شېئىرلار ( مەدىنەئاي تەلئەت ) ئاتەش قىز
شېئىرلارمەدىنەئاي تەلئەت ( ئاتەش قىز)
كېتىپ قالدىڭ
كېتىپ قالدىڭ تەرىك ئەيلەپ ، يۈرەك ئىشقىڭدا چوغ بولدى ،
قايان يۈتتۈڭ ۋاپادارىم ، سۈزۈك قەلبىمدە دۇغ بولدى .
جامالىڭ ئىستىدىم ھەريان ، يار قايرىلىپ باقسۇن دەپ ،
چۆللەردە سەرسان يۈرمىگەي دەپ ، سۆيگۈم يايرىمغا تۇغ بولدى .
مۇھەببەت بەتلىرى گۈلدە ، مۇھەببەت كەپتىرى چۆلدە ،
جانانىمنىڭ ۋىسالى يوق ، تۇمۇز بولدى گاھ سوغ بولدى .
تىلىم نامىڭنى يادلايدۇ ، دىلىم كۆرمەكنى ئىستەيدۇ ،
نىچۈن ئۇچتۇڭ يىراقلارغا ، پىراغىڭ يۈرەككە ئوق بولدى .
قالارمۇ باغلىرىڭ مۇڭدا ، قالارمۇ تاغلىرىڭ ئۇندا ،
ئۆچەر ئارمانلىرىم غەمدە ، ۋېسال بوستانى يوق بولدى .
كونا جايلار كەتتى كونىراپ
كۆز ئالدىڭغا كەلدىم ئېھتىمال ،
كونا جايغا يەتكەندە قەدەم .
ياش ئەگىدى كۆزۈڭدىن بەلكىم ،
كۆرۈنگەندە يىراقتىن قەسەم .
مەن يايرىغان ئىللىق قوينۇڭدا ،
قايسى جانان تۈنىدى پىنھان .
ماڭا بەرگەن تاتلىق ۋەدەڭدە ،
يەنە كىملەر بولغاندۇ مېھمان .
گۈللەر ئىزلەپ يۈرسەم سەن ئۈچۈن ،
گۈل سۇنغانتىڭ كىملەرگە بەلكىم .
سېنى كۈيلەپ ئېيتقان ناخشامدا ،
مۇڭسىرىدىڭ كىم بىلەن غەمكىن ،
سۆيگۈ قەسىرى
يۈرگەندە غەمسىز سەبىيلىكىمدە ،
يۇلۇقتى غايىپتىن ماڭا بىر ھەمراھ .
بۆسۈپ كىرىپ تەنھالىقىمغا ،
سالدى قەلبىمگە ئاجايىپ سەۋدا .
ۋە لىكىن ۋىسالنىڭ ئوردىسى توساق،
ھېجىران ئىلكىدە يۈردىممەن ئۇزاق .
نەمۈمكىن ئاتەشتەك ئوتنى ئۆچۈرمەك ،
قۇرسىمۇ دۈشمەنلەر مەن ئۈچۈن توزاق .
بىراق تەتۈر قاراپ يۈرىيمىز
كۆيەر چوغدەك يۈرەكلىرىمىز ،
بىراق تەتۈر قاراپ يۈرىيمىز .
سەن كېلىشنى ئېغىر كۆرىسەن ،
مەن بېرىشنى << خالىماسمەن >>ھەم.
بىزلەر يۈرگەن باغلارمۇ مۇڭدا ،
تەڭ كۈلۈشكەن چاغلارمۇ مۇڭدا .
جاپالارنىڭ كۆرۈنمەي تېڭى ،
چۈشۈپ قالدۇق ھېجران كويىغا .
كۈيۈپ تۇرار يۈرەكلىرىمىز ،
بىراق تەتۈر قاراپ يۈرىمىز .
لېكىن ،
سېغىنىمەن سېنى ھەر دەقىق .
بەلكىم سەنمۇ !!!
نېمە كۈن بار ئۆزىمىز تاپقان ،
يەنە نىمە غەملەر كۆرىمىز !
مۇئەللىمنى ‹‹ پەس ›› كەن دەر ، مۇئەللىمنى ‹‹ نەس ›› كەن دەر !
مۇئەللىمنى ‹‹ پەس ›› كەن دەر ، مۇئەللىمنى ‹‹ نەس ›› كەن دەر ،
مۇئەللىمنى ‹‹ سەت ›› كەن دەر ، مۇئەللىمنى ‹‹ غەش ›› كەن دەر .
ئەي مۇئەللىم بىچارە، ئاۋارىكەش ، غېرىبانە ، سەرسانە ،
غەمنى تىلەپ تاپقاندەر ، مۇئەللىم ‹‹ قەدىرىگە يەتكەنلەر›› .
مۇئەللىم دەپ ، كۈندە بىر كېيەلمەيمىز ھەرگىز بىز ،
مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرەلمەيمىز مۇئەللىم دەپ ،
كاتتا سورۇن ، مەشرەپلەر تۈزەلمەيمىز ھەرگىز بىز ،
غەمدىن خالاس بىرەر كۈن يۈرەلمەيمىز مۇئەللىم دەپ .
مۇئەللىم بىز سەھەردە بۇلبۇل بولۇپ سايرايمىز ،
خۇش ناۋاغا ھەركىمدىن دەشنام ـ خاپا ئاڭلايمىز .
پەرۋانە بوپ يەنىلا ‹‹ ۋالاقشىيمىز ›› ھارمايمىز ،
رەنجىۋىرىڭ چوڭ ـ كىچىك ئاڭلاپ ـ ئاڭلاپ قانمايمىز .
بىرى دەيدۇ بالامنى ، يىتىشتۈرۈڭ گۈل قىلىپ ،
ئاھ نە ئۈچۈن ئۆيىدىن ئەۋەتىدۇ كۈل قىلىپ .
بىرى دەيدۇ نە ھوقوق باشقۇرارغا بالامنى ،
گۈلى نەدە گاھ كېلەر قوينىغا پىچاق ، دەرت ئېلىپ .
ئۇستاز دېسە ئەجدادىم تۇرار ئىدى ھۆرمەتتە ،
ھۆرمەتلەرگە بېخىلسىز نۆۋەت بىزگە يەتكەندە .
مەيلى بىرىڭ تىكەنلەر ، ۋاپاغا ـ جاپا ئەتكەنلەر ،
خەلقىم بىرەر ياخشى نام ، بىز ئالەمدىن ئۆتكەندە .
مۇئەللىم بار ، بالىڭىز ، مۇھەببەتتە چوڭ بولدى ،
مۇئەللىم بار خانىڭىز كۈي ـ شاتلىققا لىق تولدى .
مۇئەللىم بار ‹‹ يارىڭىز›› زىدە بولماي ساق بولدى ،
مۇئەللىم بار قەلبىڭىز ئوچۇق ـ يورۇق توق بولدى.
يۇقالمسۇن ئۇيغۇر تىل !
مەدىنئاي تەلئەت ( ئاتەش قىز )
يۇقالمىسۇن ئۇيغۇرنىڭ تاتلىق ، ئۇماق زىل تىلى ،
ئەجدادىمنىڭ مىراسى ، ئىپار ئەنبەر گۈل تىلى .
تۈركىي تىللار زېننىتى ، ئاتا _ بوۋام مېھنىتى ،
تەڭرىمنىڭ ھىممىتى ، ئۇيغۇرۇمنىڭ قىممىتى .
ھازىدار دەپ ئالدىراپ سىيلىماڭلار بېشىمنى ،
ئايرىلىش دەپ چۈشەنمەڭ تەئەججۈپلۈك يېشىمنى .
ئۆلۈمىگە ‹‹ ئاق باغلاپ ›› كەلمىگەيىسز ئالدىراپ ،
مەن ھاياتمەن ‹‹لەھەتكە ››كىرگۈزمەيمەن تىلىمنى .
ئۆزگە تىللار سەپ بولۇپ مىنى ئىزلەپ كەلمەڭلار ،
‹‹بىزلەر بارغۇ ساڭا ›› دەپ يۈرۈگۈمنى ئەزمەڭلار .
قۇلقىغا گۈل قىلىپ قىسارمىكىن مېنى دەپ ،
باشلارمىكىن تۆرگە دەپ خام خىياللار سۈرمەڭلار .
تۈركىي تىللار دېۋانى يىغلاپ —قاقشاپ قالمىسۇن ،
ئەتەبەتۇل ھەقايىق سەپتىن چۈشۈپ قالمىسۇن .
قۇتنى ئاتقۇ بىلىكتىن يۈز ئۆرىمەڭ ئالدىراپ ،
غەنىيمەت دەپ ئۆزگىلەر يانچۇقىغا سالمىسۇن .
يۇقالمىسۇن ھۆر ـ پەرى نازۇك بەدەن ئۇيغۇر تىل ،
ئۆزى ناۋات قەنىت ـ شېكەر ، ئەزىز ۋەتەن ئۇيغۇر تىل .
سەنسىز نەپەس سىقىلار ، كۈلكىلىرىم بىچارە ،
ھەمراھ بولۇپ ئۇيغۇرغا ، جاراڭلىغىن ئۇيغۇر تىل .
قۇتقۇزىۋىلىڭلار<<ئەركەك>>لەر!ئۆلگىلى ماڭدىم!
مەن ئۆلگىلى ماڭدىم ،
<<كۆرگىلىگىمنى كۆرگىلى >> ماڭدىم ،
قىزلىق دۇنياسىغا خوشلاشقىلى ماڭىدىم ،
<<كەپسىزلىكىم >> نى سۆيگىلى ماڭدىم ،
پاكلىق ئۇقۇمىنى ئۆچۈرگىلى ماڭدىم ،
ياق !
<< بەختىمنى >> ئىزدەپ تاپقىلى ماڭدىم !
مەن ئۆلگىلى ماڭدىم !
چاچلىرىمنى ئاتقىلى،
لاي _ پاتقاققا پاتقىلى ،
ئىنسابىمنى ساتقىلى ماڭدىم !
ياق !
<<زامانەمگە ياققىلى >> ماڭدىم !
مەن ئۆلگىلى ماڭدىم !
سەمىمىيلىكىمدىن قاچقىلى ماڭدىم !
ياق !
ئەركىن قانات قاققلى ماڭدىم !
<< نادانلىقىم >> غا ئېسىت
ھاياتقا تاتلىق باققىلى ماڭدىم !
مەن ئۆلگىلى ماڭدىم !
مىنى قۇتقۇزىۋىلىڭلار << ئەركەك >> لەر !
بالىلىق
‹چاچما شېئىر›
ئويناپ باقتىم ،
تال ـ چىۋىقنى ئات قىلىپ .
سەكرەپ باقتىم ،
بالىلىقنى ياد ئېتىپ .
ھەي ... ياراشمىدى ،
يارشىملىق سەبىي چاغلىرىم ،
كېتىپ قاپتۇ ماڭا يات بېقىپ .
سورىدىم :
مېنى تۇغقان ئانا ماكاندىن :
‹‹ ھەي ، ئانا يەر ئېيتقىنا ،
بالىلىقنى سەن ئوغۇلاپسەن ››
قايتمىدى سادا ،
ۋارقىرىدىم ،
چۆچىدى زېمىن .
‹‹ قايتۇرۇپ بەر ،
مېنىڭ سەبىي چاغلىرىمنى ،
شوخلۇقۇمنى ، شاتلىقىمنى ، بەختىمنى ››
نەلەردە ئويناپ دەۋران سۈرگەن ،
تاتلىق بالىلىقىمنى ››
قايتتى سادا ، كەلدى جاۋاپ :
‹‹ ۋارقىرىمىغىن ،
ئويغاتمىغىن قوينۇمدىكى ،
ئۇماق ، زېرەك بالىلارنى ،
بۇزما ئۇلارنىڭ ئارامىنى ،
شاد ـ خورامىنى ،
مەن ئۇغۇلاپ قاچمىدىم ،
سورىما مەندىن بالىلىقىڭنى ،
ھاياتىڭنى ، تەقدىڭنى ھەم بەختىڭىنى ،
بۇ سۇئاللار جاۋاپكارى ،
ھايات قانۇنىيىتى ،
ئول ، ئوغۇلاپ كەتتى سېنىڭ ،
تەلپۈنىدىغان بالىلىقىڭنى .
ھەي ... رەھىمسىز ۋاقىت ،
قايتۇرۇپ بەر مېنىڭ
بالىلىقىمنى ، تەختىمنى ھەم
بەختىمنى .
كېتىمەن
كۆزۈڭدىن غەم بىلەن تۆكمىگىن شەبنەم ،
كېتىمەن يېنىڭدىن توشتى ھەم سەبرەم .
كېتىمەن سۆيگۈمنى زېممەمگە ئارتىپ ،
بولماستىن غېمىڭگە ئەمدى مەن ھەمدەم .
كېتىمەن قەلبىمنى تاڭمايمەن ساڭا ،
يېلىنىپ ئالدىڭغا بارمايمەن يانا .
كېتىمەن ھېجرانغا يېقىپ يۈرەكنى ،
يىغلىما بولدى قوي ئەي گۈزەل رەنا .
كېتىمەن مۇڭ بىلەن ھەسرەتكە چۆكۈپ ،
يۈرمەيمەن سېنىمۇ ئەمدى مەن كۈتۈپ .
كېتىمەن لېۋىمدىن ھىجران تامچىتىپ ،
رازى بول كەتكەيسەن بەخىتلىك ئۆتۈپ .
كەمبەغەلخانە
دېرىزىدىن پۇرقىرار شامال ،
تۈڭلۈكىدىن چۈشەر مۆلدۈرلەر.
بۇۋاقلىرى يىغلايدۇ ئاچچىق ،
خۇيمۇ سوغاق غېرىپ ‹‹ئۆڭكۈرلەر ››
باي ئۆيىدە قاينايدۇ بەزمە ،
قات كۆرپىدە تەرلەر بەزىلەر.
گۆش قېرىندىن سەسكەنگەن ھەتتا ،
ئاھ ، ئاجايىپ ئىكەن بەندىلەر .
كەمبەغەلگە بىر كۆڭلەك بايلىق ،
باي خېنىمدا تۈگىمەس گەزمىلەر .
بىر زاغىرىغا تىكىلگەن ئون كۆز ،
ئاچلىق ئازاپ ، قېينايدۇ غەملەر.
يامغۇر ئامراق نامرات ئۆيگە ،
ئۆرلىدۇ تېنماي ‹‹ كەپىلەر ››
باي ئۆيىدىن ئۈزۈلمەيدۇ ساز ،
ناز ـ كەرەشمە ، گۈزەل ئەتىلەر .
نامراتلارغا ئەت يوق ئەسلا ،
بۈگۈن ئۆتسە دىلى سۆيۈنەر .
باي بالىدا كاتتا ماشىنا ،
كەمبەغەلدە غېرىپ كۆڭۈللەر.
گاداي بالا ، بايغا مايلامچى ،
ھەمراھ ئاڭا تەنە ، رەنجىشلەر .
باي سورۇندا ، گاداي بۇلۇڭدا ،
ئاھ ئاجايىپ ئىكەن بەندىلەر .
كونا جايلار كەتتى ‹‹ كونىراپ ››
كۆز ئالدىڭغا كەلدىم ئېھتىمال ،
كونا جايغا يەتكەندە قەدەم .
ياش ئەگىدى كۆزۈڭدىن بەلكىم ،
كۆرۈنگەندە يىراقتىن ‹‹ قەسەم ››
مەن يايرىغان ئىللىق قوينۇڭدا ،
قايسى جانان تۈنىدى پىنھان .
ماڭا بەرگەن تاتلىق ۋەدەڭدە ،
يەنە كىملەر بولغاندۇ مېھمان .
گۈللەر ئىزلەپ يۈرسەم سەن ئۈچۈن ،
گۈل سۇنغانتىڭ كىملەرگە جېنىم ،
سېنى كۈيلەپ ئېيتقان ناخشامدا ،
گۈلخان بولدى بىچارە تېنىم .
ئاۋۇ .... «كېتىپ قالدىڭ» دېگەن شېئىرنى كىلاسسىك ئۇسلۇبتا يازغاندەك تۇرىسىز، ئەمما ھېچ ۋەزىنگە چۈشمەيدىغۇ؟ خۇتۇننى دۇمباللاش ئەرنىڭ گۇمپىسى، شۇڭا ئاياللار بوكسىيور خالتىسى. ئايال يىغىسى ئەرنىڭ كۈلكىسى، ئايال مۇش يىسە بەخىت تاپقۇسى دەيدۇ بايا بېرسى ئاچچىقىمدا مەنمۇ دىدىم : ئايالغا كۈيۈنۈش مۇئمىننىڭ ئىشى ، ئايال خار ئەمەس بىلگىن ئەر كىشى ، . ئايالىڭ كۈلسە دۇنيا كۈلگىسى . ئايالنى ئۇرغان قول قۇرۇپ كەتكۈسى. ئايالىغا كۈيۈنگەن بەخىت تاپقۇسى . Birhon يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 15:02 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ .... «كېتىپ قالدىڭ» دېگەن شېئىرنى كىلاسسىك ئۇسلۇبت ...
30 نەچچە ۋەزىننىڭ بىرەرىگىمۇ چۈشمىدىمۇ ؟:P izqi1991 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 15:28 static/image/common/back.gif
خۇتۇننى دۇمباللاش ئەرنىڭ گۇمپىسى، شۇڭا ئايالل ...
قىززىق ئىنكاسكەن بۇ . :) Birhon يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 15:02 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ .... «كېتىپ قالدىڭ» دېگەن شېئىرنى كىلاسسىك ئۇسلۇبت ...
ئۈزۈمغۇ چۈشۈرۈپ باقماپتىكەنمەن ، ھازىر سىناپ باقسام ، تېخى كۆپ ئۇچرايدىغان تۆت تۈرنىڭ بىرىگە چۈشىدىكەنغۇ ؟!:o ataxkiz يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 16:48 static/image/common/back.gif
ئۈزۈمغۇ چۈشۈرۈپ باقماپتىكەنمەن ، ھازىر سىناپ باقسام ...
ئۈزۈمغۇ چۈشۈرۈپ باقماپتىكەنمەن ، ھازىر سىناپ باقسام ، تېخى كۆپ ئۇچرايدىغان تۆت تۈرنىڭ بىرىگە چۈشىدىكەنغۇ ؟!
بىر مىسرانى بىر ۋەزىنگە، ئىككىنچى مىسرانى يەنە بىر ۋەزىنگە چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولمايدۇ-دە!
قاراڭ ھە، مەن ھېلىقى نەفائىلون-نەفائىلون...فائىلاتون... فائىلون... دېگەن نوتىنى ئۇقمايمەن... ئۆزۈم بىر شۇنىڭغا ماس ھالدا فورمىلاسىنى تۈزۈپ باقاي ھە.
سىزنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى مىسرالار تۆۋەندىكىدەك:
ئاب-ئاب-ئاب-ئاب، ئاب-ئا ب س-ئا-ئاب،
ئەمما 4-مىسرادا مەسىلە بار:
ئا ب س-ئاب-ئا ب س-ئا، ئاب-ئا ب س-ئا-ئاب،
قالغان قىسىمىدا بۇنداق بۇزۇلۇش يوق.
مىسراغا تىزساق (بىر ھەرپ بىر رېتىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ):
ئاب-ئاب-ئاب-ئاب، ئاب-ئا ب س-ئا-ئاب،
ئاب-ئاب-ئاب-ئاب، ئاب-ئا ب س-ئا-ئاب،
ئاب-ئاب-ئاب-ئاب، ئاب-ئا ب س-ئا-ئاب،
ئا ب س-ئاب-ئا ب س-ئا، ئاب-ئا ب س-ئا-ئاب،
ئاب-ئاب-ئاب-ئاب، ئاب-ئا ب س-ئا-ئاب،
ئاب-ئاب-ئاب-ئاب، ئاب-ئا ب س-ئا-ئاب،
.....
----------------
دېمەكچى بولغىنىم...
شېئىرنى بولماپتۇ دېگەنلىك ئەمەس، كىلاسسىك شېئىرغا ئوخشاپتۇ، ئەمما... سەل قېيىپتۇ دېمەكچى. ھە شېئىرلارنىڭ ھەممە مىسراسىنىڭ تولۇق چۈشىشى ناتايىن ، بەزى مىسرالىرىنى مەجبۇرىي چۈشىرىمىز ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ‹‹ غەزەپ ۋە زار ›› ، نىمشىھېتنىڭ ‹‹ بىلىم ئىشقىدا ›› ... دېگەندەك غەزەللىرىمۇ كىلاسسىك شېئىر ، ئوخشاشلا نۇرغۇن جايلىرى چۈشمەيدۇ . باشتىكى‹‹ كېتىپ قالدىڭ›› دىگەن شئېرىڭىزغا يانداشما:
كىېتىپ قالدىم
كېتىپ قالدىم ،يۈرەك قالدى، سىنىڭدە ئاتەش چوغ ئىچرە،
توڭۇپ قالمايسەن چىڭ ساقلا، زىمىستان قىش ۋە سوغ ئىچرە.:lol
سىياقىمنى قويۇپ كەتتىم ،چۈشۈڭ تامان بېرىپ ئىزدە،
ۋىسالدا چاڭقىساڭ چاك-چاك شۇئاندۇرمەن شۇ دوغ ئىچرە.
پىراقلارغا چىدالمىساڭ لىۋىڭنى چىشلىمە زىنھار،
كۆزۈڭدىن ئاقمىسۇن قان-ياش ئۆرتەنمە تۇزلۇق دۇغ ئىچرە.
مۇھاببەت بەتلىرى رەڭدار،ۋاراقلاپ كۆر سېغىنغاندا،
ۋىسالغا يىتمىز بىر كۈن ۋاپا گۈلشەنى تۇغ ئىچرە.:lol
ھەربىرسىگە ئايرىىم كۆڭلۈم بار. AA BA CA DX EX paliwan يوللىغان ۋاقتى 2014-2-25 14:27 static/image/common/back.gif
باشتىكى‹‹ كېتىپ قالدىڭ›› دىگەن شئېرىڭىزغا يانداشما:
ك ...
تەھرىرلىگىنىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ، سىزگە كۆپ رەھمەت .
بەت:
[1]