ataxkiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 13:00:34

نەسىرلەر ( ئاتەش قىز )

                                                                            نەسىرلەر
                                                            مەدىنەئاي تەلئەت ( ئاتەش قىز)   
                                         غۇلجا شەھەرلىك 8 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ـ ئەدەبىيات گۇرۇپپىسى

                 ئېچىرقىغان ئەرلەر ، ئۆلگەن مەسۇمە قىزلار
قىزلىق ئالىمىدىن يەنە بىر يۇلتۇز ئۆچتى !!! بۇلۇتلار ياش تۆكتى ، چاقماق چاقتى ، زېمىن ئازاپلىق ئېڭراپ ، غەزەپتە تىتىرىدى ، مەسۇمەلەرنى ئۆلتۈرۋاتقان ئەرلەر ، ئەنە قوللىرىدا پىچاق ، مەسۇمەلەرنىڭ قىزلىق ئۆمىرىنى ئاخىرلاشتۇرماقتا ، چىن تۆمۈرنىڭ قىلىچىنى تۇتقان قوللار ناپاك قانلار بىلەن بۇيالماقتا ، قىزلار ئۆلمەكتە ، ‹‹ نازۇك ، رىزىۋان ، يەتتە قىزىلىرىم ›› غا پىچاق تەڭلەپ ئۆزنىڭ ئەركەكلىدىن سەكرەۋاتقان ئەرلەر ، لۇتپۇللانىڭ ‹‹ يىللارغا جاۋاپ ›› لىرىغا رومكىغا لىق چىلاشقان ئىلھاملىرى بىلەن خوشە دەپ جاۋاپ بېرىۋاتقان ئەرلەر . ئەركەكلىكىنى كۆز _ كۆز قىلىپ ئائىلىدىن يۈز ئۆرۈپ ئائىلىلەرگە پىيادە ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئەرلەر !
    بۈگۈن يەنە بىر مەسۇمە قىز ئۆلدى ، ئۇنى غېنى باتۇرنىڭ نەۋرىلىرى يەرلىكىگە قويدى ، گۈلنىڭ شېخى قايرىلىپ يەرگە تېگىپ قالدى ، ئاھ ، بىر مۇبارەك قەدەم  كەلدى ، ئۇنى يۆلىمەك ... ياق ، ئۇنى ئۈزۈپ ، يەرگە سىلكىپ تاشلىدى ، گۈلنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلدى ، يەنىلا مەردانە يەر ، ئەركلىكنىڭ ھەقىقىي نامايەندىسى سۈپىتىدە ئۇنى ئىللىق باغىرغا باستى .
يەنە بىر مەسۇمە ، ئەنە سادىر پالۋاننىڭ نەۋرىسى ،پاھ ، باتۇرلۇق ، مەسۇمە سۇلدى ، قىزلىق ئالىمىدىن يەنە بىر يۇلتۇز ئۆچتى ، ئۇنى جۇۋانلىق نۇمۇسسىزلارچە قوينىغا ئالدى ...
ئەنە ئابدۇخالىقنىڭ ‹‹ غەزەپ ۋە زار ›› لىرىغا ئاق تاماكا خۇمارى بىلەن غەزەپلىك جاۋاپ بېرىپ ، زارى بىلەن مەسۇمەلەرنى چاناۋاتقان ئەرلەر !!! ئۇلارنىڭ قوللىردا پالتا ، ئۇلار ئەركەكلىكىنى نامايان قىلماقتا ، قويۋەت تۇتما ئۇلارنى مەھمۇدنىڭ خەرىتىسىنى ئاق تاماكىنىڭ ئىسلىرى بىلەن سېزىۋاتىدۇ !
مەسۇمەلەر ئۆلمەكتە ، ئەركەكلەر ، ئەركەكلىكى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈمەكتە ، ئەركەكلەر تەڭرىم ئاتا قىلغان كەڭ يەلكىلىرىنى ئۇلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتمەي ، بۇلغان جسىسىمى بىلەن مەسۇمەلەرنى بۇلغاپ ئۇلارنىڭ روھىنى تەڭ ئۆلتۈرۈپ ئىسكەنجىگە ئالماقتا !
بۈگۈن يەنە بىر كىتابخانا تاقالدى ، يەنە بىر قاۋاقخانا يىگىتلەرنىڭ مەردانلىكىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن بەرپا بولدى !  
   مەسۇمەلەر ئۆلمەكتە ، ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ ؟!!! ، نازۇك توۋلىماقتا !
   مەسۇمەلەرنىڭ جىسمى بۇرۇقلاپ قايناۋاتقان قازانلاردا ، ئەرلەر قاقلاپ كۈلمەكتە ، قازاندىن يۇمران ئۇستىخانىلارنى ئېلىپ غاجاشماقتا ، بىر _ بىرىگە مەغرۇرانە تىكىلىپ ئەرلىكىنى ساتماقتا !  
مەسۇمەلەر ئۆلمەكتە ، ئېچىرقىغان ئەرلەر !...
ھايات ۋە مەن  
      ھايات ماڭا نېمىلەرنى بەردى ؟!
گۈزلەر رۇخسار مېنىڭ  ، تېمەن جىسمىم مېنىڭ ، ئەتراپىمدىكى گۈزەل تەبىئەت مېنىڭ !
مەن ھاياتقا نېمىلەرنى بەردىم ؟!
ھاياتنىڭ ماڭا بەرگەن پۇرسەتلىرىگە سۈكۈت بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇدۇم .
گۈزەللىكىگە ئاغرىنىشىنى ھەمراھ قىلدىم ، دوستلىرىمغا ھەسرەت ، قايغۇ بەردىم ، دۈشمەنلىرىمگە شادىيانە كۈلكە بەردىم .
كۈلگەنلەرگە ئالايدىم ، يىغلىغانلاردىن بىزار بولدۇم ، ھاياتنى سۆيگەنلەردىن نەپرەتلەندىم ، بىكار تەلەپلەر بىلەن دوست بولدۇم ، ئېلىمخۇمارلارغا ئۆچ بولدۇم .

ھايات ماڭا نېمىلەرنى بەردى ؟!
ياق ، ھايات ماڭا زادى نېمىنى بەرمەي قودى ، مېنىڭدىن نېمىنى ئاياپ باقتى ؟!
ئەپسۇس ، مەن ھاياتقا نېمىلەرنى بەردىم ؟!
                                           ئۆلۈم

  ئۆلۈم ئۆي كۆچۈشتىن دېرەك بىرىدۇ ، يىڭى ئۆي نامەلۇم . كونا ئۆيدە ئۆلۈم ھەسرىتى ، گاھىلارنىڭ نەپرىتى يەنە گاھىلارنىڭ شاتلىقى . گاھىلار ھەممىنى كۆچۈرۈپ ئەپ كېتىدۇ ، يەنە گاھىلار كۆچمەس مىراسلارنى قالدۇرىدۇ .
   ئۆلۈم ھەقىقەتەندىمۇ ‹‹ مۇتلەق مەنىدىكى ئۆلۈم ئەمەس ›› ، ئۆلۈش بىر ئىنساننىڭ تامامىي يوقۇلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، گاھىلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق نىسىپ قىلىنغان ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى _ ھاياتنىڭ بىزگە قىلغان ئاچچىق چاقچىقى . قەبىرلەردىنمۇ ئاۋاز چىقىدۇ ، مەھمۇد 1000 يىللاردىن بۇيان سۆزلىمەكتە ، خەلقنىڭ ھېجرانغا تولغان ياشلىرى ئۇنىڭ قەبىرىسى ئۈستىگە قويۇلۇپ ، ئۇنىڭغا ئۇسسۇلۇق بېرىپ ئۇنىڭ سادالىرىنىڭ توختاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا . ئۇ دادىل ، مەغرۇر سۆزلىمەكتە ، خەلق ھەتتاكى ئۇنىڭ قىياسەن رەسىملىرىگىمۇ ھەيۋەت تۈس بەرمەكتە .
   گاھىلار ھاياتلىق ئالىمىدە ئازادە يۈرمەكتە ، ئەمما ئۇنىڭ روھىي قەبىرىلەرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ، ئۇنىڭ قۇلاقلىرى گاس سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلىيالمايدۇ ، كۆزلىرى كور ، قۇياشلىق ئالەمدىمۇ ھېچنەرسىنى كۆرەلمەيدۇ ، ئۇلار قۇپقۇرۇق ، سېنىڭ ئۈچۈن بىر يىڭنە سۇنغان ، مېنىڭ ئۈچۈن بىر پىيالە چاي دەملىگەن ئەمەس .
گۈلزارلار ئۇلارغا دوۋزاخ ، ھاياتلىقنىڭ شامى ئۆچكەن ، ئۆزلۈكنىڭ مەغرۇرلىقى ئۇلاردىن سۇنغان .
‹‹ قەبىرىگە كۆمۈلمىگەن قەبىرە ئىچىدىكىلەر ›› ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسى ، كۆز قارچۇقۇڭنى ھەركەتكە سال .
‹‹ قەبىرىگە كۆمۈلگەن قەبرە ئىچىدىكلەر ›› ۋۇجۇدۇمنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا ئال ، يۈزۈمگە نۇر ، قەلبىمگە غورۇر بەرگىن !!!
تۆكۈلگىن ياشلىرىم ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن !!!!
تۆكۈلگىن ياشلىرىم ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن ! ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىدەك ، تارىم دەرياسىنىڭ سۇلىرىدەك ، سايرام ، بۇغدا كۆلىنىڭ سۇلىرىدەك تۆكۈلگىن ، زەرەپشان دەرياسىدەك تۆكۈلگىن !! سېنىڭگە ئەركىڭگە تاشلىدىم ، كەمتەرلىكىڭنى قوي ، تارتىنىشنى قوي ، ئۆكسۈپ _ ئۆكسۈپ ، ئۆكسۈپ تۆكۈلگىن ! قەلبنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن تۆكۈلگىن ، ئازاپنىڭ ئەڭ ئاچچىق يەرلىرىدىن تۆكۈلگىن ، سېنى ھەرگىزمۇ كۈلكەم بىلەن مەسخىرە ئەيلىمەيمەن ، شاتلىقىم بىلەن ساڭا ھاقارەت قىلماسمەن ، سېنى ئۆزگىلەر ئالدىدا كەمسىتمەسمەن ، تۆكۈلگىن ، پۈتكۈل ، پۈتكۈل روھىيىتىمدىن تۆكۈلگىن ، ئانالارنىڭ ئازاپلىرىدىن تۆكۈلگىن ، ئاتىلارنىڭ ھەسرەتلىرىدىن تۆكۈلگىن ، ئاجىزلارنىڭ غەملىرىدىن تۆكۈلگىن ، يېتىملارنىڭ غەمكىنلىكىدىن تۆكۈلگىن ، يۈرەكنىڭ قات _ قېتىدىن ، سەمىمىي بېتىدىن تۆكۈلگىن !
     يۈرىكى لەختە _ لەختە بولغانلارنى سۆيۈپ تۆكۈلگىن ، ئازاپلىق ئىڭراۋاتقانلاردىن ئۆلۈپ تۆكۈلگىن ، ئۆزگىلەر غەملىرى ئۈچۈن شاتلىنىۋاتقانلاردىن ئۆكسۈپ تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن ، ئەركىڭ بىلەن تۆكۈلگىن !
   تۆكۈلگىن ياشلىرىم ، مەزمۇت تۆكۈلگىن ، كەڭ زېمىن ساڭا سەينا بولغاي ، مېنىڭ ھەسرەتلىك قەلبىم ساڭا ھەمراھ بولغاي !
يازنىڭ يامغۇرىدەك ، قىشنىڭ ئاپئاق قارلىرىدەك تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن ، زېمنغا سىڭىپ كەت ، بارچە ئەلەملەرنى ئېلىپ كەت ، ئازاپلىق يۈرەكلەرگە شاتلىغىڭدىن ھەم بېرىپ كەت ! زۆرۈر بولسا گەر مېنىمۇ ھەم ئېلىپ كەت ! تۆكۈلگىن ، مەسۇمە قىزدەك يۈزلىرىڭنى قىزارتماي ، سېنى مەسخىرە ئەيلىگەنلەر ئۈچۈن كۆزلىرىڭنى ئالايتماي ، سېنىڭ تۆكۈلگىنىڭ ئۈچۈن قاقاقلاپ كۈلىۋاتقانلار ئالدىدا چىرايىڭنى زەپىراندەك سارغايتماي تۆكۈلگىن ! ئاۋازلىرىڭنى قويۇپ تۆكۈلگىن ، يۈرەكلىرىڭدىن ئۇخچۇپ _ ئۇخچۇپ تۆكۈلگىن !!!
   تۆكۈلگىن ياشلىرىم ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن !!!
يۈرىكى توختىمىسۇن مۇئەللىمنىڭ ،مۇئەللىمنىڭ ؟!ياق، كائىناتنىڭ !  
                                                            
                                                  
بىردانادىن سورىدىم :   
-دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر گۇناھ نېمە ؟   
-ئائىلىدىكىلىرىنى نادانلىقتا قالدۇرۇش .   
-ئەڭ ساۋاپلىق ئىش نېمە ؟   
-ئازغاننى يولدىن قايتۇرۇش ،قاراڭغۇ دىللارغا ھېكمەت ئۇرۇقلىنى چېچىپ نۇرانە قوياشنى ئاسماندا پارلاتقۇزۇش .   
-بۇنداق قۇدرەت كىمنىڭ قولىدىن كەلسۇن ؟   
-مۇئەللىمنىڭ !   
-مۇئەللىم ؟!   
مۇئەللىم ! ئۆزى ئاستا –ئاستا يېقىلىش بەدىلىگە تۈمەنمىڭ يىمىرىلمەس گىگانىت دەرەخلەرنى يېتىشتۈرگۈچى ! مۇئەللىم ! مول –ھوسۇلنىڭ نامايەندىسى ئەڭ سورتلۇق ئۇرۇق . مۇئەللىم ! ئۆزىنىڭ كىچىككىنە قانىتى سايىسىنى تۈمەنمىڭ ئاپئاق تۇرنىغا پاناھ قىلالىغۇچى ! بىر تامچە كۆز يېشى بىلەن پۈتكۈل زېمىننىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرغۇچى ! بىر تال ئاق چېچىغا تالاي غۇنچىنىڭ خۇش تەبەسسۇمى بىلەن تولغان ئۆلمەس تارىخلارنى يۇشۇرغۇچى ! يۈزىدىكى ھەربىرتال قۇرۇققا جاھان ئەركىلىرىنىڭ ،ئالىم ،مۇتەخەسس ،پەيلاسۇپلارنىڭ شانلىق غەلبە خەرىتىلىرىنى سىزغۇچى ! بىر جۈپ خاسىيەتلىك قولى بىلەن سىيلانغان باشلارنى كۆكلەرگە تاقاشتۇرغۇچى !   
مۇئەللىم ! ئۇ يەرشارىنىڭ تىنىقى،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن گىگانىتلارنىڭ سىيماسىنى كۆرىسىز! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز شوتا ، ئاي شارىغا چىققۇچىلارمۇ ئۇنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ چىقىپ كائىنات بىلەن مۇڭداشقان!   
مۇئەللىم ! ئۇنىڭ يۈرىكى سوقماقتا ! ئۇنىڭ ئەمەس ئىنسانىيەتنىڭ يۈرىكى سوقماقتا! ئۇنىڭ نۇرانە يۈزلىرى سەبىيلەرنىڭ كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى سېھىرلىك ئەينەك!   
مۇئەللىم! ئۇ ئاددىي ئىنسان ئەمەس ! ئۇ ئىنسانلار ئارىسىغا ئەۋەتىلگەن قۇتقازغۇچى پەرىشتە !   
مۇئەللىم ! ئۇ دەسسىگەن ئىزىدىن بوستان بەرپا قىلغۇچى سېھىرگەر ! ئۇ ئۆلگەن قەلبلەرنى تىرىلدۇرگۈچى ! ئۇ جاھالەت قاراڭغۇلۇقىنى تولۇن ئاي ۋە يولتۇزلار بىلەن بىزىگۈچى !   
مۇئەللىم ! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇستا رەسسام . چۈنكى ئۇ تېخى ھېچقانداق بىر رەسسام سىزىپ ئۈلگۈرمىگەن ھاياتلىق كارتىنىسىنى بور بىلەن دوسكىغا سىزىپ چىققۇچى!   
مۇئەللىم ! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ماھىر ھەيكەلتاراش ! ئۇ ھاياتلىقنىڭ غەلبە ھەيكىلىنى مارىسقا ، يۇپىتىرغا قاتۇرغۇچى !   
مۇئەللىم ! ئۇ ئەڭ ئىلغار مۇزىكانىت ،شۇنچە زور ئوركىستىرغا ئۆزى يالغۇز مەسئۇل بولغۇچى !   
مۇئەللىم !ئۇ بىر مەزمۇت تاغ ! ئۇ باغرىغا تالاي ھىكمەتلەرنى يۇشۇرغۇچى ، ئۇ بىر پارچە ئېسىل چىمەنزار ! ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىدى ،دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ھوزۇر ! ئۇ ئىنسانىيەتتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا ! ئۇنىڭدەك كىسەلگە ھەقىقى شىپالىق دورىنى ھېچكىم ياساپ چىقالىغىنى يوق !   
مۇئەللىم ! ئۇ تاتلىق ئەسلىمىلەرگە تولغان تۈنۈگۈن ، ئۇنىڭغا ئەڭ بۈيۈك تارىخلار يېزىلغان ! مۇئەللىم ! ئۇ يېقىملىق بۈگۈن ! ئۇ تېنىمسىز ھالدا كائىنات چوڭقۇرلۇقىغا ،يەر قاتلاملىرىغا سېڭىپ كىرمەكتە ! مۇئەللىم ! سۆيۈملۈك ھەم گۈزەل ئەتە ! ئۇنىڭ باغرىدا تۈمەن غەلبە جىلۋىلىرى جۇش ئېتىپ تۇرماقتا!   
‹‹بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز ،   
خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە نۇرلار چاچىمىز››  
مۇئەللىم ! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق شائىر ! ئۇ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان،لىرىكىغا تولغان رەڭدار ھاياتنى ئەڭ يېقىملىق تىللار بىلەن مىسرالار باغرىغا پاتۇرغۇچى!   
كىمدە بار شۇنداق خىسلەت،كىشى بالىسىنى ئۆز بالىسىدىن ئەزىز كۆرەلەيدىغان ؟! كىمدە بار شۇنداق قۇدرەت،بارچە قايغۇ ئەلەمنى ئىشىك سىرتىدا قالدۇرۇپ گىگانىت قەدەملەر بىلەن سىنىپقا كىرىپ كىلەلەيدىغان؟ !كىمدە بار شۇنداق جاسارەت،قانغا تولغان يۈرەكلىرى بىلەن مۇنبەرگە چىقىپمۇ چېھرىدە تەبەسسۇم نامايەن قىلالايدىغان ؟! كىمدە بار شۇنداق ساداقەت ،ئۆزىنىڭ ئاددىيلىقى بىلەن مۇقەددەس ئەتىنى بەرپا قىلالايدىغان؟! ...   
پاك ،سەبىي دىللاردىن شاتلانغان ئۇستاز ،   
ئەۋلاتلار بەختىگە ئاتلانغان ئۇستاز .   
ئۆتسىمۇ تالاي يىل،تالاي ئەسىرلەر ،   
ئەۋلادلار قەلبىدە يادلانغان ئۇستاز .   
مۇئەللىم ! مىللەتنىڭ ھايالىق نوزۇكلىرى ! يەتتە قىزلىرىم ،رىزۋانلىرى ! ئايخانلىرى ،خۇش مېھرىبان ئانىلىرى ! چىن تۆمۈردەك باتۇرلىرى ،سىيىت ،سادىر،تۆمۈرلەردەك گاڭگۇڭلىرى ! تاڭ سەھەرنىڭ بۇلبۇللىرى ! گۈل –ھاياتنىڭ دۇلدۇللىرى ! كۆكتە نورلۇق يولتۇزلىرى !   
شۇڭا دەيمەن ! يۈرىكى توختىمىسۇن مۇئەللىمنىڭ ! مۇئەللىمنىڭ ؟! ياق ،كائىناتنىڭ !   

                                         مەن مۇنداق ئوقۇتقۇچى

مەن سىز مەكتەپكە ئەۋەتمىگەن بالىڭىزنى ‹‹ نېمىشقا مەكتەپكە ئەۋەتمەيسىز ›› دەپ سىزنى سوراق قىلىدىغان ئۇستاز ، سىز ‹‹ ئوقۇتۇش ـ ئوقۇتماسلىق ھوقۇقۇم ›› دەپ قارايدىغان بالىغا ، ‹‹ سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز يوق ، ئۇ مىللەتنىڭ بالىسى ، ئۇنىڭمۇ ياخشى كۈن كۆرۈش ، ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش ھوقۇقى بار ، ئۇمۇ چوڭ مەكتەپلەردە ، ئالىي بىلىم يۇرتىلىرىدا بىلىم ئالالايدۇ›› دەپ سىزگە يۈرەكلىك سۆزلىيەلەيدىغان ئۇستاز .

مەن بالىڭىز ئۈچۈن سىز بىلەن مۇنازىرگە چۈشىدىغان ، بالىڭىزنىڭ ئارزۇ ـ تىلەكلىرىگە يېتىشى ئۈچۈن گاھىدا بىلىپ ـ بىلمەي ئۆز بالامنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ، بالىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈچۈن كېچە ـ كېچە باش قاتۇرۇپ تۈنلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىدىغان بالىڭىزنىڭ كۆڭلى يىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن گېلىدىن لايىقىدا غىزا ئۆتمەيدىغان ئۇستاز .

  مەن بالىڭىزنى كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئېلىم ئېلىپ ئۆزىنى ھەقىقي تۇنۇپ يەنىمۇ ئىلگىرلىشىگە بەل باغلىغىنىنى كۆرەلمىسمۇ ، ئاڭلاپلا قالسا قېن ـ قىنىغا پاتماي ئۆز ـ ئۆزىچە ساراڭلاردەك قاقاقلاپ كۆلۈپ كېتىدىغان ئۇستاز .

مەن ئېسىل كۆرپىلەر ئۈستىدە پاراغەتتە ئولتۇرۇشتىن ، ئىشخانىدا قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن باش قاتۇرۇشنى ئەلا بىلىدىغان ئۇستاز ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئالما ئاقلاپ يىگەندىن سېنىپتا بور ـ توزان يېگەننى ئەۋزەل كۆرىدىغان ئۇستاز .

  پەرزەنتىڭىزنىڭ تېنى ئاغىرىسا مېنىڭ يۈرۈكۈم ئاغرىيدىغان ، پەرزەنتىڭىزنىڭ ئالدىراپ باسقان قەدەملىرىدىن ئالىدىغان ئەخمىقانە شاتلىقلىرىنى ‹‹ كۆرەلمەيدىغان ›› ئۇستاز .

   مەن يۈرەكنىڭ يىغىسىنى سىرتتا قويۇپ سېنىپقا جاراڭلاپ خۇش تەبەسسۇم بىلەن كىرەلەيدىغان ئۇستاز ، مەن پەرزەنتىڭىزنىڭ ئالدىراپ قالغان ‹‹ گۈزەللىك تۇيغۇسىدىن ›› ‹‹ سۆيىنەلمەيدىغان ›› شۇ سەۋەپ ئۇنىڭغا تەربىيە ئىشلەيدىغان ‹‹ گۈزەللىك تۇيغۇسى يوق ›› ئۇستاز .

  مەن سىزنىڭ بالىڭىزغا ھوقۇق يۈرگۈزۈپ كەتكەن ، بالىڭىزنىڭ كېيىنىشى ، يۈرۈش ـ تۇرۇشى ، مۇھەببەت ھەمدە بارچە تەرەپلىرىگە ئارلىشىۋالىدىغان ئۇستاز ، مەن ھەتتا سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغىمۇ ئارلىشىپ ،‹‹ پەرزەنتىڭىزچۇ ، بالىنى يېتىم قىلماڭ ، نېمىشقا بالىنى ئاتىدىن ياكى ئانىدىن ئايرىيسىز ›› دەپ سىزگە مۇتىھەملىك قىلىدىغان ئۇستاز .

   ساۋاقداش ، مەن سىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىمىگىنىڭىز ، فورما كىيمىگىنىڭىز ، كېچىككىنىڭىز ، يوقاپ كەتكىنىڭىز ، كۆڭۈلىڭىزنىڭ يېرىم بولۇپ قالغانلىقى قاتارلىق ھەممە تەرەپلەرگە چېتىلىۋالىدىغان ‹‹ ئاتىكاچا ›› ئۇستاز .

مەن خۇددى سىزنى تۇغۇپ ، بېقىپ ، چوڭ قىلىپ قويغاندەك ‹‹ مۇنداق قىلما ، ئادىميلىكنى ئۇنۇتما ›› دەپ تەربىيە قىلىدىغان ئۇستاز .

گاھىدا خۇشاللىقلىرىڭىزدىن تەڭ بەھىرلىنىدىغان ، گاھىي قايغۇلىرىڭىزغا ھەمدەم بولىدىغان ، سىزنى چۆرگىلەپ كېتەلمەيدىغان ئۇستاز .

سىزنى تەخىتكە ئىتتىرىپ چىقىرىپ ، ئۆزى يەنىلا كونا كۈلبىسىدە قالىدىغان پىداكار ئۇستاز .

مەن سىز بىلەن كىچىك بالىدەك ئويۇن ئوينايدىغان ، مۇمايلاردەك تەربىيە قىلىدىغان ، سىزنى جاندىن ، جېنىمدىن ئەزىز كۆرىدىغان سۆيۈملۈك ئۇستاز .

ئاتا _ ئانا ، سىزلەرگە يۈرەك سۆزلىرىم  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغانلىرى ئاساسىدا بىرلەشتۈرلۈپ ، ئۆزگەتىلىپ پىشىشىقلانغان
                                                                           
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۈرۈكۈمنىڭ پارىسى ، قەلىبلەرنىڭ غەمخانى ، ھاياتىمىنىڭ تەسەللىسى ، بەختىمنىڭ مىسالى بولغۇچى ماڭا بۇ دۇنيادا ياشاش پۇرسىتى ئاتا قىلغان سۆيۈملۈك ئانا ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئائىلىمىزنىڭ تۆۋرىكى ، يۈلەنسەم تاغدەك يۈلەنچۈكۈم ، پەخرىم سۇلتانىم ئاتام .  
سۆيۈملۈك ئانا بىز ئۈچۈن قەھىرىتان قىشلارنىڭ جاڭ ـ جاڭ سوغۇقلىرىدا قەيەرلەردىدۇر باشقىلارنىڭ تازلىق ئىشلىرىنى ئىشلەپ مۇزدەك سۇلارغا قولىڭىزنى تىقىپ ، كىملەرنىڭدۇر كۆزلىرىگە قاراپ بىز ئۈچۈن خار بولىۋاتقانىسز ـ ھە !  ، ئازغىنە بولسمۇ سودا قىلىپ ، كىچككىنە پايدىڭىزغا بىزگە ئىسسق تاماق ، ئىللىق ئائىلە بەخىش ئېتىۋاتقان ئائىلىمىزدە ئەڭ كېيىن ئۇخلاپ ، سەھەردە يەنە ھەممىمىزدىن بۇرۇن تۇرالايدىغان مېھىرىبان ئانا ، يەنە مەن ئۈچۈن قەيەرلەردىدۇر جاپا چېكىۋاتقانسىز .  
  كىشلەرگە كۈنلۈك ئىشلەپ ، كىشلەرنىڭ قويلىرىنى سويۇپ ، ھويلا خىزمەتلىرىنى قىلىپ يەنە قەيەرلەردىدۇر‹‹ ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە ، كۈچۈڭنى خار قىل››دەپ بىزنىڭ بەختىمىز ئۈچۈن ئۆزنىڭ خاتىرجەملىكىنى ، ئارامىنى سەرىپ ئېتىۋاتقان جانىجان ئاتا  سېنىڭدىكى شۇنچە جاسارەت قەيەرلەردىن كەلگەن بولغىيتى !  
  بۇرۇن ئەجەپمۇ گۈدەك ئىكەنمەن ، سىلەرنىڭ كۆيۈنىشلىرىڭلارنى كۆزۈمگە كىرىۋالدى دەپ ، ئىقتىسادچانلىقىڭلارنى پەسلىك دەپ ، شۇنچە جاپادا تەييارلانغان تاماقلارنى گاھ گۆشى ئاز ، گاھ ئوخشىماپتۇ دەپ قەغىشلىك قىلىپتىمەن ، سىلەرنىڭ ئۇچاڭلارغا قاراپ باقماي ماڭا ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ بىرىسەن دەپ ئېسىۋالىدىغان تەتۈرلۈكۈم ، ماڭا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىڭلارنى ، كۆزۈمگە كىرىۋالدى دەپ چۈشەنگەن بەڭۋاشلىقىم ، گاھىدا ئانامنىڭ كۆز ياش ئېقىتىشىغا  
مەجبۇر بولغانلىرىم ، ئېسىت شۇ سەۋەنلىرىمنى قاچانمۇ تولۇقلارمەن .  
  يۈرۈگۈڭ نېمىدىن يارالغان بولغىيدى ئانا ، ئەجەپ ئۇچاڭ كونىراپ كەتىسىمۇ ئالدى بىلەن ماڭا ئالىسىەن ، ھېرىپ ـ ئىشلەپ ھالىڭدىن كەتكەن بولساڭمۇ تاماقنى ئاۋۋال ماڭا ئېلىپ كېلىسەن ، ئۇسسۇزلۇقتىن كالپۇكلىرىڭ گەز بولغاندىمۇ ئاۋۋال بالام دېيەلەيسەن ، ساڭا شۇنداق سەۋىر ، شۇنداق بېغىشلاش روھىي قەيەرلەردىن كەلگەن بولغىيدى ئانا .  
  سېنىڭ مەن ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىڭ مېنىڭ چوڭ بولۇشۇمغا ئەگىشىپ يەنە ئارتىپ بېرىۋاتىدۇ ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا مېنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدىكى قەرزىم ئارتىپ بىرىۋاتىدۇ ، مەن ساڭا تېخىمۇ كۆپ ۋىجدانىي قەرىز بولىۋاتىمەن ئاتا .  تىرىشىۋاتىمەن ، لېكىن بىلىمەن ، ئارزۇيۇڭدىكىدەك لاياقەتلىك پەرزەنىت بولۇشقا تېخى سالاھىيىتىم توشمايدۇ .  
   ئانا ئازغىنا مالنى سېتىش ئۈچۈن خېرىدارلارنىڭ سىلكىشلىرىگە قۇپال مۇئامىللىرىگە چىدايسەن ، سېنى باشقىلارنىڭ سىلكىشىگە يۈرۈگۈم چىدىمايدۇ ئانا ، مەن سېنى ئەزىز قىلىمەن ھەرگىزمۇ سېنى باشقىلار ئالىدىدا خارۇ ـ زار قىلمايمەن .  
  بەزىدە سېنى ئەخمەق دەپ قالىمەن ئاتا ، شۇنچە كۆپ جاپا تارتىدىكەنسەنۇ ، ۋاقتى كەلگەندە بىرەر كۆڭلەك ، بىرەر يىڭى چاپان ئېلىپ كېيىشكە كۆڭلۈڭ ئۇنىمايدىكەن ، ئانا ، ھەر بىر قېتىم ئىشىكتىن كىرىگىنىمدە ھارغىن چىرايىڭىدىكى يېلىنجاپ تۇرغان تەبەسسۇم مېنى كۈتىۋالىدۇ ، مېنىڭ سلەرگە قىلغان قىلغان كۆڭۈل ئاغرىقلىرىملارنى كەچۈرىۋەتكىنىڭلارغا رەھمەت .  
  سىزنىڭ ئاددىيلىقىڭىز ماڭا ئەڭ گۈزەل تۇيۇلىدۇ ، جاپاكەش ئانا ، قەدىرىدان ئاتا ، قاچانمۇ سىلەرنى شۇ جاپالاردىن ئازاد قىلارمەن ! ئاتا ، ئانا سىلەر ھەقىقەتەنمۇ بىز ئۈچۈن كۆپ جەبىر تارتىۋاتىسىلەر ، سىلەرگە يەنە بىزگە  ئۇنداق قىلىپ بىرىڭلار ، مۇنداق قىلىپ بىرىڭلار دەيدىغانغا ھىچقانداق ھەققىمىز يوق ، سىلەرگە شەرت قويىدىغانغا سالاھىيىتىمىز توشمايدۇ ، بىز سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا قەرىزگە بۇغۇلۇپ كەتكەن ، شۇنداقتىمۇ سىلەرگە تولىمۇ تۆۋەنچىللىك بىلەن تۆۋەندىكىدەك ئۆتۈنۈشلىرىمىزنى ئېيتىپ ئۆتمەكچىمىز .  
  ئاتا ماڭا مەدەت بېرىڭ ، سىزنىڭ مەدىتىڭىزنى ھەممىدىن چوڭ بىلمەن ، سىزنىڭ مەدىتىڭىز مەن ئۈچۈن ئەڭ زور ئىلھام ، مېنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ ، سىزنىڭ بالىڭىزمۇ باشقىلاردىن ياخشى قىلالايدۇ ، ئۇ چوقۇم ئۇتۇپ چىقالايدۇ ، ئەمما مەن يۆلەنچۈكۈم بولغان سىلەرنىڭ تىلەكلىرىڭلارغا ، مەدىتىڭلارغا مۇھتاج ، مەن تېخى بەل قويىۋەتكىنىم يوق ، مەن بەل قويىۋەتمىگىچە سىلەر بارچە ئۈمىدنى ئۈزۈپ بەل قويىۋەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .  
  سىلەرنى چارچاتتىم ، سىلەرگە بەرگەن ۋەدىللىرىمىگە ئەمەل قىلالمىدىم ، گېپىم يوغان ، نەتىجەم تۆۋەن بولۇپ قالدى ، ماڭا باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ ئۈلگە قىلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ ، لېكىن سەن نېمىشقا قىلالمايسەن دەپ ماڭا روھنى يۈكنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرماڭ ، مەن كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن تىرىشاي ، ئاتا ، كىم سىزگە سىزنىڭ بالىڭىز قىلالمايدۇ دەيدۇ ، سىزنىڭ بالىڭىز بەلكى خەقلەردىنمۇ ياخشى قىلالايدۇ ، ئانا ، ئوقۇتقۇچۇم بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشپ تۇرۇڭ بولمىسا ئوقۇتقۇچۇم ئالدىدا ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھىچقانداق ئادەم يوقتەك ھېسياتقا كېلىپ قالىدىكەنمەن .  
  ئانا ـ دادا بىلمەن سىلەر كۆپ ئوقۇمىغان لېكىن سىلەر بولمىغاندا ساننى بولسىمۇ تونىيدىغانسىلەر ، تۇنىيالمىغىنىڭلاردا تاپشۇرۇق دەپتىرىمنى بولسىمۇ كۆرۈپ قويۇڭلار مەن مىنى نازارەت قىلىدىغان ئادەم بار دەپ تەپتارتىپ ياخشىراق ئوقۇي سىلەر ئەلۋەتتە دەرىسلەردە ماڭا ياردەمدە بولالمايسىلەر ، بىراق ماڭا مەدەت ئىلھام بولسىمۇ بېرەلەيسىلەرغۇ .  
   ئاپا ـ دادا شۇ ئالدىراشچىلىقىڭلار ئىچىدە مەن ئۈچۈن ئازىراق بولىسمۇ ۋاقىت ئاجىرىتىپ قويۇڭلار ، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇ ئالدىراشچىلىقىڭلار بىز پەرزەنتلىرىڭلار ئۈچۈنغۇ ، مۇئەللىمىز بىلەن مېنىڭ ئەھۋالىم توغىرسىدا پاراڭلىشىپ قويۇڭلار ، تۈۋەن نۇمۇر ئېلىپ قالسام مېنىڭدىن زىيادە رەنجىپ كەتمەڭلار ، يەنە كېلەر قېتىم بارغۇ ، مېنىڭ  كېلەر قېتىم ئالغا بېسىشقا ئىشەنچىم بار تۇرسا نېمىشقا مېنى ھېچنەرسە قولىدىن كەلمەيدىغان دەپ ئەيىپلەيسىلەر ؟! مەندە تېخى يەنە ئىلگىرلەش ، غەلبە قىلىش ھەققىدە ئىرادە بار ئىدىغۇ ، مېنىڭدە ئىشەنچ ئۈزۈلمىدى ، ئۇنداقتا نېمىشقا سىزدىكى ماڭا بولغان ئىشەنچ شۇنچە تېزلا ئۆچۈپ كېتىدۇ .  
دادا ، ئانا ، مەن نىشانىمغا ئاز قالدىم ، 12 يىللىق جاپالىق ئوقۇشنىڭ قەنىتىنى چاقىدىغانغا ئاز قالدىم ، سىلەر چوقۇم پەرزەنتىڭلارنى غەلبە كۆكىدە ،چوڭ شەھەرلەردە ، ئالىي بىلىم يۇرتلىردا كۆرەلەيسىلەر ، پەرزەنتىڭلارنىڭ يۈكۈڭلارنى يەڭگىللىتىدىغىنىغا ئاز قالدى ، دادا ـ ئاپا سىلەرنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن ، سىلەردىن پەخىرلىنىمەن سىلەرنىڭ بولغىنىڭلاردىن ئۆزۈمنى ئەڭ بەخىتلىك ھېس قىلىمەن ، سىلەردىن تەسەللىي ، سىلەردىن ئىلھام ، سىلەردىن ھۆرمەت تاپىمەن ، سىلەردىن ماختىنىمەن ، پەخىرلىنىمەن ، سىلەرگە شۇنداق ۋەدە بىرەلەيمەنكى ، مەن چوقۇم غەلبە قىلىمەن ، پەرزەنتىڭلار چوقۇم كۆكلەردە قانات قاقىدۇ ، ئېسىڭلاردا بولسۇن ، سىلەر دەل مېنىڭ قانىتىم .  
ئانا  ، سىز بەختىم .  
ئاتا ، سىز پەخرىم .  
ئانا ، سىز بارلىقىم .  
ئاتا ، سىز تەختىم .  
ئاتا ـ ئانا ، بىزگە ئىشىنىڭلار !  بىز چوقۇم غەلبە قىلىمىز !




hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-23 14:25:42

بىر ھەپتە بۇرۇنقى كىرىيەدە يەر تەۋرەش بىلەن تەڭلا  ئۈندىداردىكى غۇلغۇلىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنىڭ ئىزدىنىشتىكى ئىپاسىدىمۇ بۇ نەسىر.

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 15:45:57

جاراڭلىق، راۋان ئنتۇناتسىيە بىلەن ئوقۇپ ئۈنغا ئېلىپ ،مۇنبەرگە يوللانغان بولسا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆزقويغاندەك ئىش بولاركەن بۇ نەسىر.ياخشى چىقىپتۇ.ئىجادىيەت خالتىڭىزنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ تۆكمەمسىز -دەيمە؟:lol

ataxkiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 17:34:18

paliwan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 15:45 static/image/common/back.gif
جاراڭلىق، راۋان ئنتۇناتسىيە بىلەن ئوقۇپ ئۈنغا ئېلىپ ، ...

  گاھىلىرىنى ئاۋازغا ئالغان ، ئالغانلىرىمۇ بار ئىدى ، شۇنى يوللاش ئېسىمگە كەلمەپتۇ ، رەھمەت يول كۆرسەتكىنىڭىزگە .
بەت: [1]
: نەسىرلەر ( ئاتەش قىز )