TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 12:11:26

تاشپولات: قايسىسى قايسىسىنى ئايلىنىدۇنىڭ جاۋابى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-24 12:12  

قايسىسى قايسىسىنى ئايلىنىدۇنىڭ جاۋابى

تاشپولات روزى

سوئال: قۇياش يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلامدۇ ياكى يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلامدۇ؟

يۇقىرىدىكى سوئالىمغا قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بەرگەن بارلىق قېرىنداشلىرىمغا رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىمقى نەتىجىلەرنى ستاتىستىكا قىلىپ بەرگەن "Biltap" ئۇكامغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. يۇقىرىدىكى سوئالنىڭ توغرا جاۋابى: يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ.

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەرقايسى تور بەتلەردىكى جاۋابىنى كۆرەلەيسىز:

http://bbs.bagdax.cn/thread-23062-1-1.html
http://bbs.izdinix.com/thread-57259-1-1.html
http://bbs.misranim.com/thread-119650-1-1.html

باغداش، ئىزدىنىش، مىسرانىم تور بەتلىرىدىكى نەتىجىلەرنى ئايرىم-ئايرىم ستاتىستىكا قىلغاندا تۆۋەندىكى نەتىجىلەر كېلىپ چىقتى.

باغداشتىكى بۇ تېمىغا 5 كۈندىن بىرى چۈشكەن ئىنكاس: 73 تال
يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارايدىغانلار: 58 نەپەر
قۇياش يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارايدىغانلار:  4 نەپەر
مۈجمەل جاۋاب بەرگەنلەر: 11 نەپەر

باغداشتا بۇ سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەنلەر 80% نى ئىگىلىدى.

ئىزدىنىشتىكى بۇ تېمىغا 5 كۈندىن بىرى چۈشكەن ئىنكاس: 39 تال
يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارايدىغانلار: 32 نەپەر
قۇياش يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارايدىغانلار:  2 نەپەر
مۈجمەل جاۋاب بەرگەنلەر: 5 نەپەر

ئىزدىنىشتە بۇ سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەنلەر 82% نى ئىگىلىدى.

مىسرانىمدىكى بۇ تېمىغا 5 كۈندىن بىرى چۈشكەن ئىنكاس: 49 تال
يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارايدىغانلار: 36 نەپەر
قۇياش يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارايدىغانلار:  4 نەپەر
مۈجمەل جاۋاب بەرگەنلەر: 9 نەپەر

مىسرانىمدا بۇ سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەنلەر 74% نى ئىگىلىدى.

يۇقىرىدىكى 3 توربەتنىڭ ستاتىستىكا نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سوئالغا توغرا جاۋاب بېرىشى ئامېرىكالىقلاردىن كۆپ پەرق قىلمايدىكەن. ئۇلارنىڭ پەرقى تەخمىنەن 5% ئىكەن. خۇلاسىلىگەندە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ جۇغراپىيە ساھەسىدىكى ئاساسى بىلىملىرى ئانچە ياخشى ئەمەستەك قىلىدۇ. ئامېرىكا بۇ رايە سىناشلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئويلىنىپ ئۇنى قانداق ئۆزگەرتىش توغرىلىق مۇنازىرىلەر ئېلىپ بارىدۇ. رايە سىناشتىن كېلىپ چىققان نەتىجىلەر ئامېرىكا پرېزىدېنتى ھەم پارلامېنتقا ئەۋەتىلىپ، ئۇلارنىڭ مائارىپقا چىقىرىدىغان مەبلەغ ھەم ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش قارارلىرىغا چوڭ تەسىر قىلىدۇ. ۋەتەندە مۇشۇنداق رايە سىناشلار ئارقىلىق مائارىپقا دىققەت قىلامدۇ قىلمامدۇ بۇ ماڭا ئېنىق ئەمەس. ئامېرىكا مائارىپىنىڭ باشقا دۆۋەتلەرگە قارىغاندا ياخشى بۆلىشى دەل مۇشۇ يەردىدۇر. بۇ ستاتىستىكا نەتىجىلەر مېنىڭ كەلگۈسىدە يازماقچى بولغان مائارىپ پەرقى توغرىسىدىكى ماقالەمگە بەلگىلىك تەسىر قىلىدۇ.

boss يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 13:30:37

مۇنبەر ئوينايدىغانلار ئاساسەن يۇقۇرى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەنلەر ، ئەگەر بىزمۇ ئامېركىلىقلارغا ئوخشاش يولدا كىتىپ بارغان كىشلەردىن سورۇساق بۇ پەرىق تېخىمۇ چوڭىيىشى مۇمكىن ، ، ،

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 14:17:38

قانداق قىلىپ ئارىمىزدا قوياش يەرنى ئايلىنىدۇ دەيدىغانلارنىڭ بارلىقىنى چۈشەنمىدىم. باشلانغۇچتىلا ئۆگىتىپ بولىدۇ بۇ ئىشنى..{:107:}

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 14:52:52

ئىزدىنىشتىكلەرنىڭ 100% توغرا جاۋاپ بېردىغانلىقىغا  ئىشىنىمەن.

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 15:46:08

ماتىماتىكا يالغان سۆزلىمەيدۇ دەپ ئاڭلىغان لىكىن ماۋۇ سىتاتا سانلارغا ئىشەنمىدىم .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 22:41:11

قارا ئۆڭكۈر توغرىسىدا يېڭى گەپ چىققان يەردە بۇ ھەقتىمۇ يېڭى گەپ چىقىشى مۇمكىن دەپ قارىساق بولامدۇ؟

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 10:53:51

قارا ئۆڭكۇر ھەققىدە سۆزلەپ بىرىڭە

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 11:01:20

بۇندىن كىيىن ئىستاستىكا سۇئاللىرىنى قويغاندا بەك جىق ئويلاپ كەتمەي بولىدىغانلار جاۋابىنى ئەستايىدىل جاۋاپ بەرسەڭلا بولغىدەك:lol

bigboy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 21:53:50

مەن نېمە ئۈچۈن ئۆلچەملىك جاۋابىنى بىلىپ تۇرۇپ تەتۈر جاۋاب بەردىم ؟چۈنكى ، ئامېرىكدا ئېلىپ بارغان سىناقتا ماڭا ئوخشاش تەتۈر جاۋاب بەرگەنلەرنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن .
بەت: [1]
: تاشپولات: قايسىسى قايسىسىنى ئايلىنىدۇنىڭ جاۋابى