izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 16:56:55

تۈركىيەنىڭ سىنىپىي كۈرۈشى

تۈركىيەنىڭ سىنىپىي كۈرۈشى
ئاپتورى: ئىئان بۇرۇما (گوللاندىيە) 
تەرجىمىدە: نەپرەت 2009
 
كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى تۈركىيە شەھەرلىرىدە تەۋرەپ كەتكەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش دولقۇنىنى سىياسىيلاشقان ئىسلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئېتىراز ھەرىكىتى دەپ چۈشەندى. ئەڭ دەسلەپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىستانبول شەھەر مەركىزىدىكى غازى باغچىسىنى چېقىپ سودا مەركىزى قىلىپ ئۆزگەرتىشكە قارشى ئاممىۋى يىغىلىشتىن تېزلىكتە بىر مەيدان قىممەت قاراشنىڭ توقۇنۇشىغا ئۆزگىرىپ كەتتى.
يۈزەكى قارىغاندا، توقۇنۇش زامانىۋى تۈركىيەدىكى دەھرىيلىك بىلەن دىن، دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىكتىن ئىبارەت تۈپتىن ئوخشىمايدىغان قىممەت قاراشقا ۋەكىللىك قىلدى. بەزىلەر تۈركىيەدىكى قارشىلىق ھەرىكىتى بىلەن ۋول كوچىسىنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر «تۈركىيە باھارى» قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېنىقكى، نۇرغۇن تۈركىيە ئاممىسى، بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردىكى ئامما باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ بارغانسېرى مۇستەبىتلىشىۋاتقان ئىستىلىغا، ئۇنىڭ مېدىيەلەرنى قاتتىق كونترول قىلىشىغا، ھەيۋەتلىك مەسچىتلەرنى ياساشقا ئامراق بولىشىغا، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى چەكلىشىگە، ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشتىكىلەرنى قولغا ئېلىشى ۋە نۆۋەتتىكى نامايىش ھەرىكەتلىرىگە زوراۋانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن ئىنتايىن بىزار بولدى. كىشىلەر ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھازىرقى دىندىن خالىي قانۇننىڭ ئورنىنى ئېلىشىدىن، ئىسلام دىنىنىڭ كېيىنكى ئوسمان ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى كامال ئاتا تۈركنىڭ تۈركىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا  كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ۋەيران قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.  
بۇنىڭدىن سىرت يەنە سوپىلار ۋە شىئە مەزھىپى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دىنىي ئاز سانلىق توپ ئالاۋىي مەزھىپىنىڭ ئىشلىرى بار. دەھرىي كامال دۆلىتىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن ئالاۋى مەزھىپىنىڭ ئەردوغانغا ئىشەنمەسلىكى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ئەردوغان 16-ئەسىردە ئالاۋىلارنىڭ ئەجدادلىرىنى قىرغىن قىلغان سۇلتاننىڭ ئىسمىنى بوسفور دېڭىز بوغۇزىنى ئاتلىغان بىر كۆۋرۈككە نام قىلماقچى بولۇشى ئالاۋى ئاممىسىنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى. 
شۇڭا، دىن تۈركىيە مەسىلىسىنىڭ يادروسى بولۇپ قالدى. سىياسىيلاشقان ئىسلامغا قارشى تۇرغۇچىلار دىن ماھىيەتتە دېموكراتىيە بىلەن سۇ بىلەن ئوتتەك چىقىشالمايدۇ دەپ قارايدۇ.  

ئەمما مەسىلە ئۇنچە ئاددىي ئەمەس. دەھرىي كامال دۆلىتى ئەردوغاننىڭ خەلقچىل ئىسلام ھاكىمىيىتىغا قارىغاندا تېخىمۇ دېموكراتىك ئەمەس؛ ھەتتا تېخىمۇ مۇستەبىت بولىشى مۇمكىن. يەنە بى نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم، يەنى ئىستانبول تاكسىم مەيدانىدا تۇنجى قېتىم قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ قارشى تۇرغىنى مەسچىت ئەمەس، بەلكى سودا مەركىزى. ئىسلام شەرىئىتىگە بولغان ۋەھىمە بىلەن ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان تەرەققىيات سودىگەرلىرى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ئەخلاقسىزلارچە نەپسانىيەتچىلىكىگە بولغان غەزەپ بىر بىرىدىن قېلىشمايدۇ. تۈركىيە باھارى كۈچلۈك سولچىل ھېسىياتنى ئىپادە قىلدى.  
شۇڭا، گەرچە ھازىرقى زامان ئىسلام دىنىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلىلەرنى ئېنىق قىلمىدى، كۆزىتىش نۇقتىسىنى ئالماشتۇرۇپ باققانغا يەتمەيدۇ، ئېنىقلا ئاللاقاچان ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سىنىپ نۇقتىسىدىن مەسىلىگە قارىساق تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ. مەيلى تەرەققىيپەرۋەر بولسۇن ياكى سولچىل ئارقا كۆرۈنۈشى بار نامايىشچىلار بولسۇن ھەممىسى شەھەرلەردىكى سەرخىللار قاتلىمىدىن كەلگەن، غەربلىشىش، رەڭۋازلىق، دەھرىيلىك ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. باشقا بىر جەھەتتىن، ئەردوغان تۈركىيەنىڭ چەت ۋىلايەتلىرى ۋە يېزا-كەنتلىرىدە يەنىلا زور شۆھرىتى بار، مائارىپ تەربىيىسى تۆۋەن، نىسپىي نامرات، مۇتەئەسسىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كشىلەرنىڭ ئەردوغاننى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى يۇقىرى. 
گەرچە ئەردوغاندا شەخسىي مۇستەبىتلىك خاھىشى كۆرۈنەرلىك مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى نوقۇل ھالدا دېموكراتىيە بىلەن دىكتاتورىنىڭ توقۇنۇشى دەپ قاراش خاتا بولۇشى مۇمكىن. تېگى تەكتىدىن ئالغاندا، ئەردوغاننىڭ خەلقچىل ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى ھەمدە ئاۋام تۇرمۇشىدا بارغانسېرى كۆپلىگەن دىنىي تۈس ۋە ئادەتلەرنىڭ كۆرۈلىشى تۈركىيەنىڭ بارغانسېرى دېموكراتىيەلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. 
كامال دەھرىي دۆلىتى باستۇرغان ئۆرپ-ئادەتلەر (مەسىلەن خانىم-قىزلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ياغلىق چىگىشى) نىڭ قايتىدىن  پەيدا بولىشىنىڭ سەۋەبى تۈركىيە يېزا-كەنتلىرىدىكى ئاممىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولماقتا. ياش ئېتىقادلىق قىزلار شەھەردىكى ئۇنۋېرسىتېتلارغا كىرىپ ئوقۇماقتا. مۇتەئەسسىپ چەت ۋىلايەتلەردىكى تۈركىيە ئاممىسى سايلامدا رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى.
ئوخشاشلا، سودىگەرلەر ۋە دىنىي خەلقچىللەرنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈشى تۈركىيەگە خاس ھادىسە ئەمەس. نۇرغۇن يېڭىدىن گۈللەنگەن كارخانىچىلار، مەسىلەن ياغلىق چىگىدىغان خانىم-قىزلارنىڭ ھەممىسى ئاناتولىيەدىكى يېزا-كەنتلەردىن كەلگەن. يېڭىدىن بېيىغان چەت ۋىلايەتلەردىكى بۇ ئامما ئەسلىدىكى ئىستانبول سەرخىللىرىدىن يىرگىنىدۇ، خۇددى تېكساس ياكى كانزاس سودىگەرلىرى نيۇيورك، ۋاشىنگىتون قاتارلىق شەرىقى دېڭىز قىرغىقىدىكى سەرخىللار قاتلىمىغا نەپرەتلەنگەندەك. 
ئەمما تۈركىيە تېخىمۇ دېموكراتىك دېيىش بىلەن تۈركىيە تېخىمۇ ئەركىن دېيىش پۈتۈنلەي ئىككى ئىش. بۇمۇ «ئەرەب باھارى» ئېچىپ بەرگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بارلىق كىشىلەرنى سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش دېموكراتىك ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ مۇھىمدۇر. بولۇپمۇ ئىنقىلاب مەزگىلىدە، يۇقىرىدا دېيىلگەن سۆز قىلىش ھوقۇقى ناھايىتى ئاز ھاللاردا مۆتىدىل مەيدان بولىدۇ. 
بىز مىسىر، تۈركىيە، ھەتتا سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرگەن ھادىسىلەر ئەنگلىيە ئەركىنلىكپەرۋەر پەيلاسوپى ئىسايئاخ بېرلىن تەسۋىرلىگەن ئوخشاش دەرىجىدىكى ياخشى شەئىيلەرنىڭ سىغىشالماسلىقىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ياخشى نەرسىنىڭ ھەمىشە بىردەك يېقىنلىقىغا ئىشىنىش بىر خىل ئۇقۇشماسلىق. بەزىدە ئوخشاش ياخشى نەرسىمۇ توقۇنۇشىدۇ.
ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئازابلىق سىياسىي بۇرۇلۇش مۇساپىسى دەل شۇنداق. دېموكراتىيە ياخشى نەرسە، ئوخشاشلا يەنە ئەركىنلىك ۋە كەڭ قورساقلىقمۇ بار. ئەلۋەتتە كۆڭۈلدىكىدەك ئەھۋالدا ئۇلار تىنچلىقتا بىرگە تۇرالايدۇ. ئەمما ھازىر ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم جايلىرىدا، ئۇلار ئۆز ئارا توقۇنۇشماقتا. دېموكراتىيەنىڭ كۈچىيىشى رېئال تۇرمۇشتا ئەركىنلىك ۋە كەڭ قورساقلىقنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەسىلەنگە ئېيتساق، كىشىلەر سۇرىيەدىكى بەشار ئەسەدنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئۆكتىچى قوراللىقلارغا ئاسانلا ھېسداشلىق قىلىدۇ. ئەمما دەمەشىقنىڭ يۇقىرى قاتلام سىنىپىدا غەرب مۇزىكىلىرى ۋە كىنولىرىنى ياخشى كۆرىدىغان دەھرىي ئەر-ئاياللار بار، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خرىستىئان مۇرىتى ۋە ئالاۋى مەزھىپىنىڭ ئادەملىرى، بەشار ئەسەد غۇلاپ چۈشكەندىن كېيىن ئېھتىمال داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالماسلىقى مۇمكىن. گۈللىنىش پارتىيىسىدىكىلەر ھەقىقەتەن مۇستەبىتلەرچە باستۇردى ھەمدە ۋاسىتىسى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى، ئەمما ئاز ساندىكى مۇھاجىرلار ۋە دەھرىي سەرخىللار قوغداشقا ئېرىشتى.
ئەمما ئىسلام دىنىنى كونترول قىلىش مۇستەبىتلىكنى قوللاشنىڭ سەۋەبى ئەمەس. تېگى تەكتىدىن ئالغاندا، سىياسىيلاشقان ئىسلامنىڭ زوراۋانلىق پائالىيىتى يۇقىرىدا دېيىلگەن مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى. مۇستەبىتلەرنىڭ ھوقۇق تۇتقان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئىسلامدا تېخىمۇ شىددەتلىك توپىلاڭ ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىدۇ.  
 
بۇ ئوخشاشلا ئەردوغان ۋە سودا مەركىزىنى قۇرغۇچىلارنى قوللاپ، تۈركىيە نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇشنىڭ سەۋەبى ئەمەس. نامايىشچى ئاممىنىڭ ئەردوغاننىڭ قىلچە تەپتارتماي مېدىيە ۋە ئاممىۋى جامائەت پىكىرىنى باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بار. ئەمما توقۇنۇشنى دىن ئىپادە قىلغان ھەققانىيەت كۈرىشىگە قارشى دەپ قاراش ئوخشاشلا بىر خاتالىق. 

ئىسلام ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى دېموكراتىيەنىڭ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىق دۆلەتلەردە ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ساقلانغىلى بولمايدىغان نەتىجىسى. ئوتتۇرا شەرق ئاممىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى دېموكراتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەركىنلىكنى ئوجۇقتۇرۇۋېتىشىنى قانداق توسۇپ قېلىشتۇر. تۈركىيە يەنىلا دېموكراتىك دۆلەت. بىز ئەردوغانغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ تۈركىيەنى تېخىمۇ ئەركىن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشىمىز كېرەك. 

مەنبە:ئوكيان تورى

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 09:19:58

دىمكۇراتتىيە دىگەن نىمە ؟ يەيدىغان نەرسىمۇ ؟ ئۈچ ۋاقلىقىغا پولۇ يىگەنلەر زىرىكىپ يەنىلا ئوماچ ئىچىپ بەرسە سالامەت بولغىدەك دىيىشىدۇ ، لىكىن بىر كۈن ئوماچ ئىچىكەندىن ھەي ..يەنىلا پولۇ ياخشىكەن جۇما دەيدۇ . ئۇنىڭغا ئوماچنىڭ ئارزۇلىغىدەك نەرى بارەي ، ئۇندىغەي ـ مۇندىغەي دەپ يېرىم كۈن سۆزلىسىمۇ بىكار .
تولا تالاش _ تارتىش قىلىنىپ تىتىلىپ كەتكەن تىمىلارنى يوللاۋىردىكەنسىلەر . چاپلىغىسى كەلسە تەرجىمە قىلىدىغان ئادەم مۇنبەردە ئۆزى بار ، كۆچۈرۈپ چاپلاشقا ھۆدىگەر بولغانمۇ يا ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 10:07:27

مەدىنيەت ئىنقىلابى ئاياقلىشىپ 30-40 يىل بولۇپتۇ.
يەنە ھازىرمۇ سىنىپى كۈرەش دەپ ئاسانلا ئېغىزىڭلارغا چىقىدىكەن دىسە:funk:

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 12:23:47

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-2-24 10:07 static/image/common/back.gif
مەدىنيەت ئىنقىلابى ئاياقلىشىپ 30-40 يىل بولۇپتۇ.
يەنە ھا ...

زىتەيلاڭ 30-40 يىلدىن بىرى سىنىپى كۆرەش ياپۇنىيەدە بولمىغان بىلەن ماۋۇ بىزنىڭ دىيارىمىزدا ھېلىھەم بار . ئىدارە - جەمىيەتلەردىكى سىياسى ئۆگۈنۈش يىغىنلىرى ۋە رادىيو-تېلۋىزىيە قاناللىرىدا ھەر كۈنى مۇقىم ۋاقىتتا بىرىدىغان پىروگىراممىلاردا ئېنىق قىلىپ تەكىتلىنىدۇ .

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 15:30:22

     تۈركىيە كۆپ پارتىيە تۈزۈمىگە ئۆتكەندىن بۇيان دېموكراتىيەنىڭ تولغىقىنى يەۋاتىدۇ  . ھەرقانداق بىر تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ مۇشۇنداق دېموكراتىيەلىشىش مۇساپىسى بولىدۇ . چۈنكى تۈركىيە يەنىلا ئۈچىنجى دۇنيا ئەللىرىگە تەۋە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت . ئېقتىسادنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىرى يەنىلا تۈركىيەنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى رېتىدە تۇرىدۇ .

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 16:13:52

نەپرەت2009  نى ھىچ ئۇچراتقىلى بولمايدىغۇ ؟

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 16:21:27

ئوكياننىڭ خەۋەرلىرىنىڭ تازا تاينى يوققۇ

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 09:18:31

نەپرەت ئەپەندىم قارىغاندا ئوكياندا ئەمەس ئوخشايدۇ بولمىسا تايىنى يوق خەۋرلەرگە ئوكياندا چىقىپ يۈرمەيتتى.
بەت: [1]
: تۈركىيەنىڭ سىنىپىي كۈرۈشى