش،WWW كۆز يۈگۈرتكۈچلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللايدۇ.
سانلىق مەلۇمات لىنىيىسى ئۇلىنىشى: Lightning
كېڭەيتىش كارتىسى: سىغىمىنى كېڭەيتىشنى قوللىمايدۇ
WiFi(WLAN): WIFI نى قوللايدۇ، IEEE 802.11 a/n/b/g
GPS ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى: ئىچىگە GPS ئورۇنلاشتۇرۇلغان، GLONASSنى قوللايدۇ
خىزمەت پروگراممىسى
خىزمەت پروگراممىسى: TXT ،Quick Office ،Adobe PDF ،zip كونترولى
شەخس ياردەمچىسى
قوڭغۇراقلىق سائەت، ئېلىكتىرونلۇق ھېسابلىغۇچ، سېكۇنت سائىتى، خاتىرە دەپتەر، كۈنتەرتىپ جەدىۋىلى، بىرلىك ئالماشتۇرۇپ ھېسابلىغۇچ، دۇنيا ۋاقتى، ئېلېكترونلۇق لۇغەت، كۇنۇپكا تاختىسىنى ئاپتۇماتىك سولىغۇچلارنىڭ ھەممىسىنى قوللايدۇ.
ئالاھىدىلىكى
سىرتقى كۆرىنىشى
2-رەسىمiPhone 5s
ئالما iPhone 5s ئالدىنقى ئەۋلاد iPhone 5 نىڭ كلاسسىك لاھىيىسىنى ساقلاپ قالدى. بىراق پەرق ھاسىل قىلىش ئۈچۈن Home كۇنۇپكا قىسمىدىكى كىچىك تۆت چاسا چىقىرىۋېتىلىپ، پۈتۈن گەۋدىسى ئىنتايىن سىلىق قىلىندى، ماتىرىيالىغىمۇ پۇختا كۆك ياقۇت ئىشلىتىلدى. Home كۇنۇپكا قىسمىنىڭ سىرتىدا بىر يۇمىلاق سېزىمچان نۇر ھالقىسى بولۇپ، بارماق سىزىقىنى پەرقلەندۈرۈش كۆرسەتمىسىنى بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. iPhone 5s يەنە قېنىق كۈلرەڭ، كۈمۈش رەڭ، ئالتۇن رەڭلىك نۇسخىسى چىقىرىلدى.
باتارېيىسىنىڭ داۋاملىق ئىشلىشى
iPhone 5s-A7 بىر تەرەپ قىلغۇچ + M7ھەرىكەتچان يادەمچى بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللانغاچقا، iPhone 5s بىر قىسىم ئەھۋاللاردا iPhone 5 كە قارىغاندا توك تېجەشچان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە iPhone 5s كە 1570mAh لىق باتارېيە سەپلەنگەن، كۈتۈپ تۇرۇش ۋاقتى 225 سائەتتىن 250 سائەتكە ئۇزارتىلغان.
4G تورى
ئىچكى قىسىمدىكى خادىملارنىڭ دېيىشىچە، تېلگىراف ئالاقىسى سىستېمىسى دائىم دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ 4G تورىنى قوللايدۇ. كۆچمە 4G نۇسخىسى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى رەسمىي تۈردە ئىشقا كىرىشىتى.
تېز سۈرئەتتە رەسىمگە تارتىش
iPhone 5s نىڭ كامېراسى ۋە كامېرا App نىڭ بىر قىسىم يېڭىلىق تەرەپلىرى بولۇپ، ئېكران قۇلۇپلاشنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى بۇلۇڭىدا بىر كامېرا سۈرىتى بەلگىسى بار بولۇپ، كامېرا App ئېچىلىدۇ. ئەگەر جىددىي سۈرەتكە تارتىش كېرەك بولسا، يانفوننىڭ سول تەرىپىدىكى ئاۋاز كۇنۇپكىسىمۇ تېز سۈرئەتتە رەسىمگە تارتىش كۇنۇپكىسىنىڭ رولىنى ئۆتەيدۇ، شۇڭلاشقا سۈرەتكە تارتقاندا زاتۋور كونۇپكىسى ياكى ئاۋاز كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرغاندا سىكۇنتىغا ئارقا-ئارقىدىن 10 پارچە رەسىمگە تارتقىلى بولىدۇ.
ھەقسىز يۇمشاق دېتال چىقىرىش
iPhone 5s بىر قىسىم ھەقسىز خىزمەت ئەپلىرىنى چىقارغان بولۇپ، Pages ،Numbers ،Keynote لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە ۋىدىئونى كېسىپ تەھرىرلەش يۇمشاق دېتالى iMovie ۋە رەسىم بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى iPhoto لارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز.
ئالما خەرىتە يول باشلىغۇچىنى ئىشلىتىش
ئالما خەرىتە ئەپلىرىنىڭ دەرىجىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، كۈن ئولتۇرغان چاغدا پۈتۈنلەي يېڭى بولغان كېچىلىك مۇھىت شەكلى ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ، 3D رەسىملىك كۆرسەتكۈچ ئىشلىتىلىپ نەزەر شەكلىگە ئالمىشىدۇ، ھەمدە ئىككى بارماقنى ئىشلىتىپ رەسىمنى ئايلاندۇرۇپ كۆرگىلى بولىدۇ. كونكرېت بىر ئورۇنغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يەر نامى يېنىدىكى تېز سۈرئەتلىك مۇساپە كونۇپكىسى ئارقىلىق باشقا جاينىڭ يول باشلىغۇچىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. جۇغراپىيىلىك ئورنىAirDrop ،Mail ،Messages ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىمۇ ھەمبەھىرلەنگىلى بولىدۇ.
ئاستا سۈرەتتىكى ۋېدىئوننى سۈرەتكە ئېلىش
»ئاستا ھەرىكەت» لىك ۋېدىئونى سۈرەتكە ئېلىش سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىدىكى چوڭ بىر ئىلگىرلەش، Camera App كە كىرگەندىن كېيىن، ئوڭ تەرەپكە ئىككى قېتىم سېيرىلدۇرۇپلا «ئاستا ھەرىكەت» لىك سۈرەتكە ئېلىش ئەندىزىسىگە كىرگىلى بولىدۇ. سول تەرەپ ئاستىدىكى ۋىدىئو قىسقارتىلغان رەسىمىنى بېسىپ، «كامېرا لېنتىسى» نىڭ ئاستىدىكى ۋاقىتنى خالىغانچە تاللاش رامكىسىدىن ئاستا ھەرىكەتنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى سۈرەتكە ئالغان نەرسە دراماتىك ئۈنۈمنى ھاسىل قىلالايدۇ، ئەگەر دېڭىز ياقىسىدا بۇژغۇنلارنىڭ سوقۇلۇشى ياكى سۇ تۆكۈلگەن چاغدىكى ھەرىكىتى بولسا ئۈنىمى ناھايىتى ئوچۇق بولىدۇ.
Siri
Siri ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى، Home كونۇپكىسىنى ئۇزۇن بېسىپ يۈرمەيلا Siri غا كىرگىلى بولىدۇ. Siri نىڭ تەلەپپۇزىدا ئابونتلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن 3 دۆلەتنىڭ ئىنگلىزچە تەلەپپۇزى بېرىلگەن. ئابونتلار Siri غا WiFi نى ئېچىۋېتىش ياكى ئېتىۋېتىشنى ئېيتىپ قويسىمۇ بولىدۇ، ياكى FaceBook تىكى بىرەر ئۇچۇرنى يېڭىلاشقا بۇيرىسىمۇ بولىدۇ.
باھا
2013-يىلدىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە ئون چوڭ مەھسۇلاتنىڭ بىرى
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پەن-تېخنىكا مېدېئاسى «سودا سىرى» 2013-يىلى «يىللىق يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە ئون چوڭ مەھسۇلات» نى خۇلاسە خاراكتىرىدە رەتلەپ چىقتى، iPhone 5s مۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ،iPhone 5s نى تارىختىكى تۈنجى قېتىملىق بارماق ئىزى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان ئەقلىي تېلېفون دېيىشكە بولىدۇ. ئالمىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بارماق ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ نامى Touch ID بولۇپ، بارماق ئىزى ئىندۇكسىيە بۆلىكى پۈتۈنلەي Home كۇنۇپكىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئابونىت بىرەر مەشغۇلات ئېلىپ بارماقچى بولسا بارمىقىنى Home كۇنۇپكىسىنىڭ ئۈستىگە قويسىلا بولىدۇ، سەزگۈرلىكى يۇقىرى.
A7 بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ مەشغۇلاتى تېز
ئانەند (Anand) نىڭ دېيىشىچە: iPhone 5s ۋە A7 بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارى iPhone 5 كە ئىشلەتكەن A6 ئۈزىكىنىڭكىدىن ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ھەسسە تېز ئىكەن. قوش يادرولۇق A7 نۆۋەتتە سىناق قىلىنغان بولۇپ، Sun Spyder دىكى ئەڭ تېز سىستېما دەرىجىلىك ئۈزەك، ھەتتا Snapdragon 800 ۋە ARM نىڭ Cortex A15 دىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
iPhone 5s ئەپنىڭ گۇمران بولۇش نىسبىتى يۇقىرى
iPhone 5c ياكى iPhone 5 يانفونى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى نۇسخىدىكى iPhone 5s ئەپنىڭ گۇمران بولۇش نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى. Crittercism نىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى يانفون دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى، نۇرغۇنلىغان ئەپلەر كەينى-كەينىدىن يېڭى تىپتىكى iPhone غا ماس كېلىدىغان نۇسخىلارنى چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە %ئىككى پىرسەنت ئەپنىڭ iPhone 5 دە گۇمران بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى. ئوخشاش ئەھۋالدا، iPhone 5c ياكى iPhone 5 دىكى گۇمران بولۇش نىسبىتى بىر پىرسەنت. بۇنى بەلكىم 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئەسلى نۇسخىدىكى بىر قىسىم ئەپلەرنىڭ ماسلاشماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن.
مەنبە: بەيدۇ قامۇسىدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى
مەن بۇ ئۆمرۈمدە مۇشۇ يانفونغا پەقەت قىزىقالمايدىغان ئوخشايمەن {:87:}{:87:} ئىشلەتكۈم بار ئىدى... دۆلىتىمىزدە توي قىلماقچى بولغانلارغا قاچان ئۆي تەقسىم قىلار... ئۆينىڭ غېمىدە پۇل خەجلەشتىنمۇ قورقىدىكەن ئادەم. 3700 سومغا چۈشتى دەپ كۆرگەندەك قىلىۋدىم ئالما 5 نى ئىسىللىقىغا گەپ كەتمەيدۇ Iphone 4 نىڭ قاتتىق دىتالىغا قارىسا CPU 1024MHz، ئىچكى ساقلىغۇچى 512 ئىكەنتۇق، مانىڭمۇ ئۇنچە يۇقرى ئەمەسكەن. كاساپەتنىڭ سۈرئىتى شۇنداق تىز، نۇرغۇن ئەپلەر قوزغالغان بولسىمۇ ئاستىلاپ قالمايدۇ، ئەمما ئوخشاش سۈرئەتتىكى cpu، ئوخشاش ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلەتكەن Android تىلفۇنلار بولسا ئۇنچە تىز ئەمەس، ئىچكى ساقلىغۇچى ئاسانلا توشىۋالىدۇ، بۇ زادى نىمە سەۋەپتىن ؟ iOS شۇنچە نوچىمۇ يا {:117:} ، Android تېلفۇنلارغا iOS قاچىلىغىلى بولمامدا {:87:} IOS بىلەن Android نىڭ سۈرئەتتىكى پەرق سەۋەبى:
1. IOS ياسىلىشتىلا چەكمە ئىكران ئۈچۈن ياسالغان، سىز ئىكراننى چىكىشىڭىز بىلەنلا، ئارقا سەپتىكى پۈتۈن پىروگراممىلار توختاپ، پۈتۈن CPU ۋە ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىكران ۋە سىز ئىشلىتۋاتقان پىروگرامما ئۈچۈن ئاجىرىتىپ بىرىدۇ.
Android بولسا، كۇنۇپكا تاختىسىنى نىشان قىلىپ تۇغۇلغان، لىكىن ھازىر چەكمە ئىكران ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەر پىروگراممىنى ئىشلىتۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، ئارقا سەپتە يەنە باشقا پىروگراممىلار ئۆزى خالىغان ئىشلارنى قىلىۋىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاتتىق دىتال بايلىقى بۆلۈنۈپ كىتىپ، سىزگە ئاستا بىلىنىدۇ.
2. IOS تا ئەپلەرنىڭ ھوقوقى ناھايىتى ياخشى كونتىرول قىلىنغان، ئىشلەتكۈچى ھوقوق بەرمىگەن ئورۇنلارغا كىرىپ، ھۆججەتلەرنى زىيارەت قىلىپ يۈرمەيدۇ. مەسىلەن، IOSتا سىز بىرەر تور بىكەتنى زىيارەت قىلغان بولسىڭىز، تور بىكەتتىكى سۈرەتلەرنى يانفوننىڭ سۈرەت كۆرگۈچىدە كۆرەلمەيسىز، لىكىن Andorid تا بولسا، تور بىكەت، مىكرو بىلوگ دىگەندەك مەشخۇلاتلاردا زىيارەت قىلىنغان سۈرەتلەر، يانفوننىڭ سۈرەت كۆرگۈچىدە كۆرۈنۈپ قالىدۇ. بۇنداق دائىرىدىن ھالقىغان مەشخۇلات كۆپ بولىۋىرەرسە، سۈرئەت ئەلۋەتتا ئاستىلايدۇ.
ماۋۇ تېمىنى كۆچۈرۋالاي wp8 ياخشى دەيمە...:)ئىشەنمىسىڭىز مەندىن سوراڭ{:90:} kokkaptar يوللىغان ۋاقتى 2014-2-25 11:28 static/image/common/back.gif
IOS بىلەن Android نىڭ سۈرئەتتىكى پەرق سەۋەبى:
1. IOS ياسىلىشتى ...
رەھمەت سىزگە.
ئاندرويىدتا تېلفۇننى ئۆزەم كونترول قىلالمايدىغاندەكلا ھىسس قىلىمەن، سىز دىگەن سۈرەتنى قالايمىقان ساقلاش مەسىلىسى تېخىمۇ قاملاشمىغان. بەزى دىتاللارنى قاچىلاشتا بېرىلگەن ئەسكەرتىشكە قاراپ قورقۇپ قالىدۇ كىشى، مەخپىيەتلىك دىگەن يوقلا بولۇپ كېتىدىكەن. كېرەكسىز دىتاللارنى ئۆچۈرۋىتەي دىسە تېخى root دەپ تۇرىۋالغان... ئەجابا باشقا يۇمشاق دىتاللار root قا ئېرىشمەي تۇرۇپلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىكەن ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا doctor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-25 17:48
Android سېستىما قاچىلانغان تېلفۇنلار ئالمىنىڭ ئالدىدا ئادەمنىڭ راھەت تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرۈپلاۋېتىدىكەن دىسە .
ئاكام ئىكرانى چوڭكەن دەپ يىڭى چىققان سامسوڭدىن بىرتال ئالغاچ كەپتىكەن بىر كۈن ئىچىدە بۇنەرسىگە شوخلىدىنمۇ ئۆتە ئۆچ بوپ كەتتىم ، سىستىما قاشاڭ بولا بارماق سىزىمى ناچار بولامۇشۇنىڭدەكلا بۇلا
ئالمامدا بارمىقىم تىگە تەگمەيلا ئىنجىقلىماي ئىشلەيتتى
، تېخى بىرەر مەشغۇلات قىلۋېتىپ چىكىنەي دىسە دەرھا چىكىنمەي ئۈشىيىپلا تۇرغان.
. ماۋو سامسوڭنىڭ نوت 3 دىگەن تېلفۇنلىرىنى ئالمىنىڭ بىرىنچى ئەۋلات تېلفۇنلىرىغىمۇ تەڭ قىلغىلى بولمىغۇدەك.
شۇنىڭ بىلەن ئاكامغا بىرمۇنچە يالۋۇرۇپ ئۈزۈڭ ئىشلەت دەپ قايتۇرۇپ بىرىپ بىكارغا بەرگەن نەرسىدىن بەك تەستە قۇتۇلدۇم . سامسۇڭنىڭ نوت3لىرىنى ئالمىنىڭ بىرىنجى ئەۋلادلىرىغا تەڭ قىلغىلى بولمىغۇەك دەپ بەكلا ئاشۇرۋېتىپسىز.ياكى سىزگە بەسەيلەر ئوخشىتىپ ياسىغان تاغتۇراسىنى ئالغاچ بېرىپتۇ.. doctor يوللىغان ۋاقتى 2014-2-25 17:33 static/image/common/back.gif
Android سېستىما قاچىلانغان تېلفۇنلار ئالمىنىڭ ئالدىدا ئا ...
مىنىڭ نوت ئۈچ تېلفۇنۇم بۇرۇنقى ئىشلەتكەن ئالمىغا قارىغاندا كۆپ ياخشى ھېس قىلدىم. ئېكران سىزىمچانلىقى، توك سەرپىياتى، سۈرەت سۈزۈكلىكى، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئۈچ مەشغۇلات قىلىش ۋە باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردە.
ھەر كىمنىڭ كۆز قارىشى ھەر خىل بولىدىكەن... yarzat يوللىغان ۋاقتى 2014-2-25 22:12 static/image/common/back.gif
سامسۇڭنىڭ نوت3لىرىنى ئالمىنىڭ بىرىنجى ئەۋلادلىرىغا تە ...
ئەقلىيفۇن بىلەن ھەپلىشىۋاتقىلى خېلى بولدى ساختىسى بىلەن ھەقىيقى مالنى ئايرىيالايمەن ,ماڭا پەقەت يارىمىدى بۇپەقەت شەخسى قارىشىم ئاندىرويد ئىشلىتىۋاتقان بورادەرلەرنىڭ ھىسياتىغا زەرەر يەتكەن بولسا ئۆزۈرلەر. 5S ئىشلەتكەنلەر ئاندىرويىد تېلفۇنغا پەقەت كۆنمەيدۇ...ئاندىرويىد ئىشلەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئاندىرويىد قالتىس تېلفۇ ھىسابلىنىدۇ. ئالما تېلفۇنلىرىنىڭ ئىشلىتىشتىكى راۋانلىقى، ئەپلىرىنىڭ ئۇزلىقى، سىستېما بىخەتەرلىكى ئادەمنى لال قىلىدۇ...ئاندىرويىد تېلفۇنلاردا ھەرقانداق ئەپ سىزدىن سورىمايلا ئالبوم، كالىندار، تېلفۇن خاتىرسى، ئۇچۇر ئامبىرى .....قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلالايدۇ...بۇ بىر لۈكچەكلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس...ئايفوندا لۈكچەكلىككە يول قويمايدۇ...ئەڭ بولمىغاندا سىزدىن سورايدۇ....بىر خىل ئادىمىيلىكى بار..
بەت:
[1]